logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى ئا ق ش نىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىمزالاندىمۇ؟

 

ئېرپان مۇزەپپەر

 

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ  پرېزىدېنتى دونالد تراپ  « ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » غا ئىمزا قويۇشىدىن ئىبارەت بۇ زۆر تارىخىي ئەھمىيەتلىك ۋەقە ئا ق ش نىڭ كامالەتكە يەتكەن بىر دېموكراتىك دۆلەت خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم روشەن ھالدا ئىپادىلەپلا قالماستىن،يەنە پۈتۈن دۇنياغا ئا ق ش نىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قوغداش بۇيىچە بايراقدار ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا دېموكراتسىيە تۈزۈمىنىڭ دۇنيانىڭ نىجات يۇلتۇزى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئا ق ش پرېزىدېنتى دونالد تراپ  مەزكۈر قانۇننى ئا ق ش نىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئىمزالىدى دەپ قارالسا، ئا ق ش نىڭ  دۆلەت خاراكتېرنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەنلىك بولىدۇ. ئاق ش نىڭ دۆلەت خاراكتېرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئا ق ش نىڭ « مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى»  ۋە ئا ق ش نىڭ دۆلەت كونستىتۇتسىيىسىگە تولۇقلاپ كېرگۈزۈلۈپ، كونستىتۇتسىيىنىڭ ماددىلىرىغا ئايلانغان « كىشلىك ھوقۇقى قانۇن لاھىيەلىرى» نى ئوقۇپ بېقىش بىلەن بىرگە تۆۋەندە بېرىلگەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ئا ق ش ھۆكۈمتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ ھەر قايسى سىياسىي سورۇنلاردا سۆزلاپ كەلگەن نوتۇقلىرىدىكى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » گە دائىر  قىسمىنىلا بىر قۇر ئوقۇپ چىقىلسىلا، نىمە ئۈچۈن ئا ق ش  ھۆكۈمىتىنىڭ « 2020- يىللىق ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » نى ئىمزالىغانلىقى بەش قولدەك ئايدىڭلىشىدۇ.

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ  مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنېس، ئا قى ش ھۆكۈمىتى كونگرېسنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى، ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر، ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى كرىستوفېر ئەشلېي، ئا ق ش ھۆكۈمىتى كونگېرىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە بوپ مېنېندىز، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس پ. مەكگاۋېرن، ئا ق ش ھۆكۈمىتى كونگېرىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرسىتوفىر سمىت قاتارلىقلار ئۆز نۇتۇقلىرىدا « ئۇيغۇر مەسىلىسى » ھەققىدە  نۇقتىلىق ھالدا توختالدى. تۆۋەندە ئۇلار سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن ئۈزۈندىلەر بېرىلدى.

ئا ق ش ھۆكۈمىتى كونگرېسنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى: « <  ئەگەر بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئىستەكلىك بولمىساق، بىز دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدا بۇ مەسىلىسىنى سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. >، < ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىشى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىستۇر. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ جەسۇر ئوغۇل- قىزلىرىغا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىگە لايىق بولغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىز ۋە زېھنىمىز دىنىي جازالاشقا ئۇچراۋاتقان، جۈملىدىن بۇ ھەپتە ئاخىرلاشقان رامزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە. > » دېگەن. نەنسىي پېلوسى خانىم يەنە 12- فېۋرال كۈنى تىبەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن « تەشەككۈر ئامېرىكا » ناملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغىنىدەكلا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۇپ، « تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇلمىسا ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ئاسسىمىلياتسىيەگە تۇتۇلىدۇ. بۇ لاگېرلارنىڭ نىشانى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە.»  دېدى.

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  مايك پومپېيو مايك پومپېيو : «  زامانىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى بىز ياشاۋاتقان 21- ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ »  دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە « ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىدىن تاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئورۇنلارنىڭ مېڭىسى دىنى رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئورۇنلارلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق…. بىز بۇ كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئەركىنلىكىنى ئىستەيمىز. بىز خىتاينىڭ نۇرغۇن خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان تۈپ ھەق- ھوقۇق مەسىلىسىدۇر…. بۇ ئۇلار دېگەندەك دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەمەس ياكى خىتاينىڭ غەربىدىكى رادىكال ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس، بۇ بەلكى بىر كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئىنسانلىق غۇرۇرى مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ناھايىتى زور بىر خىزمەت گۇرۇپپىمىز بار. بىز بۇ خىزمەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا ئىشلەۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كىشىنىڭ خۇددى ئامېرىكالىقلارغا ئوخشاش دىنى ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز…. بىز سېنتەبىرنىڭ 3 ‏- ھەپتىسى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىمىز. بىز ئۇ يىغىندا نۇرغۇنلىغان يىغىلىشلارنى، پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى بىزنىڭ رايوندىكى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيدىغان چاقىرىقلىرىمىزنى قوللاشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىزگە ياردەمدە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. » دېگەن.

2020- يىلى 21- ئىيۇن ۋاشىنگتوندا  ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ « خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى » دىن ئىبارەت باياناتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  مايك پومپېيو «  ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوفنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات – باياناتلار بارلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا  سورىغان سوئالغا »  تۆۋەندىكى جاۋاپلارنى بەرگەن : « بىز خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقمىزنى ۋە ئۇنى نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىمىزنى باھالاپ بېكىتىپ چىقىمىز. بىز < ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى > نىڭ ماقۇللىنىشىدا دۆلەت مەجلىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشتۇق. بۇ قانۇن ھەممەيلەننىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.  پرېزىدېنت ئۇنىڭغا ئىمزا قويدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىگە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز شۇنداق قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز (خىتاينىڭ) ئۇ ھەرىكەتلىرىنى دۇنيادىكى قانۇنىي مىزان ۋە ئۆلچەملەر بويىچە ئىزچىل باھالايمىز. >، < ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالدى ۋە شۇنداق قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ».

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر: « مەن خىتاي ھۆكۈم سۈرگەن دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانلارغا شۇنى دەيمەنكى، سىز ئۇلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭ. شىنجاڭ رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاندى. ئۇلارنىڭ سۆزلەش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەن. » دېگەن.

ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى كرىستوفېر ئەشلېي 11‏-  سېنتەبىر كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە « خىتاي تېخنولوگىيەسىدىكى بۇ << مىللىي چېمپىيونلار>>  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك جايلاردا خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تېخنولوگىيەلىك قۇلايلىق يارىتىپ بەرمەكتىكەن. » دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « بۇ تېخنولوگىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، ئېتنىك قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىدا ھالقىلىق رولى بولۇپ، بۇ 2017‏- يىلدىن بېرى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ».

شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەككى، ھازىرچە ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى كوزىر قىلىپ ئىشلەتمىسىمۇ يېتەرلىك باشقا كوزىرلىرى بار. باشقىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەيسەرلىك ۋە مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىققاندا « ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇنداق- ئۇنداق » دېگەندەك ئۇلارنىڭ قولىغا خۇش ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلمىغان تۈزۈك. تۇزكورلۇق قىلمىغان ياخشى.  قىسقىسى، ئارتۇقچە گەپ ئېشەككە يۈك.

« ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » ئىمزالانغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن كىمگە « رەخمەت ئېتىش » مەسىلىسدە گاڭگىراپ قىلىشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق ھالەت يۈز بەرگەن بولسا، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىك مەمۇرىيەت تۈزۈمى بىر ئۆگىنىلىپ چىقىلسا، كىمگە « رەخمەت ئېتىش »  مەسىلىسى ئېنىقلىشىدۇ.

 

Share
114 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.