logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد بار — فىنلاندىيە مۇستەقىللىقىدىن ئويلىغانلىرىم

 

تارىموغلى

يىل 2017- 15-نويابىر

 

 

ھازىر غەرب ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، زامانغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنى قوغداپ قېلىش شەرتلىرىنى ھازىرلىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ چوقۇم يىقىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە خىتاي كومپارتىيىسى يىقىلىپ چۈشسە، خىتاي دۆلىتىدە بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆز پەرەزلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۇنياغا داڭلىق، «خادسون ئىنستىتۇتى» (Hudson Institute) دەپ ئاتىلىدىغان ئويلاش ئامبىرىدىكى بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەر 2015-يىلى ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سىياسىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاشۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى چارلىس خورنېر (Charles Horner) مۇنداق كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى [1]:

 

«ھازىر دېڭىز ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك كرىزىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىدىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ھەمدە مەلۇم شەكىلدىكى جۇڭگو – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش مەسىلىلىرى، ھەمدە جۇڭگو ئۈچۈن يېقىن شەرقتىكى ئەللەرگە قارىغاندا يىراق شەرقتىكى ئەللەر (مەسىلەن ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان) بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول ئىستراتېگىيىسىگە مۇشۇنداق بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر جۇڭگونىڭ بۇ ئىستراتېگىيىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى بىلەن باشقا ئىشلارغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق، مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى بايقايمىز: ئەڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەھۋال جۇڭگونىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئاجرىتىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى مەبلىغى. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار رايونى بولغان شىنجاڭ ھازىر پۈتۈنلەي مىخلاپ قويۇلغان بولۇپ، بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى قوراللىق قوشۇنلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.»

 

بۇ يەردە مېنىڭ دىققىتىمنى ئەڭ تارتقان نۇقتا «بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى قوراللىق قوشۇنلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى»، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئەگەر بۇ مۆلچەر توغرا بولىدىكەن، خىتاي دۆلىتىدە بىر چوڭ قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ياكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە مىللىي ئىرادىسى يېقىنقى 5 – 6 ئەسىر جەريانىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆسۈپ ۋە كۈچىيىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ئەگەر خىتاي دۆلىتىدە بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدىكەن، ۋەتەندىكى بارلىق ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر دېھقانلار قوزغىلىپ كېتىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. قولىغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ، خىتاي باسقۇنچىلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش يولىدا ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئەمما، ئەگەر بىز ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانى 15 مىليون دېسەك، چارلىس خورنېرنىڭ يۇقىرىدىكى مۆلچىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر 15 ئۇيغۇرغا بىردىن خىتاي قوراللىق ئەسكىرى توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تولىمۇ پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەگەر بىز 1992-يىلىدىكى بارىن قىرغىنچىلىقى، 1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، ۋە 2014-يىلىدىكى يەكەن قىرغىنچىلىقىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئىسيان كۆتۈرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ بىر ئىككىلەنمەي خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ ھېچ بىر ئىككىلەنمەستىن، ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يوقاتقان ياكى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ھالدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ئۆتىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز. بۇ ئەھۋال پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى، جۈملىدىن مېنى ناھايىتى قاتتىق ۋەھىمىگە سالىدۇ. ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھازىر بىر قىسىم ۋەتەنداشلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

 

ئەمما، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد بار. مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۈمىد بار. ئۇنداقتا ئاشۇ ئۈمىد نەدىن كېلىدۇ؟ تورلاردا بۇ يىل ئېلان قىلىنغان بىر ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خىتاي دۆلىتىدىكى ئاكتىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 2.353 مىليون ئىكەن [2]. چارلىس خورنېر مۇشۇ ئەسكەرنىڭ ئىچىدىكى بىر مىليوندەك كىشى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، دەۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي دۆلىتىنىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتى يىقىلىپ، خىتاي دۆلىتى بىر خىل چوڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالىدىكەن، بېيجىڭدىكى خىتاي ھەربىي باش قوماندانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسكىرىي كۈچنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئۇ يەردىكى جىنايى ئىشلارنى توسۇش، قالايمىقانچىلىقلارنى كونترول قىلىش، ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە باشقا بارلىق ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ جېنىنى قوغداشقا مەجبۇرى بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئازاد قىلىش پۇرسىتى كېلىدۇ.

 

يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەر بىر خىل قۇرۇق خىيال ئەمەس. تارىختا ئەنە شۇنداق ئىش بولۇپ باققان. فىنلاندىيە ھازىر ئاران 5 مىليون نوپۇسى بار بولغان بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، ئۇ نەچچە ئەسىر چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بىر كىچىك زېمىن بولۇپ كەلگەن. ئەمما، لېنىن يېتەكچىلىك قىلغان 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لېنىننى قوغداۋاتقان قىزىل ئارمىيە رۇسىيەنىڭ ئاق ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لېنىن فىنلاندىيەدىكى رۇس ئەسكەرلىرىنى موسكۋاغا يۆتكەپ كېلىشكە مەجبۇرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىنلاندىيە خەلقى ئۈچۈن بىر ھەربىي بوشلۇق پەيدا بولىدۇ. ھەمدە ئۇلار مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، رۇسلاردىن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ [3, 4]. ئەگەر خىتاينىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، خىتايدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدىكەن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيەدىكىدەك بىر ئۇلۇغ پۇرسەتنىڭ كېلىدىغانلىقىغا مەن خېلىلا ئىشەنچ قىلالايمەن.

 

يۇقىرىقىدىن باشقا، ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر، ئۆزىنى بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ساقلاپ مېڭىشقا ناھايىتى پايدىسىز نۇقسانلىرى بار. شۇنداقلا يېقىنقى بىر-ئىككى ئەسىرنىڭ مابەينىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابتىن بىرەرسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ ئىككى تېما ھەققىدە مەن كېيىنچە يەنە مەخسۇس توختىلىمەن.

 

ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن باتۇر خەلق. ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان خەلق. مېنىڭ ئىلىدىكى 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا ئەسكەر بولغان بىر تۇغقىنىم مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن قورقماس ۋە ئىنتايىن باتۇر بولۇپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنى، شۇڭلاشقا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ناھايىتىمۇ قورققانلىقىنى، نەتىجىدە بىر ئاتلىق ئۇيغۇر ئەسكىرى 30 – 40 نەپەر گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە تەڭ كەلگەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى. مەن چوڭلاردىن 1960-يىللىرىدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ناھايىتى قورقۇنچاقلىق قىلىپ، ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي، ئاخىرى ھىندىستان قوشۇنىنى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغان. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي ھۇجۇملىرى جەريانىدا، قولىدا پىچاق ۋە كالتەك كۆتۈرۈۋالغان 3 – 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشلار كوچىلاردا نەچچە يۈز خىتايلارنى قوغلاپ سۈرگۈن توقاي قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئاشۇنداق مەنزىرىنى مەزمۇن قىلغان رەسىملەردىن بىر قىسمى بىر مەزگىل تورلاردا كەڭ تارقىلىپ يۈردى.

 

قورالنىڭ ئىگىسى بار، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىسىگە ساداقەتمەنلىكى يوق.  قورالنىڭ ئىگىسى بار، ئەمما ئۇنىڭ كۆزى يوق.  قورالنى كىم ئالسا شۇ ئاتالايدۇ.  قورال كىمنىڭ قولىغا چىقسا، ئۇنى شۇ ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ.  ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە كىمنىڭ قولىدا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بەزىدە قوراللارغا يېقىنراق ياشىغاننىڭ ناھايىتى زور پايدىسى بار.  مەسىلەن، 1940-يىللىرى ياپونلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىزىل خىتاي ئارمىيىسى (解放军) خىتاي مىللىي (国民党) ئارمىيىسىنىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆردى.  يەنى، قىزىل خىتاي ئارمىيىسى ئۈچۈن قورالغا يېقىن تۇرۇشنىڭ پايدىسى ئاخىرىدا خىتاي مىللىي ئارمىيىسىنى تەيۋەنگە قوغلىۋېتىش دەرىجىسىدە بولدى.  بۇنى «يامان ئىشنىڭ ياخشى ئىشقا ئايلىنىشى» نىڭ بىر مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.  ھېچ كىم «بۇنداق مىسال ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۈز بەرمەيدۇ»، دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ.

 

قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئۈمىد بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز بىر ھەقىقىي ئۇيغۇر بولسىڭىز چوقۇم ئۈمىدۋار ياشاڭ.

 

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

[1] China’s Road Through Pakistan

https://www.youtube.com/watch?v=u1ahrMhq9LQ&t=109s

 

[2] People’s Liberation Army

https://en.wikipedia.org/wiki/People%27s_Liberation_Army

 

[3] 王澄博士談南疆獨立和民族分裂(上)

https://www.youtube.com/watch?v=aJck07J35sw&t=4s

 

[4] Finnish Civil War

https://en.wikipedia.org/wiki/Finnish_Civil_War

 

Share
8694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.