logo

trugen jacn

خۇ جيا: گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرى تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلاشتىن مەھرۇم قالدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دوستلىرىدىن بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ 2017-يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. خۇ جيا يەنە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىق تەدبىرلىرى كۈچىيىپ، ۋەزىيەت جىددىيلەشكى ئۈچۈن، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يىلدا ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان يوقلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارادا تونۇلغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن 2008-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى بېيجىڭدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكا يوللۇق دوستى ۋە سەپدىشى ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارا ئەركىنلىك بىرلەشمىسى يەنى «لىبېرال ئىنتېرناتسىئونال» تەرىپىدىن بېرىلگەن 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

خۇ جيا: «مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت كۈنىدە مەن ئىلھام توختىغا 2017-يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. ئاكا يوللۇق ئاغىنەم ۋە سەپدىشىم ئىلھام توختى مەن بېيجىڭدا ئالاقە قىلىدىغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان ئىدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەڭگىمىز گۈزەلنۇر تەييارلىغان ئېسىل ئۇيغۇر تائاملىرىدىن يېگەچ ئاكا يوللۇق ئاغىنەم ئىلھام توختى بىلەن پىكىرلىشەتتىم. ئەمما بۈگۈن ئۇ ئارىمىزدا يوق. ئۇ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ تۈرمىگە سولاندى. بۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، لېكىن دۇنيا ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا، يەنى ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.»

نەزەربەند ئاستىدا بولغىنى ئۈچۈن، ئۆيىدىن چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خۇ جيا ئەپەندى يەنە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئىلھام توختىنىڭ ئىككى ئوغلىنى يوقلاپ كېلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئارقىلىق بالىلاردىن ھېيتلىق ئەھۋال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا: «نەزەربەندتە بولغىنىم ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇھىم بىر كۈندە مەن ئىلھام توختىنىڭ ئىككى ئوغلىنى يوقلاپ بارالمىدىم، ئۇلار بىلەن توپمۇ ئوينىيالمىدىم. ئەمما مەن ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلھام توختىنىڭ يەنە خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى گۈزەلنۇرغا يەتكۈزىمەن!»

ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن خۇ جيا ئەپەندى، بۇ يىل يازنى ئۆيىدە نەزەربەندتە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، گۈزەلنۇر ۋە بالىلار بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى، ئەمما يېقىندا گۈزەلنۇرنىڭ بۇ يىل يولغا قويۇلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك، يۇرتى ئاتۇشقا قايتالمىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىمۇ يوقلىيالمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاكا يوللۇق ئاغىنەم ۋە سەپدىشىم ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغان 3 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلار ھەر قېتىم تۈرمىدىكى ئىلھام توختى ۋە ئاتۇشتىكى ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن شىنجاڭغا سەپەرگە چىققىنىدا مەن ماشىنام بىلەن ئۇلارنى ئايرودرومغا ئاپىرىپ قوياتتىم. ئۇلار بېيجىڭغا قايتىپ كەلگىنىدە يەنە ئايرودرومغا چىقىپ ئۆيىگە ئەكېلىپ قوياتتىم. بۇ يىل ياز يۈز بەرگەن نوبېل مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شياغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمىز سەۋەبلىك 66 كۈندىن بۇيان بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۆيۈمگە نەزەربەند قىلىندىم. سىرتقا چىقىش ئەركىنلىكىم بوغۇلغىنى، ئۆيدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقەم ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئاكا يوللۇق سەپدىشىم ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر يەڭگىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئىككى ئايدىن بۇيان يوقلاپ بارالمىدىم. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆيۈمدىكى تور ۋە تېلېفون ئالاقەم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دوستلار چەمبىرىكىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىل زىيادە چىڭىپ كەتكەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ۋە جىددىيلەشكەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى سەۋەبلىك، ئىلھامنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىلدە يۇرتى ئاتۇشقا قايتالمىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئىلھام توختىنى يوقلىيالمىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم، ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم».

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارادىن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ساداسىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيىلىك قانۇنلىرىنى ئەمەلىي تۈردە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان 2 يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە ئېرىشتى. 2014-يىلى 5-ماي كۈنى نيۇيوركتىكى ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇنىڭغا «باربارا گولدسىمىش» ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، شۇ يىل 31-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىگە تۈركى تىللىق يازغۇچىلارنىڭ «ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى» بېرىلگەن. 2016-يىلى 10-ئايدا ئىلھام توختى ئەپەندىگە «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەن. 2016-يىلى بولسا ئىلھام ئەپەندى يەنە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. 2017-يىلى 1-سېنتەبىر، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرىمى قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى مەركىزى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئارا ئەركىنلىك بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرمىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2017-يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشىدىكى سەۋەب ئىزاھلىنىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقى، تىنچلىق يولى بىلەن مۆتىدىل ئۇسۇل بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يىل 30-نويابىر كۈنى گوللاندىيەنىڭ گائاگا (دەنھاگ) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09062017161956.html

 

Share
1771 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.