logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ; ئۇيغۇرلۇققا باغلانغان ئۇتۇق

ئۇيغۇرلۇققا باغلانغان ئۇتۇق
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
1. ئۇيغۇر دېيەلمەس ئۇيغۇرلار
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن 2018-2019-يىللىرى خىتايغا يولغا سېلىنىشى بىر پاجىئەلىك ئەھۋال، نەپرەتلىك ھەرىكەت، نۇمۇسسىز قارار ۋە ئىنسانىيلىققا زىت بىر سىياسى سودا. ئەمما ھەر قېتىم بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل كىشىلەر، پىداكار داۋاگەرلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋەا تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارنى تەنقىت قىلىدۇ. مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان تۈركىيەدىكى سىياسى ئەرباپلار بىر بىرىگە ھۇجۇمنى باشلايدۇ. شۇئان بەزى رەزىل ئىنسانلار بۇنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ئۇلارغا ئايدىڭ تەرەپلىرى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىلمايدۇ. بىر بىرىنى قەستەن ئەيىپلەش ۋە سېسىتىشلار ئەۋجىگە چىقىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بىر بىرىنى تەنقىتلىشى كىشىنى ئۈمىتسىزلىككە تاشلايدۇ.
ئېنىقكى، ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە ئەردوغان باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ خىتايپەرۋەرلىكى جاۋابكار. بۇنداق پاجىئەلىك قىسمەت كەينىدە ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايچە تۇتۇمى، خىتاي مەبلىغىگە تەشنالىقى قوزغاتقۇچ ئامىل، ئەمما بىزدىن ئۆتكەن يەرلەر بارمۇ يوق، بۇنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز تۈركىيەنىڭ تۇتۇمىنى، قارارىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان بىلەن ئۆزىمىزنى، كەمچىلىكىمىزنى، خەلقىمىزنىڭ پىكرىنى ئىسلاھ قىلىشقا قادىر.
ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن 2019-يىلى تۈركىيەدىن تاجىكىستانغا يولغا سېلىندى؟ ئۇيغۇر نېمە سەۋەپتىن 2018-يىلى ئۆزبەكىستانغا كېتىپ قالدى؟ شۇ يەرلەرگە يوللىنىشتىكى سەۋەبنى ۋە شۇنداق خىتايغا يوللانغانلار ھەققىدە چىنلىقنى قاچان دەيمىز؟ ھەقىقەتنى قورقماي قاچان ئاشكارىلايمىز؟ نېمە ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ھەممىنى خىتاي سۈيىقەستى، خىتاي قورقۇنچى، خىتاي ھېلىسى بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئىچىمىزدىن چىققان، ئۆزىمىزدىن ئۆتكەن يەرلەرنى ئويلاشمايمىز؟ دىنغا قارشى چىقتى، دېگەن قالپاقتىن قورقىمىزمۇ؟ ئۇيغۇرنى سۆكتى دېگەن ئاتاقتىن ئەنسىرەيمىزمۇ؟
بىر ئۇيغۇر سۈرىيەگە تەكرار ئىككى قېتىم كىرسە، ئۈچىنچى قېتىمدا تويلاشقىنى تاجىك تۇرسا، تۇتۇلغاندا ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەن تۇرسا، تاجىك بىلەن تۇتۇلسا تاجىك بولماي نېمە بولىدۇ؟ بىر ئادەم تۇتۇلۇپ ئۆزىنى ئۆزبېك دېسە، دەرھەقىقەت ئۆزبېكلەر بىلەن تۇتۇلغان تۇرسا، سوراقتا ئۆزىنى ئۆزبېك دېگەن تۇرسا ئۆزبېك بولماي نېمە بولىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا ۋە تاجىكىستانغا قايتۇرماي قەيەرگە قايتۇرىدۇ؟ تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ھەمدەمى، شىرىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەمتاۋاق دوستى تۇرسا، دۆلىتىگە تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان، شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر كەلسە خىتايغا ساتماي قالامدۇ؟
يۇقارقى بايانلاردىن مەلۇمكى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا يولغا سېلىنغان قېرىنداشلارنىڭ دەسلەپكى سوراققا چۈشكەندە ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەنلىكى خىتايپەرەس ھۆكۈمەتكە باھانە بولغان. دېمەكچى بولغىنىمىز قېرىنداشلارنىڭ سۈرىيە-تۈركىيە چىگراسىدا تۇتۇلغاندا، سوراققا چۈشكەندە ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەنلىكى، دېيەلمىگەنلىكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقاندەك ئىش بولغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوبۇل قىلغان دىنى چۈشەنچىدە شەرقى تۈركىستان دېيىش ۋەتەنپەرەسلىك، كۆك بايراقنى سۆيۈش دىندىن چىققانلىق, ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيىش قەۋمپەرەسلىك بولىدۇ.
2. تېررورلۇققا باھانە بولۇۋاتقان باياناتلار
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلىشىغا تېپىلغان باھانە تېرورلۇق. تۇتۇلغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈركىيەدە تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان، تېرورلۇق تەشۋىقاتىنى تارقاتقان، تېررورلۇققا تەشەببۇس قىلغان، تېرورلۇققا مەنبە بولغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى باھانە. ئەمما بۇنداق باھانەلەرگە سەۋەب بولغان باياناتلار بىزدە يوقمۇ؟ سەۋەپلەر بىزدىن تېپىلمامدۇ؟ تېپىلىدۇ. شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ۋە بەزى جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى ۋە پروگراممىسىنى ھەر كىم كۆرەلەيدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئىستىخپاراتى دۇنيادىكى چوڭ تېرورلۇق ۋەقەلىرى ھەققىدە شەخسلەرنىڭ نېمە دېگىنى بىلەن كارى بولمىغاندەك قىلغان بىلەن تىركەپ قويىدۇ. بولۇپمۇ تەشكىلاتلارنىڭ، ئەرباپلارنىڭ ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاخباراتنىڭ باياناتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. دۇنيادا تېرورلۇق يۈز بەرگەندە چىققان باياناتلارغا قاراپ باقايلى.
تۈركىيەدە تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تېرورچىنى ۋە تېرورلۇقنى ئەيىپلەپ بايانات ئېلان قىلمىغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى فرانسىيەدە تېرورلۇق يۈز بەرگەندە ئۇيغۇرنى قوللىغان فرانسىيەگە قارشى مۇقامدا بايانات جاكارلىغان تۇرسا تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇققا قارشى بۇ مەيدانى شۈبھىلىك تۇيۇلماسمۇ؟ ۋەقە ئەسلى مۇنداق بولغان.
2017-يىلى كىرىدىغان كېچىدە يۈز بەرگەن رەينا قەتلىئامىنىڭ قاتىلى ئۇيغۇرنىڭ كۈيئوغلى ئىدى، قاتىل نەق مەيداندىن قېچىپ مۆلجەرتاغ دېگەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا پۇل سوراپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيە تېرورچىغا قىزىنى بەرگەن كىشىدىن، تېرورچىغا پۇل بەرگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تېرورلۇققا چېتىشلىقىدىن گۇمانلانماي كىمدىن گۇمانلىنىدۇ؟ بۇنداق چاغدا ئۇيغۇرنىڭ دىنى تەشكىلاتى بولغان ئۆلىملار بىرلىكى تېرورچىلارغا ۋە تېرورچىلىققا نەپرەت بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك ئىدى. 2020-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 22-كۈنى پارىژدا پىكىرگە پىچاق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان قاتىللىق يۈز بەگەندە، ئۇيغۇردىن شۇ قاتىلنىڭ قۇربانى بولغان، ئۇيغۇرنى ياۋرۇپادا ئەڭ كەسكىن قوللاۋاتقان فرانسىيەگە ھىسداشلىق باياناتى ئەمەس، قاتىللىققا، تېرورچىلىققا نەپرەتنى ئىسلامغا نەپرەت دەپ چۈشەندۈرىدىغان بايانات، تېلۋىزىيە پروگراممىسى چىقتى، بۇنداق بايانات بىر ئۇيغۇردىن، شەخستىن ئەمەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق بىر دىنىي تەشكىلاتىدىن چىقتى. تۈركىيە ئىستىخپاراتى ئەلۋەتتە بۇنى سېلىشتۇرىدۇ. خىتاي ئىستىخپاراتىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنى باھانە قىلىپ بېسىم قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيە ئۇيغۇرنى تېرورچىلىققا باغلاپ شۈبھىلەنمەي قانداق قىلسۇن؟ قۇيرۇق تۇتقۇزۇش دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.
تۈركىيەدىكى ئىستىپارات ئورگانلىرى بۇنداق باياناتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت پىكرى دەپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ، ساقلايدۇ. خىتاي ئىستىپاراتىمۇ بۇنداق تېپىلماس پاكىتنى قولدىن بەرمەيدۇ. تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە سۇنۇپ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ھۆكىمەت مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتتا، بىر پۇرسەت كەلگەندە شۇ ئىستىخپاراتلارنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇپ قاراپ چىقىدۇ ۋە قارارىنى بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاپ تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە بۇ پاكىتلار ئىشقا يارايدۇ.
توغرا، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى قوغداش ھوقۇقى بار. شەرقى تۈركىستان ئۆلىمار بىرلىكى، ئىستىقلال تېلۋىزىيەسى ۋە باشقا ئەرباپلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى چۈشەنچىسى بويىچە تېرورلۇققا ھەر خىل مەيدان تۇتۇش ئەركىنلىكى بار. ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار بولغاچقا شۇ تەشكىلات تۇتقان مەيدان ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ قالىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە خەقنىڭ قولىدىكى كوزۇرغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
3. ئۇيغۇرلۇققا چۈشكەن شەكلەر
2017-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلدىغان بولدى. بۇ بىر غەمخورلۇق بولۇپ ھەر يىلى ساياھەت ئىقامىتى ئېلىش مەجبۇرىيىتىدىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان بىر سىياسەت ئىدى. بۇ سىياسەتتە ئۇيغۇرلار ئىقامەت ئېلىش ئۈچۈن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش تەلەپ قىلىندى. ئىمتىھاننى مەن ۋە ئايالىممۇ بەردۇق. مەن بۇ جەرياندا ئەنقەرەدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى مەمۇرلار بىلەن مۇڭدىشىپ قالدىم. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا كاپىر ۋە مۇسۇلمان دەيدىغان ئىككى مىللەت بار دېگەن چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى مەلۇماتسىزلىقى ئۇلارنىڭ ئىقامەت ئېلىشىغا توسقۇن بوپتۇ.
تۈركىيەدە بەزى ئۇيغۇر ئىقامەت ئالالمىدى، ئۇلار سۈرىيەگە بارمىغان، ئىراققا سەپەر قىلمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئىقامەت ئالالماسلىققا سەۋەپ بولۇپ قالغان. مەمۇرلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۆرپ ئادىتى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ھەققىدە ھىچ نېمە بىلمەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان مەمۇر: مىللتىڭ نېمە؟ دېسە، ئۇيغۇر دېمەي، مۇسۇلمان، ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى دەپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان كىم دېسە بىلمەيمەن دەپتۇ. ئۇيغۇرچە تاۋۇشلارنى ساناپ باق دېسە، «ئېلىف، بە، تە، سە» دەپ ئەرەپچە تاۋۇشلارنى ساناپ تۈرك مەمۇرلارنى كۈلدۈرپتۇ. ھەممىدىن قىزىقارلىق يېرى، قاراخانلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قايسى؟ دېسە بۇخارا دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەن ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرغا ئىقامەت بەرگەندە ئۇيغۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى، نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئاخسىكا تۈركلىرىگە پۇقرالىق بەرگەندە تۈركلۈك ئىمتىھانى ئېلىنمىدى؟ بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق روھىمىزدا شەك بولغانلىقى، كىملىكىمىزنىڭ مۇقىملاشماي تۈركىيەنى گۇمانغا سالغىنى بولماي نېمە؟ سىز ئۇيغۇرلۇقتىن تانغان بىلەن تۈركىيەدە جىنايەتچىلىك قىلىپ تۇتۇلغان خەقلەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋاتدۇ، سۈرىيەدىن يانغان تاجىكلار، ئۆزبېكلەر، ئازەرىلەر، چېچەنلەر ۋە تۈركمەنلەردىن ئىستانبۇلدا تېرورچىلىققا چېتىلىپ تۇتۇلغاندا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋاتىدۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ يەردە ئۇيغۇرلۇقتىن بالقىغان بىر مەنپەئەت، بىر قالقان مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ قوغدىنىش ئھتىىياجى بولمىسا، سىز ياراتمىغان ئۇيغۇرلۇققا خەق خۇمارمىكەن!
مەن ئوقۇرمەنلەردىن يەنە شۇنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قولۇڭىزدىكى ئىقامەتنى تۈركىيە ئۇيغۇر دەپ بەرسە، سىز ئىقامەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا تاغلارغا سەپەر قىلىپ ئۆزىڭىزنى ھېلى تۈركىستانلىق، ھېلى خۇراسانلىق، ھېلى ئوتتۇرا ئاسىيالىق دەپ يۈرسىڭىز تۈركىيەگۇمانلانماي قانداق قىلىدۇ؟ مىللىتىڭىزدىن تېنىپ تاغدا قۇرغان تەشكىلاتىڭىزنى تۈركىستان جامائىتى، خۇراسان خىلاپىتى، تۈركىستان پارتىيەسى دەپ يۈرسىڭىز، تۈركىستان دېگەن قازاقىستاندىكى بىر شەھەر تۇرسا، خۇراسان دېگەن تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ نەزەرىدە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆرسىتىدىغان تۇرسا سىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر جۇمھۇرىيەتكە يوللاپ قۇتۇلماي يەنە قانداق قىلىدۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلار تېرورلۇققا چېتىلغان دەپ تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇچرىغان قىسمەتلىرىگە سەۋەپ بولغان يەنە بىر ئامىل. ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە تۈركىيەدە شەك چۈشكەن.
تۈركىيەدىكى ھەر خىل قاراشتىكى مەمۇرلارنى شۈبھىگە سالغان مەسىلە ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەپلىك بېرىلگەن، ۋەتىنىدە خورلىنىۋاتقان مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە كەلگەن ئىقامەتنى ئالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئىسپاتلىغۇدەك تارىخ، مەدەنىيەت بىلىملىرىدىن بىخەۋەرلىكىدۇر. ئۇنى ئاز دەپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆك بايرىقىنىڭ ئورنىغا قارا بايراقنى سۆيۈشى، ۋەتىنىنى شەرقى تۈركىستان دېمەي تۈركىستان، خۇراسان دېگەندەك ئۆزىنىڭ دىنىي قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان ئىسىملاردا ئاتىشىمۇ ساقچى ۋە ژاندارمىلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن شەكلىنىشنى پەيدا قىلغان.
4. ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا
تۈركىيەدە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى مۇسىبەتكە سۈرىيە بالاسىنىڭ سەۋەپ، پىلتە، باھانە ۋە كوزۇر بولغانلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە ئىتىراپ قىلىدۇ، جاپاكەش رەھبەر ھېدايىتۇللا ئوغۇزخان. بۇ ئىتىراپقا نۇرغۇن خۇرسىنىشلار يوشۇرۇنغان. مەنچە تۈركىيەدىكى باشقا ئۇستازلار، رەھبەرلەر ۋە يېتەكچىلەرمۇ بۇنى ئىتىراپ قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك.
سۈرىيەگە ئۇيغۇرلار مەيلى دائىشقا قېتىلىشقا بارغان بولسۇن، ياكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىگە قېتىلىشقا بارغانلار بولسۇن ۋە ياكى باشقا مۇجاھىت گورۇپپىلارغا قېتىلىش ئۈچۈن بارغان بولسۇن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ جەۋھەر قىسمى. بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشى تېپىلماس روھ. ئەمما بىز نېمە ئۈچۈن شۇنداق روھقا باي قەھرىمانلارنى كۆك بايراقنى ئەمەس قارا بايراقنى تاللايدىغان قىلىپ قويدۇق؟ بىزدە سەۋەنلىك يوقمۇ ئاداشلار، قېرىنداشلار، سەبداشلار؟
مىڭلىغان ئۇيغۇرنى خاراپ قىلغان، يەنە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ھازىرمۇ كامپلاردا ئەسىرلىككە بەنت قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى بۈگۈنگىچە «بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر!» دېگۈزەلمىگەن، باش كۆزىنى چۈمكىگەن ئەرەپچە قارا نىقاپتىن ئۇيغۇرچە ھېجاپقا ئالماشتۇرالمىغان چۈشەنچىنى بىز قوللاپ، تارقىتىپ، يۆلەپ ۋە يۆگەپ كەلمىدۇقمۇ!
تۈركىيەدىمۇ بېشىمىزدىن كەتمىگەن تېرورچى دېگەن تۆھمەتنىڭ، تېرورلۇق بالاسنىڭ يۈزىمىزنى يەر قىلىشىغا، غۇرۇرىمىزنى خار قىلىشىغا، ھاياتىمىزنى ئاستىن ئۈستۈن، ۋەيران قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىل ئۆزىمىزدە بولماي نەدە؟ بىز ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشنىڭمۇ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆلسىمۇ شېھىت دېيىلىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەتنىڭ ھەر خىل رەڭدە بايرىقى، ھەر خىل كۈندە بايرىمى، ھەر خىل رەڭدە كىيىمى بولسا بولىدىغانلىقىنى مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلدۇقمۇ؟ تەبلىغلەردە تەشۋىق قىلدۇقمۇ؟ مىللەتپەرۋەرلىكنىڭمۇ ئىسلامنىڭ گۈلى، مۇسۇلمانلىقنىڭ تاجىسى، ئىنسانلىقنىڭ زىننىتى ئىكەنلىكىنى تەبلىغ قىلىپ باقتۇقمۇ؟ قىلمىدۇق، قىلغىنىمىز ئەرەپچە ئىدولوگىيەنى دىن دەپ تەرجىمە قىلىپ مەدرىسلەردە ئۆتۈپ تورلاردا تارقاتتۇق.
بىز ئۇيغۇرلۇقنىڭمۇ ئەڭ گۈزەل مۇسۇلمانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىنىڭمۇ مۇسۇلمانلىق تارىخى، ئىسلام تارىخىنىڭ ئالتۇن بەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلمىدۇق. تارىخىمىزنى پارچىلىدۇق، تارىخى شەخسلىرىمىزنى بىر بىرىدىن ئايرىدۇق، ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلىسەك موللا ئېلىخان تۆرىنى ماختاپ زىيالى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. سۆھبەتلەردە ئەرەپتىن بولغان ئىبىن تەيمىيەنى، سەيىد قۇتۇپنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇردىن چىققان موللا مۇسا سايرامىنى، موللا بىلالنى ئۇنتۇپ قالدۇق. نەتىجىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى سۆيمەيدىغان بىر مۇسۇلمان ئۈممەت ياراتتۇق. نەتىجە نېمە بولدى؟ ئۇلار نەدە مۇسۇلمانغا ئۇرۇش بولسا شۇ يەردە تەييار بولدى، مۇسۇلمانچە قېرىنداشلىقنى ھىندونۇزىيەدىن تارتىپ سۈرىيەگىچە جان بىلەن، قان ئادا قىلدى.
بىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دىنىي مائارىپ ھەرىكىتىمىز ھەقىقەتەن گۈللەندى، چىققان دىنىي كىتاپلار، ئوقۇشلۇقلار، تەبلىغلەر ھەقىقەتەن مىللەتكە دىنىمىزنى سىڭدۈردى. ئەمما بۇ مائارىپ مىللىيلەشمىگەنلىكى، يەرلىكلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن مىللەتنى مۇسۇلمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخى يولىدا، ھۆرلۈك ئېڭىدا، ئازاتلىق ئېڭىدا، مۇستەقىللىق ئېڭىدا يېتىشتۈرۈپ بىر قوشۇن قىلىپ چىقالمىدى. ئەكسىچە بىز شۇغۇللانغا مائارىپ دۇنيادىكى ئەسلىيەتچى، ئاشقۇن دىنى پىكىرلەرگە ياللانما قوشۇن قىلىپ، زاپاس مۇجاھىت قىلىپ تەقلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى. نەتىجە شۇلا بولدىمۇ؟ ياق!بىزدىكى دىنىي مائارىپ مىللەتلەشمەسلىكنى، ئۇيغۇرلۇقتىن چەتنەشنى، مىللەتسۆيەرلىكنى چەتكە قېقىشنى، ۋەتەنسۆيەرلىكنى رەت قىلىشنى، مىللەتنىڭ مۇزىكىسى، ئۇسۇلى، ئەنئەنىسىنى ئىنكار قىلىپ ۋەيران قىلىشنى دىندارلىق دەپ قارايدىغان بىر قاراڭغۇ ئېقىننى پەيدا قىلدى، ئۆزىمىز چاپقان بۇ ئېقىندا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ قېنى ئېقىۋاتىدۇ.
تۈركىيەدىكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە نېمىشقا ئۇيغۇرلۇققا شەك چۈشتى، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كىملىكىمىز شەكلىك بولۇپ قالدۇق؟ چۈنكى تۈركلەر ئاللىقاچان مىللەتلىشىپ بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مىللەتلەشمەسلىك، مىللەتسىزلىك، ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى، تۈرىنى، تارىخىنى، قەۋمىنى رەت قىلىش بۇ مەدەنىي دۇنيادا نەپرەتكە مەھكۇمدۇر. مىللەتسىزلىك، ۋەتەنسىزلىك، كىملىكسىزلىك دېگەنلەر بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرك مىللەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە ھازىرقى دۇنيادا ھايۋانلارمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ياۋايىلىقتۇر. بىزنىڭ تۈرك قوشنىمىزنىڭ ئېڭىدا ۋەتەن، مىللەت ۋە ھۆرلۈكنى يەكلەيدىغان قىلىق ئىنسانغا ياراشمايدىغان ئىبلىسلىقتۇر.
5. بىز مىللەتچى خىتاينىڭ مەسلەكچى دۈشمىنى
دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرما قىلىشتىن بۇرۇن گەپنى تارىخنىڭ مىڭ يىللىق بەتلىرىگە ئەمەس، 70 يىل بۇرۇنقى سەھىپىلىرىگە نەرەز سېلىپ باقايلى. ۋاقىت: 1947-يىلى ماي، ئورۇن: پايتەختىمىز ئۈرۈمچى، ۋەكىلىمىز: ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ئىسىملىك ئۈچ مۇستەقىلچى كومۇنىست ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەسئۇت سابىرى، مەمتىمىن بۇغرا ئىسىملىك ئۈچ مۇختارىياتچى پانتۈركىست مۇسۇلمان. بولغان ۋەقە شۇ: گومىنداڭچى خىتاينىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ پانتۇركىست ئۈچ ئەپەندىنى يۆلەپ ئۇلارغا ھوقۇقنى بېرىپ، مەسئۇت ئەپەندىنى باش رەئىس قىلىپ قويۇپ خىتايغا قايتىپ كەتتى. شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت پۈتۈنلەي ئىككى مەسلەكتىكى ئۇيغۇرنىڭ قولىغا قالدى. ئىككى مەسلەكنىڭ تەرەپتارلىرى بۇنى پۇرسەت بىلىپ بىرلىشىۋالدىمۇ؟ غاچچىدا مۇستەقىللىق جاكارلىۋالدىمۇ؟ ياق!
ئىككى گورۇھ ئىددىيە توقۇنىشى قىلدى، ۋا دەرىخ، مەسلەك تالاشتى مەسلەك! سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرماقچى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى تەرەپتارلىرى ھەر قايسى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنى بازا قىلىپ ئاپتونۇمىيەچى ئۈچ ئەپەندىنى ئەيىپلەشتى. ئۈچ ئەپەندى تەرەپتارلىرى «ئۈچ مەسلەكچى ياشلار ئۇيۇشمىسى»نى بازا قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھەتتا ئۈچ ئەپەندى تەرەپتارى ئابدۇرېيىم قىلىچ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا يىغىلغانلارغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلدى. مىللەتچى خىتاي جاڭ جىجوڭ بۇنى خىتايدا كۆزىتىپ ئولتۇرۇپ شەرقى تۈركىستاندا بىر بىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئىككى مەسلەكنىڭ تاماشاسىنى كۆردى. ئىككى مەسلەكچى بىر بىرىنى تىللاپ ھالسىرىتىپ، مىللەتنى بۆلۈپ زېرىكتۈرۈپ بولغاندا جاڭ ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىىنىنى نە كومۇنىزىمچى ئۇيغۇرغا، نە پانتۈركىزىمچى ئۇيغۇرغا تۇتقۇزماي ئۆز مىللىتىدىن بولغان ۋاڭ جېىنغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئەزىز ئوقۇرمەن، شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر ئەمەس، مۇسۇلمان دېگەن بىلەن دۈشمىنىڭىز خىتاي ھىچ قاچان ئۆزىنى مەن خىتاي ئەمەس كاپىر دەپ باقمىدى. سىز قارارىڭىزنى مەسلىكىڭىز بويىچە، ئەقىدىڭىزگە ئۇيغۇن چىقارغان چېغىڭىزدا خىتاي قارارىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى بويىچە چىقاردى. بىزنىڭ رەھبەرلەر مەسلەكلىرى سەۋەپلىك بىر بىرىگە دۈشمەن بولغاندا، بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا خىتاي رەھبەرلەر مىللەتنىڭ چوتىنى سوقتى. خىتاي رەھبەرلەر مەسىلىنى مەسلىكىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئەمەس مىللەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلدى، ئۇيغۇرنى مەغلۇپ قىلىشتا مەسلىكى تەلەپ قىلغان قارارنى ئەمەس مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تەلەپ قىلغان تارىخى قارارنى چىقاردى.
بىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىمىز تارىختىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئاقىۋىتى. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە يېڭىلگەن بولسا يېڭىۋالغۇچىدىن نەپرەتلەنگەندىن باشقا ئۆزى بىلەن ئۆزگىنى ئوبدان سېلىشتۇرۇپ باققۇلۇق. خىتاي تارىختا بۇتپەرەسلىكنى تاللىدى، ھازىرمۇ بىر قىسمى بۇتچى. ئەمما خىتايلار ئۆزىنى، كىملىكىنى ئىنكار قىلىپ خىتايلىقتىن تاندىمۇ؟ خىتاي بۇتقا ئىشەندۇق دەپ مۇزىكىسىدىن، ئۇسۇلىدىن، ئۆرۈپ ئادىتىدىن، ئەلنەغمە- چاڭچىلىسىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ كومۇنىزىمغا ئىشەنگەن خىتاي تارىختىكى مىللەتچى قەھرىمانلىرىدىن يۆ فېينى كوڭزىچى دەپ ئۆچ كۆردىمۇ؟ كومۇنىست خىتاي بىلەن گومىنداڭچى خىتاي ئۇيغۇرنى قۇل قىلىشتا تارىختا قانداق بىرلىشەلىدى؟ ئۇلارنى تارىختا بىزگە قارشى بىرلەشتۈرگىنى دىنمۇ؟ پارتىيەمۇ؟ ئىددىيەمۇ؟ ياق، ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەن ئامىل بىزدە تۇتىيا بولۇۋاتقان مىللىي ئاڭدۇر. بۇ خىتايلىق ئاڭ، خىتايچە ئەقىدە، خىتايچە ئۇيۇشقاقلىقتا ئىپادىلەنگەن مىللىي مەنپەئەت، مىللەتچىلىك بولماي نېمە؟
1997-يىلىدىكى غۇلجا ئىنقىلابىدىن كېيىن يۈزلىگەن جان پىدا ئۇيغۇر چەتئەللەرگە چىقىپ قوراللىق كۈرەشكە ئاتلاندى. ئۇيغۇرنىڭ نامازلىقىمۇ، نامازسىزىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولىغا قورال ئالدى. ۋەتەندە ئۇيغۇرلار ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە قوراللىق كۈرەشكە تەييارلاندى. ئەمما بۇ ئۇلۇغ، مۇقەددەس، ھەلقىلغۇچ ھەرىكەت دەسلەپ دىنچى ۋە مىللەتچى ئىككى پارچە بولدى، كېيىن دىنچىمۇ نەچچە پارە بولۇپ كەتتى. خىتاي جاڭ جىجوڭ 1947 يىللاردا ئۇيغۇرنىڭ مەسلەك جىدىلىگە قانداق تاماشابىن بولغان بولسا، خىتاي جىياڭ زېمىن 1997-يىللاردا ئۇيغۇرنىڭ مەسلەك جىدىلىگە يەنە بىر قېتىم ھوزۇرلىنىپ تاماشابىن بولدى. ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى شۇ تارىخنىڭ تىرىك شاھىتلىرى بۈگۈنمۇ يا تۆۋە قىلىپ قۇربان بەرگەن ئۇيغۇرغا ھېساپ بەرگەن يوق، ياكى تاماشا كۆرگەن خىتايدىن ھېساپ ئېلىشتا بىرلەشكەن يوق.
6. بىر باشقا ئىككى تۇماق
ھەممەيلەن ئامېرىكانىڭ بىزنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان ئازسانلىقلار، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار دېيىشلىرىگە تەئەججۈپلىنىمىز. دائىم ئامېرىكا موڭغۇلنى موڭغۇل دەيدۇ، تېبەتنى تېبەت دەيدۇ، نېمىشقا ئۇيغۇرغا كەلگەندە ئۇيغۇرلا دېمەي ئۇيغۇر مۇسۇلمان دەيدۇ؟ ئەگەر چوقۇم دىنىنى قوشۇش زۆرۈر بولسا تېبەتكە كەلگەندە تېبەت بۇددسىت دېمەيدۇ، تېبەتلا دەپ ئىشلىتىدۇ دەپ ئاغرىنىمىز.
مەنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ باققان. مېنىڭ يېقىندا بىر قانچە نوپۇزلۇق شەخسلەردىن ئىگىلىشىمچە بۇنىڭدا بىر قانچە سەۋەپ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ماۋزۇيىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى، بىرى ئۇلار ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەمەس مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەن، يەنە بىرى ئامېرىكادا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنى تېخى تولۇق ئۇيغۇرلىشىپ بولمىغان، تۈركىي تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلار دەپ قارايدىكەن.
ئۇيغۇرغا مۇسۇلماننىڭ قوشۇلىشىدىكى سىياسىي سەۋەپلەر بىرى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق دېيىشكە ئامراقلىقىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئىكەن. يەنە بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىمايدىغان تەشكىلات ۋە گورۇھلارنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى خالايدىكەن. ئامېرىكا ئۆزىنى ئۇيغۇرنىڭ داۋاگەرلىرى دەپ قارايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تىپىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قانداق ئىتىراپ قىلسا، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قاراپ ئۇيغۇر دەپ قارىمايدىغان، كۆك بايراقنى ئىتىراپ قىلمايدىغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭمۇ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى يەكلەشنى خالىمايدىكەن. تېبەتلەردە بايراق بىر، مىللەت بىر، مىللىي ئاڭ بىر ئىكەن.
ئۇيغۇردا تېبەتنىڭ داۋاسىغا ھەۋەس قىلىدىغانلار خېلىلا كۆپ. تېبەتلەر بەرپا قىلغان دېموكراتىك تۈزۈم، كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك ئاڭ خېلى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ جەلپكار قوشنىمىزدىن ئۆگىنىدىغان يېرىمىزنىڭ ئەڭ موھىمى كىملىكنىڭ بىرلىكىنى، مەنپەئەتىنى ۋە ئىستىقبالىنى شەرت قىلغان ئىددىيەنىڭ كۆپ خىللىقى ئەمەسمۇ! ئۇيغۇرلار بىر كىملىكنى ئىككىگە پارچىلاپ، بىر مىللەتنى ئىككى نامدا ئاتاپ، بىر باشقا ئىككى تۇماقنى تەڭ كىيىپ دۇنيانىڭ سەھنىسىگە چىقسا قانداقمۇ ياراشتۇرۇپ ياشىغىلى بولىدۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ گۆرى ئايرىم تۇرسا، خۇداغا بېرىدىغان ھېساپنى شەخسى بېرىدىغان تۇرسا، نېمىشقا خۇسۇسى كىشىلىك بولغان مۇسۇلمانلىقنى مىللەتنىڭ كىملىكى بولغان ئۇيغۇرلۇق بىلەن زىتلاشتۇرۇپ يۈرىدۇ؟
ئۇيغۇرلۇق بىر مىللەتنىڭ كىملىكى، مۇسۇلمانلىق شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ دىنى تاللىشى. دۇنيادا مۇسۇلمان دەپ مىللەت يوق، ئەمما ئىسلامغا ئىشىنىدىغان، ھەر خىل مىللەتلەردىن بولغان ئىككى مىليارتقا يېقىن ئىنسان بار. دۇنيادا تۈركلەر قاچان ئۆزىنى تۈك مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتاپ كەتتى؟ قايسى دۆلەت رەھبىرى تۈركلەرنى تۈرك مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتايدۇ؟ تېبەت دەپ ئاتالغان مىللەتكە ھەۋەس قىلغان، خىتاي دېگەن مىللەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقىنى 2 مىليارت مۇسۇلمان ئىنسان ئەمەس، ئۇيغۇر ئاتلىق بىر مىللەت. شۇڭا بىر كىملىكنىڭ يۈرىكىنى ئايرىپ يەنە بىر كىملىك ياساپ ئىككى قىلىۋالغاننىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى يوق. بىر باشقا ئىككى تۇماقنى تەڭلا كىيىشكە بولمىغاندەك بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى پارچىلاپ ئىككى كىملىككە يېتەكلەش، ئىككى نام بىلەن ئاتاش بىھاجەت. مۇسۇلمانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ خۇرۇچى، تۇزى بولسا ئۇيغۇرلۇقىمىز ئۇنىڭ قازىنى، پىشىپ ئاشقا ئايلانغان ھالىتىدۇر. خۇددى تاماقنى خۇرۇچ دېگىلى، تاماقتىن خۇرۇچنى ئايرىپ تاماق قىلىپ يىگىلى بولمىغاندەك، تاماقنىمۇ خۇرۇچنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بىز گۈرۈچ ۋە ئۇندىن نەچچە خىل تاماق قىلغان بىلەن ھىچ بىرىنى ئۇن ياكلى گۈرۈچ دەپ ئاتىمايمىز.
7- مىللەتنى يوقاتماقچى بولغۇچىلارنىڭ سىرى
بۈگۈنكى دۇنيا مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بولغان غايىۋىي دۇنيا ئەمەس. مىللەت دېگەن سۆزنىڭ دىندىكى مەنىسى يول دېگەنلىك بولۇپ دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار دېگەنلىك ئىككى يولدا ماڭىدىغان ئىنسانلار بار دېيىلگەنلىكتۇر. قۇرئاندا دېيىلگەن بۇ ئايەت ئىزچىل توغرا چۈشىنىلگەن، ئەمما مىللەتلەرنى يوقاتماقچى بولغان بىر سىرلىق كۈچ تەرپىدىن ھەر بىر زاماندا بۇرمىلىنىپ تۇرغان. شۇڭا بۇ يەردە بىر رەزىل سىر بار. ئەسلى دىنىمىزدا دېيىلىۋاتقىنى دۇنيادا دىنلىق ۋە دىنسىز، مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككى يولدىكى ئىنسانلار بار دېيىلمەكچى ئىدى.
دۇنيانى ئىككى مىللەت قىلماقچى بولغانلار، قەۋملەرنى يوقاتماقچى بولغانلار تارىختا بولمىغانمۇ؟ بولغان، ئەمما بۇ سىرلىق سۆز، بۇ غايە تارىختا ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس. ئىشەنمىسىڭىز پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن قۇرۇلغان ئەمەۋىلەر خەلىپىلىكى، ئابباسىلار خەلىپىلىكى، فاتىمىلار خەلىپىلىكى قاتارلىق خەلىپىلىكلەردە ئەرەپتىن باشقا مىللەتتىن چىققان بىر خەلىپە بارمۇ؟ چىقمىغان. تۈركلەر خەلىپىلىكنى ئەرەپلەردىن تارتىۋالغاندا ئۈممەتچىلىكنى تەرغىپ قىلغان، لېكىن تۈركتىن باشقا مىللەتكە خەلىپىلىك تەگكەنمۇ؟ ياق، تۈركلەر ئۆزىدىن باشقا ھىچ بىر مىللەتنى خەلىپە قىلىپ تىكلەپ باققان ئەمەس. پەقەتلا تۈركلەر مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق بىر ئىددىيەگە ئىھتىياجلىق بولغان.
تارىختا بولغان بۇ مىللەتچىلىك بۈگۈن يوقاپ كەتتىمۇ؟ بۈگۈنكى دۇنيادا ئېنگىلىز تىللىق ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋۇسترالىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ خەلقئارالىق ئىشلاردا ئوخشاش مەيدان تۇتۇشى، بۇنىڭغا گېرمان تىللىقلارنىڭ ۋە فرانسوز تىللىقلارنىڭ دائىم باشقىچە مەيدان تۇتۇشى مىللەتچىلىك بولماي نېمە؟ مىللەتچىلىك يوقالمىدى، پەقەت بەزى مىللەتلەرنىڭ سەرخىللىرى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش، تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئىددىيەلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا مىللەتچىلىككە قارشىدەك كۆرۈنگەن مىللەتلەرنىڭ ئالىم، ئۆلىما ۋە ئۇستازلىرى ئەمەلىيەتتە ئىمپىرىيەچىلەردۇر. ئىنسانلار ئاللىقاچان ئىمپىرىيەلەردىن قۇتۇلۇپ مىللەتلەرگە ئايرىلىپ، مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇپ بولدى. ئىمپرىيەچىلىكنىڭ مىۋىسى بولغان ئۈممەتچىلىك، پانتۈركىزىم، سىلاۋيانچىلىق، پانئەرەپچىلىك قاتارلىق سىياسىي ئىدولوگىيەلەر ئاللىقچان تارىخقا ئايلاندى. ئەمما بەزى مىللەتلەرنىڭ ئىمپىريە چۈشى ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئەرەپلەرنىڭ دۇنياۋىي ئىمپىرىيە قۇرۇش چۈشى توختىماي تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى ئۈممەتچىلىكنىڭ نىشانى بولغان خەلىپىلىك قۇرۇش، دۇنيادا يىگانە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش تەشەببۇسلىرى ئەمەلىيەتتە دىننى قالقان قىلغان ئەرەپ ئىمپىرىيەچىلىكنىڭ ئىپادىسى. ئەرەپلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئامىل دىن، ئەرەپلەرنىڭ ئەتراپىغا بارلىق مۇسۇلمانلارنى توپلاپ دۇنياغا خىرىس قىلىشتا يىگانە كوزۇرمۇ دىن. شۇڭا ئەقىللىق ئەرەپ ئالىملىرى خۇددى بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزىنىڭ تارىختا قازانغان زەپەرلىرىنى، ئەرەپ خەلىپىكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي دىنغا ئورالغان ئىددىيەلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش چۈشىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككى مىللەت دېگىنى ئەرەپلەر ۋە ئەرەپ ئەمەسلەر دېگەنلىكتۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان دېگەن ئەرەپ دېگەنلىك، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى ئەرەپ بولوپ كېتىشتۇر. ئۇلارنىڭ ياراتماقچى بولغىنى ئەرەپچە بولمىغان ھەر قانداق مەدەنىيەتنى كاپىرغا، تاغۇتقا چىقىرىپ يوق قىلىپ دۇنيانى يالغۇز سورايدىغان ئەرەپ ئىمپىرىيەسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتۇر.
مىللەتنى ئىنكار قىلىدىغان، مىللەتلەرنى ئېرىتىۋەتمەكچى بولغان ئىمپرىيەچى كۈچلەر ئەرەپلەردىن باشقا بىر قانچە مىللەتتە قالدى. ئۇلارنىڭ بىرى روسىيە، يەنە بىرى خىتاي. خىتاي ۋە رۇس ئىنپىرىيەسىنىڭ يوقۇلىشى تارىخنىڭ مۇقەرەر تەلىپى، ئەمما ئىمپىرىيەنى يىقىتىدىغان ئامىل مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك بىلەن قوراللىنىپ، ھۆرلۈك بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشىدۇر. شۇڭا خىتايلار ۋە رۇسلار دۇنيادىكى مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا، دېموكراتىيەگە.، مىللەتچىلىك پىكرىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ ئۈممەتچىلىكنى ئاستىرىتتىن قوللاپ، مەخپىي يانتاياق بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ خىتايلار ۋە رۇسلارنىڭ ئەرەپ مۇستەبىتلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ئاپاق چاپاق بولۇپ كېتىشىنىڭ سىرى. چۈنكى ئۇلار مىللەتلەرنىڭ ھۆرلۈكىگە ئۆچ، دۇنيانىڭ مۇستەقىللىق ساداسى، كۈرەشلىرى ۋە داۋالىرى بىلەن ئويغىنىپ كېتىشىگە قارشى.
ئەرەپ، خىتاي ۋە ئورۇستىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، ئىددىيە ياراتقان شەخسلىرى ۋە ئۇستازلىرى توختىماي مىللەتچىلىكنى سۆكىدۇ، چۈنكى ھۆرلۈك، دېموكراتىيە ۋە مىللەتچىلىك تەشەببۇسى بۇ ئۈچ ئىمپىريەچى مىللەتنىڭ چاڭگىلىدىكى مىللەتلەرنى ھۆرلۈككە يېتەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىمپىرىيە چۈشىنى بەربات قىلىدۇ.
8. بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز
بىز ئۇيغۇرلار چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، غەلىبىنىڭ ئاساسى ئۇيغۇرلۇققا قايتىشتۇر. بىزنىڭ غەلىبىمىز شەخس سۈپىتىدە مەسلىكىمىز، مەشرىپىمىز، مەپكۇرىمىز نېمە بولسا بولسۇن ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىدە مۇرەسسەسىز بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش ۋە بىر تەن بىر جان بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش بىلەن يورۇقلۇققا چىقىدۇ. بۈگۈنكى ياۋرۇپا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى خرىستىيان دىنىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى قۇل قىلماقچى بولغان دىنغا ئورالغان ئىمپىرىيەچىلىكتىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بۈگۈنكى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىمپىرىيەچىلىكتىن قۇتۇلۇشتا بىرىنجى قىلغان ئىشى ياۋرۇپادىكى ھىچ قايسى مىللەتنىڭ مىللىي تىلى بولمىغان، مائارىپنى كونترول قىلغان لاتىنچىنى ۋە لاتىنچە ئىنجىلنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، چېركاۋلاردا ئاۋام چۈشەنمەيدىغان لاتىن تىلىنىڭ ئورنىغا ئۆز ئانا تىلىنى دەسسەتكەن. خىرىستىيانلىقتىكى ئۈممەتچىلىكتىن قۇتۇلغان ياۋرۇپالىق مىللەتلەر مۇستەقىلمۇ بولدى، سانائەتنىمۇ بەرپا قىلدى، تەرەققىياتقىمۇ ئېرىشتى. مانا ئەمدى مىڭلىغان ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىپ تۇرۇپتۇ.
بىز ئۇيغۇرلار چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، ئەمما بىزنىڭ غەلىبىمىز رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھەر ۋاقىت قورقماي، تەمتىرىمەي، ھەر قانداق مەسلەك، مەپكۇرە ۋە ئىددىيەنىڭ تىزگىنىگە چۈشمەي، مۇرەسسە قىلماي ئۆزىنىڭ مىللىي مەيدانىدا، ئۇيغۇرلۇق مەۋقەسىدە ھەمدەم، ھەمكار ۋە ھەمنەپەس بولۇشىغا، بىر سەپتە تۇرۇشىغا باغلىق. دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ رەھبەرلىرى ھىچ قاچان بىزدەك ياتلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر بىرىنى كومۇنىست، كوڭزىچى، بۇتچى دەپ ئايرىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىتىقادىنى مىللەتتىن ئۈستۈن تۇتمايدۇ. شۇڭا خىتاي رەھبەرلەر كومۇنىست كۇباغا، ۋېيتنامغا، شىمالىي كورىيەگە كومۇنىستلىق مەيدانى بويىچە يېقىنلاشمايدۇ. ئۆزى كومۇنىزىمنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن كومۇنىزىمغا، كومۇنىست ئەللەرگە ۋە خەلقلەرگە چاپان يېپىپ بايانات بەرمەيدۇ. خىتاي رەھبەرلەر ئۆزىنى خىتاي مىللىتىنىڭ تارىخى سەلتەنەتىنىڭ ۋارسى، تارىخنى ئۇلىغۇچى، تارىختىكى ئوخشىمىغان دىن، پىكىر ۋە ئىددىيەدىكى ئەجداتلىرىنىڭ ئىزباسارى دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇزچى قوشۇننى باشلاپ كەلگەن كومۇنىست ۋاڭ ئىنماۋ ئۆزىنى خەن سۇلاسى ۋاقتىدا ۋەتىنىمىزگە كەلگەن كوڭزىچى بەنچاۋغا ئوخشاتقان. بۇ ھېلىگەر خىتاي ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كەلگەندە كوڭزىچى ئەجدادىغا تېۋىنىپ كومۇنىستىك ئەقىدىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. بىزنىڭ رەھبەرلەردىمۇ مىللەتنىڭ ھۆرلۈك يولىدىكى خىزمەتنى، كۈرەشنى، داۋانى ھەر قانداق ئىدولوگىيەدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئاڭ بولۇشى كېرەك. داۋادا ھىچ بىر ئىدولوگىيە، مەزھەپ ۋە مەسلەك ئاساس قىلىنماستىن ساپ مىللەتسۆيەرلىك، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇتلۇقى شەرتسىز ئاساس قىلىنىشى كېرەك.
بۈگۈنكىدەك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكادا بىزگە بىر ئۇيغۇر قانۇنى چىققان، يەنە بىر قانچە ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەلىرى چىقىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەرمۇ شۇ تۈردىكى قانۇنلارنى چىقىرىشقا ھازىرلىق قىلماقتا. مانا بۇ پايدىلىق ۋەزىيەتتە بىزنىڭ كۈنىمىز يورۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ تارىخى پۇسەتلەر ئۇيغۇرنىڭ تارىخنى قايتا يازىدۇ. ئۇيغۇرغا قارىتىلغان زۇلۇمنى بەربات قىلىش ياكى يول قويۇش دۇنيا تەرتىپىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قىلغان زۇلمى مىللىي قىرغىنچىلىق دېيىلىۋاتقان پۇرسەتتە بىزمۇ بىر مىللەتچە قىياپەتتە، بىر كىملىك، بىر ئىسىم بىلەن سەھنىگە چىقىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئىنسانلارغا ئەمەس ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى دىنى زۇلۇم دېيىلمەي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دېيىلىۋاتقان پۇرسەتتە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقتىن چانماسلىقى، تايماسلىقى، قايتماسلىقى بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق ئۇتۇقلارنىڭ ئاساسىدۇر.

 

 

Share
584 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.