ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
شۆھرەت ھوشۇر
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ 76 سائەت ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىر ئايال گۇماندارنى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ۋىيېتنام ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى پىلانلىغان بىر ھىجرەتچىلەر دېلوسىنى پاش قىلغان.
«30-ئىيۇن» دېلوسى دەپ ئاتالغان بۇ دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلاردىن بىر قىسمى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خېنەن ئۆلكىسىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن؛ مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان 21 ياشلىق بىر ئايال گۇماندار بىر ياشلىق بالىسى بىلەن بىرلىكتە گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، ئەمما خەۋەردە دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ ئومۇمى سانى، كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ساقچى ۋە كەنت مەسئۇللىرىدىن بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ 50دىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىقلاندى ۋە بۇلاردىن تويبولدى يېزىسىغا تەۋە 4 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hijret-delosi-01062015162257.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER