logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : مەككارلىق كېسلى

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

بۇندىن بەش يىل بۇرۇن مىسىردىكى بىر ئوقۇرمەن ئىنىمىز «بۇ يەردە ئابدۇۋەلى ئاكامنى ئىشپىيۇن دەيدىكەن» دەپتۇ بىرەيلەنگە. بۇنداق گەپلەرنى تۈركىيەدىمۇ ئاڭلىغاچقا ھەيران قالمىدىم. بۇ قېتىم مىسىر ھەققىدە يېزىپمۇ خەقلەرنىڭ پۇلىنى قويۇۋالغان، يەسلى قۇرۇش نامىدا بايلارنى ئالدىغان، ھۆكۈمەت چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويغان…دېگەندەك تۆھمەتلەرگە دۇچ كەلدىم. بۇ ۋەتەندىكى ۋە چەتئەلدىكى بىر قسىم كىشىلەرگە ئورتاق مەككارلىق كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى بولغان ئىشپىيۇن پۇراش ئىدى. بۇ كېسەل چەتئەللەردە مۇساپىرلىق ۋاقتى ئۇزارغانچە ئەدەپ كېتىدۇ. ئىشپىيۇن پۇراش كېسىلىگە گېرىپتار بۇ كىشىلەرنىڭ «دەلىل»لىرى ئىقتىسادى، ئىتىقادى ۋە مەلۇماتىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەن ھەققىدىكى دەلىللىرىنى مىسال قىلسام، جان بېقىشتا قىينالغانلىرى «ئەلچىخانىدىن مۇئاش ئالىدىكەن، ئەلچىخانىدا يېتىپ قوپۇپتىكەن» دەيدۇ. مىللەتتىن تاماسى بار، لېكىن تۆھپىسى يوقلىرى «ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم بولمىسا نېمىشقا شۇنچە يازسىمۇ تۇتمايدۇ، نېمىشقا چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويىدۇ؟» دەپ سېسىتىدۇ. ئۆزىنى ئىتىقادلىق چاغلايدىغانلىرى «مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە تېرىماقچى، دىندارلىرىمىزنى يۈزىنى تۆكمەكچى، تالىپلارنى قوزغاپ نامەلۇم يوللارغا باشلىماقچى» دەيدۇ.  بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىرى ۋەتەنگە كىرىپ چىققانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ۋەتەندە ئىشلەپ چىققانلارغا ئىشەنمەيدۇ، ۋەتەندىن ئەۋەتىلگەنلەرنى« ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلەر» دەپ  يامان كۆرىدۇ. ئۇلار جوڭگۇدا ئىمتىھان دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىدىن، رىقابەت دەيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىدىن خۇپسەن بولۇۋالىدۇ. چاتاق يېرى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىلىملىك، پائالىيەتچان، ناتىق كىشىلەر بار. ئەڭ خەتەرلىكى، بۇلار دىن ۋە مىللەت ماسكىسىنى تاقىۋالغان.

مەككارلىق كېسىلىنىڭ ئىككىنچى ئىپادىسى ھەرقانداق كىشى، ئىش، پىكىر ۋە ھەركەتنىڭ كەينىدە بىر قارا قول بار دەپ قارايدۇ. ئۇلار توزاق نەزەرىيەسىگە ئىشىنىدۇ. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردە بىر ئويۇن بار دەپ قارايدۇ. ئادەتتە قارا قوللار قاتارىغا ئەڭ ئالدى بىلەن تىزىدىغىنى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىلار تىزگنىدىكى ئامېرىكا، ئامېرىكىنىڭ ئىتىپاقدىشى ياۋرۇپا. ئۇلار بەزىدە مۇسۇلمانلىق ئەسقاتىدىغان سورۇنلاردا ئىسرائىيە، ئامېرىكا ئىبارىسى ئورنىغا ئەھلى سەلىپ، ماسۇن كەبى ئاتالغۇلارنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن قۇرئاندىن ئايەتلەرنىڭ باش ئاخىرىنى ئويلاشماي ئۈزىۋېلىپلا دەلىل قىلىدۇ. بەزىدە جوڭگۇدا چىققان كىتابلاردىن كۆرۈۋالغانلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە بەزىدە تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئاڭلىۋالغان يالغان ياۋىداقلارنى شىپە كەلتۈرىدۇ. ئۇلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەرنىڭ بۆلۈنىشلىرىگىچە، مۇستاپا كامالنىڭ دۆلەت قۇرۇشىدىن تارتىپ ئەردوغاننىڭ تەختكە چىقىشىغىچە ھەممە ئىشتا بىر ئالدىن پىلانلانغان سۈيىقەست بار. ھەتتا ئۇلار بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭمۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نادان بولغاچقا شۇ ئويۇننىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ نەپرىتىم تۇتقانىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەھرىمانلار كۆپىنچە خەقنىڭ ئويۇنىغا ئالدانغان، ئىنقىلابلارنىڭ كۆپىنچىسى قارا قوللار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيانى كونترول قىلىۋاتقان غايەت زور بىر يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر چىقسىمۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا قادىر ئەمەس، چۈنكى ھەممە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغان. دۇنيادا شۇ قەدەر زور بىر كۈچ بولۇپ شۇلار ئىنسانىيەتنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ كونتروللاردىن شىكايەت قىلىشى ۋە قۇتۇلۇشقا تىرىشىشى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق، ھەتتا ئۆزىنى چاغلىمايدىغان نادانلىق. قىزىق يېرى سوراق جەريانىدا شۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىدىم.

مەككارلىق كېسىلىنىڭ ئۈچىنچى ئالامىتى ئىشەنچسىزلىكتۇر. بۇ بىمارلار ھىچ كىمگە ئىشەنمەيدۇ. بىرسى بىر نەرسە يازسا، سۆزلىسە، ياكى بىرەر پائالىيەت قىلسا چوقۇم بىر شۇملۇقنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم ۋە ھادىسە ھەققىدە يامان گۇمان قىلىدۇ. ئاخباراتتا ئىشلىگەنلەردىن «كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى توپلاپ ئاشكارىلىۋەتتى. ئۇيغۇرلارنى خەۋەرچىلىك ئۈچۈن پايدىلاندى» دەپ گۇمان قىلىدۇ. كىملەرگىدۇر ئىستىخپارات توپلاپ بەردى دەيدۇ. سودا قىلغانلاردىن پۇستانە دۆلەتنىڭ مېلىنى ساتتى، بىكارغا سېلىپ بېرىدىغان خوجىسى بار، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يېزىلغان نەرسىگە بىرىنجى ئىنكاسى نېمە يازدى ئەمەس، «نېمە مەقسەدتە يازدى» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئۇچراتقان بىر ئىشقا بىۋاستە ئىپادىسى، «قانداق دۈشمەنلىك بار» جۈملىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  مۇنداق بىر مەشھۇر مىسال بار. بىرەيلەن يىللاپ كىتاب تەرجىمە ئىشى بىلەن مەشغۇلكەن. مەزكۇر كىتاب نەشىر قىلىنغاندا مەلۇم بىر مەزمۇن ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار كىملەرنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ، بۇنى دۈشمەن كۈچلەر بىرلىشىپ، پىلانلىق تەشكىللىك ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خائىنلىق دەپ چۈشىنىپتۇ ۋە ئەيىپلەپتۇ. مەنچە بۇنداق مەككارلىق كېسىلى بار ئادەم ھامان باشقىلارغا ئىشەنمىگەندىكىن، ئەقىلگە ۋە تەدبىرگە ئىشىنىپ ئىشنىڭ جەريانغا باشتىن ئاياققىچە نازارەت قىلىشى كېرەك. خاتالىق چىقسا قوللانغان تەدبىرىنىڭ ئۈنىمىنى، ئىشلەتكەن ئەقلىنىڭ رولىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. ھىچ بىر تەدبىر قىلماي تۇرۇپ بىر ئادەمگە ھەممىنى تاپشۇرۇپ، كەينىدىن چاتاق چىققاندا ئۆزىنىڭ تەدبىرسىزلىگىدىن ئەمەس، باشقىلاردىن ئاغرىنىش، ھەتتا خائىنلىقتا ئەيىپلەش پەقەت شۇ كىشىنىڭ رەزىللىك تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.

ئادەتتە مەككارلارنىڭ ھەممىنى ئالدىن «بىلىدۇ»، ئالدىن «پەرەز» قىلالايدۇ، ئالدىن «ھۆكۈم» چىقىرالايدۇ. ئۇلار بىرسىگە مۇسىبەت كەلگەننى ئاڭلىغاندا «مەن بىلەتتىم شۇنداق مۇسىبەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا مەن ئارىلاشمىغان» دەيدۇ. بىرسى بىرەر پائالىيەتنى تەشكىللەپ بەدىلىنى ئۆتىسە «مەن بىلەتتىم بەدەل ئۆتەيدىغانلىقىنى، بۇنداق بەدەل ئۆتەپ باققانلار بىلەن يېقىنتىم…تونۇيتتىم، زادى تەشكىللىمەيدىغان ئىشتى» دەيدۇ. ئۆزى بىرەر تايىنى يوق نەرىسلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئاقتۇرالمىسا «بىزنىڭ خەلقنىڭ نادانلىقىنى بىلىمەن، بىز خەق ئەسكى خەق، قىلغاننى بىلمەيمىز. بىزنىڭ خەلق قەھرىمانلىرىنى ئۆزى خاراپ قىلىدۇ، شۇڭا كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇ» دەيدۇ. مۇنداقلار ئىچىدىكى قولىدا قەلەم تۇرىدىغانلار ۋەتەندە پۇرسەت ۋە شارائىت يوقلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ. ۋەتەن سىرتىدا بولسا نەشىر قىلدۇرىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان ئادەم يوق دەپ باھانە كۆرستىدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچ بىر پايدىلىق ئىش قىماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ يارىماسلىقىنى بىلىۋالغانلىقىدىن بولغان، ھىچ پائالىيەتكە يۇقۇشماسلىقىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز، مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغان تايىنى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىگىنىدىن بولغان. ئۇلاردا بىر دوستۇمنىڭ ئىبارىسى بويىچە « ئىشنى چوڭ چاغلىماسلىق، ئۆزىنى بوش چاغلىماسلىق» خاھىشى بار.

مەككارلارنىڭ ئىشەنچى ئاجىز، قورقۇنچاق كېلىدۇ. بىرەر ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يۈز ئالدىن قورققاچ تۇرىدۇ، ھەم باشقىلارغىمۇ بۇ ھەقتە قورقۇنچلۇق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، دائىم ئۆزى باشتىن كەچۈرمىگەن قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلەردىن گەپ باشلايدۇ، ۋە ئۆزىنىڭ قورقۇش ئارقىلىق نەقەدەر زور مۈشكۈللەردىن ئامان قالغانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزىنى تاكتىكا بىلەن ئىش قىلغۇچىلار، ھىسىياتتىن خالى ئاجايىپ ئاقىلللار دەپ بىلىدۇ. ئۇلار جۇرئەتلىكلەرنى ۋە باشقىلارغا جاسارەتنى تەشەببۇس قىلغانلارنى «ھاياجانلار ئىشقا سالغۇچىلار، مىللەتنى ھاياجانلاندۇرۇپ يەمچۈك قىلغۇچىلار، داھىلىق تاماسى بارلار، كىشىلەرنى كۇشكۇرتۇپ پايدا ئالغۇچىلار، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتقۇچىلار…» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى بىرەر پىلان ۋە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويالماسلىقتىلا ئەمەس، دائىم تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ خىرىس قىلىشلىرى بىلەن، مەخپىي ھۇجۇم تەشكىللەشلىرى بىلەن، تۆھمەت قىلىشلىرى بىلەن ئىپادلىنىدۇ. ئۇلار نە ئۆز ئىسمى بىلەن ئوتتۇرغا چىقمايدۇ، نە ئۆز جىسمى بىلەن جامائەتكە ئاشكارە بولمايدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئاقتۇرالماپسىلەر، دېلسە «ئېقىپ كەتسە دائىرىلەرنىڭ دىققىتى قوزغىلىپ قالىدۇ» دەپ قورقىدۇ. پىلانىڭ يوقكەن، دېيىلسە پىلان تۈزسەم دائىرىلەر بىلىپ قالىدۇ دەپ قورقىدۇ، ئادىمىڭ ئازكەن دېسە جىقلاپ كەتسە ھۆكۈمەتنىڭ دېققەتىنى تارتىمەن دەپ قورقىدۇ. ئۇلار ھەتتا ھىچ ئىش قىلمىغان ۋە قىلمايدىغانلىقى يىللاپ ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ قورقىدۇ. ئۆزىنى ۋە ئۆز ئىشىنى ئالامەت مۇقەددەسلەشتۈرۈپ قورقۇنچاقلىقىنى مىللەت ئۈچۈن ياشاپ بېرىش، ساق تۇرۇپ بېرىش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ھالبۇكى قورقۇنچاقلىقىنىڭ چانماسلىقى ئۈچۈن ئۆز ساھەسىگە ھىچ كىمنىڭ پىكىر بېرىشىنى، باھا يېزىشىنى، ئارىلىشپ قېلىشىنى خالىمايدۇ

مەككارلىق كېسلى

Share
5086 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.