logo

trugen jacn

خىتاي مەبلەغنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن

 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 29-نويابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى ۋە يېقىندا بۇ ھەقتە رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 2017-يىلى 9-ئايغا قەدەر خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىنى ئېلىش كېرەكلىكى خىتايدىكى بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرگە ئۇقتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىدە يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىز چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشنى كونترول قىلىدىغان قارارلارنى ئېلان قىلىشىغا دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-meblegh-11292016163320.html

Share
1206 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.