logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: شاھىتلىقىڭ سىر بولۇپ كەتتى

شاھىتلىقىڭ سىر بولۇپ كەتتى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مىلادىيە 2020-يىلى 5-ماي كۈنى تۈركىيەدە بىر لاگىر شاھىدىمىزدىن مەھرۇم قالدۇق. مەرھۇم تۈرك پۇقراسى، تېخى ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن نۆۋەي ئىدى. ئۇ 2017-يىلى 7-ئاي تومۇزدا ۋەتەنگە بارغان ۋە ئايرۇدۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىنغان. شاھىدىمىز ئۈرۈمچىدە قاماقخانىغا بىر قانچە كۈن قامىلىپ ئاندىن ئەسلى يۇرتى غۇلجىغا يوللانغان. غۇلجىدىكى مەلۇم لاگىردا 40 كۈندىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە تۈركىيەگە ئامان ئىسەن قايتىپ كەلگەن. ھەممە پاجىئە شۇ لاگىرغا قامالغاندىن باشلانغان.
مەرھۇم شاھىت لاگىردىن چىقىپ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىئاراملىق ھىس قىلغان. قۇلاقنىڭ كەينىگە بەزدەك بىر نەرسە پەيدا بولۇپ بارغانچە يوغىناپ ئاغرىتىشقا باشلىغان. دوختۇرلارمۇ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن. بۇ جەرياندا مەزكۇر ئۆزىنىڭ لاگىردا ياتقانلىقىنى دوختۇرلاردىن سىر تۇتقان. كېسېەلنىڭ سىرى ئېچىلمىغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كەچمىشىنى دوختۇرلارغا سۆزلەپ بەرگەن ۋە قايتا قايتا تەكشۈۈش نەتىجىسىسدە لىمفا زەھەرلىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ جىددى داۋالانغان.
مەرھۇم شاھىت بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن ساقايغاندەك بولغان ۋە دوختۇردىن چىققان. ساياھەتچىلىك بىلەن تۇرمۇش قامداپ يۈرگەن شاھىت كورۇنا سەۋەپلىك ئۆيگە بەنت بولغان. ئۇنىڭغا كورۇنا يۇقمىغان، تۇيۇقسىز ئۆيدە قازا قىلغان. ئىستانبۇلنىڭ باشاق شەھەر جامائىتى مەرھۇمنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويغان. مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدە يالغۇز قالغان ئانىسى يۈرەكلەرنى ئەزگەن.
ئەگەر ئوغۇل شاھىت بولغان بولسا، زۇلۇمنى پاش قىلغان، خىتاينى رەسۋا قىلغان، ھەقتە تۇرغان بولسا، ئانا قەھرىمان ئانا ئاتىلاتتى، ئۆلۈم چىققان ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالمايتتى. قازاقىستانلىق شاھتىمىز گۈلباھار جەلىلوۋانى، ئۆمەربېك ئالىنى بېشىدا كۆتۈرگەن خەلقىمىز،. بىر شاھىتنى باققان، ئەل ئۈچۈن قاتارغا قاتقان ئانىنى بېشىغا تاج قىلاتتى، بارلىق ئانىلارغا ئۈلگە قىلاتتى.
شاھىت ئىنىمىز سۈكۈتتىكى شاھىتلارغا بىر ئىبرەتنى قويۇپ، بىر تالاي سىرنى ئېلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغان، غۇلجىغا قاماقغان، قانداق قىينالغان، كېسىەل قىلىدىغان نېمە يەپ قالغان، زالىم نېمىنى دېگۈزۈپ، نېمىگە زورلانغان دېگەندەك پۈتۈن سىرلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىن غايىپ بولدى. ئۇ كەتتى، شاھىتلىققا يېتەلمەي، ئۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيالىق ساۋاپنى قۇچاقلىيالماي، ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن زۇلۇم، خورلۇق ۋە ئۆلۈملەرنىڭ پۈتۈن سىرىنى ئۆزى بىلەن ئاخىرەتكە ئېلىپ كەتتى.
2017-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرك پۇقرالىرىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر لاگىرلاردىن قۇتۇلدى. ئۇلار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىۋاستە سۈرۈشتە قىلىشى، تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كۈچىشى بىلەن ساق سالامەت تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. 2018-يىلى مارت ئايلىرىدا يەنە بىر بۆلىكى كەلدى. 2019-يىلى يەنە بىر تۈركۈمى كەلدى. ئاخىرىدا كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىككى كىچىك بالا ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ خىتايچە سۆزلىگەن پېتى يىللاپ يولىغا قارىغان ئائىلىسىگە قوشۇلدى.
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق لاگىر شاھىتلىرىنىڭ بەزىلىرى مېنى بىلىدۇ، ئەمما مەن ھەممىسىنى دېگۈدەك بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە روزىسىز بىر كىشىنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمنى ئىنكار قىلىپ، ئەزرائىلنى رەت قىلىدىغان، دىندىن چىققان، ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن ۋاز كەچكەن بىرىمۇ يوق. ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە ئۇلارغا سۈكۈتلىرىنى بۇزىدىغان ھىچ بىر كۈچ، ھىچ بىر پەريات، ھىچ بىر مىللىي خورلۇق مۇشەررەپ بولمىدى.
مەرھۇم شاھىت ئۈنسىز بىزدىن ئايرىلدى، مىيىتى يات توپراقلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئەپسۇس، ئەي خىتاي، سەن زالىم، سەن قانخور، سەن قاتىل مانا مەن شاھىت دېيەلمەي كەتتى.
شاھىتلىق بىلەن شېھىتلىكنىڭ تومۇرى بىر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىبىسى ئوخشاش، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدا ئورنى، رولى ۋە تۆھپىسى باراۋەر ئىدى. ھەق يولىدا شاھىتلىقتا ساۋاپ بار، سائادەت بار، ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھايات مۇجەسسەم، ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك ھىدايەت ئاقىدۇ، ئۇنىڭدا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدى كۈۋەجەپ تۇرىدۇ. ئاق لىچەكلىك مومايلار ۋە بادام دوپپىلىق بوۋىلارنىڭ تىلىدا مازارلىق ئايرىم، شىھىتلىك ئايرىم ئىدى. ئۇلار شىھىتلىكنى قەبرىستانلىقتىن ئۇلۇغ بىلەتتى، چۈنكى ئۇ يەردە ئەلنى سۆيگەن قەھرىمانلار، قەدىردانلار، مەردانلار ياتاتتى، ئۇ يەردە ئۆلۈمگە ئولجا بولغانلار ئەمەس، ئۆلۈمنى ئولجا ئالغان، ئۆلۈمى بىلەن ھاياتلارنىڭ غۇرۇرىنى ساقلىغان، نومۇسىنى قوغدىغان، ئۈمىدىنى ئاقلىغان كىشىلەر ياتاتتى. ئۇ زېمىن ئاشۇ ھەققانىيەت، ھۆرلۈك، ئادالەت ۋە ئەل ئۈچۈن پاراغەت ئىزدگەن شىھىت ۋە شاھىتلارنىڭ قەبىرىسى بولغاچقا بىزنىڭ بولغان، بىزگە باقىۋەندە بولغان، سۆيۈلۈپ ئانا ۋەتەن ئاتالغان، قەدىرلىنىپ ئاتا مىراس مۈلكىمىز بولغان ئىدى.
شاھىتىمىز جېنىم غۇلجامغا، ناتىۋان ئۇيغۇرۇمغا شاھىت بولماي مەرھۇمغا ئايلاندى، سانىساق بارمىقىمىز خىجىل بولىدىغان بىر شاھىتىمىزدىن جۇدا بولدۇق. ئۆلۈم شۇنداق قىساسكاردۇركى قىساسقا كۆزىنى يۇمۇۋالغاننىڭ كۆزىنى مەڭگۈلۈك يۇمدۇرالايدۇ. ئۆلۈم شۇنداق ئىبرەتكاردۇركى تىلدا ھەقنى سۆزلەشتىن، دىلدا ھەقنى ئىقرار قىلىشتىن قاچقان قاچاقلارنى تىرىكلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىپ ئىبرەت تاختىسىغا مىخلايدۇ. ئۆلۈم شۇنداق قورقۇمسىزدۇركى خىتايدىنمۇ، خىتايغا باش ئېگىپ قورققانلاردىنمۇ قورقمايدۇ. ئۆلۈم شۇنداق ئادالەتتۇركى، زالىمنى قورقۇتقانلارغا شاھادەتلىك، شەرەپلىك ۋە شانلىق ئۆلۈمنى، زالىمغا تىز چۆككەنلەرگە رەسمىيەتلىك، سۈكۈتلۈك ۋە ئىبرەتلىك ئاخىرەتلەرنى تەقدىم قىلىدۇ.
2020-يىلى رامىزاننىڭ 16-كۈنى

Share
339 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.