logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ۋە ئىندىجىنىس خەلق ھەققىدە ئىزدىنىش

 

ئالدى بىلەن ئىندىجىنس خەلق ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ چىققانلىقى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ ئۇيغۇر داۋا سىپىدىكى كىشلەرنىڭ بولۇۋاتقان ئىشلارغا «نىمە ئۈچۈن» ۋە « بۇ خەلق ئۈچۈن پايدىلىقمۇ» دېگەن سوئالنى سوراشقا باشلىغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۇيغۇرلاردا «ئاڭقاۋ ئەلنىڭ ھارام يەيدىغان موللىسى بولىدۇ، » دەيدىغان ماقال بار. شۇڭا تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى، مۇكەممەللىشى ئۈچۈن خەلق مەسئۇلىيەتچان كۈزەتكۈچى بولۇشى، تەرەپبازلىقتىن ساقلىنپ ۋەتەننىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا توغرا سوئاللارنى سوراپ تۇرۇشى لازىم. بۇ يازما ھىچقانداق بىر تەرەپنى قوللاش ياكى چۆكۈرۈش ئۈچۈن يېزىلمدى، بەلكى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پاكىت ۋە مەنبەلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەخسەت قىلىدۇ. بۇ يازمىدا ئاساسلىق مۇلاھىزە قىلىندىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئىندىجىنس سۆزىنىڭ لوغەت مەنسى، ئىستىمال مەنىسى
2. بۇ سۆزنىڭ (سىياسىي كىملىكنىڭ) كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرىنىشى
3. ب د ت دا ئېلان قىلنغان ئىندىجىنس خەلقنىڭ سىياسى كىملىكى
4. خىتاينىڭ بۇ سىياسىي كىملىككە بولغان مەيدانى
5. تىبەتلىكلەرنىڭ مەيدانى ۋە رەت قىلىش سەۋەبى
6. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇشى (UHRP) نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنجدىجىنس خەلق بولۇش مەسىلىسدىكى دوكلاتى
7. ئاۋسترالىيەدىكى ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىلان قىلىشى ۋە ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگىلىيە خان جەمەتنىڭ ئىنكاسى
8. ئىندىجىنس خەلق كىملىكىنى ئېلىش ھەققىدە ئويلىنشقا تىگىشلىك مەسىلە
9. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تەكلىپ
10. ئۇيغۇر خەلقىگە تەكلىپ
11. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا تەكلىپ
ئوكسفورد ئۇنۋىرسىتىتى لوغىتىدىكى ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا ئىندىجىنس دېگەن سۆز
لاتىن تىلىدىكى indigena سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ ، مەنىسى «يەردىن ئېتىلىپ چىققان (sprung from the land, native) يەرلىك» دېگەن مەنىدە. بۇ سۆزنى بىر خەلق ياكى توپلۇمغا ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا مەلۇم زىمندا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ياشاپ كەلگەن خەلق دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن 1970- يىللاردىن كىين ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھازىر خەلقىمىز ئارىسىدا تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان ئىنجىنىس خەلق ئاتالغۇسى بىر توپلۇمنىڭ سىياسىي كىملىكى ۋە بۇ كىملىك دائىرىسى ئىچىدە شۇ توپلۇم ئىگە بولىدىغان ھەق – ھوقۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولۇپ زادى قانداق خەلقنىڭ ئىندىجىنس بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلككە كەلگەن ئېنىقلىما يوق. سەۋەبى ھەققىدە ئىندىجىنس خەلق ۋە ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ساھەدە دۇنيا مىقياسىدا ئىتراپ قىلىنغان تەتقىقاتچى رونالد نىزېىن (Ronald Niezen) « ئىندىجىنىزىمنىڭ مەنبەسى: كىشلىك ھوقۇق ۋە كىملىك سىياسەتلىرى » (, The Origins of Indigenism: Human Rights and the Politics of Identity, (University of California Press, 2003)) ناملىق كىتابىدا ئۈچ نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (18-19 بەت )
1. بىرلىككە كەلگەن بىر ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن (ئىندىجىنسلارغا زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقان ) دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ئېنىلىما ھەققىدە بىرلىككە كېلىشى لازىم. لېكىن ئولار بىرلىككە كېلىش جەريانىدا ئۆز مەنپەتلىرى ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇغا باشقىچە ئېنىقلىما بېرىش ئارقلىق ئىندىجنىس خەلق ئىستىگەن ھوقۇقلارنى كىچكلىتىپ ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشى مۇمكىن.
2. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بىر دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمى ئىنقلىمسىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرمەيدۇ. شۇڭا ئىدىجىنىس خەلقنىڭ مەنپەتىگە پايدىلىق بولغان ئاتالغۇلارنى تار ۋە قاتتىق بىر قېلىپقا سوقۇپ قويۇش ئارقلىق ئىندىجىنس خەلقلەرگە قوش ئۆلچەم قوللىنىلىشى مۇمكىن.
3. يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان ئىندىجىنىس خەلق ۋەكىللىرى ئېنىق ۋە كەسكىن ئېنىقلىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشلىك ھوقۇق كۆرىشىدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا ھەممە تەرەپ قوبۇل قىلىدىغان بىر ئېنىقلىمىنىڭ بولماسلىقى ئىندىجىنس خەلقنىڭ تەلىپى ۋە بۇلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىندىجىنىس ھەركىتى (Indigenous Movement, or Indigenous Solidarity) تېخى يېڭى بارلىققا كەلگەن شۇنداقلا دۇنيانىڭ نۇرغۇنلغان دۆلەتلىرىدىكى ئىندىجىنس دەپ قاراشقا بولىدىغان مىللەتلەرنىڭ قايسى ئىكەنلكى ۋە ھەر قايىسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى مەلۇم خەلقلەرنى ئىندىجىنس دەپ قوبۇل قىلىپ ئولارنىڭ بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغالىقى ياكى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولغاچقا بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىما بېرىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئېنىقلىما تۆۋەندىكىچە : (19-بەت)
ئىندىجىنس خەلق – ئىستىلا قىلغۇچىلار كېلىپ شۇ يەرنىڭ كۆپ سانلىق خەلىقىگە ئايلىنشتىن بۇرۇن شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن خەلقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كۆپ سانلىق نوپۇستىن (ئىستىلاچىلار ياكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ نويۇسىدىن) پەرقلىق بولغان مەدەنىيەت (كۈلتۈر) گە ئىگە بولغان ۋە سىياسى جەھەتتىن چەتكە قېقىلىش ئارقىلىق نامرات قالدۇرۇلغان شۇنداقلا بەزى خىزمەت ۋە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنشتىن چەكلەنگەن ياكى بەك ئاز يول قويۇلغان، (ئىستىلاچى دۆلەت) نىڭ قەستەن تەرەققىي قىلدۇرماسلىقغا قارىتا قارشلىق كۆرسىتىش كۈچى بولمىغان خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.
1987- يىلىدىكى جوز مارتىنىس (Jose Martinez) تەييارلىغان ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدىمۇ ئاساسەن يۇقارقىغا ئوخشاش ئېنىقلىما بەرگەن. يەنى « ئىندىجىنس خەلق- مۇستەملىكچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن شۇ يەردە ياشىغان توپلۇم بىلەن تارىخى باغلىنىشى بولغان خەلق» دېيىلگەن.
رونالد نىزېىن (Ronald Niezen) كىتابىدا مارتىنسىنىڭ ئىنقلىمسىنىڭمۇ ھەممە ئىندىجىنس خەلقلەرگە بولۇپمۇ ئاسىيادىكى خەلقلەرگە ماس كەملەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (20-بەت)
يۇقىرىدىكى بايانلارنى نەزەرگە ئالغان چېغىمزدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىدا ھەممىگە ماس كېلىشچانلىقنىڭ يوق ئىكەنلكىنى بايقايمىز. بۇنىڭ سەۋەبىلىرىنىڭ بىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەندەك بۇ سىياسى ھەركەتنىڭ تېخى يېڭىدىن باشلانغان ئىكەنلىكى ، يەنە بىرى بولسا بۇ ئاتالغۇنى ۋە بۇ سىياسىي ھەركەتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلارنىڭ ئامېرىكىلىق، كانادالىق ۋە ئاۋسترالىيەلىك ئىندىجىس خەلقلەر ۋە ئولارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ بىر غەرب مەركەزلىك ئاتالغۇ ۋە سىياسى ھەركەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئىندىجىس خەلقلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىشنى تۈگىتىش ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە زېمىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ب د ت نىڭ ئىندىجىنس خەلقلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى 1985-يىلى ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسىنى تۈزۈشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا ، خىتابنامىنىڭ بىرىنچى لايىھىسى 1994-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان. خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 13 يىل خىزمەت قىلىشى بىلەن خىتابنامە ئاخىرى تەييار بولغان.
2006-يىلى 6-ئايدا ، ب د ت نىڭ ئىندىجىس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ۋە 2006-يىلى 12-ئايدا ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىگە ئەۋەتىلگەن. 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتابنامە ئومۇمىي يىغىن تەرىپىدىن ماقۇللانغان. ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىن 142 دۆلەت خىتابنامىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان، تۆت دۆلەت قارشى ئاۋاز بەرگەن ۋە 11 دۆلەت بىلەت تاشلاشتىن چىكىنىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىتابنامە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىندىجىس خەلقلەرگە بېرىلگەن ھوقۇق توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم باياناتىغا ئايلانغان. خىتاي بۇ خىتابنامىگە ناھايىتى ئاكتپ ئاۋاز قوشۇپ ئېىمزالغان ۋە ئىندىجىس خەلقلەرگە بولغان زۇلۇم ۋە كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىلىشى لازىم ئىكەنلىكى، خىتايلارنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقى، لېكىن خىتايدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن مۆرىنى – مۆرىگە قويۇپ كۆرەش قىلىپ غەلبە قىلغانلىقىنى … دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.
خىتايدا ئىندىجىنىس خەلقنىڭ بار يوقلىقىغا قارىتا خىتاي 1997- يىلىلا ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغان بولۇپ « …. تەلىيىمىزگە ، ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپلانىڭ جاپالىق كۈرەشلىرى ئارقىلىق ، بىز ئۇ مۇستەملىكىچىلەر ۋە تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقاردۇق. جۇڭگودا ئىندىجىنس خەلق يوق ، شۇڭا ئىندىجىنىس مەسىلىلرىمۇ يوق. » دېگەن.
مەنبە:
Embassy of the People’s Republic of China in Switzerland, China Concerned with Protection of Indigenous Peoples’ Rights, http://www.china-embassy.ch/eng/ztnr/rqwt/t138829.htm, April 1, 1997.
ئەمدى ب د ت نىڭ 2007-يىلى 13-سېنتەبىر ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىندىجىنىس خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى» (United Nations Declaration on the Rights of Indigenous Peoples) دە ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ سىياسى، كۈلتۈرەل ھەقلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان. خىتابنامىنىڭ 3- ۋە 4- ماددىلىرىدا ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە بۇ ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن چاغدا «ئاپتۇمۇمىيە» ۋە «ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش» (self-government) ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. (8-بەت)
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) ھوقۇقى سىياسەت تىلى بىلەن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ئۆزى ئەركىن ھالدا سىياسىي تەقدىرىنىڭ بۇرۇنقى ھاكىمىيەتنىڭ ئاستىدا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن مۇستەققىل بولۇشىغا قارار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە ئاپتۇمۇمىيە بولۇپ قېلىش ۋە ياكى ھىچنىمە بولماي شۇ ھاكىمىيەتنىڭ پۇخراسى بولۇپ ياشاشنى تاللاشمۇ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولۇپ ھىسابلىندۇ. «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) ھەققىدە سىياسەت ئاتالغۇللىرى كىتابلىرىدىن چوڭ جەھەتتىن بىر خىل چۈشەندۈرۈش چىقىدۇ. ئىنچىكىلەپ تەھىلىل قىلىنغاندا ۋە ياكى رىئال سىياسەتتە بۇ باشقىچە ئىزاھلىنشى مۇمكىن. بۇ ئاتالغۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى دا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن :
باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا،كىشلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئارلىشىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىگىلىك ھوقۇقى (sovereignty ) ۋە خەلقئارا سىياسىي ئورنىنى (political status) ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئاتالغۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا قانۇندىكى ئەڭ چىگىش ۋە مۇجىمەل ئاتالغۇدۇر. بۇنى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىلسۇن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىين ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن كىين 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋە 1960 – يىللاردىمۇ ب د ت نىڭ نىزامنامىلىرىدە تىلغا ئېلىندۇ. لېكىن قىززىقارلىق يىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزى بىلەن ب د ت دا ماقۇللانغان نىزامنامىلەر بىر بىرىنى رەت قىلىدۇ. قىززىقۇچىلار ئىزدە كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىلغا ئالمايمىز، لېكىن مۇنداق ئويلىغاندا بۇ ئاتالغۇنىڭ قايسى خەلققە قوللانغىلى بولىدىغانلىقى (Applicability ) ۋە ئۇنى يۈرگۈزگىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى (implementation) ھەققىدە زور مەسىلە بارلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ھەممە خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولسا بىر دۆلەتتىكى بارلىق ئوخشىمايدىغان خەلقلەر مۇستەققىل بولۇشى ياكى ئاپتونومىيە بولشى كېرەكمۇ؟ جاۋابى ياق بولسا، ئەمسە قايسى خەلقنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بار ۋە بۇ ھوقۇققا ئىگە بولالاشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. يەنە بىرى: ئەگەر ھەممە خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار بولسا ب د ت دا بەلگىلەنگەن «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئۆز زىمىن دائىرىسى ئىچىدە ئۆزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە تېرىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى » پىرىنسىپى قانداق كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟
بۇنىڭدىن باشقا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) نوقۇل ھالدا ئىگلىك ھوقۇقلۇق سىياسى گەۋدە (يەنى دۆلەت) بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» نىڭ « ئىچكى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (internal self-determination) ۋە « تاشقى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دەپ ئىككى خىل تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە « تاشقى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» مۇستەقللىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ بىر دۆلەتنى باشقا بىر دۆلەت تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان بولسا ، بسىۋېلىنغان دۆلەتنىڭ « تاشقى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (external self-determination) ھوقۇقى بولىدۇ ۋە بۇ مۇستەقىللقنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى « ئىچكى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولۇپ بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى پەرقلىق بىر گۇرۇپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ (ئاز بولسۇن ياكى يۈكسەك بولسۇن) ئاپتۇنۇمىيەنى كۆرسىتدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ تېرىتورىيەسى ئىچدىكى (مەيلى پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپ بولسۇن ياكى بېسىۋالغان زىمىن بولسۇن) خەلققە بۇنداق بىر ھوقۇقنى خالاپ بېرىشى ۋە ياكى بېرىشكە مەجبۇر بولۇشى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىدۇر. بۇ تامامەن ھاكىمىيەتنىڭ نىيىتى ۋە كۈچىگە باغلىق مەسلىدۇر. مەسىلىنىڭ بۇنداق بولۇشى خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسىنىڭ ئىنگىلىز ئېقىمى بىلەن رىئالىزىم ئوتتۇرسىدىكى پەرققە ئوخشاپ كىتىدۇ. يەنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقىلارغا بېرىلىدىغان ھوقۇق دۆلەت ئۆزى خالىغان ھالدا بەرسە رىئاللىققا ئايلىندۇ، بەرمىسە پەقەت كۈچ بىلەنلا ئالغىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پىرنسىپنى تىنچلىقنىڭ مەقسىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. ئامېرىكا پىرزدىنتى ۋىلسوننىڭ تىچلىقنى مەقسەد ۋە مەركەز قىلغان « 14 ماددىلىق خىتابنامىسى» دە (Fourteen Points) بۇ ئۇرۇشتىن كىينكى تىنچ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇ قىلنغان. بۇ ئاتالغۇ ياكى دوكترىن نىڭ روھىغا ئاساسەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە، چارۇسىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پارچىلىنىپ ئىچىدىكى خەلقلەرنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ مۇستەققىل دۆلەت بولۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە ياردەم قىلىنغان. يەنى بۇ دوكترىن ئۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.
بۇ ئاتالغۇ ياكى سىياسى دوكترىن مۇجىمەل شۇنداقلا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەسىلە بار. شۇڭا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» (self-determination) نى مۇستەقىللىق ھەققى دەپ چۈشىنىش توغرا ئەمەس. يەنە بىرى «ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش» (self-government) مۇ موشۇنىڭغا ئوخشاش نوقۇل بىر مەنانى كۆرسەتمەيدۇ. ئوخشاشلا بۇ دوكترىنمۇ يۇقىرىسى مۇستەقىللىقتىن تۆۋىنى ئاپتۇنۇمىيە ۋە ئالاھىدە رايۇن قاتارلىق دائىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خەلقئارالىق خىتابنامىلەردە «independence» تىن باشقا ئاتالغۇلارنى ھەرخىل ئىزاھلغىلى بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نوقتا، بۇ ئىككى ئاتالغۇ مۇستەقىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت نوقۇل مۇستەقىللىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بۇنى ئوقۇرمەنلەر ياخشى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى لازىم.
ب د ت نىڭ بۇ خىتابنامىسىنىڭ باشقا قىسملىرىنى ئوقۇغاندا ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىقدىغان بىر رىئاللىق بار، ئو بولسىمۇ ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ باشقىلاردىن قالاق ۋە كەينىدە قالغان ئىكەنلىكى، ئىككىنجى سىنىپ ئىكەنلكى ۋە باشقىلاردىن ھەققىنى ئالغۇچى ئەمەس بەرسە ئالغۇچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تۈس ب د ت نىڭ « ئىندىجىنس خەلق ۋە ئىندىجىنس ئاۋاز» (indigenous people and indigenous voice ) دېگەن 2 بەتلىك قىسقا بىلدۈرگىدە (factsheet ) تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. بىلدۈرگىدە مۇنداق دىيلگەن:
كۆپىنچە ھاللاردا «ئىندىجىنس» دەپ قارلىش نىگاتىف بىر چۈشەنچە بىلەن باغلىنشلىق (ياكى شۇنداق نەرسىنى ئەقىلگە كەلتۈردىغان) بولغاچقا، بەزى كىشىلەر بۇنداق كۆرسىتىلمەسلىك ياكى ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىغا ئىنقلىما بېرىلىشىنى خالىمايدۇ. باشقىلار بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش لازىم. …
لېكىن ھەر قانداق سىياسىي ھەركەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش نىزامناسى 2007- يىلى رەسمى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كىين دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنى مەلۇم رايۇننىڭ ئەڭ قەدىمى خەلىقى دەپ قارايدىغان شۇنداقلا ھەق ھۇقۇقلىرىنىڭ ھەممسى ياكى بىر قىسمى تارتىۋېلىنغان خەلقلەر ئۆزلىرىنى شۇ رايۇننىڭ ئىندىجىنس خەلىقى دەپ قاراشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىندىجىنىس خەلقنىڭ نوقۇل ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئىندىئانلارنى، ئافرىقىدىكى ياۋايى قەبىللەرنى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىكلىرىنى (aboriginals) كۆرسىتىدىغان خاراكتىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن،ئەرمەنلەر زامانىۋى بىر خەلق شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئوخشاش دۇنيادا ئىختىسادى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك خەلقلىرىدىن بىرى. ئولار ئۆزلىرىنى ئەرمنىيە ئىگىزلىگى (Armenian Highland) نىڭ ئىندىجىنىس خەلقى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ( بۇ ھەقتە google scholar ياكى Wikipedia غا Armenians indigenous دەپ يازسىڭىز تېخمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىسىز.) بۇنىڭدىن باشقا كۈرتلەرمۇ ئىندىجىنس خەلقلەر تىزمىلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەڭ يېڭى ئىندىجىنس خەلىقلەرنىڭ تىزملىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ :
بۇ تىزملىكنى قانداق تۇرغۇزدى، شۇ خەلقلەر ئسىتىدىمۇ ياكى مەلۇم تەتقىقاتچىلار بۇلارنى ئىندىجىنس دەپ قاراپ شۇ تىزملىككە قويدىمۇ بىلمەيمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ئويراتلار ۋە تاجىكلارمۇ ئىندىجىنس دەپ يېزىلغان. لېكىن تىبەت مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى ئىندىجىنس خەلق دەپ ئاتاشقا قارشى چىققانلىقىنى بىلىمىز ۋە بۇ ھەقىتىمۇ بىردەمدىن كىين توختىلىمىز. ئۇيغۇرلار ھەققىدە Wikipedia دا يەنە native (يەرلىك) خەلىق ، ئىندىجىنسلاردىن پەرقلىق دەپ ئالاھىدە ئىزاھات بەرگەن. تۆۋەندىكى ئۇلىنشقا قاراڭ:
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىندىجىنس مەسلىسىگە كەلگەندە، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن باشقىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىندىجىنس خەلق بولۇش جەريانىنى سۆزلەپ باقمىدى. بۇ يەردە بىر قانچە ناھايىتى مۇھىم سۇئال بار.
1. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ب د ت دىن رەھسمىي تۈردە ئىندىجىنىس خەلق بولۇپ ئەنگە ئېلىنىپ بولدىمۇ؟
2. بۇ ئىشنى قايىسى مەقسەد بىلەن باشلىغان؟
3. بۇ مەسىلىنى ماقۇللاشتىن بۇرۇن ئىندىجىنس بولۇش ياكى بولماي موشۇ پېتى تۇرۋىرىشنىڭ قايسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي ئىزدىنىپ باقتىمۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىندىجىنس خەلق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش تەكلىۋى ھەققىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇشى (UHRP) 2009 – يىلى « ب د ت نىڭ ئىندىجىس خەلق خىتابنامىسىنى ئىلان قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار» (United Nations Declaration on the Rights of Indigenous People and the Uyghurs of East Turkestan (also known as the Xinjiang Uyghur Autonomous Region or XUAR, People’s Republic of China)) تېمىسى ئاستىدا 62 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلىغان.
دوكلاتنىڭ ئادرىسى
دوكلاتنىڭ 3. قىسمىدا (8-بەت) ئۇيغۇرلار: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىندىجىنس خەلقى (Uyghurs: The Indigenous People of East Turkestan دېگەن كىچىك تېما ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىندىجىنىس خەلق دەپ قارىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلات باشتا ب د ت تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىغان ئىندىجىنس خەلق دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئېىقىلىمسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى، قانداق خەلقلنىڭ ئىندىجىنس خەلق دەپ قارالسا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئېنىقلىمىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىندىجىنس خەلقى ئىكەنلىكى ، چۈنكى ب د ت ۋە نۇپۇزلۇق تەتىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىدىكى ئىنقىلىمىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاندىن خىتاينىڭ 2007- يىلىدىكى ب د ت نىڭ ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنشى ھەققىدىكى خىتابنامىگە قول قويغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتاينىڭ « بىزدە ئىندىجىنس خەلق يوق، مىنزۇ بار» دېگەن گەپنى ئۆزىگە قالقان قىلۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دېگەندەك «مىنزۇ» ئەمەس بەلكى خەلقئارادا يېڭىدىن سىياسى دولقۇنغا ئايلىنۋاتقان ئىندىجىنىس خەلقلەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىڭ سۇلالىسى ۋە خىتاي كومىنستلىرى كېلىشتىن ئىلگىرىلا بۇ زىمىندا ياشاپ كەلگەن زىمنىنىڭ يەرلىك ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ سەددىچىن سىپىلىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى، شىنجاڭ دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نەبىجان تۈرسۇننىڭ ، خىتاي شۇنداقلا چەتئەللىك تارىخچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى، ياشىغان يىرى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ قەدىمى ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ، خىتايلارنىڭ چىڭ سۇلالىسدىن كىين كىلىپ بېسۋېلىپ ھەر جەھەتتىن چەتكە قېقىپ كەلگەنلىكىنى ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنس خەلق دەپ قارىسا بولىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاندىن، خىتايلارنىڭ ئىندىجىنس خەلقنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىتابنامىنىڭ 8 بۆلۈم ۋە 45 مادىدىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن مەزمۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئەڭ ئاخىرىدىكى تەۋسىيە قىسىمدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇشى ب د ت نى ئىندىجىنس خەلقنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى خىتابنامىسدە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىيىلىشىشى شۇنداقلا بۇ ھوقۇقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەد قىلغان پروگراممىلارنى مەبلەغ بىلەن قوللاشنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. (60-بەت )
خىتايلارغا تەۋسىيە قىسمىنىڭ بىر ماددىسىدا ئۇيغۇرلارغا رايۇنلۇق ئېتنىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە خىتايلارنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋەدە قىلىنغان ھەقىقىي ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىنى بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. ( بۇ ماددىدىمۇ خىتاينى ئىندىجىنس خەلقلەر ھوقۇق خىتابنامىسى بىلەن سوراققا تارتىش مەقسىدىنىڭ ئەكس ئىتىشى بولۇشى مۇمكىن)
بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنىس دەپ قاراشنى قوللىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى خەلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يەنە بىرى خىتاي ب د ت دىكى ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرى خىتابنامىسىگە قول قويغان دۆلەت بولغاچقا خىتاينى ئو خىتابنامىدە تەكىتلەنگەن ھەق ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشقا قىستاش ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خىتاي نىمە ئۈچۈن 2007- يىلى خىتابنامىگە ھەم قول قۇيىدۇ ھەم خىتايدا ئىندىجىنس خەلق يوق دەيدۇ؟ چۈنكى خىتاي بار دېسە
1. ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ زىمىنغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان بولىدۇ.
2. ئىمزا قويغان بىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىندىجىنس دەپ قارالغان خەلقلەرنىڭ شۇ خىتابنامىدە تىلغا ئېلىنغان ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ياكى شۇنداق بىر مەسئۇلىيەت يۈكلىندۇ.
شۇڭا خىتايغا نىسبەتەن ئىندىجنس خەلىقلەر ئاتالغۇسى باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدىغان، لېكىن بىز ۋە تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش خەلقلەرنىڭ قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر ئاتالغۇ دېسەك خاتا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، تىبەتلىكلەر نېمە ئۈچۈن ئىندىجىنس خەلق دەپ ئاتىلىشنى رەت قىلدى؟
بۇ مەسىلە تىبەتلىكلەر ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە جەميتىنىڭ 2017 – يىلىدىكى «ئاسىيادىكى نۇپۇس يۆتكەش ئارقىلىق ئىشغال قىلىش ۋە ئىندىجىنىزىم» تېمىسدىكى كونفرانستا بىر قەدەر ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سەۋبلرى تۆۋەندىكىچە
1. ئىندىجىنس خەلق ئېىنقلمىسىنىڭ روشەن غەرب مەركەزلىك ئىكەنلىكى شۇڭلاشقا باشقا قىتئەدىكى خەلقلەرگە ماس كەلمەسلىكى
2. ئېنىقلىمانىڭ غۇۋا ، ئېنىقىسز ۋە بىرلىككە كەلمگەن بولۇشى
3. تىبەتلەرنىڭ سىياسى مۇدداسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكى
4. ئىندىجىنس خەلقلەرگە ئوخشاش ئىھسان قىلنغان ھوقۇقنى ئەمەس ئۆزىنىڭ ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەققىنى ئېلىشى كېرەك دەپ قارىغانلىقى يەنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق تاللىشى (rights versus sovereignty)
5. خىتاينىڭ خىتايدىكى تىبەتلىكلەرنى ئىندىجىنس ئەمەس، بەلكى مىنزۇ دەپ كاتىگورىيەگە ئايرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىندىجىنسلىق ھەق ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچىرايدىغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىق.
6. تىبەت مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىندىجىنس خەلق دېگەننى قەبىلە دەپ چۈشىنشى
ھىندىستانمۇ ئۆزىنىڭ تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى خەلقلەرنى تەرەققىي قىلغان، ئارقىدا قالغان، قەبىلە خەلىقى دەپ بىر نەچچىگە ئايرىيدىغان بولۇپ، تىبەتلەرنى قەبىلە دەپ قارايدىكەن. لېكىن تىبەتلەر بۇنىمۇ رەت قىلغان.
لېكىن ئىندىجىنس خەلقلەر دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىنقلىمسىنىڭ ۋە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خەلقلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تىبەت ياشلار بۇنى ئاتالغۇنى ئۆزلىرىگە ئىشلتىشنى ۋە خەلقئارالىق ئىندىجىنىس خەلقلەر بىرلىكىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كوزۇر قىلىشنى ئويلىشۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئاخرىدا ئىندىجىنس خەلقلەر مۇستەقىللىق ئىلان قىلالامدۇ دېگەن سۇئالغا قارىتا ئاۋسترالىيەدىكى يەككە تەرەپلىك مۇستەقىللىق جاكارلىغان بىر قانچە ئىندىجىنس خەلقلەرگە قاراپ باقايلى؛
1. Murrawarri Republic. — 2013
2. Euahlayi Peoples Republic– 2013
3. Republic of Mbarbaram– 2013
4. Wiradjuri Central West Republic-2014
5. Mirrabooka Sovereign United Nations– 2017
بۇ ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەققىل دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلىغان لېكىن ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بولسۇن ياكى ئاۋىسترالىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن بۇلارنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان. بۇ «دۆلەتلەر» بىر تەرەپلىك مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان بولسىمۇ لېكىن ب د ت دا ئورنى ھازغىچە ئورنى يوق. بۇنداق بولۇشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىرى ، ب د ت تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسدىكى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئىككى خىل مەناغا ئىگە ئىكەنلىكى، مەسىلەن بۇنى ئىندىجىنس خەلقلەر مۇستەقىللىقنى جاكارلاش ھوقۇقى دەپ چۈشىندۇ، ئۇلۇس دۆلەتلەرنىڭ بولسا ئاپتونۇمىيە دەپ تۇرېۋلىش ھەققىمۇ بولىدۇ. يەنە بىرى، مۇستەقىللىق ۋە ھەق ھوقۇق دېگەن نەرسىلەرنىڭ ئەمەلگە ئىشى ئۇلۇس دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى ياكى بېسۋېلىنغۇچى خەلقنىڭ كۈچ ئىشلتىپ ئېلىشى بىلەن بولىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، ئىندىجىنس خەلق كىملىكى غەرب مەركەزلىك سىياسى ئاتالغۇ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋە باشتا ئاساسلىق ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاسترالىيەدىكى ئىندىئانلار ۋە ئەبئورىجىناللارنى كۆرسەتكەن. كىين بۇ ئاتالغۇنىڭ ۋە سىياسى ھەركەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسى كېڭەيگەن. پۈتۈن ئاسىيادا ۋە ئافىرىقىدىكى نۇرغۇن خەلقلەر ئىندىجىنس خەلق دەپ قارالغان ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئىستىگەن. لېكىن ب د ت دا بۇ خەلقلەر ھەققىدە ماقۇللانغان خىتابنامىدە بۇلارنىڭ مۇستەققىل دۆلەت بولالىشى ياكى بولالماسلىقى ھەققىدە مۇجىمەللىك ساقلىنىپ قالغان ۋە بۇ مۇجىمەللىك ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىتابنامىگە قول قويىشىنىڭ سەۋەبى بولغان بولۇشى مۇمكىن (بۇنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى)
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇشى (UHRP) 2009 – يىلىدا 62 بەتلىك دوكلات تەييارلاپ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىندىجىنس خەلقلەرنىڭ ئېنىقلىمسىغا چۈشىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ خىتابنامىگە قول قويغان بىر دۆلەت بولۇپ تۇرۇغلۇق پۈتۈن ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئىندىجىنس خەلق يوق ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىنلا سۆزلەپ كەلگەن. تىبەت مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق كاتىگورىيەگە ئايرىلىشىنى رەت قىلغان. لېكىن تىبەت ياشلىرى دۇنيادىكى ئىندىجنىس خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ھەركىتىنى ئۆزىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ۋاستە قىلىش ئۈچۈن بۇ كىملىك بىلەن ھەركەت قىلىشقا مايلىللىقىنى كۆرسەتكەن. ئاۋسترالىيەدە 5 -6 ئىندىجنىس خەلق 2013- يىلىدىن كىين مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان لېكىن ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى تەرىپىدىن ماقۇللىغانلىق جاۋابى كەلمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قورۇلتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىندىجىنس خەلق ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ھىچقانداق ھۆججەت ياكى بەلگىلىمگە ئىمزا قويىمىغانلىقىنى لېكىن ئىدىجىنس خەلقلەر يىغىننى ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ سەھىنىلەردە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلار ئىندىجىنس خەلق ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلشنى ئويلاشقاندا (ناۋادا شۇنداق ئوي بولسا ۋە ياكى قوبۇل قىلغان بولسا) مونۇ مەسىللەرگە دىققەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم:
1. بۇ سىياسىي كىملىكنىڭ (ب د ت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىغا ئاساسلانغاندا) خەلقئارادىكى ئورنى نېمە؟ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» مۇجمەل گەپمۇ ئەمەسمۇ؟
2. ئۆزىدە ئىندىجىنس خەلق يوق دېگەن خىتاينى قانۇنىي جەھەتتىن بۇ سىياسىي كىملىك بىلەن جازاغا تارتقىلى ياكى بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زورلىغىلى بولامدۇ؟
3. بۇ خىتابنامە ماقۇللانغان بىلەن بۇنى ئىجرا قىلدىغان مىخانىزىم بارمۇ يوق؟
4. دۇنيادىكى ئىندىجىنس خەلقلەر نېمە ئىستەۋاتىدۇ؟ مۇستەقىللىقمۇ ياكى ئىشغالچى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقى بىلەن باراۋەرلىكمۇ؟
5. ئەگەر ئۇلار مۇستەقىللىق ئىستىمىسە ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئىشى بارمۇ؟ ئەگەر مۇستەقىللىق ئىستىسە (ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ئۇيغۇرلار) ئۆزلىرىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ (ئىندىجىنس خەلقى بار) مەنپەتىگە تەتۈر ئىش قىلغان بولامدۇ-يوق؟ يەنى ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟
6. ئىندىجىنس خەلق بولماي تۇرۇپمۇ ئىندىجىنس خەلقلەر ھەركىتىدىن پايدىلانغىلى بولامۇ- يوق؟
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تەۋسىيە
1. تەشكىلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدەك دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلدىغان تەشكىلاتنىڭ مۇنتىزىم ۋە كەسپىي ئاكادېمىك قوشۇنى بولۇشى لازىم.
2. ئىندىجىنس خەلق مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىللەر موشۇنداق قىززىق نوقتىغا ئايلانغاندا ۋە كىشىلەر قايمۇقۇپ قالغاندا ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشى ۋە بۇنداق چۈشەندۈرۈش بىرەلەيدىغان كىشىلىرى بولۇشى لازىم.
3. تەشكىلاتلاردا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىشى لازىم
4. تەشكىلاتلار خەلققە جاۋاپ بىرىدىغان، ئىشلاردا ئوچۇق يورۇق بولۇشى لازىم. خەلق بىلەن بولغان دىئالوگدا ئۇلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ۋە كەمسىتمەسلىك لازىم.
5. خەلق بەرگەن تەكلىپنى تەنقىد ۋە دۈشمەنلىك دەپ قارىماسلىقى لازىم.
6. خاتالىقىنى ئىتراپ قىلالايدىغان بولۇشى لازىم.
7. خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى، ئۇلارمۇ خەلقنى، خەلقمۇ ئۇلارنى چۈشىنىشى لازىم.
ئۇيغۇر خەلقىگە تەۋسىيە
1. مەسىلىگە تەرەپبازلىق نوقتىسىدىن ئەمەس٫ ئىزدىنىش ۋە ئوبىكتىپلىق نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش
2. تەشكىلاتلارنى ھەم قوللايدىغان، ھەم نازارەت قىلىپ ھالقىلىق مەسىللەردە ئىلىمىي ئۇسۇلدا سۇئال سورالايدىغان ئاڭ ۋە پوزتسىيەگە ئىگە بولۇش
ئۇيغۇر زىيالىلرىغا تەۋسىيە
1. ۋەتەننىڭ مەنپەتىگە تاقشىدىغان مەسىللەردە تەرەپباز بولماسلىق، تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەس مىللەتنىڭ زىيالىيسى بولۇش لازىم.
2. تالاش – تارتىشلىق مەسىللەردە جىم تۇرۋالماي ئىزدىنىپ تەشكىلاتلارغا ۋە خەلىققە توغرىنى يەتكۈزۈش ئېڭىغا ئىگە بولۇش لازىم.
مەنبە:
https://www.facebook.com/107622478350288/photos/a.112667934512409/128345836277952/
Share
293 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.