ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن شىددەتلىك ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا دۇچ كەلدى. مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى سۈننىي مەركەزلىرى ھېسابلىنىدىغان سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋە ناھايىتى غەلىتە شەكىلدە ئالدىغا چىققان ھەربىي كۈچلەرنى يېڭىپ، 25 مىليون نوپۇسقا ئىگە جاينى كونترول قىلالايدىغان كۈچكە ئايلانغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د)، ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم مەزكۇر رايونغا قايتۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن سىياسىي نوپۇزىنى ۋە بار دېيىلگەندە سېھرىي كۈچىنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەمدە تىنچلىقپەرۋەرلىكنىڭ ئۈستىگە تىكلىگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قايتىدىن ئىراقتا ئۇرۇش باشلىدى. چوڭ بۇش 1991 – يىلى بىرىنچى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىنى؛ كىچىك بۇش 2003 – يىلى 2 – قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىنى؛ ئەمدىلىكتە بولسا، 2014 – يىلى دېموكرات پىرېزىدېنت ئوباما 3 – قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىنى باشلىغان بولدى. پۈتۈن بۇلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىزلەر بولساق، بۇ ۋەقەلەرنى قايتا – قايتا باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. ئۇنداق بولسا، بۇ تەكرارلىنىشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ بۇ غەربنىڭ مەدەنىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ رولىمۇ ياكى رايوننىڭ گېئوپولىتىكىلىق جەلپ قىلش كۈچىمۇ؟ ياكى تېئوپولىتىكىلىق ھېسابلىشىشلار ئوتتۇرا شەرقنى بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ كېلىۋاتامدۇ؟ تۈركىيە بۇ مۇساپىلەردە قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟
غەربنىڭ ئېڭى ئۆزگەرمىدى
بىرىنچى، غەرب دۇنياسى ھەر خىل كىرىزىسلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇرۇنقى كۈچىنى يوقىتىپ قويغان بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا دۇنيادا زامانىۋى بىلىم، يېڭى تېخنىكا، مۇھىم سانائەت ساھەلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە سىستېمىلاشقان دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى قوغداپ كەلمەكتە. يۈكسېلىۋاتقان كۈچلەر بولغان خىتاي، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەردە ھازىرچە غەرب بىلەن بويسىنىشالايدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇرۇنقى ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ بىرسى بولغان، ھازىر بولسا، يۈكسېلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەبىئىي گاز ۋە نېفىتقا تايىنىدۇ. ئالەم تېخنىكىسى ۋە يادرو قوراللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيەنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن رىقابەت قىلغۇدەك يۇقىرى تېخنىكىغا تايانغان سانائىتى يوق. بۇ سەۋەبتىن، غەرب دۆلەتلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، ئىلىم – پەن ۋە سىياسەتتە «ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى» بولۇش دەۋاسىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، غەرب ئۆزىنى بىردىنبىر ۋە ئۈستۈن مەدەنىيەت؛ دۇنيادىكى باشقىلارنى بولسا، مەدەنىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان جەمئىيەتلەر، دەپ ئاتايدىغان شەرقشۇناسلىق ئۆرنىكىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئامېرىكىدىكى ئاشقۇن ئوڭچى قاناتلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدە تۇرۇپ دۇنياغا قارىغاندا، ئۇلار سوغۇق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە بولغان مەستخوشلۇقىدىن يېشىلگىنى يوق. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ئۇلار ئۈچۈن پۇرسەتكە ئايلاندى. ئۇلار ئىراق بىلەن ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى ھەربىي، تېخنىكا ۋە سىياسىي كۈچىنى يېتەرلىك دەرىجىدە، ھەمدە قەتئىيلىك بىلەن ئىشلەتمەسلىككە باغلايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بۈگۈن ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ ئى ش ئى د نىڭ قولىدا قونچاق بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئى ش ئى د نىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى، پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلەرنى ئەھمىيەتسىز ھالدا بالدۇر چېكىندۈرۈش، دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار، كۈچىنى يوقاتقان ئىمپېراتورلۇقنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرى قۇرغان دۇنيا تەرتىپىگە قارشى چىققان كۈچلەرگە ۋە ئىدېئولوگىيەلەرگە قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، رەھىمسىزلەرچە كۈرەش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئى ش ئى د گېئوپولىتىكىلىق سېنارىيەنىڭ بىر پارچىسى
توغرىسىنى ئېيتساق، ئامېرىكا بۈگۈن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە چېكىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلەر بىلەن «دۆلەتنى ئەبەدىيلىك» كە ئىگە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا. قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، باراك ئوباما بىرىنچىسىگە، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە يېڭى كونسېرۋاتىپلار ئىككىنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئوبامانىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋە كۈچ ئىشلىتىشكە بۇنچىۋالا خالىماسلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوباما گەرچە ئۇرۇشنى خالىمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئى ش ئى د غا قارشى خالىسانە بىرلەشمە قىسىمنى قۇرۇپ، ھاۋا بومباردىمانىغا باشچىلىق قىلىشى، ئوڭچى قاناتنىڭ «ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ۋە كۈچىنى يېتەرلىك قوغدىيالمىدى» دېگەن تەنقىدلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىلغان. ھەر قاچان خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشتىن قېچىشتەك رەھبەرلىك مەيدانىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن ئوباما، بۇ قېتىممۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا رۇسىيە بىلەن يۈزمۇ يۈز كېلىشتىن يىراق تۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى، ھەتتا رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ بىئارام قىلغان ئى ش ئى د غا قارشى ئۇرۇشنى تاللىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى ھاياجانلىق شوئار ئوخشاش: «ئورتاق مەدەنىيىتىمىزنى بەربەرلەردىن قوغداش.» ئۆتمۈشتە شەرققە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن قۇددۇسنى قۇتقۇزۇش باھانىسى بار ئىدى، بۇنىڭدىكى ئەسلى مەقسەت شەرقنىڭ بايلىقلىرىنى كونترول قىلىش ئىدى. ھازىرمۇ بۇنىڭدىن ئانچە پەرقىلىق ئەمەس. كۆزگە كۆرۈنىدىغان مەقسەت – بەربەرلەچە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش؛ ئەسلى مەقسەت – ئۆزلىرىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش.
ئى ش ئى د پەيدا بولۇشىدىن تارتىپلا گېئوپولىتىكىلىق مەسىلە بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ كىمگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئانچە مۇنازىرە قوزغىمىدى. ھېچكىممۇ «ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا بولغان مۇھىم تەشكىلاتلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا جەزمەن ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرى بولىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن غەززە ئۇرۇشىدا مەيدانىنى ئىپادىلىيەلمىدى؟ مۇسۇل ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبقا، باغدادقا يۈرۈش قىلىشى كېرەك تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز شىمالدىكى كۈرت رايونىغا ھۇجۇم قىلدى؟ ئى ش ئى د سۈرىيەدە نېمە ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئەمەس، بەلكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە شىمالدىكى دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى (PYD) نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟ مەقسەت پەقەتلا نېفىت مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇشمۇ ياكى رايوندىكى پۈتۈن ئاكتىيورلارنى موھتاجلىققا چۈشۈرۈپ قويۇشمۇ؟ دىكتاتور بەششار ئەسەدنىڭ بەزىدە خىمىيەلىك قورال، بەزىدە ۋارىل بومبىسى ۋە ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش تاكتىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەھشىيلەرچە قەتلىئام يۈرگۈزۈشى، يېتەرلىك دەرىجىدە بەربەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، پۈتۈن ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئويۇنلارنى بۇزۇۋەتكەن دۆلەت – تۈركىيە
تۈركىيە سالماقلىق بىلەن ئىستراتېگىيە بەلگىلىمەكتە. غەربنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، دۇنياغا چۈشەندۈرمەكتە ۋە قارشى پىلانلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىرىنى بىكار قىلىۋەتمەكتە. 1990 – يىللارنىڭ گېئوپولىتىكا سۆزى – مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ئىدى. تۈركىيە بۇنىڭغا قارشى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەيلى ئېغىزدا بولسۇن، مەيلى تاشقى سىياسەتتە بولسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى مەركەز قىلغان سىياسەتلىرى بىلەن ياۋروپانىڭ پۈتۈن تەسەۋۇرلىرىنى يوققا چىقاردى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دۇنياۋى نەزىرىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئورتاق قانۇن لايىھەسى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇرلاپ، بىر بۇلۇڭغا قىستىدى. ئوخشا ۋاقىتتا يەنە، ئەرەب باھارى باسقۇچىدا، ھەم سۈرىيە كىرىزىسىدا نامايەن قىلغان ئىنسانىي پوزىتسىيەسى، ھەمدە مىسىر ھەربىي ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە پۈتۈن دۇنياغا دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا بولغان سادىقلىقىنى كۆرسىتىپ، ئېغىزدا مەدەنىيەتلىك ۋە دېموكراتىك دۇنيانىڭ بىر – بىرىگە زىت ۋە ئۆزگىرىشچان مەيدانىنى ئېچىپ تاشلىدى.
ھازىرقى يېڭى سېنارىيە مۇنداق بولۇپ، غەرب مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيىتىگە زىيان سالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەرب بولۇپمۇ ئامېرىكا، 11 – سېنتەبىر تىراگېدىيەسىدىن كۆپ ساۋاق ئالدى. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدىكى گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش نامى ئاستىدا يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقتى. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ نامى، «مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى ۋە قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ كونترول قىلىش ئىستراتېگيەسىدۇر.» بۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نەرسە، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى بايقاش، ئوخشىماسلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كۈشكۈرتۈش، توقۇنۇشنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىش ۋە غەربنىڭ ئويۇن سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشتۇر. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا بۇ سېنارىيەگە ئەھمىيەت بېرىلدى. «ئىسلامغا قارشى ئىسلام» سىياسىتى دەپ ئاتالغان بۇ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئىستراتېگىيەسى، ئاۋال تارىخىيلىققا ئىگە مەزھەپ زىددىيەتلىرى (شىئە ۋە سۈننىي)، سەلەفىلىك ۋە ئەنئەنىچىلىك (تەسەۋۋۇپچىلىق)، ئىسلامىي جامائەتلەر، كىشىلىك قاراش ۋە زامانىۋى دىن قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئۇلغايتىپ، توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈركىيەدە يېقىنقى بىر يىلدا ئوتتۇرىغا چىققان جامائەت – ھۆكۈمەت زىددىيىتىنى بۇ نۇقتىدىن چۈشىنىش لازىم. بۇ ئەل قائىدەنىڭ يەنە بىر قولى بولغان ئى ش ئى د نىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئالدى بىلەن قەستەن يولىنىڭ ئېچىلىشى، ئەمدىلىكتە بولسا، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش نامى ئاستىدا ئى ش ئى د غا قارشى بىرلەشمە قىسىمنى قۇرۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قان قانچىلىك جىق ئاقسا، ئىستراتېگىيە شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ
بۇ يەردە تۈركىيەنىڭ مەيدانىنى ئىنتايىن مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيە غەربنىڭ بۇ ئويۇنىنى كۆپ جەھەتتىن بۇزۇۋەتتى. دىققەت قىلىدىغان بولساق، باشتىن تارتىپلا تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا كىرىشكە مەجبۇرلاندى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، تۈركىيەنى شىئە – سۈننىي زىددىيىتىدە بىر تەرەپكە يانباسىدىغان قىلىش ۋە ئۇزۇن يىل داۋام قىلىدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرىش. تۈركىيە بارغانچە ئۆتكۈرلەشكەن زېھنى قابىلىيىتى بىلەن بۇ سېنارىيەلەرنى بۇرۇندىنلا كۆرۈپ يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە، ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە، 1 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىرغا قۇچاق ئېچىشقا مەجبۇر قىلىشقا ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ بارلىق ئىغۋاگەرچىلىكىگە سەۋر قىلىپ، غەرب ئى ش ئى د غا قارشى ئۇرۇشنى باشلىغىچە سۈرىيەگە كىرمەسلىكتە چىڭ تۇردى. ئەمدى ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش قىلىش – سوقۇلغان چوتلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئىسلام ئىچى كۈرەشكە ئايلىنىشتىن ئۆزگىرىپ، «پۈتۈن ئىنسانىيەت نامى» ئاستىدىكى كۈرەشكە ئايلاندى. تۈركىيە غەرب باشلىغان بۇ كۈرەشتە ئۆز ئورنىنى بەلگىلىدى. سۈرىيە ھەققىدىكى قارارنامە ۋاقىت جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەزمۇنى جەھەتتىن بولسۇن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن توغرا. تۈركىيەنىڭ رولى ھەرگىزمۇ رايوندىكى كىرىزىسنى ۋە قالايمىقانچىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش ئەمەس. دېمىسىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئەمدى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قىسىم ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە، ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنياغا نىشاننىڭ پەقەت ئى ش ئى د بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، بەلكى سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئى ش ئى د غا ئوخشاش بارلىق غەلىتە تەشكىلاتلارنى ئاپىرىدە قىلىدىغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى