ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش» بويىچە چىقارغان 50 ماددىلىق نىزامنامىسىنىڭ 1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، بەلگىلىمە ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش بەزى ساھەلەردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارنىڭ قەتئىي يوسۇندا ئاپتوبۇس ياكى پويىزلارغا چىقىرىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
نىزامنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايرودۇرۇم ۋە تۆمۈر يول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئاياللارنى يۈزىنى يۆگەشتىن، ئەرلەرنى نامۇۋاپىق ساقال قويۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆججىتىدە، « ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش، پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك.» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.