ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
07:36
قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى ياشلىق بالا ھەققىدىكى ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر ۋە بىر يېرىم يىلدىن بۇيان قاراقاشتىكى بوستانكۆل
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكان جىلغا كەنتىدە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى ياشلىق بالا ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئىسمى رەخمىتۇللا شىرباقى بولغان بۇ بالا 21-دېكابىر كۈنى غايىب بولغان ۋە 24-دېكابىر كۈنى جەسىتى ئۆستەڭدىن بايقالغان.
بىز چوكان جىلغا كەنتىدە 2 ياشلىق بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دادىسىنىڭ 1 يېرىم يىلدىن بۇيان، ئاپىسىنىڭ بولسا بىر يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ياشلىق رەخمىتۇللانىڭ دادىسى شىرباقى تېلېفوندىن مەسىلە چىقىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەن؛ ئەمما ئاپىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەكېتىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئالاقىدار كەنت ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رەخمىتۇللاغا قاراۋاتقان بوۋىسىنىڭ ئىسمى مەتنۇرى مەخسۇت 78 ياش؛ مومىسى مەھدۇمخان تۇرسۇننىياز 68 ياش بولۇپ، بۇلار ئىككى ياشلىق نەۋرىسىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۆزلىرىمۇ لاگېردىكى ئوغۇل ۋە كېلىنىنى كۆرۈۋېلىش مەقسىتىدە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بوستانكۆل يىغىۋېلىش مەركىزىگە يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە 20 قېتىم بارغان ۋە كۆرۈشۈش ئىلتىماسى سۇنغان. مەزكۇر بوۋاي-موماي ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئىلتىماسىغا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزىلىق ساقچىخانا، ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تامغىسىنى باستۇرغان بولسىمۇ، تەلەپ ئىزچىل ھالدا رەت قىلىنغان.
كەنت ئاياللار مۇدىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىنجان دېگەن كىشىنىڭ تەستىق ئىمزاسىمۇ كارغا كەلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2 ياشلىق رەخمىتۇللا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 18-دېكابىر )چارشەنبە( كۈنى، يەنى جەسىتى تېپىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، بوۋا-مومىسى بىلەن بىرلىكتە بوستانكۆل لاگېرىغا ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما لاگېر باشقۇرغۇچىلىرى ئۇلارغا ئۆيىگە قايتىپ تېلېفون كۈتۈشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى يەنە رەت قىلغان.
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tonglap-olgen-bala-12312018234653.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER