logo

trugen jacn

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تىلغا ئالماقچى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پانزەرى ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

22-ئىيۇن باشلانغان 24-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان 35-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تور بېتىدە 22-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىئەر ئانتونىئو پانزەرى ئەپەندى دىئالوگ جەريانىدا تۈرمىدىكى خىتاي يازغۇچىسى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا بايان قىلىنىشىچە، 2015-يىلى توختاپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرۇش پىكرى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا 35-نۆۋەتلىك دىئالوگنى 22-ئىيۇن باشلاشقا ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلغان.

ئىككى تەرەپنىڭ دىئالوگى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 19-ئىيۇن كۈنى 10 غا يېقىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىلەر، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىش بىلەن بىرگە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دىئالوگىدا بۇ مەسىلىنى چوقۇم كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنىمۇ تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پانزەرى ئەپەندىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن 22-ئىيۇن باشلانغان دىئالوگدا، باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشنى تەكىتلەپ، ئىلھام توختىنىڭ ئالاھىدە ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پانزەرى ئەپەندىنىڭ بۇ جاسارىتىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىم دىئالوگقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنىنىمۇ قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان 22-ئىيۇندىكى بايانات ھەققىدە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا بىر ئىجابىي قەدەم باسقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھالبۇكى، 18-ئىيۇن كۈنى 10 غا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرو ئىتتىپاقى-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ خىتايدا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر ۋە خەلقلەرگە نىسبەتەن ھېچ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىجابىي بىر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمىگۈچە، بۇ خىلدىكى دىئالوگنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. ئەمما پانزەرى ئەپەندى بۇ ھەقتە باشقىچە قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ 22-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا ھامان بىر كۈنى پايدىسى ھەم تۈرتكىسى بولىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پانزەرى ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ناتونۇش ئەمەس. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دوكلاتلار تەقدىم قىلغان. بۇ يىل 1-ئايدا پانزەرى ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا رەئىسى بولۇپ سايلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىتالىيەلىك بۇ كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا رەئىس بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققىتىنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، د ئۇ ق بىريۇسسېلدىكى پارلامېنت بىناسىدا يەنە بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.
<http://www.europarl.europa.eu/news/en/press-room/20170622IPR78107/eu-china-human-rights-dialogue-to-be-strengthened-says-droi-chair>

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilxam-toxti-mesilisi-yawropada-06232017195330.html/story_main?encoding=arabic

Share
1817 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.