logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى ”7.5 “ ۋەقەسىنىڭ بىر ئايلىغىدا

fft23_mf309266

م.ئازات

 

ئۈرۈمچى ”7.5 “ ۋەقەسىنىڭ بىر ئايلىغىدا

 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 5.كۈنى ئاخشامدا ”.شىنخۇانەت“ تورى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا يېغىلغان بىر نەچچە يۈز نامايىشچىدىن 70 نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى،قالغانلىرى تارقىتىۋەتىلگەنلىگىنى خەۋەر قىلىندى.

ئارقىدىنلا يەنە ”.شىنخۇۋانەت“ مەيدانغا يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار ساقچىلارنى بۇسۇپ كىرىپ كەلگەنلىكىنى يەنە 30 نامايىشچىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى،قالغانلىرى تارقىتىۋەتىلگەنلىگى.نامايىش بېسىقتۇرۇلغانلىغى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى.

 2009.يىلى.7.ئاينىڭ 6.كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9.30 دا  ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى ئېچىپ ”7.5“ ۋەقەسىدە 140 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى،828 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىغىنى ئېلان قىلدى.ئۆلگەن،يارىدار بولغانلارنىڭ مىللىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

 6.ئىيۇل ئەتتىگەن سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە  ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تىلىۋەزوردا نوتۇق سۆزلەپ، ۋەقەنى، تور بەتلىرىنىڭ قۇتۇراتقۇلۇغى ،ۋەتەن سىرتىدىن قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلىدى.“ئۇرۇش،چېقىش،بولاش،ئوت قويۇش“ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكتى دەپ بېكىتتى.ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ”3 خىل كۈچ“ تەرىپىدىن،ۋەتەن سىرتىدا پىلانلىنىپ،ۋەتەن ئىچىدە ئەمىلىلەشتۈرۈلگەنلىگىنى سۆزلىدى. بۇ كۈنى ھېچبىر خەنزۇ ئەمەلدار ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

ۋەقەدىن بىر سوتكا،نۇر بەكرىنىڭ تېلېۋىزور نۇتقىدىن 8 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 6.ئىيۇل كەچ سائەت 7 دە ۋاڭلوچۇۋەن ”6.26“ شاوگۇۋەن ۋە ”7.5“ئۈرۈمچى ۋەقەسى رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ زور سۇيىقەستى بولغانلىغىنى ئېلان قىلدى.“.شىنخۇۋا نەت“بۇ خەۋەرنى دەرھال دۇنياغا تارقاتتى.

دېمەك، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ۋەتەن ئىچى،سىرتىدا كىمنىڭ ئۈستىگە ئارتىش توغرىسىدا مەركىزى كومىتېت سىياسى بىروسىدا بىر سوتكا تالاش-تارتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن،ۋەقەنى،رابىيە قادىرخانىمنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇش ئۇيغۇن كۆرۈلۈپ شۇنداق قارار قوبۇل قىلىنغان.

ۋاڭلوچۇەن، ۋەقەنى رابىيە قادىرغا يۈكلەۋاتقان مىنۇتلاردا،جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى،ئامېرىكىنىڭ بېىجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەسمى نوتا تاپشۇرغان.ئامما،بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېغىر كىرزىسقا سەۋەپ بولۇش ئېھتىمالى بولغان نوتا مەتبۇاتلاردا يەر ئالمىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە قېلىشىدا بۇ مەخپى نوتىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولدى.

نېمە ئۈچۈن ۋاڭلوچۇەن،“7.5″ۋەقەسىنى بىۋاستە رابىيە قادىرخانىمغا يۈكلەپ قويۇش تاكتىكىسىنى ئىشلەتتى؟

بىرىنچى:جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن.

ئىككىنچى:ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇش،ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرۈش.ھېچ بولمىغاندا سوغۇتۇش ئۈچۈن.
ئۇچۇنچى:جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق دۆلەتلەرنى،رابىيە قادىرخانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن.
توتىنچى:چەتئەلدە رابىيە خانىمنىڭ مۇتلاق نۇپۇزىنى تىكلەش ئارقىلىق، مۇستەقىللىق سىياسى ۋە قۇراللىق ھەركەتلەرنى رابىيە خانىمنىڭ كۇلەڭگۇسى ئاستىدا ئىرىتىپ يوق قىلىش ئۇچۇن.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھىلى-مىكىر بىلەن تولغان بۇ پىلانى،پەقەتلا ئامېرىكىنى قېيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇشتا قىسمەن رول ئوينىدى. رابىيە خانىمنىڭ ئورنىنى تىكلىشى، ئۇيغۇرلارنى تارىخى ئىمكان ۋە پايدىلىق شارايىت بىلەن تەمىنلىدى. باشقا نىيەتلىرى تامامەن مەغلۇپ بولدى ۋە مەغلۇپ بولغۇسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئاتقان تەشۋىقات ئوقلىرى ئۆزىگە قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى ۋەيران قىلدى.تەشۋىقاتتا تامامەن مەغلۇپ بولدى.

سىياسى ھاكىمىيەت،ئارمىيە، ساقچى ئورگانلىرى،بىخەتەرلىك تەشكىلاتى،ماددىي ۋە تەخنىلوگىيەلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ۋەتەندىكى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مىنۇت-سىكىنۇتىغىچە كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ”7.5“ ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالالماسلىقى،كونترول قىلالماسلىقى،خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرەت كۈچىنىڭ پونتاندەك پارتلاپ چىقىشىنى ھېچ تەخمىن قىلالماسلىقى،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قورالغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدىغان،ئىچكى ۋەزىيىتىدىن تامامەن خەۋىرى يوق.بۇزۇقچىلىق ئىچىدە ئەيشى-ئىشرەت سۈرۈپ ئۆتۈۋاتقان چىرىكلەشكەن، قابىلىيەتسىز بىر سىياسى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.دۇنيا بۇنى كۆردى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن بىرسى بولغان جۇڭگو نىڭ سىياسى ھاكىمىيىتى رابىيەخانىمغا تۆھمەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالماسلىغى،جۇڭگودا چوڭ دۆلەتلەرگە خاس مەسئۇلىيەت ۋە ئەسدايىدىللىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى،دۇنيا دۆلەتلىرى ئالدىدا ئاشكارىلاپ قويدى.

ئەگەر رابىيەخانىمنىڭ بىر-ئىككى ئېغىز سۆزى بىلەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بۇ قەدەر ھەرىكەتكە كىلىدىغان بولسا ئىدى،شەرقى تۈركىستاندا جۇڭگو ھاكىمىيىتى پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مىليارتلىغان دوللار خەجلەپ تەشۋىقات قىلىپمۇ،خەلقئارادا بۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ۋاڭلوچۇەن،ۋەتەن ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ قېنىنى ئىچىپ تويمايۋاتقان بولسىمۇ،ۋەتەن سىرتىدا نىشان كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز ”تۆھپە“قوشقان بولدى.

ۋاڭلوچۇەننىڭ رەزىللىگىنىڭ يۇقىرى پەللىسى،رابىيەخانىمنىڭ بالىلىرىغا،ھەتتا تۈرمىدىكى بالىلىرىغا خەت يازدۇرۇپ،ئۇ خەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى پوتو كوپيە قىلىپ ،2.ئاۋغۇست كۈنى ”شىنخۇۋانەت“نىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە سەھىپىلىرىگە قويغانلىقى، بولدى. بۇ قىلمىش دۆلەت ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى.

دۇنيا يەنە بىر قېتىم،شەرقى تۈركىستاندىكى مىللىي زۇلۇمنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلشلىتىلىۋاتقانلىغىنى، ۋاسىتىلەرنىڭ قانچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يەتتى.

 

ئۈرۈمچىدە 7.ئىيۇل ئەتتىگەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىشقا چىقتى.بۇ نامايىش پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالدى.

شۇن كۈنى-7.ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بىر قىسىم خەنزۇلارمۇ كالتەك-چۇماقلارنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى.7.ئىيۇل. ۋەقە نىڭ جاۋاپكارلغى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئېنىق ئادرېسقا يۈكلىنىپ بولغاندىن كېيىن،ساقچى ئورۇنلىرى 1434 نەپەر(55 نەپىرى ئايال) ئادەم تۇتۇلغانلىقىنى،90 نەپەر گۇماندارنىڭ ئاختۇرۇلۇۋاتقانلىغىنى ئېلان قىلدى.ئۆلگەنلەرنىڭ 156 (27 سى ئايال)ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەينى كۈنى-يەنى 7.ئىيۇل ئەتتىگەندە ”دۇڭفىڭ“ماركىلىق 40 ماشىنىدا جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ قەشقەرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا ”شىنخۇۋانەت“تورى خەۋەر تارقاتتى.خوتەن،ئاقسۇ،غۇلجىغىمۇ ئەسكەرلەر كىرىۋاتقانلىغى،بۇ شەھەرلىرىدىمۇ ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىگى خەۋەر قىلىندى.

ئەينى كۈن-يەنى 7.ئىۇل چۈشتىن كەيىندىن باشلاپ،دۇنيا تىلىۋىزورلىرى ۋە تورلىرى،جۇڭگو تەرەپ تارقاتقان خەنزۇلارنىڭ ئۆلۈك،يارىدار كۆرۈنۈشلىرى ئورنىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىش كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە خەنزۇلارنىڭ كالتەك-توخماق بىلەن نامايىش قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3.كۈنى-يەنى 8.ئىيۇلدىن باشلاپ تەشۋىقات ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا قاراپ تەرەققى قىلدى. 8.ئىيۇل كۇنى بېىجىڭدە ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلدى.

شىنخۇا تورى،6-7-8-9.ئىيۇل كۈنلىرى ئۈرۈمچى،قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ،غۇلجا شەھەرلەرلىرىگە كىرگەن ئەسكەر سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى يازدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈلدى.ئۇمۇمىي تۇتۇلغان ئۇيغۇرنىڭ سانى 2000 ئەتىراپىدا ئىدى.

 10.ئىيۇل جۈمە كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ،ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم كۈن ئىدى.10.ئىيۇل-جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە سانى 200-300 نەپەردىن ئاشمىغان جامائەت بىر-ئىككى سائەت نامايىش قىلدى ۋە دەرھال تارقىتىۋېتىلدى. ۋاڭلوچۇۋەن ۋەزىيەتتىن مەمنۇن ئىدى.ئۇ، قۇراللىق قىسىملارغا قورقماستىن ئادەم تۇتۇش ئۈچۈن بۇيرۇق بەردى.

12.ئىيۇل  ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن  يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى.بۇ قېتىم ”3خىل كۈچ“دېگەننى تىلغا ئالمايلا،يۈزدە سەكسەن دەرىجە بۇرۇلۇپ، رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى جاۋابكار تۇتۇشتا ۋاڭلوچۇۋەن بىلەن بىردەك سۆز بىرلىكىگە ئۆتتى.ۋەقەگە قاتناشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 184،يارىدار 1860 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە نۇقتىلىق ھالدا ئادەم تۇتۇش داۋام قىلسىمۇ،17.چېسلا(جۈمە كۈنى) نى تىنىچ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىر قەدەر ئېھتىيات بىلەن ھەركەت قىلدى.

 13.ئىيۇل 3 ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە كوچىدا ئېتىپ تاشلاندى.پىچاقلىق 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا پادا قويدەك قېچىۋاتقان خىتاي ساقچىلار، بۇ 3 كىشىنى ئولتۇرمەي تۇتۇش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئاپتۇمات، پىلىمۇتتا ئوققا تۇتۇپ كوچىدا ئولتۇرىۋەتتى.
 13.ئىيۇل كۈنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى جۇوباوخۇا، غۇلجىدا 70 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىرىنى ئېلان قىلدى.

  15.ئىيۇل كۈنى ۋاڭلوچۇەن , ئۆلۈك سانى 192 نەپەر.يارىدار 1721 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى.

17.ئىيۇل جۈمە كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھېچبىر يېرىدە مەسىلە كۆرۈلمىدى.

 18.ئىيۇل دىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇش باشلاندى.

مەركىزى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇشىمىن 21.ئىيۇل كۈنى،“7.5″ۋەقەسىنىڭ دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى،دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىزچىل توغرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى،گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭياڭ 30.ئىيۇل كۈنى ”مىللىي سىياسەتنى تەڭشەيدىغان زامان كەلدى“ دېدى.

 30-31.ئىيۇل ۋاڭلوچۇەننىڭ ھوقۇقتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ 3.كۈنى “ شىنخۇاشې“ شەرقى تۈركىستاندا كۆپ مىقداردا ئادەم تۇتۇلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلپ خەۋەر ئېلان قىلدى.تۇتۇلغانلارنى ”تېرورىست“دەپ ئاتىدى.

 4.ئاۋغۇست كۈنى .ئاپتونوم رايونلۇق خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىغى چىن جۇاڭۋەى؛ئۈرۈمچىدە 718 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ تۇتۇلغانلىغىنى ئېلان قىلدى.

بىر ئاي ئىچىدە شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلاردىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانى 1000 دىن ئارتۇق.ئامما،ھازىرچە ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىمىز يوق.

ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتلىغان 5.ئىيۇل دا تاقىۋېتىلگەن ئىنتېرنېت ۋە تېلپۈن ئالاقىسى ھازىرغىچە ئېچىلغىنى يوق.ئىنتېرنېت 5.ئاۋغۇست كۈنىمۇ ئېچىلمىدى. يېقىندا ئېچىلىدىغاندەك ئەمەس.

 

بۇنچىۋالا ئېغىر بەدەل ھېسابىغا نېمىگە ئېرىشتۇق؟

ئۇيغۇرلار ۋە چەتەلدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى دۇنياغا تونۇلدى
ۋەتەن ئىچى،سىرتىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنى،ئۆزىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتتى
جۇڭگو خەلقىنىمۇ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە نېمە خاتالىق بار؟دەپ ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى

نېمىنى يوقاتتۇق؟

مىللىتىمىز كېيىنكى 10-15 يىل ئىچىدە يېتىشتۈرگەن قەھرىمانلارنى،يولباشچىلارنى يوقاتتۇق.جىسمانى ۋە مەنىۋى چىقىمنى ماددىي ئۆلچەملەر بىلەن،رەقەملەر بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانسىز.

چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار قولىدىن كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلدى.بىراق،نامايىش قىلىش،پەريات قىلىش قولىدىن كەلسىمۇ،ۋەتەندىكىلەرگە ئارقا سەپ تەمىناتى يەتكۈزۈپ بېرىش،دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ياكى،يارىدار بولغانلارغا بىۋاستە ياردەم بەرىش ،ياكى دۈشمەننىڭ كۈچىنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلىقى ئىسپاتلاندى.

بۇ قېتىمقى تىز مەغلۇبىيەت ۋە ئېغىر چىقىمنىڭ سەۋەبى ،دۇشمەننىڭ ھەددىدىن ئارتۇق كۇچلۇق ۋە كۇچىنى سەپەرۋەر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ بولغانلىغى.ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ بېشىغا كىلىدىغان پاجىيەنى ھىچ تەخمىن قىلالماسلغى، ”دۆلەت شەپقىتى“گە ئىشىنىشى،ئىزچىللىقنىڭ بولماسلىقى.ۋىلايەتلەرنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن ماسلىشالماسلىقى ئىدى.
بۇ قېتىم،قەھرىمانلار بىلەن يولباشچىلارنىڭ كۈچى بىرلىشەلمىدى. خەلقنىڭ بىردىنلا پارتلىغان غەزەپ دولقۇنىنى توغرا تىزگىن ئارقىلىق كۇچقا ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى. شەرەپلىك مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ئامما قاتمۇ – قات كوپ دۇشمەننى يوقۇتۇش بەدىلىگە خەلقىمىزگە تەسەللى بولۇشىمىز مۇمكىن ئىدى.

ۋاڭلوچۇۋەننىڭ قارا گۇرۇھى،ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە شىددەتلىك ئىنتىقامىنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىغى ئېنىق.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى،گەرچە،چەتەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئىشلاردىن جاۋابكار تۇتسىمۇ،ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلايدىغان،ياكى يېتەكچىلىك قابىلىيىتى بولغان ئىجتىمائىي تەشكىلات چەتئەلدە يوق. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر يولباشچىلار بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىشى لازىم.

پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە قىلىدىغانلىقى راس.بىراق ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆلۈمدىن قوغدايدىغان كۈچ يەنىلا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدۇر.قانۇنى جەھەتتىنمۇ،جىسمانى جەھەتتىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتى،ئۆزىنى ئۆزىگە تايىنىپ قۇتقۇزالايدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ”تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“غا تايىنىشنى،ئوچۇق-ئاشكارە قانۇنى كۈرەشنى يەنىلا توختاتماسلىقى كېرەك.

قەھرىمانلار،قانغا قان،جانغا-جان ئالىدىغان مەخپى قارشىلىق كۆرسىتىشنى قەتئىي توختاتماسلىقى كېرەك.
مۇستەقىللىقمۇ،ئاپتونومىيەمۇ قانسىز،بەدەلسىز كەلمەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز چۈشىنىشىمىز لازىم.

ۋەتەن سىرتىدا،ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. مۇستەقىللىقمۇ،ئاپتونومىيەمۇ؟دەموكىراتىيەمۇ،شەرىئەتمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە يىللاردىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىپ، مىللەتكە ئەقىل بېرىپ ۋاقىت سەرپ قىلىۋاتقانلار كۆپ. بىراق ،ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن بىر تال ئوق،بىر تال تاپانچا سېتىۋېلىشنى ئويلىغانلار قانچىلىك؟ ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئەقىلغا ئەمەس،ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك؟

ۋەتەندىكى قەھرىمانلار توپ-توپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقاندا،ئۇلارنىڭ سايىسىدا ئۆزىمىزنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەس-بەس بىلەن تىلىۋىزورلارغا چىقىش ئۈچۈن يۈگىرەيمىز-يۇ،ئامما،ئۇ ئۆلگەنلەرنىڭ يېتىم قالغان بالىسى،تۇل قالغان خوتۇنى،مۇھتاج قالغان ئاتا-ئانىسى بارمىدۇ؟دەپ ئويلايدىغانلار قانچىلىك ؟

قەھرىمانلارمۇ،قەھرىمانلارغا ياردەم قىلىدىغانلارمۇ ۋەتەندە. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يەتسە زىيان تارتىش نىسبىتى ئازىيىدۇ.

خەلقى بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرۈشەلەيدىغان،خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە،ئۆزىنى قوغداشقا،ۋەتەننى،خەلقنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلالايدىغان،زاغرا يىگەنلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ زاغرا يىيەلەيدىغان،ئىنتەرنەتكە كىرىپ توردا دوستلار بىلەن سۆھبەت قىلالايدىغان،خەنزۇغا خەنزۇچە،ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايدىغان،خەلق ئۈچۈن بۈگۈن قايسى كۈرەش ۋاستىسى كېرەك؟ئەتە قايسى كۈرەش ۋاتىسى كېرەك بولىدۇ؟ تەبىئەتتە ئاق بىلەن قارا دىن ئىبارەت ئىككى خىللا رەڭ بارمۇ؟ياكى كۆپ رەڭلىكمۇ؟ بۇلارنى بىلىدىغان يول باشچىلار ۋەتەن ئىچىدە مەۋجۇت ۋە كۆپ ساندا مەۋجۇت.

ۋەتەن سىرتىدا سىلەرگە قوشۇلۇشنى خالىغۇچىلار،داۋراڭسىز،جىم-جېت،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن سىلەرگە قوشۇلىدۇ.ياكى سىلەر تاپشۇرغان ئىشنى قىلىدۇ.

رۇسلارنىڭ بىر خەلق تەمسىلىسى بار ؛چىشلەيدىغان ئىشىت قاۋىمايدۇ.

ئۈمىتمۇ،كۈچمۇ،كېلەچەكمۇ ۋەتەندە،ۋەتەن ئىچىدىكىلەردە!

شۇنى تەكرارلايمەنكى؛ ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئەقىلغا ئەمەس،ياردەمگە ئىھتىياجى بار.

 2009-يىلى 8.ئاينىڭ 5. كۇنى.

 

Share
3083 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.