logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى

( مىكرو ماقالە )

نەزەر

ھەر قايسى خىتاي سۇلالە ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق مۇستەملىكىسىدىكى يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ نوپۇسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ياكى ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى ئۇلارنى يوقىتىشنى خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئۆزگەرمەس ئاساسىي دۆلەت سىياسەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ دۆلەت سىياسىتىنى تەۋرەنمەستىن ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.  بۇ دۆلەت سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ھەر قايسى  خىتاي سۇلالە ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا پەقەت رەزىللىك، ۋەھشىيلىك، قەبىھلىك، دەھشەتلىك ۋە سىستېمىلىق جەھەتلەردىنلا ئاز- تولا پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ سىياسەت قانداقتۇر بىر ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ياكى بىرەر خىتاي نەزەرىيەچىسىنىڭ كەشپىياتى ئەمەس.

2020-  يىلى يانۋار

Share
5515 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.