logo

trugen jacn

مەمەت ئىمىن:“2019 – يىللىق دېموكىراتىيە مۇكاپاتى“ توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت


مەمەت ئىمىن
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2019 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن،  ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى (NED) ئامىركىنىڭ پارالامەنت بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرىلتېيىغا 2019 – يىللىق دېموكىراتىيە مۇكاپاتى بەردى. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، جۈملىدىن ئامىركا ھۆكۈمىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازى دەپ تونىغانلىقى ئۈچۈن، دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سېموۋۇلى بولغان بۇ مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بەردى. بۇ كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھەم شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋاسى، ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ، جۈملىدىن ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەزمەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى. ئەسلى بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرۈشكە تىگىشلىك بۈيۈك بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق بىز كۆرگەن رىياللىق تامامەن ئۈمۈت قىلغاندەك بولمىدى. مۇئاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن خوش بولغان ۋە ئۈمۈتلەنگەن بولسا، بىر قىسىم كىشىلەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا قاراتقان ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيىتتى. بۇ ھۇجۇملار ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىكى بەزى ئىنسانلاردىن كىلىشى ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى. شۇ سەۋەپتىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا بولغان چۈشەنچەمنى يىزىپ، قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۆردۈم.

ئامىركا پارلامەنت ئەزاسى جەيمىس مەكگاۋىن (James McGovern) 2019-يىللىق دەموكىراتىك مۇكاپاتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە.
ئامىركا دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ 2019 – يىللىق دېموكىراتتىيە مۇكاپاتى، يالغۇز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بىرىلگەن مۇكاپات بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر داۋاسىغا بېرىلگەن مۇكاپات. پۈتۈن ئۇيغۇر داۋاسسىغا بىرىلگەن ئۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ مۇكاپات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە ئۇنى قوللۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خەلقارا قانۇنلارغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋىرسال قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بارغان داۋاسىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇكاپات، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى تىنچلىق بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەر خىل پالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇكاپات ئامىركىدىكى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيالىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھەر خىل پالىيەتلىرىنى يىقىندىن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا ئالى مەكتەپلەردە، مېچىتلاردا، چىركاۋلاردا ۋە ھەر خىل ئامماۋى سورۇنلاردا ئىلىپ بارغان يىغىن، كۆرگەزمە ۋە گۇۋالىق بىرىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇ مۇكاپاتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋاسىنىڭ، دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، ھەم شۇنداقلا ئامىركا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەزمەنلەشتۈرلىشى. ئۇ مۇكاپات يالغۇز دەموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ موھىمى ئۇ ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ”ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسى ھەقلىق داۋا، ئۇلارنى بىز قوللايمىز“ دىگەن كۈچلۈك بىر سىگنالنى بىرىشى ھىساپلىنىدۇ.
بىز ئويلاپ باقايلى، مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بولسۇن، مەيلى باشقا تەشكىلاتلار بولسۇن، مەيلى ئامىركىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئەجىبا بىز ھەممەيلەن ئۇزۇندىن بىرى ئامىركا ھۆكۈمىتى ۋە ئامىركا خەلقىگە ئۆز دەردىمىزنى ئاڭلىتىپ، ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋايىمىزنى قوللىشىنى ۋە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگىزىۋاتقان مۇستەملىكە ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىشىنى تەلەپ قىلمىدۇقمۇ؟  ئەگەر ئامىركا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرى بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىسا، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە تۇر دىمىسە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ بىزنىڭ دىنى قىرىنداشلىرىمىز بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىدۇقمۇ؟ ئەمدىلىكتە ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، شۇنداقلا ئامىركا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ داۋايىمىزنى قوللاپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ”ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسى ھەقلىق داۋا، ئۇلارنى بىز قوللايمىز“ دىگەن سىگنالنى بىرىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بۇ مۇكاپاتنى بەرسە، بىز پەخىرلىنىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمۈتلىنىشنىڭ ئورنىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ھۇجۇم قىلساق، داۋانىڭ ئالدىدا ماڭغان شەخىسلەرگە ھاقارەت قىلساق، بىز زادى كىمنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىمىز؟ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز زادى كىم؟ ئەجىبا ئۇ مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بەرمەي، باشقا بىرسىگە بەرسە ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنى ياخشى باستۇرىۋاتىسىلە دەپ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە بەرسە، خوش بولاتتۇقمۇ؟

مەن ئۆتكەن يىلى ئىلىپ بارغان ئىككى قىتىملىق راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئامىركىنىڭ بىزنىڭ مىللى داۋادا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە تىقىلغان مىخ ئىكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بىر قىسىم غوللىق ئەزالىرىنى،  خەلقاراغا تەرورچى دەپ ئىلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل پالىيەتلىرىنى ۋە ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرىنى، ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يىقىن مۇناسىۋەتتىكى دۆلەتلەرگە ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغان دۆلەتلەرگە كىرىشى چەكلىنىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى داۋانى نۇقسانسىز ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ دىمەيمەن، بىراق ھازىرقى مەۋجۇت تەشكىلاتلار ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى داۋانى نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملىك ئىلىپ بىرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خەلقارادىكى كۆپ ساندىكى دۆۋلەتلەر ئەڭ ئىتىراپ قىلغان بىر تەشكىلات؛ ئۇ مۇئاجىرەتتىكى بولۇپمۇ داۋانىڭ موھىم قوللۇغۇچىسى بولغان غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ كۆپ زىيالىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن بىر تەشكىلات.
بەزىلەر بەلكىم دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى شەخسى بىر ئورگان تۇرسا، ئۇ قانداق قىلىپ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىق قىلىدۇ دەپ قارىشى مۈمكىن. شۇنداق، گەرچە دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، ئىختىزادى كېرىم كەلتۈرمەيدىغان شەخسى ئورگان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى شەخسى ئورگان ئەمەس.  دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى بۇرۇنقى ئامىركا پىرەزىدەنتى رونالد رىگاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1983- يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىختىزادىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامىركا پارلامەنتى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى، ئامىركا پارلامەنتى ۋە ئامىركا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ. ئامىركىدا بۇ خىلدىكى قارىماققا شەخسى ئورگاندەك كۆرۈنگەن ئورۇنلار خىلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان.

دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ پىرەزىدەنتى كارىل گېرىشمەن(Carl Gershman) ئەپەندى
كارىل گېرىشمەن (Carl Gershman) ئەپەندى 1984 – يىلىدىن بىرى دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ پىرەزىدەنتلىك ۋەزىپىسىن ئۆتەپ كەلگەن. ئۇ بۇ ۋەزىپىگە كىلىشتىن بۇرۇن ئامىركىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىدا 30 دىن ئارتۇق ئىدارە دائىمى ھەيئەت (board) ئەزاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇرۇنقى پارلامەنت ئەزاسى، سىياسىيۇن، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە دىپلوماتلاردۇر. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ ھازىرقى ئىدارە دائىمى ھەيئەت رەئىسى (Chairman of the board) ئەندىرۇۋ كارد (Andrew H. Card) ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتىن بۇرۇن ئاق ساراي بۆلۈم مۇدىرى 
(WhiteHouse chief of staff)، ئاق ساراي ئىراق گۇرپىسىنىڭ باشلىقى 
(Head of White House Iraq Group) ۋە ئامىركا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق موھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. ئۇندىن باشقا بەزى داڭلىق ئۇنىۋەرسىتلارنىڭ خەلقارا مۇناسىۋەت، تاشقى ئىشلار ۋە سىياسەت كەسسىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم پىراپىسۇرلار دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىدا مەسلەھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ رەئىسى ئەندىرۇۋ كارد(Andrew H. Card) ئەپەندى
ھازىر دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، يىلىغا 90 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى كۆپلىگەن ئامماۋى تەشكىلات (NGO) لارغا 1600 دىن ئارتۇق تۈر (project) ئارقىلىق ئىختىزادى ياردەم بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 تۈر (project) خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى داۋا ئىلىپ بىرىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى، ئامىركا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەق-ھوقۇقى پوراجەكتى (UHRP) قاتارلىق تەشكىلاتلار بار. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى قوللىشى ھەرگۈزمۇ ئۇ تەشكىلات ۋە تەشكىلار رەھبەرلىرىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىگە ئارقا ئىشىك ياكى خوشامەت قىلىشىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋالار ھەقلىق داۋا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇ داۋالارنى خەلقارا قانۇنلار ئاساسىدا سىستىمىلىق ئىلىپ بارغانلىقىدىندۇر.
بەلكىم بەزىلەر دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە يۇقۇرقى باشقا تەشكىلاتلارغا پۇل بەرسە، باكارغا بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋانى قوللىسا، مەخسەتلىك قوللايدۇ دەپ قارىشى مۈمكىن. توغرا، بىزدە ”باكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ“ دەيدىغان گەپ بار. بۈگۈنكى بۇ دۇنيادا باكارلىق ۋە ياكى بەدەلسىز ھىچ ئىش يوق. ھەرقانداق ئىشنىڭ بىر بەدىلى بار، بىراق شۇنداقتىمۇ بۇ دۇنيادا ”يالغۇز مەن ياشاي، مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولسۇن“ دەيدىغان كىشىلەردىن باشقا، يەنە ”بىرلىكتە ياشايلى ۋە كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولايلى“ دەيدىغان ئىنسانلارمۇ بار. تىجارەت قىلاي دىسە دەسمايى يوق، كۈندۈلۈك تۇرمۇشى قېيىن ئەھۋال ئاستىدا قالغان بىر ئادەم، بانكىدىن ۋە ياكى تونۇش بىلىشلىرىدىن قەرىز ئىلىپ تىجارەت قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن، ئۇ قەرىز ئالغان پۇلغا ئۆسىمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئۇ ئادەمنى ئەيىپلەيمىزمۇ ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ قەرىزگە تايىنىپ ئۆز ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىشىنى ئاقىلانە ئۇسۇل دەپ قوللايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددى بىر مىسال بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئامىركا بىزگە ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۋالىدىغان قەرىز بىرىۋاتىدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، بىز ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامىركا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە مۇختاج. يالغۇز ھازىر ئەمەس، بىز مۇستەققىل بولغاندىن كىيىنمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان خەلقارانىڭ قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا مۇختاج. ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىتىراپ قىلىشى بولماي تۇرۇپ، بىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىز ئاسان ئەمەس؛ بىز خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان خەلقارانىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە قولىشى كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى جەمھۇريەتلەر، ئىشىنىمەنكى ھەرگۈزمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيەگە بولغان سۆيگۈسى سەۋەبىدىن ھازىرقىدەك سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقىنى يوق؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن شۇنداق سىياسەت تۇتۇشقا مەجبۇرى. بىز مۇستەققىل بولغاندىن كىيىنمۇ، زىمىنىمىزنى باشقا يەرگە يۆتكەپ ئىلىپ كىتەلمەيمىز، يەنىلا شۇ خىتتاي دۆلىتىگە چىگىرداش بولۇپ، ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تىنچ ياشاشقا مەجبۇرىمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بىزنىڭ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان ئىككى جەمھۇريىتىمىز، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى مەركەز قىلغان خەلقارانىڭ يىتەرلىك قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە يەم قىلىندى. ئۇ چاغدا مەيلى بىزنىڭ ۋەتەندىكى نوپۇسىمىز بولسۇن ۋە ياكى بىزنىڭ كۈچىمىز بولسۇن، ھازىرقىدىن نىسبەتەن كۆپ ۋە كۈچلىك ئىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تەسىرى كۈچى ۋە خەلقارادىكى ئورنى ھازىرقىدىن نىسبەتەن كۆپ تۆۋەن ئىدى. شۇنداق بىر ئەھۋالدا قولىمىزغا ئىلىپ بولغان مۇستەققىللىق قولىمىزدىن كەتكەن يەردە، ئەمدىلىكتە بىز نىمىمىزگە تايىنىپ بىرىنى ئۇنداق دەپ تىللاپ، يەنە بىرىنى بۇنداق دەپ ئىنكار قىلىپ يۈرىمىز؟ ئەينى ۋاقىتتا ھىچ بولمىسا خەلقىمىزنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى بار ئىدى، قولىدا قورالى بار ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خەلقىمىزدە قورال ئەمەس، ھەتتا ئۆيدىكى پىچاقلارغا زەنجىر سىلىندى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، كەلگۈسىدە تۆلەش ئىھتىمالى بولغان ئۇ بەدەلدىن قورقاپ، ئامىركا ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ياردەمنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ داۋانى قۇرۇق شۇئار توۋىلاپ قىلامدۇق؟
يېقىنقى 100 يىللىق دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئامىركا، ئەڭىلىيە ۋە روسىيەنىڭ دۇنياغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن يىڭى دۇنيا خەرىتىسى ئاساسەن مۇشۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بىلەن قايتىدىن سىزىلىپ چىقتى. ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن جەنۇبى كورىيە، غەرىپ گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە روسىيە، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا دۇنياغا كەلگەندە شىمالى كورىيە ۋە شەرىقى گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. ھازىر دۇنيادىكى 70 دۆلەتتە ئامىركىنىڭ 700 دىن ئارتۇق ھەربى بازىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامىركا بىلەن ھەمكارلاشقىنى ۋە ياكى ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكىنى ئۈچۈن ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىنى يوق؛ ئۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدا خارلانغىنى يوق؛ ئەكسىنچە خىلى كۆپ دۆلەت خەلقىدىن بەكرەك ئەركىن ياشاپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە تەسلىمچىلىك ۋە بىقىندىچىلىقنى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەسمەن. مەن ئالمال بولسا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشنى، ھېچكىمگە بىقىندا ۋە مۇنقەرىز بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرسى؛ بىراق بۇلارنىڭ ھىچ بىرى قۇرۇق شۇئار ۋە سوبىكتىپ ھىس تۇيغا بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. بىز شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كىرەككى، بۇ دۇنيانىڭ ئادەلىتى ئاجىزلارنىڭ قولىدا ئەمەس، كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا. دۇنيا بىچارە قىياپەتتە يىغلىغانلارنى، ئارقىغا مۆكۈنىۋىلىپ، غەيۋەت شىكايەت قىلغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئاڭلايدۇ.

ئامىركىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 70 دۆۋلەكە جايلاشقان 700 دىن ئارتۇق ھەربى بازىلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى
https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/06/2019.html

Share
5868 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.