logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن دۇقنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ميۇنخېندا چاقىرىلغان «54-نۆۋەتلىك دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

مەلۇم بولغىنىدەك، «54-نۆۋەتلىك دۇنيا خەۋپسىزلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» 16-فېۋرال ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن 500 دىن ئارتۇق دۆلەت رەھبەرلىرى كېلىپ قاتناشماقتا ئىدى. تۈركىيەدىن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيەگە كىرىشى مەنئى قىلىنىپ كەلگەن دۇقنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 16-فېۋرال ميۇنخېندا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەردە بۆلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەت توغرىسىدا ھازىرلانغان تەپسىلىي بىر دوكلاتنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇقنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشقا باھا بېرىپ، قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەت تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە خىتايغا نىسبەتەن جىددىي سىگنال بېرىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر كۆرۈشۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تەكلىپ بويىچە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بىلەن بولغان سۆھبەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا مالايشىيادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان

  دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ

16-فېۋرال كۈنى كەچتە يەنە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە دۆلىتىگە بولغان ئۈمىد-ئىستەكلىرى، دۇقنىڭ تەلەپلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىگەن.

دۇق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ دۇقنىڭ رەئىسى بىلەن تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشلارغا يۇقىرى باھا بەردى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/dolqun-eysa-turkiye-rehberliri-bilen-02182018202003.html

Share
2492 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.