ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛
9.ئاينىڭ 2. كۈنى (يەكشەنبە) شياڭگاڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شياڭگاڭنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەۋجۇدىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. نامايىشچىلار لاگىرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى دەرھال توختۇتۇشقا چاقىردى.
نامايىشچىلار يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر رايونىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى نەخ مەيداندا كۆرۈپ تەكشۇرۇشكە چاقىردى.
پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان تۈركى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەلىپ بېرىلغان مىللى قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ مەيدانلارغا چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلغانلىقى دۇنيا مەدياسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.
مەنبە:
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER