logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۆزىگە سادىق مىڭلىغان ئۇيغۇر ساتقىنلارنى يوقۇتۇش پىلانى

 


مەھمەتىمىن ھەزرەت

خىتاينىڭ ئۆزىگە سادىق مىڭلىغان ئۇيغۇر ساتقىنلارنى يوقۇتۇش پىلانى

ئۆتكەن ھەپتە موسكىۋا زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن نۇر بەكرى 9.ئاينىڭ 20.كۈنى بېيجىڭ ئايدۇرۇمدا قولىغا كەلەپچە سېلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى. بۇ ۋەتەن ساتقۇچ خائىننىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرى مۇسىبەت ئىچىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى سۆيۈندۈردى. نۇر بەكرىنىڭ مىڭلىغان جىنايەتلىرى ئىچىدە ئەڭ زور جىنايەتلىرىنىڭ بىرسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاتىلى بولغانلىغىدۇر. ئۆتمۈشنى قۇلاي ئۇنتۇپ قالىدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن نۇر بەكرى توغرۇلۇق شۇ پاكىتنى خاتىرلىتىپ قوياي؛
نۇر بەكرى 2001.يىلى 12. ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيكومنىڭ ئەزالىغىغا تەيىنلەندى. نۇر بەكرى پارتىيە كومىتىتى ئەزاسى بولۇپ ئەرتىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم يېغىنىدا، مائارىپنىڭ كۈنتەرتىپتە بولماسلىقىغا قارىماي، “قوش تىللىق مائارىپ “ مەسىلىسىنى ئورتىغا قويدى ۋە “ ئورتا، تولۇق ئورتا، ئۇنىۋېرسىتىتلەردە دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدا دەرس ئوقۇتۇش ئۇمۇملاشتۇرىلىشى كېرەك.” دېگەن تەكلىپنى بەردى. خىتاي رەھبەرلەرنىڭ بەزىلىرى، “ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خەنزۇ بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇش نىسپىتى كۆپىيىۋاتىدۇ. خەنزۇ ئاتا-ئانىلاردا بالىلىرىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، دەرس سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كۆپلىگەن شىكايەت بار. مۇ مەسىلىگە ئالدىراپ قارار بېرىشكە بولمايدۇ.” دىگەن كەمسىتكۇچى پىكىرلەر چۈشكەن بولسىمۇ، “نۇر بەكرى، ۋەتەننىڭ ئەبەدى بىرلىگى ئۈچۈن دۆلەت تىلىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەممىدىن زۈرۈر.” دەپ چىڭ تۇرغان. بۇ پىكىر ۋاڭلوچۇۋەنگە يېقىپ كەتكەچكە نۇر بەكرى پارتىكوم ئەزاسى بولۇپ بىر ئايدىن كېيىنلا، يەنى 2002.يىلى 1.ئايدا تەشكىلات مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمى ھۆججىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم سىياسى بېرو ئەزالىقىغا ئۆستۈرىلدى. 2003. يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم مۇئاۋىن سېكىرتارلىغىغا ئۆستۈرۈلدى. نۇر بەكرى 2005.يىلى 12. ئاينىڭ 27. كۈنى شىنخۇۋاشە مۇخبىرى جۇ شېڭبىڭ )周生斌) بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە ؛ “6-10 ياش ئارىسىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك يۈرگۈزۈشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى يېتىپ كەلدى. 2006. يىلى بۇ پىلان يولغا قويىلىدۇ.” دەپ ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ نۇر بەكرى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى تاقاش، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر مائارىپىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆسۈشنىڭ شۇتا بالداقلىرى قىلىپ ئەپچىل قوللىنىپ كەلدى. شۇڭا نۇر بەكرىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ باش قاتىلى دەيمىز. ( تۈۋەندىكى لىنكلەردىن تەپسىلاتىنى كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ)

نۇر بەكرىنىڭ تۇتۇلىشى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ بۇ ھادىسە، ئۇيغۇرلارنى قان يىغلىتىش بەدىلىگە خىتاي ئۈچۈن ئىشلەپ راھەت كۆرىۋاتقان مىللى ساتقىن، مۇناپىقلارغا بېيجىڭنىڭ ئىھتىياجى قالىمىغانلىقىنىڭ سىگنالدۇر. نۇر بەكرىنى ئىلھام توختى بىلەن بىر كامىرغا سولاپ قويىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بۈگۈن خىتاي ئۈچۈن دۈشمەن، دوست ئۇيغۇر ئۇقۇمىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. نۇر بەكرىگە چېتىپ ۋەتەندە زەنجىرسىمان تۇتۇش، سۇلاش بۇنىڭدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ۋەتەن، مللەت، دىن سۆيگۈچىلەر مىللى ساتقۇنلارنىڭ قولى بىلەن ئاساسەن تۇتۇپ بىرتەرەپ قىلىنىپ بولۇندى. ئەمدى نۆۋەت مەمۇرى ئورۇنلاردا ئورۇن ئىگەللەپ تۇرغان ئۇيغۇر ساتقۇنلارغا كەلدى. مىللەت خائىنى ئەمەلدارلار، سېتىلغان زىيالىلار، خىتايغا ئىشىنىپ ۋە پارا بىرىپ بايلقىنى ساقلاپ قېلىش خام خىيالىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ھېچبىرى ئامان قالمايدۇ. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنىغىلا ئەمەس، پۇلىغىمۇ ئىھتىياجى بار. بۇ پاكىت ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا كوپ قېتىم ئىسپاتلانغان. نۇر بەكرى ۋە نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئۆز خەلقىگە قان قۇستۇرغان ساتقۇنلار تۇركۇملەپ تۇتۇلىشى مۇمكىن. شېھىتلەرنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى، يېتىم بالىلىرىغا بىر تىيىن سەدىقە بىرىش ئەقلىگە كەلمىگەن، مۇناپىق ئەمەلدارلارنى مىھمان قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا پۇل شۇڭغۇتۇپ بايلىقىغا بايلىق قېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئاياللىرى تۇل، بالىلىرى يېتىم ۋە موھتاج ۋەزىيەتتە قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك. خىتاينىڭ ئۆزىگە سادىق مىڭلىغان ئۇيغۇر ساتقىنلارنى يوقۇتۇش پىلانى باشلاندى. خىتاي ھاكىمىيىتى، بىزگە دۈشمەن ئۇيغۇر، بىزگە سادىق ئۇيغۇر” دەپ ئايرىپ ئولتۇرشنى ئاۋارىچىلىق ھېسابلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ نەزىرىدە پەقەتلا “دۈشمەن ئۇيغۇر” بار. بۇ رىئاللىقتىن ۋەتەن سىرتىدىكى خىتاي جاسۇسلىرى، مىللى مۇناپىقلار، خىتاي زۇلۇمىنى تامامەن ئۇنتۇپ چەتئەلدىكى نوپۇزلۇق تەشكىلات ۋە جامائەتلىرىمىزنى پارچىلاش ئۈچۈن بۈيۈك غەيرەت سەرپ قىلىش ئارقىلىق نامىنى چىقىرىشتىن باشقا مۇددىئاسى بولمىغان نىيىتى بۇزۇقلارنىڭ نۇر بەكرى ۋەقەسىدىن ئالىدىغان ساۋاقلىرى يوقمۇ؟

 

مەنبە:

新疆“双语”教学从幼儿开始-努尔·白克力

努尔?白克力:作为中国的公民 学习汉语天经地义

努尔·白克力的双语教育

王乐泉谈双语教育等 新疆长治久安须用二三十年

中国政府斥巨资支持新疆学前“双语”教育

DOĞU TÜRKİSTAN’DA KÜLTÜR KATLİAMI VE DİRENİŞ YOLU (1.BÖLÜM)

Share
4585 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.