logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

 

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئورگانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قاتتىق چەكلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسى تارقاتقان 2018-24 نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججىتىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى 22‏-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ھۆججەتكە قانداق ئېرىشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ھۆججەتتە ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ «غەيرىي جۇڭگولىشىش خاھىشىنى توسۇپ، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى، كىيىم-كېچەك، دىنىي مۇراسىم، دىنىي تەبلىغ، ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەيدانغا كەلگەن سەئۇدىلىشىش ۋە ئەرەبلىشىشنى قەتئىي چەكلەش» تەلەپ قىلىنغان.

ھۆججەتتە يەنە ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ئىسلام دىنى سورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتايچە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ خىتايچە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە مەسچىتلەرنى قاتتىق قوغدىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ھۆججىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇببە ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ تاشلاۋاتقان، ھەج قىلغان، ناماز ئوقۇيدىغان ياكى روزا تۇتىدىغان مۇسۇلمانلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاپ قاتتىق جازالاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 22‏-ئىيۇن تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىتلەرنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى، رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، نىكاھ ۋە دەپنە مۇراسىملىرىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز كەڭ كۆلەمدە «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/mexpiy-hojjet-06222018161413.html

Share
1486 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.