logo

trugen jacn

Yazar: admin

admin
E-Posta: meminhazret@gmail.com
Biyografi:

Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.

  • ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پاراۋوزى

    09 يانۋار 2022 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

      نەزەر   چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۋاتقانلىق مەسىلىسىگە دۆچ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باسقۇچلىق ئىستراتېگىيىلىك نىشانىدا ئۆزگىرىش بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسى بارلىققا كەلدى. چۈنكى بۇ مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمايدىكەن...
  • لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنال كوللېگىيىسى ھۆكۈمىنىڭ مۇھىملىكى ۋە ئەھمىيىتى

    08 يانۋار 2022 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

    ( پارچە ) نەزەر        لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنال كوللېگىيىسى  ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ترىبۇنال ھۆكۈمنامىسىنى ئېلان قىلدى. ھۆكۈمنامىدا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرىگە قاريتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانيەت قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ۋە رەزىل باستۇرۇش ئەمىلىيىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق » ۋە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت »...
  • دېموكرات دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ساۋات

    07 يانۋار 2022 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

    مۇراد ئۈمىدى               دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان  كىشلەرنىڭ دۆلەت كونستىتۇتسىيىسىگە ئاساسەن ھەر خىل تەشكىل- جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ۋە قۇرۇش ھوقۇقى كاپالەتلەندۇرۇلگەن. شۇڭلاشقا بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرىدىكى بىر تۈركۈم بىر پىكىردىكى مەسلەھداش گراژدانلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن سىياسەت، مائارىپ -  مەدەنىيەت ۋە ساخاۋەت قاتارلىق ئىشل...
  • ئۈن – تىنسىز خىزمەت ۋە ئېتىراپ

    06 دېكابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

    مەلۇم بىر شەخسى مىھماندارچىلىققا قاتنىشىپ قالدىم، يىغىلغانلار ئەر-ئايال بۇلۇپ ئون نەچچە كىشى ئىدى،يىغىلىشقا شەھىرىمىزدە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرگە قىزغىن ئاۋاز قۇشۇپ كىلۋاتقان بىر جۈپ پىدايىلارمۇ كەلگەن ئىكەن ، مىھمانلار تارقاشتىن ئاۋال ئۇلار سومكىسىدىن بىر نەچچە ۋاراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىئانە بەرگەنلەر ئۇچۇن تەييارلانغان ئىسچوتلارنى ئېلىپ بىر نەچچە ئادەملە...
  • شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

    06 دېكابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

      نەزەر   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئەزا بولغان، دۇنيادا سادىر بولىۋاتقان مەسىللىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ ھەل قىلىدىغان ۋە دۇنيا تىنچلىقنى ساقلاشنى ئۆزىنىڭ باش نىشانى قىلغان، دۇنيادا ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلات. نۆۋەتتە بەزى خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىكى مەسىلىلىرىنى ب...
  • مۇستەقىللىق ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟

    06 دېكابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

    نەزەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىقىنىڭ قانداق بىر سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئوبيېكىپ شارائىتتا ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىگە بىر نەزەر تاشلاش ھازىرقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇشتا پايدىلىنىش ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. 1933- ۋە 1944- يىللىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇ...
  • ئۇيغۇرلار ۋە ئىندىجىنىس خەلق ھەققىدە ئىزدىنىش

    22 نويابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

      ئالدى بىلەن ئ‍ىندىجىنس خەلق ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ چىققانلىقى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ ئۇيغۇر داۋا سىپىدىكى كىشلەرنىڭ بولۇۋاتقان ئىشلارغا «نىمە ئۈچۈن» ۋە « بۇ خەلق ئۈچۈن پايدىلىقمۇ» دېگەن سوئالنى سوراشقا باشلىغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۇيغۇرلاردا «ئاڭقاۋ ئەلنىڭ ھارام يەيدىغان موللىسى بولىدۇ، » دەيدىغان ماقال بار. شۇڭا تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى، مۇكەممە...
  • « ئىندىجىنېس خەلق» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

    22 نويابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە

      ئېرپان ئىدىرىس   «ئىندىجىنېس خەلق» ئاتالغۇسى ئىنگلىز تىلىدىكى «people  indigenous» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىشلىتىلىشىدۇر. بۇ سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن ئاتالغۇدىكى «indigenous» سۆزى «شۇ يەردە توغۇلۇپ شۇ يەردە چوڭ بولغان» مەنىدىكى سۆز بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدا «خەلق» دېگەن مەنىدىكى «people» سۆزى بىلەن بىرىكىپ «يەرلىك خەلق (ئاھالە)» دېگەن لېكسىكىلىق مەنى...
  • تىل قانداق شەكىلدە ھەرىكەتلىنىدۇ؟

    17 نويابىر 2021 سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە

      ئېرپان ئىدرىس ئادەم بەدىنىنىڭ تاۋۇش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بىيولوگىيەلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن پەيدا بولغان ھەمدە ئىنسانلار تەرىپىدىن مەنە پەرق قىلدۇرالايدىغان دەپ ھېسابلانغان تىل تاۋۇشلىرى (فونېمىلار) ئادەم ئاغزى ئارقىلىق بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن ھاۋا بوشلۇقىدا گورىزونتال (تۈز) ۋە ۋېرتىكال (تىك) سىزىقلار بۇيىچە تارقىلىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزئارا ئالا...
  • شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر

    16 نويابىر 2021 تارىخ, سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە

    غالىپ ئىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دەۋردە شۇ دەۋردىكى ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن بىر قانچە سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قۇرۇلىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى 1944- يىلى 9- ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 12 كىشى بولۇپ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئېلىخان تۆرە،...