logo

trugen jacn

جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى

 

 

ئەلروھلان

 

جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى

 

يىل2017- 9-ئىيۇن

 

 

مەن ئالدىنقى قېتىملىق يازمىدا جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە بىر قىسىم دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ يازمىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يەنە بىر قىسىم يېڭى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۇنياغا داڭلىق، «خادسون ئىنستىتۇتى» (Hudson Institute) دەپ ئاتىلىدىغان ئويلاش ئامبىرىدىكى بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەر 2015-يىلىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئۆزۈم تاللىغان بىر قىسىم مەزمۇنلىرى. بۇ سۆھبەتنىڭ تېمىسى «جۇڭگونىڭ پاكىستاندىن ئۆتىدىغان يولى» بولۇپ، ئۇنىڭ سىن ھۆججىتى يۇتيۇبقا 2015-يىلى 18-نويابىردا قويۇلۇپتۇ. مەن مەزكۇر يازمىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان كۆز-قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر ماقالىگە ئۆز كۆز-قارىشىمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇلارنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ كىرگۈزۈپ قويىمەن.

بىرىنجى رەسىم: «جۇڭگونىڭ پاكىستاندىن ئۆتىدىغان يولى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش

 

 

بىرىنجى: ئومۇمىي بايان

 

تۆۋەندىكىسى خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئېرىك براۋن (Eric Brown) نىڭ دېگەنلىرى.

 

جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇ پىلان تارىختىكى ئەڭ چوڭ يېڭى ئۈستقۇرۇلما بەرپا قىلىش پىلانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ پىلان جۇڭگونى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقىي ئاسىيانى غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، ۋە كەلگۈسىدە ئافرىقا بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئەگەر «21-ئەسىردىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، ئۇ دۇنيادىكى 63 دۆلەتنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز-ئارا قانداق مۇناسىۋەتلىشىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى زور گېئوپولېستىكىلىق تەسىرى بار. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاراتقان تاشقى سىياسەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەر بۇ پىلاننىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش يولىدا تىرىشىشنى باشلىدى.

 

ئىككىنجى رەسىم: سۆھبەتتە خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئېرىك براۋن سۆز قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنۈش

پاكىستاننىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ھازىرغىچە ئۆز دۆلىتىنى دۇنيانىڭ ئايلىنىش ئوقى (pivot) دەپ ھېسابلاپ كەلدى. ئالدىنقى 50-60 يىللارنىڭ مابەينىدە پاكىستان ئاسىيانىڭ بەزى گېئوپولېستىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم دەرىجىدىكى ئايلىنىش ئوقى بولۇش رولىنى ئوينىدى. ئۇ ھازىر يېڭىۋاشتىن دۇنيانىڭ بىر ئايلىنىش ئوقى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ

 

جۇڭگو پاكىستاندا چوڭ تىپلىق قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 46 مىليارد دوللار پۇل مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلار بۇ پۇلنى يول، كۆۋرۈك ۋە گاز-نېفىت تۇرۇبىلىرى قاتارلىق بىر قاتار ئۈستقۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىكەن. ياسىلىدىغان يول جۇڭگو بىلەن ئەرەبىستان دېڭىز بوغۇزى رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۈستقۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرى بولسا پاكىستاندا بىر ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان ئىقتىسادىي ھالەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىكەن. شۇ ئارقىلىق پاكىستاندىكى كەمبەغەلچىلىككە خاتىمە بېرىپ، ئېتنىك بۆلۈنۈش ۋە تېررورچى گۇرۇھلارنى يوق قىلىش ئىشلىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. شۇڭا بۇ پىلان پاكىستاننىڭ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ناھايىتى خوش قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ۋەدە قىلىنغان 46 مىليارد دوللار پۇل چەت ئەللەر پاكىستانغا 2008-يىلىدىن بۇيان بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان پۇل مىقدارىنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا پاكىستانغا تەخمىنەن 14 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بىخەتەرلىك ياردىمىنى بەردى. جۇڭگو ھازىر ھېلىقىدەك پۇل مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پاكىستاندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئامېرىكىنىڭ بەرگىنى ياردەم، جۇڭگونىڭ بەرگىنى بولسا مەبلەغ

 

تاكى يېقىنغىچە جۇڭگونىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن دېڭىز رايونلىرىدىكى ھادىسە، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەسلەپكى 30 يىلنىڭ ئىچىدە، ماۋ زېدۇڭنىڭ زامانىۋى رادىكالىزملىقى يۈز بەرگەنگە قارىماي، جۇڭگونىڭ قىلغىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىنقى قېتىملىق جۇڭگو سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيىسىنى قايتىدىن يولغا قويۇش بولدى. بۇرۇنقى مەمۇرىي دەرىجە تۈزۈمى بىلەن، قۇرۇقلۇقنى ئاساسىي بازا قىلغان، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزى قاندۇرالايدىغان بىر يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بولدى. بۇنداق قىلىش تارىختا بىر ناھايىتى قىيىن ئىش بولۇپ ئىسپاتلانغان بولۇپ، ھازىرقى زاماندا بولسا ئۇ بىر مۇمكىن ئەمەس ئىش بولۇپ ئىسپاتلاندى. شۇڭلاشقا 1976-يىلى ماۋ زېدۇڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ج ك پ) ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى بىلەن چەت ئەللەرگە قاراتقان تاشقى سىياسەتلىرىدە دېڭىز قىرغىقى ۋە دېڭىز رايونلىرىنى مەركەز قىلدى. بۇ خىل سىياسەتلەرنى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنى ئاساس قىلغان دېڭىز قىرغاقلىرىغا جايلاشقان بىر قىسىم چەت ئەل دۆلەتلىرى قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۇنياۋى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئىشتا جۇڭگو ئالدىنقى 200 يىلنىڭ ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ياخشى خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مۇھىتىغا ئېرىشتى. ھەمدە ئاشۇنداق مۇھىت ئىچىدە جۇڭگونى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈشكە ئاتلاندى. كەلگۈسىدە تارىخشۇناسلار ھازىرقى دەۋرنى تەكشۈرگىنىدە 2008-يىلى جۇڭگونىڭ كۆتۈرۈلۈشىدە بىر يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن. 2008-يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىس، ۋە شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىسنىڭ ئۆزى ج ك پ نى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىرىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى مونوپوللۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە يېڭىۋاشتىن چوڭقۇر ئىزدىنىشكە قىستىدى. نەتىجىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالدىنقى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ چوڭ ئىستراتېگىيىلىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئاشۇنداق ئىستراتېگىيىلەرنىڭ بىرى ئۆزىنى دېڭىز يولى ساھەسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەللەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول تورلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا يۆتكەش بولدى

 

بۇ ئىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان بىر قانچە سەۋەبلەر بار. ئۇنىڭ بىرى خەلقئارالىق گېئوپولېستىكا. يەنە بىرى بولسا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سەۋەبلەر. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىشلار ئۈچۈن قوللانغان سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش كېرەك

 

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تەڭشەش جەريانى يېقىن كەلگۈسىدە ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىش ئېلىپ بېرىشى خېلى ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلۇشى مۇمكىن. پاكىستان بىلەن جۇڭگودىكى ھۆكۈمران تەبىقىلەر بۇ ئىشقا «بىر ياخشى پۇرسەت»، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشتىن بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغان سىياسەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرىمىز. ئاشۇنداق نەتىجىلەرنىڭ بىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بىلەن شىنجاڭغا قاراتقان كونتروللۇقىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىشى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، بىز ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، جۇڭگونىڭ پاكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپىيىشى، پاكىستاننىڭ بۇرۇن ئەسكەر تۇرغۇزمىغان بىر قىسىم رايونلىرىغا ئەسكەر يۆتكەپ، ئۇ يەرلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى بولىدۇ. ئاشۇنداق رايونلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بىلەن چېگرىداش رايونلارمۇ بار

 

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا ئەللەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىرىگە بىر قىسىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە بىز ئاشۇنداق تەسىردىن پەيدا بولغان يېڭى ئەھۋاللارنى كۆزىتەلەيمىز

 

بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتناشقان نۇتۇق ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى يۇقىرىقىدەك ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممە ساھەسىگە ماس كېلىدۇ.

 

 

ئىككىنجى:  جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى

 

تۆۋەندىكىسى خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى چارلىس خورنېر (Charles Horner) نىڭ دېگەنلىرى. چارلىس بىر جۇڭگوشۇناس بولۇپ، ئۇ جۇڭگو ھەققىدە ئىككى قىسىملىق «كۆتۈرۈلۈۋاتقان جۇڭگو ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىن كېيىنكى تەقدىرى» (Rising China and its postmodern fate) دېگەن كىتابنى ۋە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

 

بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىك بىلەن ئىككىمىز بىر يېڭى ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن ئىسىمنى قويدۇق. بۇ ساھەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەنزۇلار دۇنياسى بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيالىيلىق (intellectual)، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە-مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىش. بىز تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشىمىغان جايلاردىكى كۆپلىگەن ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، جۇڭگو بىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئوخشىمىغان ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. مەسىلەن، ھىندونېزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، جۇڭگو ئاشۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئېتنىك خەلقلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ساقلايدىكەن. مالايسىيا، بېنگال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇڭگوغا يېقىن دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ شۇنداق ئىكەن. ئىسلام دۇنياسى بىر ناھايىتى كۈچلۈك رەڭدارلىققا ئىگە دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرەب دۇنياسى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ 25 پىرسەنتىدىنمۇ ئاز بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.

 

 

ئۈچۈنجى رەسىم: سۆھبەتتە خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، جۇڭگوشۇناس چارلىس خورنېر سۆز قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنۈش

شۇنىڭ بىلەن بىز ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوخشىمىغان مۇسۇلمانلار رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا باغلىنىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتۇق. بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا، دۇنيانىڭ بىر يېرىدە بىر ئىش يۈز بەرگەندە، ئۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

 

بىز تەكشۈرگەن يەنە بىر ئىش قۇرۇقلۇقتىكى ئىشلار بىلەن دېڭىز رايونلىرىدىكى ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ۋە بۇ ئىككى خىل رايونلار ئوينايدىغان ئوخشىمىغان روللار قاتارلىقلار بولدى. بىز بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرگە قاراپ چىقتۇق. ئۇنىڭ بىرى ياپون ئىمپېرىيىسى بولدى. ياپونلار ئاسىيادىكى دېڭىز رايونلىرى بىلەن قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنى بېسىۋالماقچى بولۇپ، ھەر ئىككىسىدە مەغلۇپ بولدى. مەن لوندون ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پروفېسسور ئىشلەتكەن «جۇڭگوچە سۆزلەش» (China speak) ئىبارىسىنى ياقتۇردۇم. بۇ، دۇنيادىكى كۈچلەر ۋە ئورۇن دەرىجىسى تۈزۈمىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بويىچە چۈشىنىش، دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ.

 

ھازىر دېڭىز ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك كرىزىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىدىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ھەمدە مەلۇم شەكىلدىكى جۇڭگو – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش مەسىلىلىرى، ھەمدە جۇڭگو ئۈچۈن يېقىن شەرقتىكى ئەللەرگە قارىغاندا يىراق شەرقتىكى ئەللەر (مەسىلەن ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان) بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

 

بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول ئىستراتېگىيىسىگە مۇشۇنداق بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر جۇڭگونىڭ بۇ ئىستراتېگىيىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى بىلەن باشقا ئىشلارغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق، مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى بايقايمىز. ئەڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەھۋال جۇڭگونىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئاجرىتىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى مەبلىغى. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار رايونى بولغان شىنجاڭ ھازىر پۈتۈنلەي مىخلاپ قويۇلغان بولۇپ، بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى قوراللىق قوشۇنلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. يەنە بىر ئەھۋال بولسا جۇڭگونىڭ پاكىستانغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقى، ئۇنىڭ ئاسىيا ئۈستقۇرۇلما بانكىسىغا زور مىقداردا پۇل بەرگەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور مىقداردا پۇل خەجلەۋاتقانلىقىدۇر. جۇڭگونىڭ ئاشۇ ساھەلەرگە ئاتىغان پۇلىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن زور بولۇپ، غەربتىكىلەر بۇ ئەھۋالغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆزىنى يىراق شەرقتىكى ئىسلام دۇنياسى بىلەن دېڭىز يولى بىلەن، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتىدىغان قۇرۇقلۇقتىكى كارىدورلار بىلەن، ياكى ھەر ئىككىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش پىلانى، ۋە بۇ پىلاننىڭ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان دېڭىز رايونلىرىدىكى ئامېرىكا، ياپون ۋە ھىندىستانلاردىن ئىبارەت چوڭ كۈچلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلار بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېقىندىن كۆزىتىشىمىزگە ئەرزىيدىغان مەسىلىلەردۇر.

 

  ئۈچۈنجى: پاكىستاندىن ئۆتىدىغان يول قۇرۇلۇشىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر

 

تۆۋەندىكىسى خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ مېھمان تەتقىقاتچىسى، جەمئىيەتشۇناس، سىياسەتشۇناس، ۋە «جۇڭگو ئۈچۈن تەشەببۇسنامىلەر» (Initiatives for China) دېگەن تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ (韩连潮, Han Lianchao) نىڭ دېگەنلىرى.

 

جۇڭگونىڭ يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەركىبىي قىسمى 46 مىليارد دوللارلىق «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدور» (China-Pakistan Economic Corridor, CPEC) دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جۇڭگو ئىستراتېگىيىسىدىكى بىر يۆتكىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

–جۇڭگو نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆزگىرىش ئېلىپ بارىدۇ؟

— CPECجۇڭگونى نەگە باشلايدۇ؟

–ئۇ جۇڭگونى دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا چىقىرامدۇ؟

–ئۇ جۇڭگونىڭ ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىشىغا ئېلىپ بارامدۇ؟

–ياكى ئۇ جۇڭگودا ھېچ قانداق ئۆزگىرىش ياسىيالمامدۇ؟

 

مەن بۇ يەردە جۇڭگونىڭ بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ۋە مېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىم ھەققىدە توختىلىمەن.

تۆتىنجى  رەسىم: سۆھبەتتە خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ مېھمان تەتقىقاتچىسى خەن ليەنچاۋ سۆز قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنۈش

جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى CPEC (ئىنگلىزچىدا «سپەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلىدۇ) نى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللايدۇ. جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئىستراتېگىيە ئويلاش ئامبىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە زىيالىيلار ھەتتا CPEC كە نىسبەتەن «بۇ بىزگە بىرەر مىڭ يىلدا ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان، جۇڭگونى دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىدىغان بىر ئالتۇن پۇرسەت»، دەپ قارايدۇ. ئالدىنقى 30 يىلنىڭ مابەينىدە جۇڭگو ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان ياردىمىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەلىي قىممەت ۋە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدىغان ئىشلارغا يۆتكەش جەھەتتە بىر قىسىم ئىشلارنى ئېلىپ باردى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ يەنىلا بىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدىغان قارار ئېلىش مېخانىزمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان «ھەممە نەرسىنىڭ رەئىسى» شى جىنپىڭ دۆلەت كۈچى ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ قوللىنىۋاتقىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ قارار ئېلىش ئۇسۇلى بولغاچقا، ھازىر جۇڭگونىڭ نىيىتىنى بىلىش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، جۇڭگونىڭ زادى قايسى تەرەپكە ماڭىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

 

شى جىنپىڭ CPEC پىلانىنى يولغا قويۇشنى بۇيرۇپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىتىگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشتا بولغانلار بۇنىڭدىن كېيىن «دۆلەت سىياسىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارشى چىققان» دېگەن قالپاق بىلەن جازالىنىشى مۇمكىن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى يولۇققان تەقدىر مانا شۇنىڭ بىر مىسالى.

 

جۇڭگودىكىلەرنىڭ قارىشىچە CPEC ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈن قۇرغان چەمبىرەكنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ج ك پ نىڭ «يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش» ئىستراتېگىيىسى بىلەن ئوخشاش. جۇڭگو CPEC ئارقىلىق ئۆزى ۋە پاكىستاننىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ھىندىستانغىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

 

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى CPEC نىڭ ئېھتىياجى بىلەن جۇڭگو-پاكىستان چېگرىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىنىمۇ مەڭگۈ قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە يوق قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

 

جۇڭگودا شى جىنپىڭ تۇتقان يولغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە جۇڭگونىڭ پاكىستانغا سالغان مەبلىغىدىن پايدا ئېلىش ئانچە كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. مەسىلەن، شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان قارا قۇرۇم تاش يولىنى ھازىر بىر يىل ئىچىدە ئاران 6 ئاي ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يول بەك ئېگىز بولغاچقا، قالغان 6 ئاي ۋاقىتتا بۇ يولنى قار ۋە مۇزلار توسۇپ قويىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بۇ يولدا تاغ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ يول 5 يىلدەك ۋاقىت تاقىلىپ قالدى.

 

پاكىستاننىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقى، ئىچكى توقۇنۇشلىرى، ئوخشىمىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلىرى، تېررورىست ۋە بۆلگۈنچىلەر ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن، جۇڭگو پاكىستانغا سالغان ھازىرقىدەك زور مىقداردىكى مەبلەغ خۇددى «نىشىخارا قەرز پۇلى» غا ئوخشاش بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ تارىخىي ۋەقە مۇنداق: 1917-يىلى ياپون ھۆكۈمىتى مەخپىي ھالدا جۇڭگونىڭ بېيياڭ ئارمىيىسىگە ئۇنىڭ باشلىقى دۇەن چىرۇي ئارقىلىق زور مىقداردا پۇل قەرز بېرىدۇ. ياپونلار شۇ ئارقىلىق جۇڭگولۇقلاردىن ئۆزىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى ئىستەيدۇ. ئەمما، كېيىن بۇ ئىش پاش بولۇپ قېلىپ، دۇەن چىرۇي «خائىن» ئاتىلىپ ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ھەمدە 4-ماي ياشلار ھەرىكىتى شۇ سەۋەبتىن پارتلايدۇ. جۇڭگودا 1925-يىلى يېڭى ھاكىمىيەت تەختكە چىقىپ، ياپونلارنىڭ ھېلىقى قەرز پۇلىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ياپون بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئەنە شۇ [2].

 

شى جىنپىڭغا قارشى پىكىردە بولۇۋاتقانلارنىڭ يەنە بىر كۆز-قارىشى مۇنداق: CPEC نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بىلەن، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار ئېقىپ كىرىپ، جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

 

مېنىڭ قارىشىمچە بۇ جۇڭگونىڭ بىر تاش بىلەن كۆپ قۇشقاچنى ئېتىش ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، جۇڭگو بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر يېڭى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنى، بىر يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلماقچى. ئەمما، بىر قىسىم رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان گۇمانخورلۇق كېسىلى تۈپەيلىدىن، جۇڭگو رەھبەرلىرى بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇر ئويلانماي، ئالدىراپ ئىش باشلاپ كەتتى. بۇ ئىشنى ئىسپاتلانغان ئىقتىسادىي پرىنسىپلارغا ئەمەس، بىر قىسىم گېئوپولېستىكىلىق چۈشەنچىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قارار قىلدى. مېنىڭچە جۇڭگو ھازىر تۇتقان يول ئۇنى ھېچ قانداق نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەيدۇ. پاكىستاننىڭ ئىچكى مەسىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى ئاسانلا ئەسلىدىكى يۆنىلىشتىن چەتنىتىۋېتەلەيدۇ. جۇڭگو بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن غەربىي رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىزنى بىر قىسىم ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا جۇڭگو ناھايىتى زور مىقداردىكى پۇللارنى مەبلەغ سالدى، ناھايىتى كۆپ يوللارنى ياسىدى، ناھايىتى كۆپ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇردى، ھەمدە باشقا ئۈستقۇرۇلمىلارنىمۇ بەرپا قىلدى. ئەمما ئۇ مەبلەغلەر ھازىرغىچە بىر گۈللەنگەن ئىقتىسادنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىدى. جۇڭگو بۇرۇن پاكىستانغا بەرگەن پۇللار ئىقتىسادىي ياردەم ئىدى. ئۇ پاكىستانغا ھازىر بېرىۋاتقان پۇللار بولسا مەبلەغدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جۇڭگو بۇ مەبلەغلەردىن ناھايىتى كۆپ پايدا تېپىشنى ئىستەۋاتىدۇ. بۇ ئىشقا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو كاراچى رايونى ئەتراپىدىكى بىر قۇياش ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشىغا 760 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالدى. ئاندىن بۇ پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە يەنە نۇرغۇن راسخوت پۇللىرىنى قوشۇپ، جۇڭگو پاكىستاندىن 950 مىليون دوللار پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى پۇلنىڭ ئۆسۈمى شۇنىڭ بىلەن 33 پىرسەنتكە توغرا كەلدى. بۇنداق مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى چوقۇم توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. چوقۇم پاكىستانلىقلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى قوزغايدۇ. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا پولاتتەك قاتتىق باغلانغان دوستلۇق مەۋجۇت بولسىمۇ، جۇڭگو پاكىستانلىقلارنىڭ گېپىگە تايىنىپلا ئىش ئېلىپ بارالمايدۇ. جۇڭگودا پاكىستانلىقلارنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىدىغانلار ئاساسەن يوق بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا جۇڭگولۇقلار پاكىستانلىقلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇڭا بۇ بىر ناھايىتى خەتەرلىك ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى بىزگە تارىخ دەپ بېرىدۇ.

 

مەن بۇ يەردىكى مەزمۇننى شېكىسپىر (Shakespeare) نىڭ مۇنداق بىر سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: پۇل قەرز ئالغۇچىمۇ بولما، پۇل بېرىپ تۇرغۇچىمۇ بولما. چۈنكى قەرز پۇل سېنى پۇلدىنمۇ ۋە دوستتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرىدۇ.

 

 

تۈگىدى

 

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

[1] China’s Road Through Pakistan

https://www.youtube.com/watch?v=u1ahrMhq9LQ&t=109s

 

[2] Nishihara Loans

https://en.wikipedia.org/wiki/Nishihara_Loans

 

 

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

 

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda

 

[7] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo

 

[8] جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47665-Elrohlan-Junggo-N%E9mishqa-Tinch-Yol-Bilen-Tereqqiy-Qilalmaydu

 

[9] نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47870-Elrohlan-N%E9mishqa-Lid%E9rlar-Yalghanchiliq-Qilidu

 

 

[10] جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48459-Elrohlan-Junggoning-Bir-Belwagh-Bir-Yol-Pilani-Heqqide-Qisqiche-Ch%FCshenche

 

Share
1177 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.