logo

trugen jacn

ئۇمۇن:«ئاكادىمىك مىش-مىشلار»غا رەدىيە

«ئاكادىمىك مىش-مىشلار»غا رەدىيە
ئۇمۇن
ئەقلى بىلەن شۆھرەت تالىشىپ، مىڭىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ پىسخىك تەسەللىسىگە بولغان ھەيرانلىقىم ھىچقاچان پەسكويغا چۈشۈپ باقمىدى. ئەقىلگە، بىلىمگە، تەپەككۈرگە مەمنۇنلىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بىچچارىلىقى ئەقىلسىزلىقىنى نامايىش قىلىشمغا توسالغۇ ئەمەس.
«تۆت-بەش تال ئۇقۇمنىڭ ۋىكپىدىيادىكى ئىزاھاتىنى يادلىۋىلىپ، ئىسىمدە قالغان پارچە-پۇرات جۈملىلەرنى چۆرىدەپ ئايىغى چىقماس قالايمىقان گەپنى قىلالايمەن» دىسىڭىز، جاپا تارتماي لىدىر بولۇشقا خوش كەپسىز.
كىشىلەر مۇنازىرە ئۇسلۇبىنى ھۆكۈملىرىنى ھەقىقەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە, توغرىنى تىپىشقا ئەمەس، توغرا دەپ قارىغانلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىشقاندا ئەقلى تىرىشچانلىقلىرى بۇزۇق خارەكتىرى تەرىپىدىن ئاستا ئاستا ئاسمىلاتسىيە قىلىنىدۇ.
يىقىننىڭ ياقى ئىتنىك ۋە ئۇلۇس دىگەندەك جەمىيەتشۇناسلىق ئۇقۇملىرىنىڭ مەنىسىنى ۋىكىپىدىيادىكى ئىزاھاتلاردىن يادلىۋالغان، دۆلەتچىلىك قۇرۇلمىللىرىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتچىلىق زىھنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىدىن ھەيران قالدىم.
پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ياكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئانچە ئىشقا يارىمىسىمۇ، تەپەككۈر قىلىشقا تىرىشىشى ئەلۋەتتە مىنى خوشال قىلىدۇ. لىكىن مايماق تەپەككۈرلىرىدىن تۇغۇلغان چولاق جۈملىلەرنى ھەقىقەت دەپ بىلىۋىلىپ، جۈملىللىرىدىن پەرقلىق پۈتۈن ھۆكۈم جۈمىلىرىگە قارىتا قىزىل رەخىت كۆرگەن بۇقىدەك غالجىرلىشىشى مىنى تازا خاتىرجەم قىلالمىدى.
ئادەتتە كىچىكىدە ئەتراپىدىكىلەر تەرىپىدىن ئانچە دىققەتكە ئىلىنمىغان، مەنسىتىلمىگەن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ھسىياتىنى بىسىقتۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلغان روللىرى بولىدۇ. بۇ خىل پىسخىك ھالەتتىكى شەخىسلەر پىسخىك جەھەتتىن خەتەر ئاستىدا قالغاندا «ئۆزىگە» تەسەللى بىرىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن روللىرىنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىغا سۈكۈت قىلالماي، غالجىرلىششقا باشلايدۇ.
شۇڭا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئۆزىدە بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن ساختا كىملىك ياراتقاندا، كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن نەپرەت ياكى غەزەپكە ئوخشاش كونتىرولسىز تۇيغۇلارغا تايىنىدۇ. بۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن، ساختا كىملىك ئىگىللىرىنىڭ تولا غەزەپلىنىشىنىڭ سەۋەبى.
ئۇلۇس كىملىكى ياكى سىياسىي ئىدولوگىيە قۇرۇپ چىقىش دىگەندەك كىلەڭسىز ۋە ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر سىياسىي سەھنىسىدە بازارغا سىلىشى ئىشقا يارىماسلىقىغا جەڭ ئىلان قىلىش ئۈچۈن تۇتۇنغان كوزىرمۇ بۇنى تازا ئاڭقىرالماي قىلىۋاتىمەن.
ھەرقانداق زامانىۋىي دۆلەت ئۇلۇس دۆلىتىدۇر‌. بۇنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋادى بولغان ھەرقانداق كىشى بىلىدۇ.
ئۇيغۇرىستان، شەرقى تۈركىستان ۋە ياكى قانداق دۆلەت قۇرىلىشىدىن قەتئىنەزەر دۆلەت ئۇلۇس دۆلەت شەكلىدە قۇرىلىدۇ, بۇ زامانىۋىي دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پروتوتىپى. بۇنى خۇددى چوڭ بىر ھەقىقەتنى تىپىۋالغاندەك قايتىلاۋىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى قىلچە چۈشەنمىدىم.
ئۇلۇس ئۇقىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىغا ياكى مىللەتچىلىك خاھىشىغا زىت ئەمەس. لىكىن ئۇلۇس ئۇقىمىنى مىللەتكە ياكى ئۇيغۇرلىقتىن ئىبارەت تىپىك ئىتنىك كىملىكىمىزگە زىت ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش يا دۆتلۈك ياكى پەسكەشلىكتۇر.
ئۇلۇس ۋە ئىتنىك ئۇقۇملىرى ئوتتۇرسىدا زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس. يۇقارقى ئۇقۇملارغا نىسبەتەن ئىلمىي چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى بەزى پىسخىكىسى ئانورمال كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئۇلۇس بىلەن ئىتنىك ئوقۇمىنى زىتلاشتۇرۇپ قويغان.
ئۇلۇس ئۇقىمىنىڭ ئىككى ئىزاھاتى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى ئىلغا قىلىش كىرەك.
شۇڭا مۇنازىرىدە ئۇلۇس ئۇقىمىغا زىت ھالەتتە ئىتنىك ئۇقىمىنى يەرلەشتۈرۋىلىش توغرا ئەمەس.بۇ يەردىكى مەسىلە ئىتنىك بىلەن ئۇلۇس ئوتتۇرسىدىكى تاللاش مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى ئۇلۇس ئۇقىمىنىڭ ئىككى پەرىقلىق ئىزاھاتى ئوتتۇرسىدىكى مەسىلە. تۆۋەندە كەسپى نۇقتىدىن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇلۇس ئۇقىمى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بىرىشنى توغرا تاپتىم.
پەرىقلىق ئىتنىك ياكى پەرىقلىق گۇرۇپلارغا بولغان كۆز قارىشىمىز گۇرۇپلار ياكى پەرىقلىق ئىتنىكلەر بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتىمىزگە ياكى سىياسىي بىرلىشىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر ئىنتىك گۇرىپا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ئىتنىك گۇرىپىلارغا پۈتۈنلەي پەرىقلىق،بىرلىشىش ئىمكانىيىتى يوق دىگەندەك رادىكال پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىدا قارىشى بىلەن ئۇلارنى بىرلىشىش ئىمكانىيىتى بار ياكى ئوخشايدىغان ئورتاق ئامىللارغا ئىگە قارشى تەرەپ دەپ قارىشى ئوتتۇرىسىدا پەرىق بار. مەزكۇر پەرىق شەرقى تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى سىياسىي تەشكىللىنىشنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندە ئۇلۇس ئۇقىمىنىڭ پەرىقلىق ئىككى ئىزاھاتى توغرىسىدا توختىلىمەن.
بۇ ئىككى ئۇقۇم ئىزاھاتى نەزىرىيە جەھەتتە سىستىمىلىق كاتوگورىيلەشكەن ئىككى ئۇلۇس قارىشى بولۇپلا قالماي يەنە تارىخى ئۆتمۈشكە ۋە شەكىللىنىش جەريانىغا ئىگە ئىككى خىل قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇلارنى توختام ئۇلۇسچىلىقى(nation-contrat) ۋە كوللىكتىپ رۇھىغا تايانغان ئۇلۇسچىلىق(nation-genie) ياكى قىسقىچە كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىق دەپ ئىككىگە ئايرىيمىز.ھەر ئىككىسىنىڭ شەخىسلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.ئۇلۇس ئۇقىمىغا بەرگەن تەبىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.
كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىق ئىتنىك،ئىرىق،كۈلتۈر دىگەندەك كونكىرىت ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە تايانىدۇ ۋە بۇ ئالاھىلىكلەرگە ئۇيغۇن كىشىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ.بۇ بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئاستىدا يەكلەش بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولمىغان گۇرىپا ياكى شەخىسلەر ياكى يەكلەيدۇ ياكى ئاسمىلاتسىيە قىلىدۇ. ئۆزى شەكىللەندۈرمىگەن ئالاھىدىلىكلەرنى مۇتلەق ئۆلچەم قىلىۋىلىپ بۇ ئۆلچەمنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنى يەكلەش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى كۈچلەندۈرۈش كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
توختام ئۇلۇسچىلىقى بولسا كۈچلۈك سىياسىيلىققا ئىگە ئۇلۇسچىلىق پىكرىدۇر. شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى سىياسىيدۇر. بۇ يەردە ئۇلۇسنىڭ شەككىللىنىشىدىكى ئۆلچەم كونكىرت گۇرۇپىنىڭ ياكى ئىتنىكنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلمايدۇ.ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇس ھالىتىدە توپلىنىشى تەبىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئەمەس سىياسىي ئىرادىنى ياكى ئىجدىمائىي توختامنى ئاساس قىلىدۇ.قوپال بىر شەكىلدە يىغىنچاقلىغاندا توختام ئۇلۇسچىلىقى قانۇن ئالدىدا باراۋار ۋەتەنداشلارنى بىرلىك قىلىدۇ.شەخىسلەر ئەركىن ئىرادىسى بويىچە قىتىلىش ياكى قىتىلماسلىقنى تاللىيالايدۇ.
كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىق بولسا تارىخىنىڭ مەھسۇلاتى،ئۆتمۈشنىڭ،ئۆرۈپ -ئادەتنىڭ ۋە كۈلتۈرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن شەككىللەنگەن.
رەنائۇت توختام ئۇلۇسچىلىقىنىڭ راتسىئونال خارەكتىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئالاھىدىلىككە يىغىنچاقلايدۇ.
1. توختام ئۇسلۇسچىلىقىدا توپلانغان گۇرۇپا شەككىللەندۈرۈلگەن ياكى بەرپا قىلىنغان ئۇلۇستۇر.ئادەتتە شەخىس ياكى گۇرۇپلارنىڭ ئىجدىمائىي توختام ئاستىدا باراۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ بىرلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە بۇ خىل ئۇلۇس تىپىنىڭ ئوبىكتى كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان دىمۇكراتىك جەمىيەتتۇر.توختام ئۇلۇسچىلىقىنىڭ مەنتىقىسى بويىچە دۇنيادا ئوخشىمىغان سىياسىي سىستىما مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان ئۇلۇسلار مەۋجۇت.لىكىن ئۇلۇسلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق سىياسىيدۇر. تەبىي شەككىللەنگەن ئۆزگەرتكىنى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس.
2.ئىتنىك ئۇلۇسنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. بىر ئۇلۇسنىڭ تەركىبى بولۇپ تۇغۇلمايمىز بەلكى ھۆر سىياسىي ئىرادىمىز بىلەن دىمۇكراتىك جەمىيەتكە ياكى ئىجدىمائىي توختامغا قىتىلىمىز.ئىتنىك بۇ دىمۇكراتىك جەمىيەتتە ياكى پۇقرالىق كىملىكىدە ئاستا ئاستا سىڭىپ كىتىشى مومكىن.
3.توختام ئۇلۇسچىلىقىنىڭ ئاساسى ھۇمانىزىمنى مەنبە قىلىدۇ.كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىمۇكراتىيە بۇ خىل جەمىيەتتە ئۇلۇغلىنىدۇ.
توختام ئۇلۇسچىلىقى نىسبەتەن زامانىۋىي دۇنيانىڭ جەمىيەت تىپىنى ۋە پۇقرالىق كىملىكىنى بەلگىلەشتە ھالقىلىق رول ئويناۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە،بۇندىن كىيىن قۇرۇلىدىغان دۆلەتلەر ياكى ھازىرقى دۆلەتلەر جەمىيەت ئۆزگىرىشى ۋە گىلوبال دۇنيا شارائىتىندا بۇ خىل ئۇلۇس تىپىنى قوللىنىشقا مەجبۇر.چۈنكى بۇ خىل ئۇلۇس تىپى جەمىيەتنىڭ ئۆلچىمىنى ئىتنىك،كۈلتۈر،قانداشلىق قاتارلىق تارىخى ئامىللارغا ئەمەس، ئىجدىمائىي توختام ۋە پۇقرالىق ئۆلچىمىگە نىسبەتەن بەلگىلەيدۇ.خۇددى 1739 -يىلىدا فىرانسىيەدە يەھۇدىيلەر ھەققىدە چىققان قانۇندا يىزىلغاندەك:«يەھۇدىي يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچ نەرسە ئەمەس،لىكىن فىرانسىيە پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممە نەرسە».
يۇقارقى ئىككى ئۇلۇس تىپىنىڭ دۆلەت ۋە ئۇلۇس ھەققىدىكى بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى كاتوگىرىيلەشتۈرۈشىگە بولغان پىكرىمۇ ئوخشىمايدۇ.كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىق« ئاۋۋال ئۇلۇس كىيىن دۆلەت»پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ.چۈنكى كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىقتا دۆلەت بۇرۇندىن بار بولغان ئۇلۇسنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تاينىدۇ. توختام ئۇلۇسچىلىقىدا بولسا ئۇلۇس سىياسىي تەشكىللىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
بۈگۈنكى زامانىۋىي جەمىيەتلەرنىڭ ئۇلۇس تىپى ئادەتتە توختام ئۇلۇسچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.كىشىلىك ھوقۇق گىلوبال پىرىنسىپ ھالىغا كەلگەنلىكى،دۇنيا تەرىپىدىن ئورتاق قۇبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە كوللىكتىپ ئۇلۇسچىلىقنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىرىشىشى بۈگۈنكى دۇنيادا ئانچە مومكىن بولمايدۇ.
ئەگەر شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولسا مەجبۇرى شەكىلدە توختام ئۇلۇسچىلىق ئىدولوگىيىسى بىلەن قۇرىلىدۇ،چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ رەسمى شەكلى توختام ئۇلۇسچىلىقىغا تايىنىدۇ.
بىراق ياۋرۇپا مەركەزلىك توختام ئۇلۇسچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارىخى جەريانى ئامىركىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ.چۈنكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى توختام ئۇلۇسچىلىقىغا تەۋە،ھەتتا توختام ئۇلۇسچىلىقىنىڭ تۇنجى سىياسىي رىئاللىققا ئىرىشكەن تۇپراقلىرى بولسىمۇ يەنىلا دۆلەت ئىتنىك جەھەتتە قۇتۇپلاشقان. فىرانسىيە فىرانسۇزلار،گىرمانىيە نىمىسلار،تۈركىيە تۈركلەر دىگەندەك بۇ دۆلەتلەردە توختام ئۇلۇسچىلىقى ھۆكۈمران، بىراق نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئوخشاش بىر ئىتنىك بىرلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىجدىمائىي جەھەتتە جەمىيەت تىپى ئىتنىك ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ ئۆلچەم قىلىدۇ. فىرانسىيەنىڭ ئورتاق تىلى فىرانسۇزچە، لىكىن فىرانسىيەدە فىرانسىيە پۇقراسى بىر فىرانسۇز بىلەن فىرانسىيە پۇقراسى بىر ئۇيغۇر باراۋەردۇر.
يىغىنچاقلىغاندا دۆلەت ۋە جەمىيەتكە ئىتنىكنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى سىڭگەن بولسىمۇ بىراق سىياسىي جەھەتتە ئىتنىك، ئۆلچەم ئەمەس.توختام ئۇلۇسچىلىقى ئىتنىكنى،جەمىيەتنىڭ كۈلتۈرەل ئالاھىدىلىكلىرى ۋە جەمىيەتنىڭ تارىخى ئۆتمۈشىنى رەت قىلمايدۇ. پەقەت سىياسىي جەھەتتە ئىتنىكنى، كۈلتۈرنى ۋە ياكى ئىرىقنى خەلىقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندۇرىۋىلىشقا قارشى.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلۇسچىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ياكى ئىتنىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلىگەنلەر ھەر ئىككىسىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن يۇقارقى كەسپى ئۇقۇملارغا بولغان تونىشى يىتەرلىك ئەمەس ۋە بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستان شارائىتى بىلەن ماشلاشتۇرۇشتا يىتەرلىك كەسپى تەجىربىسى يوق. مەسىلەن كۆپۈنچە كىشى ئىتنىك بىلەن ئۇلۇس ئۇقىمىنى بىر-بىرىگە زىت مەنادا ئۇقۇملاشتۇرىۋالغان.ئەمەلىيەتتە،بىر ئىنتىك گۇرىپىنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۇلۇس.لىكىن ئىتنىكنى ئۆلچەم قىلىپ قۇرۇلغان ئۇلۇس بولغانلىقى ئۈچۈن كوللىكتىپ رۇھقا تايانغان ئۇلۇس ئۇسۇلىدا شەككىللەنگەن.بىراق ئۇنى كوللىكتىپ روھقا تايانغان ئۇلۇس دەپ كىتەلمەيمىز.چۈنكى كوللىكتىپ ئۇلۇس ۋە توختام ئۇلۇسچىلىقى سىياسىي تەشكىللىنىشنىڭ كاتوگورىسىدۇر.بىراق ئىتنىك سىياسىي كاتوگورى ئەمەس.بۇنى چوقۇم ئىنىق ئايرىۋىلىش لازىم. مەسىلە سىياسىي تەشكىللىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن
ئىتنىك بىلەن ئۇلۇس بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس.بەلكى سىياسىي جەھەتتە قاراشلىرى زىت بولغانلىقى ئۈچۈن توختام ئۇلۇسچىلىقى ئۇقىمى بىلەن كوللىكتىپ ئۇلۇس ئۇقىمى قارمۇ-قارشى دىسەك بولىدۇ.دىققەت قىلىدىغان نۇقتا ئۇيغۇر بىلەن شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسى ئۇقىمىنىڭ زىتلىقى ئەمەس.زىت بولغىنى سىىياسىي كاتوگورىلەردۇر.ئۇيغۇرلار ئۆز ئىتنىك گۇرىپىسى بويىچە مىللەتچىلىك ياكى ئۇيغۇرلۇق كىملىكى بىلەن بىرلەشسە ياكى داۋاغا قاتناشسا بۇ خاتا ئەھۋال ھىساپلانمايدۇ.
چۈنكى شەرقى تۈركىستاندا زۇلۇم شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ ھەممىسىگە(توختام ئۇلۇسچىلىقى تىپى بويىچە) ئەمەس .ئىتنىك قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيىسى شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر ياكى باشقا ئازسانلىق ئىتنىك گۇرۇپلارغا قارىتىلغان.زۇلۇمنىڭ ئوبىكتى شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ۋە قازاق دىگەندەك ئىتنىك گۇرۇپلاردۇر.
سىياسىي گۇرۇپلار دۆلەت قۇرۇش ياكى قۇرۇلغان دۆلەتتە ئۇلۇس تىپىنى بىكىتىشتە مىللەت،دىن،ئىرىق ئايرىماي توختام ئۇلۇسچىلىقىنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر.بىراق ئىتنىك قىرغىنچىلىققا قارشى سىياسىي كۈرەشتە ئىتنىك بىرلىكنى تەكىتلەشمۇ موھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تەكىتلەپ كۈرەش قىلىشى،ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىشكە، ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سۆزلىشى توختام ئۇلۇسچىلىقىغا قارشى ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردە قۇرۇلغان بىر دۆلەتتىكى خەلىقنىڭ سىياسىي تەشكىللىنىشى ياكى ئۇلۇس تىپى توغرىسىدا توختالمىدۇق. بەلكى ئىتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئاچچىق قىسمىتى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز.
سىياسىي تەشكىللىنىش جەريانىدا پۈتۈن شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغىنىمىزنى سۆزلەپ داۋا قىلساقمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مىللەتنىڭ ئاۋازى سۈپىتدە داۋا قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ.لىكىن بۇ يەردىكى موھىم بىر مەسىلە شەرقى تۈركىستاندا داۋا قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە گۇرىپا قايسىسى؟
ئەلۋەتتە ئۇيغۇر،قازاق دىگەندەك ئىتنىك گۇرۇپلاردۇر.بۇلار شەرقى تۈركىستان ئۇلىسىنىڭ بىر پارچىسى.ھازىر شەرقى تۈركىستاندا شەرقى تۈركىستان تەۋىلىكىدىكى ھەممە كىشى زۇلۇم كۆرمىدى.پەقەت ئىتنىك ئايرىمچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئايرىلغان گۇرۇپلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن نەزەر سالغاندا خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئۇلۇس تىپى كوللىكتىپ روھقا تايانغان ئۇلۇس تىپىدۇر.خەلقارا جەمىيەتتە ئۆزىنى توختام ئۇلۇسچىلىقىغا تەۋە،پۈتۈن مىللەتلەر باراۋەر دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.
يىغىنچاقلىغاندا توختام ئۇلۇسچىلىقى ئەلۋەتتە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇلۇسچىلىق تىپى بولىشى شەرىت.چۈنكى توختام ئۇلۇسچىلىقى دىمۇكراتىك جەمىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. لىكىن سىياسىي داۋا ۋە سىياسىي كۈرەشتە مىللى پەرقىمىزنى،ئىتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلەش ئىنتايىن موھىم،چۈنكى بۇ سىياسىي رىئاللىق.
خۇلاسىلىگەندە، دۆلەتتىن ئىبارەت سىياسىي سىستىما بولماي تۇرۇپ ئۇلۇس ھەققىدە گەپ سىتىش، شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسى ۋە ياكى شەرقى تۈركىستان ئۇلۇس ئىدولوگىيىسى دىگەندەك ئويدۇرۇلغان ساختا ئاتالغۇلار ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆتە ئەخمىقانىلىك ياكى ئۆزىنى ئالداش قىلمىشى مەۋجۇت ئەمەس. تەشكىلات مىخانىزىمىدىكى قۇرۇلمىنىڭ دۆلەت سىستىمىسى ياكى جەمىيەت مودىلى بەلگىلەش تىرىشچانلىقىدىن ئۆتە فانتاستىك ھەركەت بولمىسا كىرەك.
دەبدەبىلەر شاۋقۇنىدا مەس بولغانلارغا قاراپ، ئۆزىنىڭ قالايمىقان گەپلىرىگە ئۆزلىرى چىن پۈتۈپ قالىدىغان پىسخىك جەھەتتىن ئانورماللاشقان كىشىلەرگە قاراپ ئۆزەمنىڭ ئەقلى ساغلاملىقىغا بولغان ھۆرمىتىم ئىشىپ قىلىۋاتىدۇ.
چالا پۇللا ئۈگىنىۋالغان ئۇلۇس ئۇقىمىنى شاتۇتتەك تەكرارلايدىغان قىلىقنىڭ نامايىشىسىنى مۇشۇ يەرگىچە قىلىپ ئىككىنجى مەسىلىگە ئۆتەي.
«ئاكادىمىك ئەخلاق» ۋە تۈگىمەيدىغان بۈيۈك پىرىنسىپلار
قايسى كىتاپتىن نىمە ئوقىدى مەن قەتئى چۈشەنمىدىم.
قىتىغۇرلۇق ۋە دۆتلىكىنىڭ چىگرىسى مىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمدىن ھالقىپ كەتكەن كىشىلەر بار‌. بۇلارغا تەبىئىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مۆجۆزىسىدەك ئاۋايلاپ مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىمەن. ھۆكۈملىرىدىن قىلچە گۇمان قىلمايدىغان، ھەقىقەتلىرىنى ئايەتكە ئايلاندۇرۇپ كىشىلەردىن چوقۇنىشنى كۈتىدىغان پىسخوپاتولوگىيىلىك قىلىقلارغا ئىگە خۇداسىمان كىشىلەر بار. چوقىنمىسىڭىز خۇدالىغىغا قىلىنغان ھاقارەت ھىساپلاپ سىزگە قاراپ غالجىرلىشىدۇ.
ئاكادېمىك ئەخلاقنى قەيەردىن كىم بەلگىلەپ بەردى، قايسى ئىلمىي جەمىيەتنىڭ ياكى قايسى ئىلمىيلىك مىزاننىڭ قايسى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى ؟ دەپ سورىسىڭىز ئاكادىمىك قويمىچى ياكى ئاكادېمىك ئەخلاقسىز دەپ بىلجىرلىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ ئوتتۇرىدىغانلىقى شۈبھەسىز.
ئاكادېمىك ئەخلاقسىزلىق ياكى ئاكادېمىك قويمىچى دىگەندەك ئىلمىي تەتقىقات مىتوتلىرىدا مەۋجۇت بولمىغان پوپىلەر ئۇقۇملارغا مىلىنىپ، پوپىلەر ياكى پۇبلىك ماقالىلەرنى ئىلمىي(بۇ ئۇقۇمنى چۈشەنگىنىگىمۇ گۇمانىم بار) ماقالىدەك تاسقىلاپ، ئوخشىمىغان پىكىر قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاكادېمىك دىگەندەك «قالتىس»،«ئىلمىي كۆرىنىدىغان» ئۇقۇملارنىڭ كەينىگى مۆكۈنۈپ غاجىلايدىغان كىشىلەرنىڭ غەلىتىلىكى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ھەيرانلىقىنى قوزغايدۇ.
سىياسەت تەتقىقاتچىسى بىلەن سىياسەتچىنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر سىياسەت شۇغۇللانغۇچىنىڭ ھەرىكىتىگە سىياسەت تەتقىقاتىدىكى ئۆلچەملەرنى سىلىۋالسا تۆت تال تىرمىن ئۆگىنىۋالغان كىشىنىڭ ئەلۋەتتە مىڭىسى قالايمىقانلىشىدۇ‌. شائىرغا سۈررىئالىزىمچە ياكى پوسىت مودىرنىستىك شېئىر ياز دەپ ئۆلچەم قويىۋىلىشنىڭ تىتىقسىزلىقىنى چۈشەنگەن ئادەم بۇنى بىلىدۇ.
ئىلمىي تەتقىقات مىتودلىرى ياكى بىلىم پەلسەپەسىنى ۋىكىپىديادىن چالا ئوقىۋىلىپ قالتىس بىلىملىكتەك ھىس قىلىپ كىتىشىڭلارنى چۈشىنىمەن. ئاڭلاپ باقمىغان كەلىمىللىرىڭلارنى تۇيۇقسىز ئۈگىنىپ قالغان چىغىڭلاردىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇرىڭلارنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن. لىكىن تۆت تال كەلىمە بىلەن خۇداغا ئايلىنىۋىلىشىڭلارغا قاراپ كۈلمەسلىككە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم مەغلۇپ بولىۋاتىدۇ‌.
سىياسەت تەتقىقاتى بىلەن سىياسەت شۇغۇللىنىش ئايرىم ئايرىم مەسىلە. تۈركنىڭ يىنىغا بارسىڭىز تۈركچى، مۇسۇلماننىڭ يىنىغا بارسىڭىز مۇسۇلمان، دىنسىزنىڭ يىنىغا بارسىڭىز دىنى ئەركىنلىك قوغدىغۇچىسى بولىسىز. پۈتۈن ئۇيغۇرغا تارىخنىڭ چاقىدا ئۇگۇلۇپ، «ئۆلكە ئوچاقلىرى» تەرىپىدىن تىرىۋىلىنغان پانتۈركىسىت ئىدىيەلىرىڭلارنى تەشۋىق قىلىشتىن ئۆتە بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمىسا كىرەك.
ئۇيغۇرنىڭ دۇنياغا تەشۋىق قىلىدىغان بەك كۆپ نەرسىسى بار. مىيىپلىرى، جەسەتلىرى، رۇھى ۋە جىسمانى زەخمىلەنگۈچىللىرى، ئاھلىرى، چۈشكۈنلۈكلىرى ۋە دۇنياغا بولغان ئۆمۈدسىزلىكلىرى بار. بىزنىڭ دۇنياغا ئۆتەيدىغان قەرزىمىز يوق، دۇنيانىڭ بوينىدا بىزگە تۆلىشى كىرەك قەرزى بار.
ئەرەپنىڭ ياكى تۈركنىڭ پانئىسلام، پانتۈرك شۇئارلىرىنىڭ ھىچبىر يەرىنى ئۆزگەرتمەي شۇلارغا ئوخشاش شەكىلدە توۋلاپ ئۆزىمىزگە ئىشلىتەيلى!
پەلىپەتىش ئىدىيىلەرگە ئىشىنىشكە ئەمەس، ئىشلىتىشكە قادىر بولۇش لازىم. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسى.
Görüntünün olası içeriği: 1 kişi, sakal, şunu diyen bir yazı 'Demokrasi, bir eğitim işidir; Eğitimsiz kitlelerle demokrasiye geçilirse oligarşi olur. Devam ederse demagoglar türer. Demagoglardan da diktatörler türer. Platon'
Share
2832 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.