logo

trugen jacn

ئىككىتۈرلۈكبىرىكمەدوراۋەدۆلەتلىك DNA سانلىقمەلۇماتئامبىرىنىڭئارقىسىدىكىئادەتتىكىكىشىلەرئويلاپمۇيېتەلمەيدىغانرەزىللىكلەر! ئۇلارنىتوسمىساق،بىرمىليارد 400 مىليۇنخىتايتىرىكئەزائامبىرىغائايلىنىدۇ.


(لىيىپىڭ (李一平) نىڭ 2019- يىلى 9- سىنتەبىردە، ئۆز يۇتۇب قانىلىدا سۆزلىگەن سۆزى.)

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن ھازىر سىلەر بىلەن بىللە بەزى بىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ئۇچۇرلارنى بىزنىڭ «ئومۇمىي خەلق ئادالىتى» ئەترىتىمىز بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەسلى مەزمۇنىنى Chen jin ئۆز ۋىدېئوسىدا ئېيتىپ ئۆتكەن.

بۈگۈن مەن دۆلەت ئىچىدىكى بەزىبىر دوستلاردىن ئىسپاتلارغا ئېرىشتىم. بۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ئۇچۇرلار نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە. چۈنكى نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ زالىملارنىڭ، بۇ مۇستەبىتلەرنىڭ قەبىھلىكىنىڭ دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىراق بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىز، بۇ رەزىللىكلەرنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلارنى قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىشىنىڭلار، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭلار.

ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىست گېرمانىيىسى مۇشۇنداق قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئالتە مىليۇن يەھۇدىنى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلغان،  ھەتتا تاغدەك دۆۋىلەنگەن جەسەتلەرنىڭ ئالتۇن چىشلىرىنى يۇلىۋالغان. ئاندىن ئۇلارنى چوڭ تىپتىكى يېپىق مەشلەرگە سولاپ، كۆيدۈرۈپ يوق قىلغان. شۇ چاغلاردا بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئانچە كۆپ ئادەم ئىشەنمىگەن. تاكى ئامېرىكا ئارمىيىسى، تاكى ئىتتىپاقچى ئارمىيە ناتسىست گېرمانىيىسىنى غۇلىتىپ، ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان شۇ رايونلارغا بېسىپ كىرىپ، ئاشۇ يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى، ئاشۇ چوڭ تىپتىكى مەش-ئوچاقلارنى، ئاشۇ چوڭ تىپتىكى كوللىكتىپ كۆمۈلگەن ئازگاللارنى تاپقۇچە، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى سىنغا ئېلىپ ۋە رەسىملەرگە تارتىپ دۇنياغا ئاشكارىلىمىغۇچە، بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئانچە كۆپ ئادەم ئىشەنمىگەن. ناتسىستلار ئۆلتۈرۈپ ئۈلگۈرمىگەن، ئورۇقلاپ بىر سۆڭەك، بىر تىرە بولۇپ قالغان ئاشۇ توپ-توپ يەھۇدىلارنى، كۆمۈپ ئۈلگۈرمىگەن ئاشۇ توپ-توپ جەسەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن كىشىلەر بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈزبەرگەنلىكىگە ئىشەنگەن. نيۇرىنبېرىگ سوتىدا يەھۇدىلار قىرغىنچىلىقى كۆرسىتىلگەن سىنلار ۋە رەسىملەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر قاتتىق چۆچۈگەن. بۇ دۇنيا مۇشۇنداقمۇ ۋەھشىي ھاكىمىيەت، مۇشۇنداقمۇ ۋەھشىي ئىنسانلار بولامدۇ – ھە؟ ئەمەلىيەتتە راستلا بولغان. ئەمما، ناتسىست گېرمانىيىسى بىردىن بىر ئەمەس. بۇنداق ۋەھشىيلىكلەر نۇرغۇن دۆلەتلەردە بولغان، بولۇپمۇ كۇممۇنىست دۆلەتلەردە بولغان. خىتايدىمۇ بۇرۇن يۈز بەرگەن، ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. 

دەسلەپكى 30 يىلدا، خىتايدا زور جىنايەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. تىنچلىق مەزگىلىدىلا نەچچە مىليۇن گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى، ئەسكەرلەر قىرىلغان. تىنچلىق مەزگىلىدە ئۇلار ئاللىقاچان تەسلىم بولۇپ بولغان تۇرۇقلۇق، ھېچقانداق قارشىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان تۇرۇقلۇق ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ئاممىنى قوزغىتىپ تۇرۇپ،  گومىنداڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان مىليۇنلىغان يەر ئىگىلىرى، بايلار ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى زىيالىلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىپ، نەچچە مىليۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزىلەر :«بۇ پەقەت دەسلەپكى 30 يىلدا يۈز بەرگەن ئىشلار. بىراق، كېيىن ئۇلار بۇ خاتالىقلارنى تۈزەتتى، تېخىمۇ ئاقىلانە، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك بولۇپ كەتتى. ئىسلاھات ئېلىپ باردى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتتى…» دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ پەقەت ھەرىكەت شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. قانداق پىسخىكىلىق ھالەت ئۇ؟ ماۋزىدۇڭ بۇرۇن كوممۇنىستلاردا ئورتاق بولغان ئاشۇنداق بىر خىل ئاڭنى ناھايىتى تىپىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نېمە دېگەن؟ ئۇ ئەينى دەۋردىكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، يادرو قوراللارنىڭ تەھدىتى بولغان مەزگىللەردە :«بىز قورقمايمىز، بىزدە ئەڭ كۆپ نەرسە ئادەم – 800 مىليۇن ئادەم بار. يېرىمى ئۆلۈپ كەتسىمۇ، شۇ ئۆلگەن يېرىمىنى ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىپ، قالغان يېرىمى ئارقىلىق ئامېرىكا جاھانگىرلىكى بىلەن، سوۋىت رېۋىزىئونىزمى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىۋىرىمىز.» دېگەن. مانا بۇ تىپىك ھالدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كۆز قارىشى. مۇشۇ خىل كۆز قاراش بولسىلا، ئۇلار ئادەمنىڭ ھاياتىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئۇلار پۈتۈن خەلقنى ۋە ئۇلارنىڭ مال-بىساتىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، سىياسى ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قورال، دەپ قارايدۇ. ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ئوخشاشلا بۇ خىل پىسخىكىلق ھالەتكە ۋارسلىق قىلىپ كەلدى. دىڭشياۋپىڭ 1989- يىلىدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتىن خېلى بۇرۇنلا :« بىز ھاكىمىيەتنىڭ 20 يىللىق تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 200 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرسەك ئەرزىيدۇ.» دېگەن. مانا بۇ ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ داۋامىدۇر. دىڭشياۋپىڭمۇ ئۆلدى. بىراق، ئۇنىڭ سىياسىتى، كۆز قاراشلىرى يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كېيىن، جياڭزېمىن ھاكىمىيىتى فالۇنگۇڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. نەچچە مىليۇن فالۇنگۇڭچىلارنى تۇتۇپ مېڭىسىنى يۇيدى، دەھشەتلىك قىيىن – قىستاققا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى تىرىك پىتى كېسىۋىلىنىدى. پەقەت لياۋنىڭدىلا، ھېلىقى ۋاڭلىجۈن دېگەن ج. خ. ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان چاغدا، بىر تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان. بۇ ئاتالمىش تەتقىقات ئورنىدا ئىچكى ئەزالارنى تىرىك پېتى كېسىپ ئېلىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنغان، يەنە تېخى پاتېنتقىمۇ ئېرىشكەن. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭغا پاتېنت ھوقۇقى مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغاندا، ئۇ :«بۇ نەچچە مىڭلىغان كلىنكىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تەجرىبىسىدىن كەلگەن تەتقىقات نەتىجىسى.» دەپ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئېيتقان.  مانا بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ ھاكىمىيەت دىڭشياۋپىڭ ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ خىل قەلبلەرنى تىترىتىدىغان قەبىھ سىياسەتنى زور كۆلەمدە يۈرگۈزىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ قەبىھ سىياسەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتتى. شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليۇن ئادەم يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا سولىنىپ، قاتتىق خورلىنىۋاتىدۇ، قاتتىق جازالىنىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىدۇ، بۇ ۋەھشىي قىلمىشنى ئەيىپلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا مۇشۇ ئىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلەت سىياسىتى ئارقىلىق كۇممۇنىستلارنى جازالاشقا ئۆتتى. 

مەن يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ ئۆتكەن، تارىخقا ئايلىنىپ بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىمى ھازىر يەنە داۋاملىشىۋاتقان رەزىللىكلەردۇر. ھازىر مەن تۆۋەندە ئېيتماقچى بولغان ئىش بولسا، تېخى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتمىغان بىر ئىش. 

بىرىنچى ئىش: خىتاي كۇممۇنىستلىرى ھازىر بىر خىل «Zuji» يەنى «بىرىكمە دورا» دەپ ئاتىلىدىغان، بىر قانچە خىل دورىنىڭ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن دورىنى كەشىپ قىلدى. بۇ ئاساسلىقى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈرى بولسا نېرۋىنى كونترول قىلىدىغان دورا. بۇ خىل دورا ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم خۇدىنى يوقىتىدۇ، سىرتقى دۇنياغا بولغان ئىنكاسى سۇسلىشىدۇ. نورمال ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك بەزى ئىنكاسلار، مەسىلەن: نورمال ئادەملەردە ئاجىزلار بوزەك قىلىنغاندا، ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش قاتارلىق ئىچكى ھېس-تۇيغۇرلار بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ئېشىپ، مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا پارتىلاپ چىقىدۇ. بۇ ئۆتكەنكى كۆپ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن. خىتايلار ئەسلىدە ھەرگىزمۇ بىر قۇل مىللەت ئەمەس، ئەكسىچە قارشىلىق روھىغا ئىگە. 2010- يىلى خۇبىينىڭ شىشوۋ (Shishou) رايونىدا، بىر بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئاشپەز ئۈچۈن نەچچە تۈمەن ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، قارشىلىق بىلدۈرگەن. كېيىن نۇرغۇن ئادەم قولغا ئېلىنغان. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، جېجىياڭنىڭ چاڭنەن (Changnan) رايونىدىمۇ مۇشۇنداق ۋەقە بولغان. خىتاينىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە ئامما ھەرىكەتلىنىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان ھەرىكەتلەر، تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى تۇرغان ھەرىكەتلەر، ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر بولغان. خىتاي كومپارتىيىسى بۇ ۋەقەلەرنى «توپلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇش» دەپ ئاتىۋالغان. بۇ خىل دورا ئادەملەرنىڭ روھانىيىتىدىكى مۇشۇ خىل نورمال قارشىلىقلارنىمۇ يوق قىلىدۇ. بۇ خىل دورا سىزنى تىرىك مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ، سىرتقا دۇنياغا بولغان سېزىمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلار ھازىر ئىشلىتىلىشكە باشلانغان. ئىككىنچى تۈردىكى دورىلار بولسا جىسمانىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرىدىغان دورىلار بولۇپ، بۇ خىل دورىلار تېخىمۇ قەبىھ. بۇ خىل دورىلار سىزنىڭ روھىڭىزغا تەسىر كۆرستىپلا قالماستىن، زەھەرلىك ئېلىمىنتلار بەدىنىڭىزدە ئاستا – ئاستا كۆپىيىدۇ. دەسلىپىدە سىز پەقەت بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىسىز، ئەمما سەۋەبىنى تاپالمايسىز. دوختۇرغا كۆرۈنسىڭىزمۇ سەۋەبىنى تاپالمايدۇ، دوختۇر نېمە كېسەل بولغىنىڭىزنى بىلەلمەيدۇ، بىراق بەدەنىڭىزدە بىنورماللىقنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ خىل زەھەرلىك ئېلىمىنتلار يىغىلىپ مەلۇم بىر چەككە بارغاندا، ئىچكى ئەزالىرىڭىز رەسمىي كاردىن چىقىدۇ. مەسىلەن، جىگەر راكى، بۆرەك زەئىپلىشىش ياكى باشقا ھەرخىل شەكىلدىكى كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ بىرخىل بىرىكمە دورا بولۇپ، راك قاتارلىق ناھايىتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ قىرغىن قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقۇرى. خىتاي كومپارتىيىسى ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدىن بېرى، مۇشۇ تۈردىكى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ كېلىۋاتىدۇ ھەم بەزى بىر كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە سىناق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەنكى كۆپلىگەن خەلق ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۈرمىلەرگە سولانغاندا، ئەسلى تېنى ساغلام بولۇپ، تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. مەسىلەن، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇشياۋبو ئەپەندى ئەمدى تېخى 60 ياشقا كىرگەن چاغدا، جىگەر راكى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەرگىزمۇ تەرتىپسىز، ئېگىز – پەس ئەمەس، ئەكسىچە تۇرمۇش تەرتىپى ئىنتايىن ياخشى بولغان بىر ئادەم ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈلگىلىك تۈرمە» دەپ ئاتالغان تۈرمىدە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولدى. يەنە بىرسى خۇبىيدىكى خەلق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى پىن مىڭ (Pen ming) خۇبىيىنىڭ شاياڭ (Shay ang) دېھقانچىلىق مەيدانىغا نەزەربەنت قىلىنغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەن. ئۇمۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 60 قا كىرگەن ئىدى. يەنە بىرسى بولسا، جياڭسۇدىكى خەلق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى ياڭتيەنشۈي (Yang tian shui) كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ،  تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۆلگەن. مانا بۇلار خىتاي كومپارتىيىسى تۈرمىلەردە تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ ئىشلەتكەن كىشىلەر. يەنە نۇرغۇنلىغان نامىسىز دىنى پائالىيەتچىلەر ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مۇشۇنداق سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ كەتتى. بۇ خىل دورىلار تەتقىق قىلىنىپ چىقىلدى،  ئۇلارنىڭ گېپى بويىچە ئاللىقاچان كلىنىكىلىق تەجرىبىدىن ئۆتۈپ بولدى، ئاللىقاچان زور كۆلەمدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ دورىلار ئاشتۇزى، ئىچىملىك سۇ، ھەرخىل يېمەكلىكلەرگە قوشۇلۇش ئارقىلىق تارقىتىلدى، ھەتتا بەزى دورىلارنىڭ تەركىبىگىمۇ بۇ خىل بىرىكمە دورىلار ئارىلاشتۇرۇلدى. مەقسىتى بىر قىسىم كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىش، جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش. بۇ خىل ئادەم روھىنى كونترول قىلدىغان دورىلار ئاساسلىقى نۇقتىلىق بىر قىسىم كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېين، خىزمەت تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەلگىلىك بىلىم سەۋىيىسى بار، جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچىسى بار، ھەم شۇنداقلا ياش، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاسانلا مەۋجۇت تۈزۈلمىگە قارشى تۇرۇش يولىغا ئاتلىنپ كېتەلەيدۇ. بۇ خىل كىشىلەرگە روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىش دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. سىلەر بېيىجىڭ، شاڭخەيدىكى بەزىبىر ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. شۇ يەرلەردىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلاردا مۇشۇ خىل كېسەللىك ھالىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى 20 يىل بۇرۇنقى، ھەتتا 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئاشۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايلىرىدا ھېچبىر ئىپادە يوق، ناھايىتى بىخۇد ھالەتتە، سىرتقى دۇنياغا ھېچبىر ئىنكاسى يوق. ھەقىقەتەنمۇ تىرىك مۇردىلارغا ئوخشاپ قالغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيە مۇشۇ خىل دورىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەدىنىدە شۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرىدىغان دورىلارنى بەزىبىر خەلق ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرىگە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ۋە بەزىبىر لېبىراللارغا، فالۇنگۇڭچىلارغا ۋە بەزىبىر يەر ئاستى خىرىستىئان دىنى مۇرتلىرىغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئىشىنىشكە بولمايدىغان، بالدۇرراق كۆزدىن يوق قىلىش زۆرۈر بولغان كىشىلەر توپىدۇر. خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تۈزۈلمىگە، شىمالىي كورىيە تۈزۈلمىسىگە قاراپ قەدەم ئېلىۋاتىدۇ. بۇ تۈزۈلمىنى رەسمىي يولغا قويغاندا، چوقۇم بىر تۈركۈم ئادەملەرنى كۆزدىن يوقىتىدۇ. خۇددى ماۋزىدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى «ئەكسىيەتچلىك كۈچلەر» دەپ ئاتىۋالغان يەر ئىگىلىرىنى، گومىنداڭنىڭ ھەربىي خادىملىرىنى، دىنىي ساھەدىكى كىشىلەرنى يوق قىلغاندەك. ھازىر شىجىنپىڭ ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكى تۈزۈلمىنى قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتىدۇ. ئۇ چوقۇملام جەمئىيەتتىكى قارشىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى بولغان شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى  يوقىتىدۇ. بىرىنچىدىن ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىككىنچىدىن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، دىنى زاتلار، خەلق ھەركىتى پائالىيەتچىلىرى، لېبىرال زىيالىلارنىڭ ھەممىسى يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھازىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر بىلەن، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن، مۇشۇ تۈردىكى كىشىلەرنى نىشانلاپ تۇرۇپ دورا بېرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىز كۈن-كۈنلەپ روھسىز يۈرسىڭىز، سىرتقى دۇنياغا بولغان ئىكاسىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، پۈتۈن بەدىنىڭىز بىئارام بولۇپ، ئەمما ھېچقانداق كېسەل بايقالمىغان چاغدا، چوقۇڭ ئېھتىيات قىلىڭ، چوقۇم يېمەك-ئىچمىكىڭىزگە دېققەت قىلىڭ. ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ھالەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭغا چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. 

مەن يۇقۇرىدا دېگەن بۇ ئىككى تۈردىكى بىرىكمە دورىلار ئاساسلىقى ئالاھىدە تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى نىشان قىلغان. مەن دېمەكچى بولغان يەنە بىر ئىش بولسا ھەممە پۇقرالارغا قارىتىلغان تەدبىر بولۇپ، بۇ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. تەخمىنەن بىر، ئىككى ئاي بۇرۇن، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەرلەرنىڭ DNA سىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، بارلىق ئەرلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى ساقچىخانىلارغا ياكى سەھىيە ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بەزىلەرنىڭ شۆلگەيلىرى ئېلىنغان، بەزىلەرنىڭ قېنى ئېلىنغان. ئۇنداق بولسا ئۇلار بۇنداق غايەت زور تىپتىكى DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ياساش ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟ بۇنداق چوڭ ھەرىكەت توغرىسىدا خىتاي كومپارتىيىسى ھېچقانداق بىر ھۆججەت چىقارمىدى، كەڭ خەلق ئاممىسىغا بۇ DNA سانلىق مەلۇماتلىرىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. پەقەت بەزىبىر پۇقرالار سوراپ قالغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار، ئىجراچىلار ياكى ساقچىلار ئاساسلىق مەقسەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، مۇبادا بىرەرسى مەلۇم بىر يەردە جىنايەت ئۆتكۈزسە، پەقەت جىنايەتچىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈپ چىقسىلا، قەيەردىن كەلگەن دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئاسانلا تېپىپ، جىنايەتچىنى تېزراق قولغا ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. جەمئىيەت ئامانلىقىنى كونترول قىلىش بەلكىم شۇ مەقسەتلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىغا تېخىمۇ چوڭ مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان. بۇ مەقسەتلەر تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، تېخىمۇ قەبىھ. كۆپچىلىك بەلكىم بىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆمرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆمرىدىن كۆپ ئۇزۇن. خىتايدىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر قانچىلىك؟ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلغىنى 76 ياش. بۇ پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتقىنى. خەلق ئارىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بولسا پەقەت 65، 66 ياش ئەتراپىدا. بىراق خىتاي كومپارتىيىسىدىكى بۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 93 ياشقا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىدىن 26، 27 ياش يۇقۇرى. بۇ ئادەتتىكى پۇقرالاردىن يۇقۇرى بولۇپلا قالماستىن، غەرب ئەللىرىدىكى دېمۇكراتىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن 12 ياش يۇقۇرى. بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ بۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۈتۈنگەنلىكىدىنلا بولغانمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بۇنىڭ بىر قانچە ئامىللىرى بار. بىرسى ئۇلار ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئادەتتىكى خىتاي پۇقراسىدىن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەمما، چەتئەلدىكى رەھبەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنداق ئەۋزەللىك يوقتە. چۈنكى چەتئەلدىكى ئۇ يېمەكلىكلەر ھەممىسى بېخەتەر تۇرسا، ھەممىسى ساغلام يېمەكلىكلەر تۇرسا. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرىمۇ چەتئەلدىكى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. بۇ جەھەتتىن ئەۋزەللىكى يوق. ئۇلارنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىمۇ ئادەتتىكى پۇقرالارغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى بار. ھەر بىرىنىڭ ھەر يىلى داۋالىنىش ۋە  ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان راسخوتى 20 مىليۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرادىن بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار. بىراق، داۋالىنىش شارائىت ياخشى بولسىلا، قېرىلىقتىن بولغان كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولمايدۇ. چەتئەلدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ داۋالىنىش شارائىتلىرى ئىنتايىن ياخشىغۇ. ھەتتا چەتئەلدىكى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭمۇ داۋالىنىش شارائىتلىرى ناھايىتى ياخشى. نېمىشقا ئۇنچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ؟ شۇڭا بۇنى پۈتۈنلەي ئېنىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم داۋالىنىش شارائىتى ياخشى بولغاچقا ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن بىر قانچە يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. ئەمما 20 نەچچە يىل ئارتۇق ياشىيالىشى ناتايىن. چۈنكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىدىن خالىغان بىرسى بۇزۇلسا ياكى كاردىن چىقسىلا، ئادەمنىڭ داۋاملىق ياشىشى تەس. شۇڭا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ بىر مەخپى رېتسېپى بار، ئۇ بولسىمۇ دائىم ئىچكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. ئەگەر بىر ئىچكى ئەزا كاردىن چىقسا، ئۇلار دەرھاللا يېڭى بىر ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇپ، ھاياتىي قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ كەلگەن. بۇ ئىچكى ئەزالار نەدىن كەلگەن ئەمىسە؟ باشقىلارنىڭ بەدىنىدىن ئالغان. خىتايدا ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئىنتايىن تېز تەرەققى قىلغان. بۇ جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىگە يېتىپ باردى، دېيىشكە بولىدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى داۋالانغۇچىلار، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلمىغان مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى داۋالانغۇچىلار ھەممىسى خىتايغا كېلىپ، ئەزا ئالماشتۇرىدۇ. زىمبابۋېنىڭ ئالدىنقى مۇستەبىت ھۆكۈمرانى مۇگابې (Mugabe) 97 ياشقىچە ياشاپ، تېخى ئالدىنقى ئايدا ئۆلدى. ئۇمۇ خىتايغا بېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغان. ئەمما ئۇ بىردىن بىرى ئەمەس. 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، مەن كاناداغا ئەمدى كەلگەن چاغلىرىمدا، بىر دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل مېدىتسىنا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ يەردىكى بىر دوختۇرنىڭ دېيىشىچە دوختۇرخانىدىكى بۆرىكىنى تازىلىتىۋاتقان بىمارلارنىڭ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىپ، بىر، ئىككى ئايدىن كېين پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھەمدە بۇ دوختۇرغا ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىپ، بۆرەك ئالماشتۇرپ كەلگەنلىكىنى، ئېيتىپ بەرگەن. بۇنداق ئىش دائىم دېگۈدەك بولۇپ تۇرغان. ئەزا ئالماشتۇرۇشنىڭ خىتايدا غايەت زور كەسپىي زەنجىرى بار. 2015- يىلدىن بۇرۇن خىتاينىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭجيەفۇ (Huang jie fu) ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر، دەپ كۆپ قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلغان. كېين ئۇلار بىر قانۇن ماقۇللاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغان. ئەمما بۇ قانۇن ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىنمىغان. بۇ پەقەت ئېلان قىلىپ سىرتقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا قىلىنغان ئىش. ئۇلار يەنىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. زور كۆپچىلىك خىتايلار ،يەنى 99.99% خىتاي ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشنى خالىمايدۇ. ئىچكى ئەزالىرنى تەقدىم قىلىش بىز خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزغا خىلاپ. ھېچكىم ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشنى خالىمايدۇ. ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىچكى ئەزالارنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردۇر. بىراق ھازىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر يېتىشمەيدىغان بولدى. چۈنكى ھازىر شىجىنپىڭ ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكىدەك، كىم جوڭ ئىل دەۋرىدىكىدەك ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن، غايەت زور مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسى قۇرماقچى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھۆكۈمران گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى، مەركەزدىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە يەردە ئۆزىگە مۇتلەق سادىق بولغان پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەربىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى. نېمىگە تايىنىپ ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى؟ بۇنىڭدا پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتكىلا تايانمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادى كەلگۈسىدە گۇمران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىبىر ئالاھىدە ھوقۇقىنىڭ بولۇشى مۇقەرەر. ئەمما ئاللىقاچان باي-باياشات، راھەت-پاراغەتتە ياشاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بۇ ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن بۇ ئالاھىدە ھوقۇقلارنىڭ ئۇنچىلىك جەلپ قىلىش كۈچى يوق. ئۇنداق بولسا نېمىگە ئارقىلىق جەلپ قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھاياتى ئارقىلىق. ئۇلارغا بۇ سىستېمىغا قاتنىشىپ، شىجىنپىڭغا سادىق بولسا، ئۆمرىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا خېلى ئۇزۇن بولىدىغانلىقى، توغرىسىدا ۋەدە بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئېرىشىدۇ. ئىچكى ئەزالىرىڭلار زەئىپلەشكەن، كاردىن چىققان ۋاقىتتا، يېڭى ئەزا بىلەن تەمىنلەيمىز. بىزنىڭ ھازىر غايەت زور ئادەم ئىچكى ئەزالىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمىز بار، ھايات ئىچكى ئەزا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمىز بار. ۋاقتى كەلگەندە بىز ئېھتىياجغا ئاساسەن تەقسىملەيمىز. پەقەت مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئىچىدە بولساڭلارلا، مۇشۇنداق كاپالەتكە ئىگە بولىسىلەر، دەپ ۋەدە بېرىلىدۇ. مانا بۇ كەلگۈسىدە ھوقۇق مەركەزلەشكەن مۇستەبىت تۈزۈلمىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر DNA تەكشۈرۈشنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بىر مەقسەت پۈتۈن مەملىكەتنى بىر ئىچكى ئەزا ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش. شۇڭا ھازىر خىتايدا پەقەت كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار، خەلق ھەرىكىتى قوزغىغۇچىلار، فالۇنگۇڭچىلار ياكى مۇسۇلمانلارلا مۇشۇنداق بىر خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان بولماستىن، خىتايدىكى بارلىق كىشىلەر بۇ خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. پەقەت سىز خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولمىسىڭىزلا، سىز ئۆلتۈرۈلۈش ئوبيېكتى بولىسىز، ۋەيران قىلىش ئوبيېكتى بولىسىز، سىز ھايات ئىچكى ئەزا ئامبىرى بولىسىز. كۆپچىلىك ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. چوقۇم ۋاقتىدا ئامال تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. DNA تەكشۈرۈشىدىن قاچالايدىغانلار قېچىشى كېرەك، قاچالمايدىغانلار چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممىسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ساقچىلار كېلىپ مەجبۇرى قان ئالماقچى بولسا، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ شۇ ساقچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. شىركەتلەرنىڭ، سەھىيە ئىدارىلىرىنىڭ خادىملىرى كېلىپ، مەجبۇرىي ھالدا شۆلگەي ئەۋرىشكىسى ئالماقچى بولسا، چوقۇم ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك كېرەك. چوقۇم ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى پىتچىت قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمىلىلىشىپ قالسىلا، پۈتكۈل خىتاي مىللىتىگە نىسبەتەن زور بالا-قازا بولىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ئات-ئۇلاغنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىمىز، ھايۋاننىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىمىز، تەجرىبە بۇيۇملىرىنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىمىز، ئاشتاختىنىڭ ئۈستىدىكى گۆشكە ئايلىنىپ قالىمىز، خالىغانچە تالان-تاراج قىلىنىمىز. ئۇلارنى چوقۇم توسۇشىمىز كېرەك.

بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي. مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان دوستلارنىڭ، بولۇپمۇ كىشلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، خەلق ھەرىكىتى قوزغىغۇچىلارنىڭ، لېبىرال زىيالىلارنىڭ ئامال-چارە تېپىپ، ئەلۋەتتە بىخەتەر بولغان شارائىتتا، ئامالنىڭ بارىچە بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىنى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، دوستلىرىغا، خولۇم-خوشنىلىرىغا تارقىتىشىنى، ھەممەيلەننىڭ ھۇشيار تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەممەيلەندە مۇشۇنداق ھۇشيار تۇرىدىغان ئاڭ بولغاندىلا، بىز خىتايلاردا ھايات قالىدىغان ئۈمىت بولىدۇ، پارلاق كېلەچەككە يېتىدىغان ئۈمىت بولىدۇ. كۆپچىلىككە رەھمەت! كېلەر قېتىم كۆرۈشەيلى!

بۇ تەرجىمىدە پايدىلىنىلغان مەنبە:

Share
680 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.