logo

trugen jacn

مىللىتىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

 

 

مىللىتىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

سەھەر

2017-8-28

 

يۇقىرىدا «مىلىتىمىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دېگەن سوئال ئاستىدا ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئەمەلىيەتتە مەن چەتئەلگە چىققان ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئۆز-ئۆزۈمدىن ئىزچىل سوراپ كېلىۋاتقان مىللىتىم چەتئەلدىكى مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ كېڭەيتىلگەن شەكلى ئىدى. بۇ سوئال ماڭا، مەن داۋاملىق يول يۈرگەندە، ئىشلىگەندە، ترامۋاي ۋە ئاپتوبۇستا، ھاياتىمنىڭ ھەرقايسى دەقىقىلىرىدە، ۋەتىنىم ۋە خەلقىم بىلەن يوشۇرۇن پىچىرلاشقاندا، قەلبىمدە ۋە خىيالى بىر دۇنيايىمدا شەكىللەندۈرۈۋاتقان، ئۇنى كۈتىدۇ، بۇنى كۈتىدۇ دەپ بىرنەرسىلەرنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ۋە بەزىدە بىرنەرسىلەرنى قوشۇپ بىرنەرسىلەرنى چىقىرىۋاتقان ھالىتىمدىن، ئويلىغانلىرىمنى قەغەز ئۈستىگە قوندۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتكەندەك بولدى. خۇددى كومپيۇتېر ۋە ئەقىللىق تېلېفونلاردا داۋاملىق كۆرۈلىدىغان «update» دېگەن ئىنگلىزچە سۆزدەك مەنمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر زىيالىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان تۈگمەن تېشىدەك ۋەزنى ئېغىر بۇ سوئالنىڭ جاۋابكارى بولۇش سۈپىتىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئىش ئەڭ ئاۋۋال ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش، پىكىرلەرنى ئورتاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ( ئىنگلىزچە team work دەپ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەر يازغىنىمىز ۋە ھەر سۆزلىگەن سۆزىمىز مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خەيرلىك بولسۇن.

 

«مىللىتىمىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» بۇ سوئال ئادەتتە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جۇغراپىيە مۇئەللىمىمىز سورايدىغان، بۇ دەريا ياكى كۆلگە، قايسى ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلار قۇيۇلىدۇ؟دېگەن سوئالغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. مىللىتىمىزنى بىر دەريا ياكى دېڭىز دەپ قارىساق، بۇ دەريا ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ ئۇلغىيىشى ۋە ياكى قۇرۇپ كېتىشىدە بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلىق ۋەزىپىسىنى، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار ئەلۋەتتە.
مىللىتىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالنىڭ ۋەزنى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى سىياسىي ئورنىنىڭ قانداق بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىگە قارىتا بەزىدە تۇرغۇن ھالەتتە بولسا بەزىدە ئېشىپ باردى.

 

يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان ئاز كەم 70 يىل جەريانىدا، ئىزچىل ھالەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشرەپ، پۇتبول، نورۇز قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى دىنى ئېتىقادلىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئانا تىلى نى يوق قىلىش ئۈچۈن غالجىرانە ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ۋەزىپىسى، ئاۋازى بوغۇلغان خەلقىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى ئاۋازى بولۇش، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە، چەتئەللەردىكى مۇستەھكەم ئوز مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قالقان بولۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئەمما تۈلكىدىن قېچىپ بۆرىگە تۇتۇلغاندەك، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ،
دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە خۇددى دېڭىز تاشقىنى(tsunami) دەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدەك خەۋپى ئاستىدا، تۈركلىشىش، ئەرەبلىشىش، ئىنگلىزلىشىش ۋە فىرانسۇزلىشىش دەك خەۋپكىمۇ دۇچ كەلمەكتە. دېمەك، مىللىتىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئال ۋەزنىنىڭ تۈگمەن تېشىدىنمۇ ئېغىر بولۇشىدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ يەردە.

 

شۇنداقلا بۇ سوئال، گۇگىل خەرىتىسىدىكى بىر نۇقتىنى ئىپادىلىگەن توچكىنىڭ كېڭىيىپ بارغانچە يوغىناپ مەھەللە ۋە چوڭ يوللارنى كۆرسەتكەنلىكىدەك، سىزنى مەسئۇلىيەتنىڭ، ئادەم ۋە ئادىمىيلىكنىڭ، ئەر ۋە ئەركەكلىكنىڭ، زىيالىي ۋە زىيالىيلىقنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە، ھەر بىر كىچىك ئېلېمېنتلىرىغىچە سۆرەپ كىرىدۇ. بۇ سوئالغا ئەگەشكەن ۋاقتىڭىزدا، ئادەم باشقا ئادىمىيلىك باشقا، ئەر باشقا ئەركەكلىك باشقا، زىيالىي باشقا زىيالىيلىق باشقا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يانداش ئۇقۇملار ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە قىلىشقا باشلايسىز.

 

مىللىتىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيى “مىللىتىم چەتئەلدىكى مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دىن باشلىنىپ ئاندىن، “ئائىلەمدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟»، “باللىرىمدىنچۇ؟»، »مەن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەھەللەم ياكى دوست بۇرادەر گۇرۇپپىلاردىنچۇ؟» “زىيالىيلار ۋە ئالىملاردىنچۇ؟»،  “دىنى ئۆلىمالاردىنچۇ؟» ۋە شۇنداقلا “مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتىنچۇ؟“…………… دېگەندەك شاخلاپ كېتىۋېرىدۇ.

 

بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى، ئالىملىرى دىنى ئۆلىمالىرى شۇ مىللەتنىڭ ئىلغار كۈچلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىن كۆرگۈچىلەر، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچىلار، شام-چىراغلار، مىللەتنىڭ سەركىلىرى، يول باشلىغۇچىلىرى، جاھالەت بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار، ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈتنى ئەمەس بەلكى چۇقان سېلىش يولىنى تاللىغانلار، ئادالەت بايرىقىنى لەپىلدەتكۈچىلەر، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنىدا، ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى دەپ قارىلىپ، ئۇلارغا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت ۋە ھۆرمەت بېرىلگەن.

 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دېگەن ۋاقتىمىزدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، دىنى ئۆلىمالار ياكى ئاتا ئانىسى بىلىم ئىگىلىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ 2- ئەۋلاد چەتئەللەردە يېتىشكەن ۋە بىلىم تەھسىل قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى زىيالىيلارنى ئالىم، دىنى جەھەتتە يېتىلگەنلەرنى دىنى ئۆلىما ياكى داموللام دەپ ئاتايمىز. ئىلىم بىلەن دىننىڭ ھېچقانداق چىقىشالمايدىغان ۋە ياكى بىر بىرىنى چەتكە قاقىدىغان مەسىلىسى يوق ئىدى ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دىنسىز بىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت بولغانلىقى ئۈچۈن. دىننى خۇراپاتلىق دەپ چۈشەندۈردى. يېقىنقى يىللاردا يولغا قويغان پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى مەسچىتكە كەلمەسلىك، جۈمە نامىزى ئوقۇماسلىق، دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق دېگەنگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر خىتايدا زىيالىيلار بىلەن دىنى ئەربابلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتتى.

 

دىن دېمەك ئىمان دېمەك. ئىمان بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟ ئىنسانلار يۈزدە يۈز ئىشەنگەن بىر نەرسە ئىمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلىم بولسا بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك بىر نەرسىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچىڭىز بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇ نەرسىگە بولغان بىلىمىڭىز بولۇشى كېرەك.

 

ئىشەنچ بىلەن بىلىم ئارىسىدا چوڭقۇر بىر مۇناسىۋەت بار. دېمەك قانچىلىك بىلسىڭىز شۇنچىلىك ئىشىنىسىز. بۇ سەۋەبتىن بىلىمسىز ئىماننى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

 

ئىمان يەنە بىر جەھەتتىن تىلىدا سۆزلىمەك ۋە قەلبىدە مۇئەييەنلەشتۈرمەك دېمەكتۇر. بۇ سەۋەبتىن سىز بىر نەرسىنى بىلمەي تۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيسىز. شۇ سەۋەبتىن ئىمان يەنى دىن بىلەن ئىلىم بىر بىرىگە باغلىنىشلىقتۇر. شۇڭا بىلىم بولماستىن ئىمان مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

 

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللا قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايىتىنى ئوقۇ، بىل بىلەن باشلايدۇ.«ئەشھەدۇ ئەن لاىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەشەدۇ ئەن مۇھەممەدەن ۋە رەسۇلۇھۇ» دەپ شاھادەت ئېيتىمىز. بۇ «شاھىت بولدۇمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر ۋە شاھىت بولدۇمكى مۇھەممەت ئۇنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسىدۇر».  يەنى بۇ يەردە شاھىتلىق ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. شاھىت بولماق بىلمەك دېمەكتۇر يەنى شاھىت بولۇشتىن بۇرۇن بىر نەرسىنى بىلمەك لازىم. بىلمەي تۇرۇپ شاھىت بولۇش مۇمكىن ئەمەس.

 

ئەرەبچىدە ئالىم دېگەننىڭ مەنىسى بىر نەرسىنى كەڭ دائىرىدە بىلمەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

 

ئىلىم دېگەن نېمە؟ ئالىملار ئىلىمنى ئىككى ئوخشاش نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەت ۋە ئىشارەت دەپ تەرىپلەيدۇ. يەنى ساق ئادەم بىلەن ئاغرىق ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلمەك ۋە كۆرمەك بىلىم دەپ ئاتىلىدۇ دەپ تەبىر بېرىدۇ. ئەگەر سىز پسىخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئادىمى بولسىڭىز، ساغلام پسىخولوگىيەسى بولغان ئادەم بىلەن ساغلامسىز پسىخولوگىيەسى بولغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرەلەيسىز. پەلسەپە ئوقۇغان بولسىڭىز تەپەككۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرەلەيسىز ۋاھاكازالار. دېمەك بۇ يەردىكى ھەقىقىي ئىلىم ھەق-ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۈرمەك. يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرمەك، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرمەك. دېمەك بۇ پەرقنى كۆرەلىگەن كىشىنى بىز زىيالىي، بىلىم ئادىمى، ئالىم دەپ ئاتايمىز. ئەگەر بۇ پەرقنى كۆرەلمىسە بۇ جاھالەت دېمەكتۇر. يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئىلىمنى بىر نەرسىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى بىلمەكتۇر دەپ تەسۋىرلەيدۇ. يەنى بىر نەرسىنىڭ ئارقا تەرىپىنى ھېكمىتىنى بىلمەك دېمەكتۇر. مەسىلەن بىر مىللەت نېمىشقا بۇ ھالەتكە كەلدى؟ بۇ سوئال ئاستىدا يولغا چىقىپ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق بىر مىللەتنى قايتا تىرىلدۈرۈش. بۇ ئۇيغۇر ئۆلىما ئالىملىرى ۋە دىن ئالىملىرى ئورتاق مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. شۇنداقلا، مىللىتىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ناملىق بۇ سوئال ئېرىشكۈسى جاۋابنىڭ يول خەرىتىسى.

 

ئىلىم ھەققىدە يەنە بەزى ئالىملار، بىلگەن كىشىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق ۋىجدانىنىڭ راھەتلىنىشىنى ساقلاپ قالغان نەرسىدۇر دەيدۇ.

 

ئىسلام دىنىدا ئەقىل بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر بىر مۇناسىۋەت بار. يەنى بۇ مۇناسىۋەت، ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، كۆز بىلەن نۇر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئەقىل كۆزدۇر، ۋەھىي نۇردۇر، ئەگەر كۆز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نۇرنى كۆرەلمەيسىز. كۆزسىز نۇرنىڭ ئەقىلسىز ۋەھىينىڭ ھېچ قىممىتى بولماس.

 

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملار يەر شارىنىڭ
مۇكەممەل ھالەتتىكى يارىتىلىشىنى بىلىشنىڭ ئۆزلىرىدە چوڭقۇر بىر ئىمان تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيانىڭ ئۇنىۋېرسال تارتىش كۈچى ۋە ھەرىكەتنىڭ ئۈچ قانۇنىنىڭ ئىجادچىسى نيۇتون، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئاللانى تونۇغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئالبېرت ئېينىشتېين ئىلىم پەن ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ، ئەسلىدە ئاللىقاچان ئاللا تەرىپىدىن سىزىپ قويۇلغان سىزىقلارنىڭ ئۈستىنى قايتا سىزىپ قويۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كائىناتنىڭ بىر نىزامى ۋە بىر كىتابى بار. بۇ كىتاب ۋە بۇ نىزام دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن ھازىرغا قەدەر، ئىلىم-پەن ۋە ئالىم زىيالىيلار بىلەن دىن ۋە دىن ئادەملىرى ۋە ئۆلىمالىرىنى ئىنتايىن زىچ بىرلەشتۈرۈپ كەلدى. پەقەت خىتايلا بۇنىڭ سىرتىدا. خىتايدا ئالىم زىيالىيلىق بىلەن دىن ۋە دىندارلىق بىر بىرى بىلەن ھەرگىز چىقىشالمايدىغان ئىككى قۇتۇپ دېگەن ئىدېئولوگىيە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى. بۇ نۇقتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن دىنى زاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كەسكىن بولدى. چۈنكى بۇ خىتاي ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىچكى قىسمىدا بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ گىردە نېنىغا ياغ-قايماق سۈرۈپ بەرگەنلىك بولاتتى. نەتىجىدە زىيالىيلىق ئۆز قۇتۇبىغا قاراپ، دىنى ئالىملىقمۇ يەنە بىر قۇتۇپقا قاراپ كېتىۋەردى. بۇ خىل ئىلىم بىلەن دىننىڭ قۇتۇپلىشىشى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى ئوڭاي يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن بۇ خىل قۇتۇپلىشىش ئاكتىپ رول ئوينىدى.

 

ئىنسان تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدۇ.. تەپەككۇر مۇنداق 4 تۈرلۈك بولىدۇ:

1-            ئۆتمۈش ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش.

2-            ئۆتمۈش تەپەككۇرى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرى ئارقىلىق كېلەچەك ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش.

3-            ئۆتمۈش ۋە بۈگۈننى سېلىشتۇرۇش.

4-            تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

 

ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال تەپەككۇر قىلغۇچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغۇچىدۇر. تەپەككۇر سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ. مەسىلەن خەلقىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋە مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ دېگەندەك. ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن، مەندىن نىمىنى كۈتىدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن مىللەتنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەھىمىنى ھېس قىلغان ۋە بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئال تۇغۇلغان بولىدۇ. ئەگەر ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ زېمىندا مەۋجۇتلۇقنىڭ يوق بولۇشىدىن ئىبارەت بىر خەۋپ مەۋجۇت بولمىسا ئىدى، بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئالمۇ تۇغۇلمىغان بولاتتى. ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرنەرسىلەر كۈتۈشتىن ئىبارەت بىر ئاڭ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئالدىن، ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھايات-ماماتلىق بىر تەھدىت بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەسىلەن تۈركلەر چەتئەللەردىكى تۈركلەردىن، ئەرەبلەر چەتئەللەردىكى ئەرەبلەردىن ۋە باشقا يەھۇدىيلار چەتئەللەردىكى يەھۇدىيلاردىن………. ۋەھاكازا…. بىر نەرسىلەر كۈتمەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەركىن، ھەر نەرسىگە قادىر ھۆر دۆلىتى بار.

 

مەن ۋە بىز، بىرى شەخسىيەت ۋە شەخسىيەتچىلىكنى، يەنە بىرى كوللېكتىپ ۋە ھەمكارلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككى ئۇقۇم. ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئادەتتىكى بىر قەھۋەخانىلارغا كىرىپ ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ سىزدىن ئىنگلىزچە، «do you have téam work experience?» دەپ سورايدۇ. بۇ دېگەنلىك «سېنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەش، گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەش، ياكى كوللېكتىپ بولۇپ ئىشلەش تەجرىبەڭ بارمۇ؟»  دېگەنلىك. يەنى مەن ئەمەس، بىز بولۇپ ئىشلىيەلەمسەن؟ ئوخشىمىغان كۆز قاراش، ئوخشىمىغان

پىكىر تەكلىپ، ئوخشىمىغان يول، ۋە ئوخشىمىغان ئېرىق-ئۆستەڭ ۋە دەريالار بىلەن قوشۇلۇپ بىر دېڭىزغا قۇيۇلالامسەن؟ دېگەندىن ئىبارەت. مانا بۇ كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئامېرىكا كانادالارنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشىدىكى سىر.

 

بىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا مەسىلىلىرى ئىنتايىن جىق بولغان بىر مىللەتمىز. ئۇيغۇر مىللىتى، غايەت زور بىر ئەجدىھا، ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن زەھەرلىك قولىنى ئۇزىتىۋاتقان بىر مىللەتمىز.

 

مىللىتىمىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

 

خىتاي تۈرمىسىدىكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئىلھام توختىلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇپ بېرىشنى كۈتىدۇ. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتقان ئەركىنلىك ھۆرلۈك جەڭچىلىرىمىز، ۋەتەندە ھەق-ئادالەتنىڭ ئۆز ئورنىنى تېپىشى ئۈچۈن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن. چەتئەللەردە توختىماي چۇقان سېلىشىمىزنى كۈتىدۇ. يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ ئادەتلىرىمىز، دىنى ئېتىقادلىرىمىز بىزدىن بۇ غايەت زور دېڭىز تاشقىنى(tsunami) غا تۇغان سېلىشىمىزنى، تۇغان سالالمىغان تەقدىردىمۇ، چۇقان بولسىمۇ سېلىشىمىزنى كۈتىدۇ.

 

ئىلىم ئەھلى دېمەك، ئاللاغا بولغان سۆيگۈسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋە بۇ سۆيگۈدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەڭ قورققان كىشى ئىلىم ئەھلى دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئىلىم ئەھلى دېگەندە، پەقەت ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆز مىللىتى ۋە خەلقىگە قانداق خىزمەت قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

 

مىللىتىمىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

 

بىلىم ئەھلى، زىيالىي ۋە ئالىملار بىلەن، دىن ئەھلى ۋە دىنى ئۆلىمالارنىڭ بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن «team work» قىلىشىنى يەنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغان بۈيۈك بىر ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق تورى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

قىسقىسى، ھەق ناھەق مەسىلىسىدە، يوق بولۇش بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىدە، كىملىك مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش جىنايەت.

 

ئاللا بىزگە ھەيران قالارلىق يارىتىش تېخنىكىسى بىلەن، ئاڭلا دەپ قۇلاق، كۆر دەپ كۆز ۋە سۈكۈت قىلما دەپ ئېغىز بەردى. ئەگەر بىز مۇشۇ 3 ئەزايىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالىساق بۇنىڭغا يەنە مەن ئەمەس بىزدىن ئىبارەت «team work» نى قوشالىساق ئىدۇق، بارلىق كۈتۈشلەر، بارلىق مۈشكۈلاتلار ۋە بارلىق زۇلۇملارغا چارە تاپالىغان بولاتتۇق.

Share
962 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.