logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشىقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى تۈرلۈك قىيناشلارغا شاھىت بولغان مېھرىگۈل تۇرسۇن گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتايدا دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇردى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى سۆزدە . 2018-يىلى 28-نويابىر، ۋاشىنگتون.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشىقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز قاتارلىقلار 22- ماي بايانات بېرىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماركو رۇبىيو: خىتاي رەھبەرلىرىدىن ھېساب ئېلىش بەك كېچىكىپ كەتتى

رۇبىيو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا غوللۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق ۋە مىسلىسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن ھېساب ئېلىش بەك كېچىكىپ كەتكەن ئىدى.»

ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى فلورىدا شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ۋەكىلى.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىزنىڭ ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىدا تونۇشتۇرغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر قەدەمنى باستى.»

بوب مەنەندەز: «بۈگۈن ھەممەيلەن ئۇيغۇرمىز.»

مەزكۇر قانۇننى ھەمكارلىشىپ تونۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ۋەكىلى بوب مەنەندەز ئەپەندىدۇر. 
ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭمۇ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھەممەيلەن ئۇيغۇرمىز. خىتاي ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا سېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋە سىستېمىلىق زۇلۇم ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى قەدىرلەيدىغان بارلىق ئىنسانلارغا قىلىنغان ئورتاق ھاقارەت. بېيجىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق، كۆلەملىك تەقىبلەش ئىنسانلىقنى، ئىنساننىڭ ھاياتىنى، مىللىي، دىنىي ۋە كۈلتۇرال ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان ھەربىر ئادەمنى شۈركۈندۈرۈشى كېرەك.»


ئۇ يەنە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مۇدھىش دۇنيا قۇرۇش غايىسىگە قارشى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. 

ئۇ باياناتى داۋامىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىمۇ مەزكۇر قانۇننى تىزدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى 2018- يىلى نويابىردا بىر قېتىم ۋە بۇ يىل يانۋاردا تۈزىتىلىپ يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلغان. 
قانۇن لايىھەسىگە بۇ نۆۋەت كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋەكىللىرىدىن 30 نەچچە كىشى ئىمزا قويغان. 

بۇ قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجىلىسى تەرەپتىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلارنىڭ كېپىللىكىدە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

قانۇن لايىھەسىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ

  • ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئاتالمىش «قاياقتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا جىددىي ھەم چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە قارىتىلغان چاقىرىقلارنى قوللايدىغان بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش.
  • ئامېرىكانىڭ ب د ت ۋەكىللىرىگە ب د ت دىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، تەن جازاسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە يوليورۇق بېرىش.
  • ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا شىنجاڭ ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى تەيىنلەشنى ئويلىشىش.
  • تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «خەلقئارا ماگنېتسكى قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش.
  • «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە داۋاملىق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەقدىرلەش.
  • ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاي ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا سالغان تەھدىتلەر ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش.
  • ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىپ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىشى ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىش.
  • https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-bill-05222019183304.html
Share
2675 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.