logo

trugen jacn

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلام دۇنياسى

سەمەت ئابلا

بۈگۈن دۇنيادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دەپ سانىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 49 بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز كەم ئىككى مىليارد ئەتراپىدا. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 25% نى تەشكىل قىلىدۇ.

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلار، بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر مۇسۇلمان قوۋم بولۇش سۈپىتىدە ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى.

چۈنكى ئىسلامدا: «بارچە مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر، ئۈممەتتۇر» دېيىلگەن بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا ياردەم قىلىشى پەرز قىلىنغان، مۇسۇلماننىڭ زالىم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى مەنئى ئېتىلگەن ئىدى. دەل مۇشۇ خىل ئەقىدىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ دەردى قايرىپ قويۇپ، پەلەستىن مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ياش تۆكۈپ كەلگەن ئىدۇق. ھەتتا، ھېسداشلىق ۋە قوللاش سەۋەبلىك 80-90-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە پەلەستىن لىدىرى ئەرەپاتنىڭ ئىسمىنى قويۇش مودا بولغان. 2004-يىلى ئامېرىكا ئىراققا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىراق مۇسۇلمانلىرىنى ۋە سادام ھۈسەيىننى قوللاش ئۈچۈن بىرمۇنچە ئۇيغۇرلار بالىلىرىغا «سادام» دەپ ئىسىم قويۇشقان ئىدى.

تۆت يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا دەھشەتلىك كۈن كەلدى! خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مۇسۇلمان قوۋمنى يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى بولدى. قۇرئانلار كۆيدۈرۈلدى، مەسچىتلىرىمىز چېقىلدى، دىنى ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. «ئىسلام دىنى روھى كېسەللىك» دېيىلدى. خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرى يالغۇز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان زۇلۇم، تەھدىت ۋە ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكىم ئىسلامغا، بارچە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە تەھدىت سانىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مىللىتى تۆت يىلدىن بېرى دۇنيادىكى ئىككى مىليارد «مۇسۇلمان قېرىندىشى»، «ئىسلام ئۈممىتى»گە تەلمۈردى، ئۇلاردىن قوللاش، ياردەم كۈتۈپ زارىقتى!

ئەپسۇسكى، ھەممىمىز گۇۋاھ بولغاندەك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىزنى قوللاش سادالىرى ئەمەس، دەل ئەكسىچە خىتاينى قوللاش سادالىرى كەلدى! سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشىغان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىقراق زۇلۇم قىلىشى، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپرەك قىرغىن قىلىشى ئۈچۈن خىتايغا مەدەت بەردى!!! مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بۇ خىل شەرمەندە قىلمىشى، بىر تەرەپتىن 1000 يىلدىن بېرى ئىسلام ئەقىدىسىگە چىڭ يېپىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق زېدە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن مۇسۇلمان ئالىمى ئۈچۈن بىر مەسخىرە ۋە نومۇس تامغىسى بولۇپ قالدى!

بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئاچچىق ۋە رەھىمسىز رېئاللىق بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىشلارنى بىز مەيۈسلىنىش، ئازابلىنىش ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى تىللاپ، قارغاپ قويۇش بىلەن ئۆتكۈزەلمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرماسلىقىنىڭ، زالىمنى قوللىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشىمىز زۆرۈر.

بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم دەيدىغىنى «ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، شۇڭا خىتاينىڭ پۇلىغا سېتىلغان، خەلقى ياخشى ئىدى…». مەن بۇ گەپنى، بەزىلەرنىڭ «ھەممە گۇناھ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدە، خىتاي خەلقى بىزگە دۈشمەن ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىگە ئوخشىتىمەن. لېكىن ئاتالمىش خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قانداق يانتاياق بولغانلىقى، ھەتتا چەتئەلدىكى ئاتالمىش «دېمكۇراتچى خىتاي»لارنىڭمۇ سۈكۈتتە تۇرغانلىقى بۇنداق قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئەسكى، خەلقى ياخشى بولسا نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ئاۋام پۇقرادىن سادا چىقمايدۇ؟ دەرۋەقە، تۈركىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردە بەزى قوللاش نامايىشلىرى بولدى. ئەمما بۇنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بىز ئۈچۈن خەلقى ئاز – تولا نامايىش قىلغان دۆلەتلەرمۇ دەل غەربچە دېموكراتىك سىستېمىنى يولغا قويغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدۇر.

ئەينى زاماندا، تالىبان ۋە دائىشمۇ مەۋجۇت ئىسلام ھاكىمىيەتلىرى ۋە ھۆكۈمدارلىرىنى «كاپىر، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقتىن چەتنىگەن» دېگەنىدى ۋە ئۆزلىرى ھەقىقىي ئىسلام ھاكىمىيىتى بەرپا قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق جار سالغانىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرۇپ چىققىنى ھازىرقى مەۋجۇت ئىسلام ھاكىمىيەتلىرى نەچچە ھەسسە زوراۋان بىر نەرسە بولۇپ چىقتى ۋە تېزلا تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچتى. دېمەك،  «ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ناباب، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، خەلقى ياخشى» دېگەن گەپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەيدىغان يەنە بىر باھانىسى بولسا، ئىقتىسادى مەنپەئەت. يەنى، ئىسلام ئەللىرى خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، دېيىشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇمۇ مەسىلىنىڭ قىسمەن تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەممىسىنى ئەمەس.

ئىقتىسادى مەنپەئەت دېسەك، بىزنى قوللاپ خىتايغا جازا يۈرگۈزگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى ۋە پايدا – مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ لىتۋا دۆلىتىنى مىسال ئالاي: لىتۋا، ئاھالىسى ئۈچ مىليونغىمۇ يەتمەيدىغان، 1990-يىلى سوۋېتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان شەرقىي ياۋروپادىكى كىچىك بىر دۆلەت بولۇپ، ئىقتىسادىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق، لىتۋانىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر شىركىتىنى جازالاش قارارىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقاردى. لىتۋا يېقىندا يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن تۈزگەن ئۇزۇن يىللىق بىر سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. لىتۋا پارلامېنتى يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ كىچىك ۋە نامرات دۆلەتنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان پايدىدىن ۋاز كېچىشى، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقماي ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇشى ۋە پۈتۈن بۇ جاسارەتلەر نەدىن كەلدى؟ بۇ بىرسى، ئۇلاردا يېتىلگەن دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاڭ – چۈشەنچىسىدىن كەلدى. يەنە بىرسى، ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردە رۇسلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشىغان تارىخى – سەرگۈزەشتىلىرى ئۇلاردا بىزگە قارىتا ھېسداشلىق ئويغاتتى.

مېنىڭ قارىشىمچە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشىدا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئوخشاشلا مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا بولغانلىقىدۇر. بىزدە، «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ» دېگەن بىر ئاتىلار سۆزى بار. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەڭ قوللاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە باشقا كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا ئوخشاشلا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردۇر. ئۆز خەلقىگە ئەركىنلىك بەرمىگەن، بەلكىم زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر زالىم ھاكىمىيەت بولغان خىتاينى ئەيىبلەشكە نە يۈزى نە رىغبىتى بولسۇن؟!

ئۇنداقتا، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكى، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك ئاڭ – چۈشەنچىلىرىنىڭ يېتىلمەسلىكىدىكى سەۋەب زادى نەدە؟ بۇنى ئاز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى ۋە قوشۇمچە بولغان تارىخى سەۋەب.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇپ، ھالى تولىمۇ خاراب ئىدى. خىتايمۇ نامرات ۋە قالاق بولۇپ، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان، خوڭكوڭ، ئاۋمېن قاتارلىق زېمىنلىرىنى تارتقۇزۇپ قويغانىدى. بۇ خىل تەقدىرداشلىق، ئەينى زاماندا ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەۋاتقان بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇقلار ئارىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپالىقلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى مەيدانغا چىقارغان. ھەتتا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانلىرىمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئىمكانلىرى ئۈستىدە بەزى ئۇرۇنۇشلارنى قىلىپ باققان. تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى، بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرى «خىتايلار كەلگۈسىدە مۇسۇلمان بولىدۇ» دېگەن تەرغىباتلارنى قىلىشقان. دېمەك، ئاشۇ دەۋرلەردە خىتايلارنى ئۆزلىرىگە تەقدىرداش ھېسابلايدىغان، خىتايلارنى ياۋاش، ئىشچان، زەرەرسىز ئىنسانلار دەپ قارايدىغان كۆز قاراش ئوتتۇرا شەرقىنى مەركەز قىلغان ئىسلام دۇنياسىدا شەكىللەنگەن. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ يۇقىرىقىدەك پىكىر – خاھىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى» دېگەن بىر شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىسلام ئەللىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە بۇنى ھازىرمۇ داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينى ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىنىڭ بىر مەنبەسى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان بىر ئەھۋالدا، يەنىلا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ خىتايغا خۇشامەت قىلىشىنى ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ!

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»غا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە دۇنيا ئىككى سەپكە ئايرىلدى. خىتاي باشچىلىقىدىكى مۇستەبىت زوراۋان ھاكىمىيەتلەر بىر تەرەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى بىر تەرەپ بولغان يېڭى قارمۇقارشى ئىككى سەپكە ئايرىلىشقا باشلىدى. كۆپ سانلىق ئىسلام دۆلەتلىرى، كۇبا قاتارلىق سابىق كوممۇنىزم لاگېرىدىكى دۆلەتلەر ئوچۇق ئاشكارا خىتاينى قوللىدى. خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ، كوممۇنىست دۆلەتلەرمۇ، خىرىستىيان دۆلەتلەر، دىنسىز دۆلەتلەرمۇ بار. ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەن ئورتاقلىق: «ھاكىم مۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈم». بۇ ھالنى بەزى ئانالىزچىلار يېڭى بىر «سوغۇق ئۇرۇش»نىڭ باشلىنىشى دەپ قارىماقتا.
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ «مۇسۇلمان ئۈممەت» دەپ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن، «قان-قېرىنداش» دەپ تۈركى دۆلەتلەردىن ياردەم كۈتۈشىمىز ناھايىتى ساددىلىق ۋە بالىلارچە گۆدەكلىك بولىدۇ. ئاچچىق ئەمەلىيەت بۇنى تەكرار – تەكرار ئىسپاتلىدى.
ئەمما، ئالبانىيەدىن ئىبارەت كىچىككىنە بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ب د ت دا بىزنى قوللىغان 39 غەرب دۆلىتىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىدە بىز تەرەپتە تۇرغان بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلەتتۇر. نېمە ئۈچۈن ئالبانىيە؟ چۈنكى ئالبانىيە ياۋروپادا. بۇ دۆلەت 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ رۇسلارنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. شۇندىن باشلاپ ياۋروپانىڭ دېموكراتىك سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغان، ياۋروپانىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغان، ئەركىن پىكىر، مەتبۇئاتىنىڭ بىتەرەپ، مۇستەقىل بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. گۇئانتانامۇدىن قويۇپ بېرىلگەن تۇنجى بەش ئۇيغۇرنىمۇ دەل ئالبانىيە قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئاخىردا دەيدىغىنىم، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەت قاراشلىرى بولغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن سايلام، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە ھەقىقىي بىر دېموكراتىك ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن چاغدىلا، يالغۇز مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، خۇددى ھازىر غەربلىكلەر بىزگە قىلغىنىغا ئوخشاش دىنى، ئىرقى، مىللىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيادىكى ئېزىلگەن خەلقلەرگە ۋە كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان، خىتايدەك زالىم كۈچلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرمايدىغان بولىدۇ. لېكىن، دېموكراتىيەلىشىش بىر كېچىدىلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس، دېموكراتىيەلىشىش ئۇزۇن بىر جەرياندۇر. غەربلىكلەر بۈگۈنكى دېموكراتىك جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن 300 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلدى، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردى. بۇ نۇقتىنى ئويلىغاندا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ باسىدىغان يولى ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل.

2021-يىل 18-ئاپرېل، نورۋېگىيە

Share
313 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.