ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنى مەكىت ناھىيەسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بىر مۇھاجىر مەكىت ناھىيەسىدە 10 ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ جەسىتىنىڭ دەريادىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ناھىيەدىكى بىر ئامانەت قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇكتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش مەزمۇنىدىكى بىر سۈرەتلىك ئۇچۇر تارقالدى.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن مەكىت ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى. مەكىت ناھىيەلىك 2-ساقچىخانا خادىمى ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. مەكىت بازارلىق ساقچىخانا خادىمى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىلىق بىر ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىن خەۋىرى بارلىقىنى، دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزا ئىككىنچى كەنتتىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئۆزىنى مەكىتلىك دەپ تونۇشتۇرغان مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن ئۇچۇردا ئۆلگەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بالىنىڭ بولسا زەرەپشان دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى دېيىلگەن، ئەمما بالىنىڭ جەسىتىنىڭ قايسى يېزا تەۋەلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى دېيىلمىگەن. فېيسبۇكتىكى ئۇچۇردا بولسا جەسەتنىڭ مەزكۇر دەريانىڭ زۇڭزا دېگەن تەۋەلىكىدە تېپىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن گەرچە بالىنىڭ يېزا تەۋەلىكى شېھىتدۆڭ يېزا ئىككىنچى كەنتتىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/lager-bala-08152018152738.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER