logo

trugen jacn

غۇلجا باياندايدا زېھنى ئاجىز ھەنىپە كېرىممۇ يېپىق لاگېردا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسىدا بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن، زېھنى ئاجىز ھەنىپە كېرىممۇ بىر ئايدىن بېرى غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا باياندايدىكى ئالاقىدار كەنت خادىملىرى ھەنىپە كېرىمنىڭ زېھنى ئاجىز بولۇشىغا قارىماي «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى بولىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا، 3-كەنت 5-مەھەللىدىكى زېھنى ئاجىز 35 ياشلىق ھەنىپە كېرىممۇ بىر ئايدىن بېرى غۇلجا شەھىرىدىكى ياماچاڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. رادىيومىزغا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچۇر، 3-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.

كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەنىپە كېرىمنىڭ زېھنى ئاجىزلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھەنىپە كېرىمنى تۇتۇشتا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھەللە باشلىقى ھەنىپە كېرىمنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتىكى دولقۇندا «تەربىيىلەش» كە ئاپىرىلىۋاتقانلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى پەقەت ساقچى خادىملىرى بىلىدۇ. بايانداي يېزىلىق ئاياللار مۇدىرى، ھەنىپەنىڭ ئىلگىرى بىر قېتىم «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ مېڭىلىش ئۈچۈن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئەمما زېھنى ئاجىزلىقى بايقالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما مۇشۇ ئايدىكى دولقۇندا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز كەنت مۇدىرى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن ھەنىپە كېرىمنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئاشكارىلىنىشىچە، ھەنىپە كېرىم تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز تۇغۇلغان بولۇپ، 15 ياش مەزگىلىدە زېھنىدىن پۈتۈنلەي ئاداشقان ۋە بىر مەھەل داۋالانغاندىن كېيىن قىسمەن ياخشىلانغان.

پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-سىنىپقىچىلا ئوقۇيالىغان ھەنىپە كېرىم نۆۋەتتە ساۋاتسىز ۋە كۆزى ئاجىز مېيىپ بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ساقچى ئورگانلىرىنىڭ خاتىرىسىدە ئۇنىڭ ھېچقانداق جىنايەت تارىخى ۋە گۇمانلىق قىلمىشى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. كەنت خادىملىرىنىڭ گېپىنىڭ ئورامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى ساقچى ئورگانلىرى ئۆزلىرىگە چۈشكەن سان ۋەزىپىسى بولغاچقا، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەنىپە كېرىمنىڭ مېيىپلىكى بىلەن ھېسابلاشمىغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ «يېپىق تەربىيە» دولقۇنى جىنايى قىلمىشقا ئەمەس، مىللىي كىملىككە قارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزىلا بۇ لاگېرغا بېرىشقا يېتەرلىك شەرت ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ھەنىپە كېرىم زېھنى ئاجىز بىر ئايال بولسىمۇ، لېكىن بۇ لاگېرنىڭ چېتىدە قالالمىغان

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yepiq-terbiyelesh-03152018133922.html

Share
3266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.