ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
شۆھرەت ھوشۇر
ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار (4)
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبەبازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلىرىدىن ھەسەن ئىمىن، بۇلتۇر 6-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان بىر يىل مۇددەتلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش دولقۇنى» دا 10 يىللىق كېسىلگەن.
ئۇنىڭ جازالىنىشىغا، ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ نەزىرىنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى ۋە ئاچىسىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرگەنلىكى سەۋەب بولغان. شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى قىلمىشى «ئاتالمىش ئەسەبىي كۈچلەرگە ئەگىشىش» ۋە «دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىش» دەپ قارالغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر «22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا مۇددىتى بىر يىللىق ئاتالمىش «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى» قوزغىدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دولقۇن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىدا زەربە بېرىش نىشانلىرىنى تېپىش ۋە بېكىتىش قىيىنچىلىقىنى تۇغدۇرغان، نەتىجىدە يەرلىك دائىرىلەر بۇرۇن تەكشۈرۈلۈپ گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلگەن سابىق گۇماندارلارنى قايتىدىن تۇتۇش ۋە ئۇلارغا بەلگىلىك جىنايەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق ۋەزىپە ئورۇنداش يولىنى تۇتقان.
مەھبۇس ھەسەن ئىمىن مەزكۇر دولقۇندا، ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ نەزىرىنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن «ئەسەبىيلىك» بىلەن، ئاچىسىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 10 يىللىق كېسىلگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ يەكەندىكى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-11102015144406.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER