logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىستېداتلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى — سەيدۇللا سەيپۇللايوۋنىڭ تارىخىنى قانداق يېزىشقا دائىر نۇقتىئىنەزەرى

ئىدىرىس مەھىدى تۈزگەن

 

« < تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىدە راستچىل بولۇش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. >، < راست بولۇش — پاكىتقا سادىق بولۇش دېگەنلىك.>، < ھەر قانداق تارىخى ماتېرىيالنى  ۋە ئەسلىمىنى يېزىش ۋە ئىلان قىلىشتا پاكىتقا سادىق بولۇش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغانلىق ماھىيەتتە  تارىخنى بۇرمىلىغانلىق بولىدۇ. پاكىتقا سادىق بولۇش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشتىن، يەنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپىدىن چەتلەپ يېزىلغان ھەر قانداق تارىخنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈننىڭ ھېچقانداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئۇ قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنى ھامان ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ. > ».

«  ھازىرقى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ئاساسى بولغان ئەسلىمە ماتېرىياللار ئادەتتە ئەينى زاماندىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولغان پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سەرگۇزەشتلىرى،كۆرگەنلىرى ياكى ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولغاچقا، بىر كىشىنىڭ بىلىدىغانلىرى ھامان چەكلىك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەملەر ياشىغانسېرى ئۇنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، يېزىلغان ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىلا پاكىتقا ئۇيغۇن، توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىشتا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمىگە ياتىدىغان مەسىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پاكىت كۆرسىتىپ داۋلى سۆزلەش، مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق تونۇشنى بىرلىككە كەلتۇرۇش لازىم. لېكىن، بەزى ئاپتورلار ئۆز مەيدانىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۆچراپ، ئەسلىمە يېزىش بىلەن پاكىتنى، تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنسا، ئەلۋەتتە توغرا بولمايدۇ؛ توغرا بولمىغانىكەن، پىكىر بېرىش ۋە تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ».

«  تارىخىي شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، تارىخىي شەخسلەرگە ئالاقىدار ماتېرىيال، دەلىل-  ئىسپاتلارنى تولۇق توپلىماي ۋە تەپسىلىي تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارغا سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تارىخىي شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇش ياكى تارىخىي ئەسلىمە يېزىش بولسۇن، شەخسىي غەرەزنى ئارىلاشتۇرماسلىق، بەزىلەرنى تولۇق تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلمايلا تونۇشتۇرىدىغان، بەزىلەرنى تولۇق تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلمايلا ئۇرۇنسىز مەدھىيىلەپ كۆككە كۆتۈرىدىغان، يەنە بەزىلەرنى ئورۇنسىز قارغاپ يەرگە ئۇرىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك. ».

« ئاز سانلىق مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدىكى مۇتەپەككۈر، ئالىم، ئەدىپلىرىنى، ئازادلىق كۈرەشلىرىدىكى يولباشچىلىرىنى، ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەققىي مەنپەئىتىنى قوغدىغان كىشلەرنى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. بۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىش بولماستىن، بەلكى مىللەتلەر شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى زامانلاردىلا  < قوغدىنىش > چارىلىرى قاتارىدا پەيدا بولغان ئىش بولسا كېرەك. بۇنداق ئەھۋال بىرەر مىللەتتىلا ئەمەس، ھەممە مىللەتتە مەۋجۇت. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرى سۆيىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان كىشلەرگە ھېچقانداق پاكىتسىزلا قالايمىقان قالپاق كىيدۈرۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم. »

(« شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر » دېگەن ماۋزۇسىدىكى ماقالىسىدىن،  سەيدۇللا سەيپۇللايوف : « مەن شاھىت بولغان ئىشلار »،2005- يىل نەشرى) .

2020- يىلى 26- ئىيۇل

Share
5863 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.