logo

trugen jacn

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى: دۇنيا شى جىنپىڭ چىقارغان مۇستەبىتلىك ئەندىزىسىدىن ئاگاھ بولۇشى لازىم

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىى يېپىلدى، يېڭى سىياسىي بيۇرو دائىمى ئەزالىرى ئېلان قىلىندى ۋە ئۆزىنى كۆرسەتتى. لېكىن ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دەۋەر ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى تېخى توختاتمىدى.

 

كۆپلىگەن ئەنگىلىيە گېزىتلىرى پەيشەنبە كۈنى (26- چېسلا) شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە ئورۇنباسار تەيىنلىمىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، «پۇل مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى»، «تامېس گېزىتى» مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

«پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە، غەرب چوقۇم بېيجىڭ چىقارغان مۇستەبىتلىك ئەندىزىسىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك، دېيىلدى.

ماقالىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەخسكە چوقۇنۇش يۆنىلىشىگە ئېغىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدە، ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ باي ۋە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ دۆلەت دېموكراتىيەگە قاراپ ئۆزگىرەيدۇ، دېيىلدى.

لېكىن، خىتاي بولسا ئۆتكەن 40 يىلدىكى ھەر قانداق بىر ۋاقتقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەبىتلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

خ ك پ نىڭ 19- قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ تۆمۈر مۇشت ھاكىمىيىتىنى ۋە تەۋرەنمەس ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. ھازىر ئىنتايىن ئاز كىشى شى جىنپىڭنىڭ 2022- يىلى خوشلىشىش سالىمى قىلىشىنى كۈتىدۇ.

 

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى، پۈتۈن دۇنيا شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۇسۇلىغىدا دىققەت قىلىشى لازىم، چۈنكى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ غەرب ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەقىقەتەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك ئەندىزىسىنى دۇنياغا ئېلىپ چىقتى.

 

بىر ۋاقتلاردا، خىتاي ئۈچىنچى دۇنياغا قوراللىق ئىنقىلاب ئېكسپورت قىلغان ئىدى، لېكىن ئارقىدىن يەنە غەربنىڭ كاپىتالىزم ئىدىيەسىنى ئېلىپ كىردى.

لېكىن ھازىر، شى جىنپىڭ غەربنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىغا، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

 

خىتاي ئومۇمىيۈزلۈك ئاتاكىغا ئۆتتى: ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى كېڭەيتىشتىن تارتىپ، «يېڭى يىپەك يولى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغىچە، مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسىدىن دۇنيادىكى 500 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەشۋىق قىلىشقىچە.

ماقالىدە خىتاينىڭ كۈچىيىشى ۋە دۇنيا بىلەن جىپىسلىشىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، لېكىن دۇنيانىڭ چوقۇم شى جىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى كۈچەپ سېتىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن بۇ خىل ئەندىزىنىڭ غەرب ھۆرمەت قىلىۋاتقان دېموكراتىيە ئەندىزىسى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشى لازىملىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

 

بىر مەيدان قاباھەتلىك چۈشمۇ؟

 

«تامېس گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ راستتىنلا بىر كۈچلۈك رەھبەرگە ئايلىنىشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا خىتاينى ئوچۇق تۇتۇشى ، ھەمدە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى بۇنداق قىلىشى خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىكەن.

 

ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتايدا يەنىلا لېنىنىزملىق سىياسىي پارتىيە ھاكىمىيىتى داۋاملىشىدۇ.

 

ئەگەر شى جىنپىڭ خىتاينى زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى قىلىشنى خالىسا، چوقۇم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئارىسىدا يېڭى مۇۋازىنەت تېپىشى لازىم ئىكەن.

لېكىن نۆۋەتتە خىتايدا بارچە نازارەت قىلىش ۋە ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ساقلىماقتا.

شى جىنپىڭ چوقۇق دادىللىق بىلەن خىتايلىقلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىشى ھەمدە ياخشى بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى تېپىشى لازىم. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلاخەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.

ئۇنداق بولمىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي ئارزۇسى» بىر مەيدان قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ب ب س خىتايچە

http://turkistantimes.com/uy/news-2095.html

Share
1962 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.