ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىسرائىلىيە ئاخباراتى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغان ساقاللىق ۋە يەكتەكلىك بىر يەھۇدى پۇقراسىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرپىدىن «دىنىي رادىكال» دەپ، تۇتۇپ قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە «ئارۇتىز شېۋا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ SKS مېھادرىن ناملىق يەھۇدى يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى دىنىي نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر مەسئۇل خادىمى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغان. بىراق، ئىسرائىلىيەلىك بۇ دىنىي خادىم ساقال قويۇپ، يەھۇدى دىن ئادەملىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي كىيىمى-خارېدى كىيىۋالغاچقا، مۇسۇلمان «دىنىي رادىكال» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ كار قىلمىغان. ساقچىلار ئۇنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، نەچچە سائەت سوراق قىلغان.
ئۇ ئىسرائىلىيە «ئارۇتىز شېۋا» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارغان شىوپۇر ھەرقانچە چۈشەندۈرگەن، مېنىڭ كىملىكىمنى تەرجىمە قىلپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەسقاتمىدى. ئۇلار مېنى تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىشقا ۋە مېنىڭ بىخەتەرلىككە زىيانلىق ئەمەسلىكىمنى ئېنىقلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى» دېگەن.
بىراق خەۋەردە، بۇ ۋەقەنىڭ كونكرېت قايسى كۈنى، قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ يەھۇدى دىن ئادىمىنىڭ ئىسمى قەيت قىلىنمىغان
يەھۇدى ئاياللار ۋە بالىلار
بۇ يەھۇدىلارنى مۇسۇلمان دەپ ئويلاپ قالماڭلار
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER