logo

trugen jacn

ئا.پىدايى: ياشىسۇن نادانلىق

cehalet ile ilgili görsel sonucu

ياشىسۇن نادانلىق

( ھىكايە)
ئا.پىدايى

1
ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئاقساراي دېگەن مەھەللىسى، تۈركلەر تەرىپىدىن تۆۋەن تەبىقىلەر ئولتۇراقلاشقان يەر دەپ قارالسىمۇ، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۇنداق دەپ قارىمايتتى. شۇڭا ئۇيغۇر ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسى ئاقساراي كوچىلىرىدا ئېچىلغان ئىدى. ئۆزئارا كۆرۈشىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاقسارايدىكى ئاشخانىلارنىڭ بىرسىدە ئۇچرىشىشنى ۋەدە قىلىشىپ ئۇ يەردە كۆرۈشەتتى. تۈركىيىنىڭ شەرقى چېتىدىن كەلگەن كۈرتلەر، سۈرىيە ئۇرۇشىدىن قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزۇپ كەلگەن ئەرەبلەر ئاقساراي ۋە ئەتراپىنى ماكان تۇتۇشقان ئىدى.1970 -80.يىللىرى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن قېچىپ كەلگەن ئىرانلىقلارمۇ ئاقساراينى ئۆز ۋاختىدىكى دوللار بازىرىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. بۇ كۈنلەردە ئورتا ئاسىيا، ئوكرائىنا، مولداۋىيە، ئافرىقا… دىن كەلگەن پاھىشىلەرمۇ ئاقساراي كوچىلاردا جىلۋە قىلىشىپ يۈرۈشەتتى
ئاخشام سائەتلىرى ئىدى. ئامما كوچىدا ئېقىۋاتقان ماشىنا، ئاپتۇبۇس، تىراممىۋاي نىڭ چىراغلىرى بىلەن كوچىلار نۇر دېڭىزىغا چۆمگەندەك كۆرۈنەتتى. ئىستانبۇلنىڭ كېچە مەنزىرىلىرى شۇنچىلىك جەلىپ قىلارلىقكى، ھەممە دۇكان، ماگىزىن، رېستورانلار ئۇچۇق، يولنىڭ پىيادە ماڭىدىغان ئىككى تەرىپىنى گۈل- چېچەك تەشتەكلىرى قاپلىغان. كوچىدا ئىنسانلار شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ يەنىلا بىر بىرىگە يول بىرىشىپ ماڭاتتى. بىرسى بىرسىگە ئۇرۇلۇپ كەتسە، دەرھال “پاردون!” (كەچۈرۈڭ!” دەپ كەچۈرۈم سورايتتى. مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق ئىنسانغا بەخت بېغىشلايدىغان ئىنىرگىيەدۇر.ئامما، مەدەنىيەتكە ئېرىشىش، پۇلغا ئېرىشكەندەك ئاسان ئەمەس.شۇڭا بەزى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل مەدەنىيىتىگە ھېچ ماسلىشالماي 20-30 يىلنى ئۆتكۈزىۋەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. يۇرتىمىزنىڭ بەزى چەت ياقىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلا شۇنچە يىل تۈركىيىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ تۆت ئېغىز تۈركچە گەپنى راۋان سۆزلشنى ئۈگىنەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ “تېشى پال-پال، ئىچىك غال- غال تۈركلەر”دىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن كۆرۈپ ماختىنىپ يۈرۈشەتتى
ئىستانبۇلدا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كاتتا يېغىنلارمۇ كۆپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ.ئامما ئىستانبۇل ئاھالىسىنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ خەۋەرلەرنى بىلمەيدۇ. ياكى بىلسىمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ.چۈنكى ھەممەيلەن تىرىكچىلىك يولىدا ئالدىراش. بۇگۈنمۇ ئىستانبۇلدا ئۆزىنىڭ داھىلىغىنى جاكارلىغان قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا “دۇنيا تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان بىر ئالەمشۇمۇل قۇرۇلتاي” ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي مەھەللىسىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ زالىدا بولۇپ ئۆتتى. بۇ “بۈيۈك تۈركىستان سۈرگۈندىكى فىدېرال ھۆكۈمىتى بىرىنچى قۇرۇلتىيى” ئىدى. دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەۋەررۇك بۇشۇكلىرىدىن بىرسى بولغان ئىستانبۇل ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ بۇ تارىخى ۋەقەدىن بەك خەۋىرى يوق ئىدى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئېيتىشىچە “ شۇنداق بىر كۈن كىلۇدىكى، ئىستانبۇلدا ياشاپ تۇرۇپ، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بۈيۈك تۈركىستان سۈرگۈندىكى فىدېرال ھۆكۈمىتى قۇرۇلتىيىغا قاتناشمىغان ئۇيغۇرلار، تارىختا لەنەتگەردىلەر تىزىملىگىدىن يەر ئالىدۇ. يەرلىك ئىستانبۇل ئاھالىسىمۇ بۇ قۇرۇلتاينى تەبرىكلەش شەرىپىگە ئىشتىراك ئەتمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرى، بۇ بىر نەسىل ئىستانبۇللۇقلاردىن نەپرەت قىلىدۇ.” بۈيۈك تۈركىستان سۈرگۈندىكى فىدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەت رەئىسى قەمبەر جەۋلانى ئۆزىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىدىن يەنىلا چەكسىز خوشال ئىدى
2
قەمبەر جاۋلانى بىر توپ مېھمانلىرى بىلەن ئاقسارايدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن كوچىغا چىقتى. قەمبەر جەۋلانى بىلەن ئاشخانىدىن چىققانلار 8 كىشى بولۇپ، ئالتىسى تۈرك، ئىككىسى ئۇيغۇر ئىدى. تۈركلەر قەمبەر جەۋلانى بىلەن بىر بىرلەپ قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى “ ئاللاھغا ئامانەت ئولۇن باشقانىم.” دىيىشىپ، ئۇنىڭغا كاتتا ھۆرمەت كۆرسىتىۋاتاتتى
قەمبەر جەۋلانى تۈركچە، ئۇيغۇرچە ئەبجەش كەلىمەلەر بىلەن؛ سىزلەر ھۈكۈمىتىمىزنىڭ ئەڭ قىيمەتلى باقانلارىسنىز. ھەمىمىز بىرلىكتە بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئىنشاسى ئۈچۈن چالاشاجاز. تارىخنى تەكرار يازاجاز.- دەدى ھاياجان ئىچىدە پۇرۇشۇپ كەتكەن كوك گىلاستۇكىنى تۇزەپ تۇرۇپ
تۈركلەر؛ “ ئەلۋەتتە، سايىڭىزدە ئەفەندىم.” دىيىشىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتى.ئۇلار خوشلىشىپ ئادەم دېڭىزىغا غەرق بولغان كوچىدا بىر پەستىلا غايىپ بولۇشتى. قەمبەر جەۋلانى قول سائىتىگە قارىدى. كەچ سائەت 10 دىن ئاشقان ئىدى.ئۇ قولىدا تۇتىۋالغان قارا رەڭلىك كەستىيومىنى كېيىۋالدى.توختىماي تەرلەپ تۇرغان كەڭ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۇرتتى ۋە قارا بۇرۇتلىرىنى تۇزىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قالغان ئىدى. بىرسى 35 ياشلاردا، تۆمۈر رەڭ كەستىم – بۇرۇلكا كېيىۋالغان، بوينىغا قىزىل گىلاستوك تاقىغان، قولىدا ۋىدىئو ئاپپارات بولغان بىر يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا ھاجى ئىدى. ئۇنىڭ باي بىرسى بولغانلىغى تۇرقىدىن مەلۇم ئىدى. ئابدۇللا ھاجى؛ – مەنمۇ مەشەدە خوشلىشاي ئەپەندىم.- دېدى
قەمبەر جەۋلانىنىڭ قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى بىراز چېقىرغا مايىل كوزلىرىدە مىننەتدارلىق نۇرى، بۇغدايوڭلۇك يۇزىدە تەبەسسۇم ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى.ئۇ، ئابدۇللا ھاجىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ؛ – سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى مەن ئۇنۇتمايمەن، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇنتۇمايدۇ. سىز بولمىغان بولسىڭىز، ھۈكۈمىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىم يېغىننى ئاچالمىغان بولاتتۇق.-دېدى مەمنۇنىيىتىنى ئىزھارلاپ. – سىزنىڭ قىلغان ئىختىسادىي ياردىمىڭىزگە ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن رەخمەت ئېيتىمەن.- ئۇ، ئابدۇللا ھاجىنى چىڭ قۇچاقلىدى
ئابدۇللا ھاجى؛ – رەئىس ئالىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىزگە شەرەپ ئەپەندىم.- ئۇ خوشلىشىپ يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىسىغا ئولتۇردى ۋە ئۇزاقلىشىپ كەتتى.
قەمبەر جەۋلانى؛ – ئۇكام مەمەت، ئەمدى ئۆيگە كىتىپ بىر دەم ئالىمىز-ما- دېدى.
قەمبەر جەۋلانىنى ساقلاپ تۇرغان قىسقا بويلۇق،ۋىجىك 25 ياشلاردىكى يىگىت مەمەت؛ – دەم ئالايلى دەيسەنغۇ ئاكا. سەن ئەتە ئەتتىگەن ئامېرىكىغا ئۇچىسەن. ئۆيدىن چامىدىنىڭنى ئالايلى. مىتىروغا سېلىپ قوياي. ئايدۇرۇمدا ئۇخلارسەن.- دېدى جىلى بولغان ھالدا
ئۇلار پىيادە ماڭدى. چۈنكى، مەمەتنىڭ ئۆيى يېقىنلا يەردە ئىدى
قەمبەر جەۋلانى؛ مەمەت ئۇكا. سېنى ھەپتە، ئون كۈن كۆپ ئاۋارىچىلىققا سالدىم. خاپا بولما
مەمەت بىر ئۇيغۇر خوجايىننىڭ دۇكىنىدا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى. بۈگۈنىنى ئەتىگە تەستە ئۇلاپ كېتىۋاتقان بىرسى ئىدى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بىلەن بىر يېزىلىق ئىدى. شۇڭا مېھمانخانىدا پۇل كەتمىسۇن،دەپ ئۇنى ئۆيىگە ئالغان ئىدى.بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، مىللەت سۈيەر كىشىلەرنىڭ قولى قىسقا بولىدۇ. مەمەت بۇنداق كىشىلەرنى ئىستانبۇلدىمۇ كۆرەتتى. ئۇلارغا ياردەم قىلىشىنى خالايتتى،ئامما ئۇزى ياردەمگە مۇھتاج بىرسى بولغاچقا، مىللەت ئۈچۈن پۇل كەتمەيدىغان، كۈچ ۋە ۋاخىت كېتىدىغان ھەر قانداق ئىشنى جان دەپ قىلىشتىن چارچىمايتتى. قەمبەر جەۋلانى، بىر توپ تۈركنى قانچە قېتىم مەمەتنىڭ ئۆيىگە ئەكەلدى. مەمەتكە “ئايالىڭ پولو،لەغمەن قىلسۇن، تاماقنى ياخشى ئوخشات ئۇكا. ھەر ئىش داستىخاندا پۈتىدۇ، دەيتتى. مەمەت، خوجايىندىن قەرز ئېلىپ تۈرۈپ، جەۋلانىنىڭ مېھمانلىرىنى ياخشى ئۇزاتتى. ئۇزىتىشنى ئۇزاتتى-يۇ، ئايالى، خەلچەمدىن كۆپ دەشنام ئىشىتتى. خەلچەم ئاخشاملىرى نارەسىدە ئىككى بالىسىغا قاراپ؛ “قاراڭ بۇ بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتسا، ئۇلارنىڭ رىسقىنى خەخكە يىگۈزىۋاتسىڭىز. ۋىجدانىڭىز ئازراقمۇ ئازاپلانمامدۇ؟ شۇ تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان بالىلىرىڭىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسىز؟” دەپ تاپا – تەنە قىلدى. “قەمبەر جەۋلانى ئەپەندىم خەق ئەمەس. ئۇ دېگەن چوڭ بىر ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، بىزنىڭ رەھبىرىمىز. ئۇيغۇر مىللىتىنى ئازات قىلىمەن، دېگەن ئادەمنى بىر قانچە كۈن كۈتمىسەك، بىز ئۆزىمىزنى قانداق ئادەم دەپ يۈرۈيمىز؟” دېگەن گەپلىرى خەلچەمنىڭ قولىقىغا كىرمىدى. خەلچەم “ئىستانبۇلدا ئون نەچچە مىڭ ئۇيغۇر بار. بايلار نىمىشقا ياردەم قىلمايدىكەن؟ مىللەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش ساڭا قالدىمۇ؟” دەپ، ھەر ۋاقىت “سىز” دەيدىغان مەمەتنى “سەن”لىۋەتتى. مەمەت، ئايالىدىن ھىچ رەنجىمىدى. ئۇ، ئايالىنىڭ، بالىلارنى ئويلايدىغانلىغىنى،چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ ئۆينى تۇتۇۋاتقانلىغىنى ياخشى بىلەتتى.
ۋەتەندىكى چاغدا بولسا، مەمەت ناھىيىنىڭ تاش يول ئىدارىسىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. يېزىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىزى خەلچەمنى بىر تويدا كۆرۈپلا ياختۇرۇپ قالدى. مەمەت ئانىسىغا گەپنى ئاچتى، ئانىسى،دادىسىغا دېدى. ئاتا- ئانىسى قىزنى ئىستەپ قىز ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتتى. مائاشلىق مەمەتنى قىز تەرەپمۇ قاچۇرمىدى. خەلچەممۇ، بۇپتۇ، دەدى. مەمەت بىلەن خەلچەم كۆرۈشتى. ھەر ئىككىسى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بولسىمۇ، سان يېتىشمەي يېزىدا قالغان ياشلار ئىدى. مەمەتقۇ ئىشچىلىق بولسىمۇ مەيلى،دەپ تاش يول ئىدارىسىغا ئىشقا كىرىۋالدى. خەلچەم ئۆيدە ئىشسىز قالغان ئىدى. ئۇلار ئۆز ئارا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشتى. توي تەييارلىقى بولۇۋاتقاندا مەمەتنى ئىشتىن چىقىرىۋەتتى. مەمەت جۈمە كۈنلىرى بىر پۇرسىتىنى تېپىپ جۈمە نامازلىرىغا باراتتى. بىرسى ئونى چېقىپ قويۇپتۇ. ئىشتىن ھەيدەلدى. يېزىسىغا قايتتى. خەلچەم يەنىلا، بوپتۇ،دېدى.
مەمەت 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. تارتىۋالىدىغان مائاشنى زادى تارتۋالدى. ئەمدى تارتىۋالىدىغان بىر نەسرسە يوقتى. شۇڭا ھەر كۈنى مەھەللە مەسچىتتە بېرىپ نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇلار توي قىلدى. توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن رامىزان باشلاندى. رامزاننىڭ تۇنجى تاراۋا نامىزىدا ساقچىلار مەسچىتكە بېسىپ كىرىپ ياشلاردىن بىر قانچىسىنى تۇتۇپ، قوللىرىغا كويزا سەلىپ ئېلىپ ماڭدى. تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ئارىسىدا مەمەتمۇ بار ئىدى
خەلچەم ھەر كۈنى يېزا ساقچىخانىسىنىڭ يىغىۋېلىشخانىسىغا قاتناپ مەمەت ئۈچۈن تاماق توشىدى. مەمەتنىڭ ۋە خەلچەمنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئادەم تېپىپ، پارا بېرىپ يۈرۈپ 3 ئايدا مەمەتنى سۇلاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ھەر ئىككى ئائىلە مەسلىھەتلىشىپ، بالىلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىشنى قارار قىدى. كۆپ يول مېڭىپ، پارا بېرىپ ئاخىرى پاسپورت ئېلىپ تۈركىيىگە يولغا سالدى. ئىستانبۇلدا چامدامدا بىر مەسچىت، جامى بار.سېنىڭ نامىزىڭغا ئارىلىشىدىغان ئادەم يوق. ئامما ھايات قاتتىق. جان تىكىپ ئىشلىمىسەڭ جان باققىلى بولمايدۇ. ئائىلىدە يۇقسۇللۇقنىڭ دەردىنى ئايال كىشى تارتىدۇ. شۇڭا خەلچەمنىڭ كايىشلىرىغا مەمەت رەنجىمەيدۇ. خەلچەم قانچە قېتىم ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، بالىلىرىنىڭ قوللىرىغا ئاي- يۇلتۇزلۇق بايراقنى تۇتقۇزۇپ نامايىشلارغا قاتناشتى. ئىستانبۇلنىڭ ۋەتەن جەددىسى دېگەن چوڭ يولدا ھەر يىلى ئارمىيە بايرىمىدا تۈرك ئارمىيىسى پاراتتىن ئۆتىدۇ. ۋەتەن جەددىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېقىن.ئۆتكەن يىلى ئۇلار بالىلىرىنى ئېلىپ يەنە پاراتنى كۆرگىلى چىقتى. تۈرك ئەسكەرلىرى پاراتتىن ئۆتىۋاتقاندا يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا چاۋاك چېلىپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا مەمەت، خەلچەم ۋە ئىككى بالىسىمۇ بار ئىدى. كىچىك ئوغى، مەمەتنىڭ پىشىنى تارتىپ، دادا، ئانام يىغلاۋاتىدۇ.- دېدى. مەمەت بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ئايالىغا قارىدى. خەلچەمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتاتتى. خەلچەم ھەر يىلى پاراتتا شۇنداق ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلايدۇ.
مەمەت، ئايالىنىڭ مۆرىسىنى سىلىدى: – بولدى يىغلىما. بالىلار قورقۇپ كېتىدىكەن
خەلچەم: بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ئارمىيىمىز بولغان بولسا، بۇنداق كۈنگە قالماستۇق.-دېدى ۋە ھۆڭگىرەپ يىغلاپ تاشلىدى. مەمەت يانچۇقىدىن قەغەز قولياغلىغىنى چىقىرىپ ئايالىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئامما ئۆزىنىڭ كۆز چاناقلىرىغىمۇ ياش تامچىلىرى تولدى. مۇشۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلاردا تۈركلەر ئايالىنى قۇچاقلاپ مەڭزىگە سۈيۈپ، جانىم سەنى چوق سەۋىيورۇم. سەنىن ئىلە غۇرۇر دۇيۇيورۇم، دەپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامما بىز ئۇيغۇرلاردا كۆڭۈل ئىزھارى ئۈچۈن بۇنداق شىرىن سۆزلەرنى سۆزلەش ئادىتى بولمىغاچقا، مەمەت پەقەتلا، بولدى، يىغلىما.- دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالمىغان بولسىمۇ، كۆڭلىدە ئايالىغا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك جۇش ئۇرۇۋاتقانلىغى ئۆزى بىلىدۇ. مەمەت، ئايالىنىڭ، قەمبەر جەۋلانىنى “ئۇ ئادەم بىرئاز ساراڭ قېتىشمۇ؟” دەپ سورىغىنى ئېسىگە كەلدى ۋە ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى. قەمبەر جەۋلانى ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەندە، مەمەت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان كىچىك بالا ئىدى. ئۇنى تونۇمايتتى. تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن توردا تونۇشتى. جەۋلانى “تۈركىيىگە ھۆكۈمەت قۇرغىلى كېلىمەن.” دەپ تەلپۈن قىلغاندا. مەمەت “ چەتئەلدە 3 شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى بار،دەپ ئاڭلىدىم. سىز يەنە نىمىشقا ھۆكۈمەت قۇرىسىز؟” دەپ سورىغان ئىدى. قەمبەر جەۋلانى، “مەن بۈيۈك تۈركىستان سۈرگۈندىكى بىرلەشمە ھۈكۈمىتى قۇرىمەن” دەپ جاۋاپ بەرگەندە تازا ياخشى چۈشىنەلمىدى. جەۋلانى تەلىپۇندا، شەرقى تۈركىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىنلارنىڭ ھەممىسى بۈيۈك تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ، بۇ ئىشنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەندە، مەمەت ھەقىقەتەن ھاياجانلانغان ئىدى ۋە جەۋلانىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قېلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى
قەمبەر جەۋلانىنى ئىستانبۇل ئايرىپورتتا ئابدۇللا ھاجى قارشى ئېلىپتۇ. جەۋلانى، مەمەتكە تەلپۈن قىلىپ ئادرىسىنى سورىدى. مەمەت ئۆي ئادرىسىنى دەي دەپ تۇرغاندا، تەلىپۇندا باشقا بىرەيلەننىڭ ئاۋازى چىقتى، “ھە، ئادىرسىڭىزنى دەڭە!” دېدى. مەمەت ئۆي ئادرىسىنى دەپ بەردى ۋە خۇجايىندىن رۇخسەت سوراپ مىھماننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە كەلدى. قەمبەر جەۋلانى بىلەن بىللە كەلگەن ئادەم ئىستانبۇلدا ياشايدىغان سودىگەر ئابدۇللا ھاجى دېگەن ئادەم ئىدى. مەمەت، ئابدۇللا ھاجىنى كۆرۈشى بىلەن پەرۋايى ئۇچتى. ئابدۇللا ھاجى شەيتاندەكلا بىر ئادەم ئىدى. بىر كۈنى بېجىڭدە، بىر كۈنىئى ئۈرۈمچىدە، بىر كۈنى ئىستانبۇلدا كېزىپ يۈرۈيدۇ. نېمە تىجارەت قىلمىغانلىقىنى تازا بىلگىلى بولمايدۇ. دۇنيانىڭ قايىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتاي، يىغىنى بولسا،شۇ يەرگە ئۇچۇپ بارىدۇ، پۇل ياردەم قىلىدۇ. ئۇيغۇر باشلقلار بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىملىرىنى تورغا قويىدۇ. قولىدا ھەر ۋاقىت ۋىدېئو كامارا. ھەر يېغىندا رەسىم تارتىدۇ، ۋىدېئو چېكىدۇ. شۇڭا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار، ئابدۇللا ھاجىنى خىتاينىڭ جاسۇسى، دېيىشىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت يىغىنىدادىمۇ ئابدۇللا ھاجى ھەممە چىقىملارنى ئۈستىگە ئاپتۇ، ئامما توختىماي رەسىم، تارتىپ، ۋىدېئو چېكىپ ئالدىراشلا يۈردى. خەق، بۇ رەسىم،ۋىدېيولارنى خىتايغا بېرىپ جېق پۇل ئالىدۇ، دېيىشىدۇ
قەمبەر جۋلانى: مەمەت ئۇكا. نىم بولدى ساڭا؟ ھىچ گەپ قىلمايسەنغۇ؟
مەمەت خىيالدىن ئويغاندى. مەمەت؛ شۇ ئابدۇللا ھاجى دىگەن ئادەمدىن كۆڭلۈم غەش بولىۋاتىدۇ.-دېدى تىرىككەن ھالدا
قەمبەر جەۋلانى؛ نىمىشقا؟
مەمەت: ساڭا قانچە قېتىم دىدىمغۇ، ئاكا. ئۇ ئادەمنىڭ خىتاي جاسۇسى دېگەن سېسىق نامى بار
قەمبەر جەۋلانى توختىدى. مەمەتنىڭ يۈزىگە باقتى ۋە كۈلدى: ئۇكام بىز سىياسەت قىلىۋاتىمىز. سىياسەت ئۈچۈن پۇل لازىم.ئابدۇللا ھاجىنى جاسۇس دىگەنلەر ماڭا بىر تىيىن پۇل بەردىمۇ؟ ھۆكۈمەت يىغىنىنىڭ ھەممە چىقىمىنى ئابدۇللا ھاجىم بىرىمەن،دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. ۋەدىسىدە تۇردى. چىقىملارنى سېخىلىق بىلەن بەردى. ئابدۇللا ھاجىمنى خىتاينىڭ جاسۇسى دىگەنلەنىڭ ئۆزى جاسۇس. بىزنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. ئابدۇللا ھاجىمنى راس خىتاي جاسۇسى بولدى دەپ پەرەزمۇ قىلايلۇق، بىزدە بىر مەخپىيەتلىك يوققۇ. ساتسا نېمىنى ساتىدۇ؟
مەمەت قاتتىق غەزەپلەندى: ھەي، ئاكا. ئىستانبۇلدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ، دېيىشىدۇ. يىغىنىغا 20 ئۇيغۇر كەپ قويدىمۇ؟ بىر قانچە تۈركتىن باشقا كىم بار يىغىنىڭدا؟
مەمەتىنىڭ بۇ سۆزلىرى، قەمبەر جەۋلانىنىڭ يارىسىغا تۇز باسقان ئىدى: بۇ ئىستانبۇللۇق ئۇيغۇر دىگەنلىرىڭ بارغۇ، ھەممىسى خىتاي بىلەن سودا قىلىپ جېنىنى باقىدىغان خۇمسىلار. ھەممىسى قورقۇنچاق، خائىن گۇيلار.- دېدى قەمبەر جەۋلانى ئاچچىقىنى باسالماي.؛ ئۇلار بىر بىرىنى كورگەندە بەسلىشىپ ناماز قىلىدۇ. خىتاينى كورگەندە بەسلىشىپ بىر بىرىنى ساتىدۇ
مەمەت؛- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى مەن، سەندىن ياخشى بىلىمەن ئاكا. بۇ يەردر ياخشى ئادەم كوپ. بىراق ھەممسىنىڭ ئاىلىسى خىتاينىڭ قولىدا گۇرۇدە.نىمە ئامال
قەمبەر جەۋلانى؛- مەن بىلىمەن بۇلارنى. ھەممىسىنىڭ پادىدىن پەرقى يوق.قاسساپنىڭ پىچىقى ئالدىدا ئۇچىرەتتە تۇرىدىغان قويلاردىن پەرقى يوق
مەمەت: ئاكا. سېنىڭ ئەتىراپىڭغا چىۋىندەك ئولىشىۋالغانلار جاسۇس، خائىن بولغاچقا، خەخ ساڭا يېقىنلاشمايۋاتىدۇ. ھەتتا ياخشى ئادەملەر مەندىنمۇ گۇمان قىلىۋاتىدۇ،جۇما. جاسۇسلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتتى،دەپ. ساڭا دىمەي دىگەن ئىدىم.گەپ،گەپنى ئاچىدۇ. سېنى ئويۇمدە كۇتكەنلىكىم ئۇچۇن، يىغىنىڭغا قاتناشقانلىقىم ئۇچۇن، خۇجايىنىم مىنى تۇنۇگۇن ئىشتىن چىقرىۋەتتى.خاپا بولما ئۇكام. يۇرتتا ساقچىلار ئاتا-ئانامنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلغىلى باشلاپتۇ. باشقا يەردىن ئىش تېپىۋال. سەن ئىشقا كىرگۇچە مەن يەنە ساڭا ياردەم قىلىمەن،دېدى. سېنى دەپ مەنمۇ ئىشسىز قالدىم.خەلچەمگە بۇ گەپنى قانداق دىسەم بۇلار،دەپ غەمگەدە يۇرىۋاتىمەن.
قاسىم جەۋلانى، مەمەتنىڭ ئىشتىن قوغلانغانلقىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن بئارام بولدى.ئۇ، توختىدى – ئۇكام مەمەت.مېنى كەچۇر.سېنىڭ ئىشسىز قېلىشىڭغا مەن سەۋەپچى بولدۇم.بەزىلىرىمىز مىللەتنىڭ يۇكىنى ئىشەكتەك كۇتۇرىمىز. بەزىلىرىمىز مىللەتنى ئىشەك ئورنىدا مىنىمىز.-ئۇ، مەمەتنىڭ مورىسىنى ئاتىدارچىلىق تۇيغۇسى بىلەن سىلىدى
مەمەت، قاسىم جەۋلانىنىڭ سوزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ئىدى.- ئىستانبۇلدا ئىش تېپىش تەس ئەمەس ئاكا. سەن غەم قىلما. مەن ئىش تاپالايمەن. ۋاختى كەلگەندە مەنمۇ، ئىككى بالاممۇ،ھەتتا ئايالىممۇ، بىز ئائىلە بويىچە ۋەتەننىڭ ئەسكەرلىرى بولۇشقا تەييار
قەمبەر جەۋلانى؛ – رەخمەت. سەندەك يىگىتلەر يىتىشكەندىرى بۇيۇك تۇران دولىتى چوقۇم قۇرۇلىدۇ. مەن دۇنيا تارىخىدا ئەبىدى يەر ئالىدىغان تارىخى بىر قۇرۇلتاينى ئاچتىم. بۇ بىر باشلىنىش.خىتاي كومىنىستلىرى 1921.يىلى شاڭخەيدە بىر كىچىك قولۋاقتا كومىنىستىك پارتىنى قۇرغان. مانا بۇگۇن 70 يىلغا يېقىن خىتاي دولىتىنى سوراۋاتىدۇ.بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز پارلاق
مەمەت، قەمبەر جەۋلانىنىڭ سوزلىرىدىن ئىلھام ئالدى ۋە ھاياجانلاندى.بىراق ئۇنىڭ كوڭلىدە بىر شەك قالغان ئىدى. – قەمبەر ئاكا. بۈگۈن يىغىندا مىنىستىر، پارلامىنېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتىڭ. سەندىن باشقا مىنىستىرلارنىڭ ھەممىسى تۈرك. پارلامىنېت ئەزالىرى، پالانچى تۇرپانى، پۇستانچى قەشقىرى، پالانچى پەرغانى، پۇستانچى جەلالاباتى… دەپ 70-80 ئىسىم ئوقۇدۇڭ. بۇ ئىشلار ماڭا ساختىدەك كەلدى
قەمبەر جەۋلانى: بۇلارنى مەخپى تۇتىمىز. شۇڭا شۇنداق ئېلان قىلدۇق.
مەمەت: قۇرۇلتېيىڭدا بىر ئۆزبەك يوق، قازاق،قىرغىز يوق. بۈيۈك تۈركىستان پىدىرال ھۈكۈمىتى دەيسەن. كۈلكىلىك ئىش ئەمەسمۇ بۇ؟
ئۇلار بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدى.
قەمبەر جەۋلانى: ئۇكام سەن مەندىن زىرىككەندەك تۇرىسەن.چامىدىنىمنى ئاچىقىۋىتە، مەن كېتەي
مەمەت، قەمبەر جەۋلانىنى “ئۆيگە كىر” دېگەن تەكەللۇپ سۆزىنىمۇ قىلماستىن بىناغا كىرىپ كەتتى
3
قەمبەر جەۋلانى ئىستانبۇل ئايىپورتىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكى كېتىش زالىغا كىرىپ كەلگەندە كېچە سەت 12 دىن ئاشقان ئىدى.ئامما زال ئىچى بازاردەك مىغ،مىغ ئادەم بىلەن تولغان ئىدى. قەمبەر جەۋلانى ئەتىگەن سەت 8 دە ئۇچاتتى. ئۇ، بوش بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ، چارچىغان ئىدى. ئامما كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭ تەلىپۇنى جىرىڭلىدى. تەلىىپۇننى ئاچتى.قارىشىدىن كەلگەن ئاۋاز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوكاننىڭ ئاۋازى ئىدى. ئوكان ناھايىتى تىرىشچان يىگىت ئىدى.ھەر ئىشنى ئەسدايىدىل قىلاتتى؛ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىم. سىزنىڭ ئايرىپورتقا چىقىپ كەتكەنلىكىڭىزنى مەمەتتىن ئاڭلاپ ئەنسىرەپ تەلپۈن قىلدىم. ياخشىمۇسىز؟
قەمبەر جەۋلانى: تەشەككۈرلەر، تەشەككۈرلەر، دېدى.
ئوكان: جۇمھۇر رەئىسىم. مەن تاپشۇرقىڭىزغا بىنائەن، ھۈكۈمىتىمىز نامىدىن دۆلەتلەرگە يازىدىغان مەكتۇپنىڭ ئىڭىلىزچىسىنى تەييارلاپ بولدۇم. سىزگە ئىلخەتتىن يوللاپ بىرەيمۇ؟
قەمبەر جەۋلانى: يوق،يوق. -دېدى ئالدىراپ- سەن تىزىملىك بويىچە دۆلەتلەرگە يوللاۋەر
ئوكاننىڭ ئاۋازى كەلدى: تامام ئەپەندىم. باش ئۈستىنە. سىزگە ئىيى يولجۇلۇقلار دىلەرىم
قەمبەر جەۋلانى: ئاللاغا ئامانەت ئول. تەشەككۈرلەر.-دېدى. ئۇ، ئامېرىكىدا كۆپ يىل ياشىغان بولسىمۇ، ئىنڭىلىزچىدە يەنىلا چالا ساۋات ئىدى. شۇڭا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا “ئۆزەڭلا يوللىۋەت” دەپ قۇتۇلدى
4
قەمبەر جەۋلانى ئەسلىدە ۋەتەندە قالغان بولسا ئۈسۈپ كېتەتتى. بەلكى نازىر بولىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى ئۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىسشنى ياخشى بىلەتتى. ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈسۈشىگە ئەقىل، مېھنەت كەتمەيتتى. خەنزۇ باشلىقىڭغا قانداق خۇشامەت قىلىشنى، ئۇلارغا بولغان تەۋرەنمەس سادىق ئىكەنلىكىڭنى توغرا ئىسپاتلىساڭلا، ئۆسۈش ئۈچۈن يول ئۇچۇق. قەمبەرنىڭ ئىدارە شۈجىسى خەن شۇجى بىلەن مۇناسىۋىتى بەك ياخشى ئىدى. ھەر كۈنى ھەممىدىن ئەتتىگەن ئىشقا كېلىپ، ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئۇچۇق قويۇپ ئىشخانىنى تازىلىغان ئاكتىپ خىزمەتچى بولۇپ كۆرۈنۈپ،. خەن شۇجىنىڭ كارىدوردىن مېڭىپ ئۆز ئىشخانىسىغا ئۆتۈشىنى كۈتەتتى. خەن شۇجى كارىدوردا كۆرۈنىشى بىلەن ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ “خەن شۇجى زاۋشاڭ خاۋ!” دەپ سالام بېرەتتى قىزغىن كۈلۈمسىرەپ. بەزى مائاشى چىققان كۈنلىرى ماگىزىندىن ئىچكىرىنىڭ ئەڭ ئالى تۈمۈر قۇتۇلۇق چايلىرىدىن ئېلىپ كىلىپ “خەن شۇجى.بىر دوستۇم بېجىڭدىن ماڭا ھەدىيە ئەكەلگەن ئىكەن. بۇنداق ياخشى چاي سىزگە لايىق.” دەپ ئاپتاپتەك كۈلۈپ تۇرۇپ، بىرئاز ئېگىلىپ سەمىمى تەلەپپۇز بىلەن شۇجىنىڭ ئۈستىلىگە قوياتتى. خەن شۇجى “شې،شې” دەپ باش لىڭشىقاندا بولسا، خۇشاللىقتىن بېشى بۇلۇتلارغا تاقىشاتتى. بىر قېتىم ئۇ، تۈركىيىدىن ئەكەلدۈرگەن لوقۇم دېگەن شاكىلاتتەك بىر كۇروپكا تاتلىق ئېلىپ كېلىپ خەن شۇجىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە. خەن قۇتۇنى ئېچىپ لوقۇمدىن بىر تال يەپ بېقىپ “ بۇ نېمە دېگەن لەززەتلىك نەرسە.” دەپ ماختىغاندا، قەمبەر “ خەن شۇجى.ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سىزگە لايىق.” دېدى. خەن شۇجى،قەمبەرنىڭ ساداقىتىگە ھەقىقەتەن ئىشەنگەن ئىدى. چۈنكى، ئامېرىكىدا تۇنجى ئالما تېلېفۇن چىققاندا، تونۇشلىرى ئارقىلىق بىر ئالما تېلېفۇن ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇ، بۇلارنىمۇ ئۇنتۇغىنى يوق.قەمبەرنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ يېرىمىنى خەن شۇجى ئۈچۈن خەجلىگەن ئەجرى ئاخىرى نەتىجە بەردى. خەن شۇجى؛ “ كامبەر، چىڭ زو.- ئولتا” دېدى. قەمبەر نۇرغۇن قېتىم خەن شۇجىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن بولسىمۇ، بىر قېتىممۇ ئولتۇرۇش تەكەللۇپى بولمىغان ئىدى. ئۇ ھاياجان ئىچىدە ساپادا ئولتۇردى. ئويناپ تۇرغان ھىلىگەر كۆزلىرى خەن شۇجىغا، قاسساپتىن بەز كۈتكەن مۈشۈكتەك يېلىنىش ئىچىدە بېقىپ تۇراتتى
خەن شۇجى: كامبەر، سەن پارتىيىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس يېزىپسەن. شۇنداقمۇ؟
قەمبەر: شۇنداق شۇجى. بۇ 13. قېتىملىق ئىلتىماسىم.- ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى
خەن شۇجى: قولۇڭدا ئۇنىۋېرسىتېت دىپلومى بار.پارتىيىگە بولغان ساداقىتىڭدىن گۇمانىم يوق. خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىڭ، باشقىلارغا ئۆلگە بولالايدۇ. بىراق ئىدارىمىزدا ئۆزەڭنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭ ياخشى ئەمەسكەن. سەن توغرۇلۇق بەزى شىكايەتلەر بار. دىققەت قىلىشىڭ لازىم
قەمبە ئالدىراپ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: خەن شۇجى. مەن ئۆزەمنىڭ مىللىتىنى ياخشى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ يولداشلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. كۆپىنچىسى ئاشكارە دېمىگەن بىلەن، كۆڭلىدە بۆلگۈنچىلىك ھېسسىياتى بىلەن ياشايدۇ. مېنى چېقىمچى دەپ ئارىسىغا ئالمايدۇ. ئولتۇرۇشلىرىغا چاقىرمايدۇ
خەن شۇجى كۈلدى: سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرمىسەڭ، ئۇلارنى قانداق كۆزىتەلەيسەن؟ شۇڭا سەنمۇ ئۇلاردىن بەكرەك مىللەتچى، دىنچى بولۇپ كۆرۈنۈشۈڭ كېرەك
قەمبەر ئالدىراپ سوردى: خەن شۇجى شۇنداق قىلايمۇ؟
خەن شۇجى كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى: سېنىڭ ئىستىقبالىڭ پارلاق
قەمبەر بۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، بۇ مەخپىيەتلىكنى خۇددى بىرسى بىلىپ قالىدىغاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەتىراپقا قارىدى. ئايرىپورت زالىدىكى خىلمۇ-خىل مىللەتكە مەنسۇپ خىلمۇ خىل يولۇچىلار ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى. قەمبەر ، ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كۆڭلى بىردىن غەشلىككە تولدى. چۈنكى، خەن شۇجىنىڭ بىردىنلا بېجىڭغا مەركىزى پارتىيە مەكتىپىگە بىر يىللىق ئوقۇشقا كەتكەنلىكى، قاسىمنىڭ تەقدىرىنى ئوڭتەي، توڭتەي قىلىۋەتكەن ئىدى
5
كەسپى قابىلىيىتى بولمىسىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق “توغرا يول” تاللاشتا ئۆزىنى “تالانت ئىگىسى” دەپ ھېسابلايدىغان قەمبەر، كېلەچەك تۇرمۇشى ئۈچۈن قىز تاللاشتىمۇ ھەممەيلەننى ھەيران قىلدۇرىدىغان بىر مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ تۇنۇشۇپ مۇھەببەتلىشىشنى كۆڭلىگە پۈككەن قىز، سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىنىڭ قىزى ئىدى. ئىسمى گۈلپەرى ئىدى. چىرايى ئىسمىغا ئوخشاش گۈل، ياكى پەرىدەك گۈزەل ئەمەستى.ئامما كاتتا باشلىقنىڭ قىزى ئىدى. ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتەلمەي ئۆيدە قالغان بولسا نېمە بوپتۇ. پۇلى، يۈز ئابرۇيى، ھۇقۇقى بار ئائىلىنىڭ قىزى. قەمبەرنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن پەلەمپەي، ھەتتا تىك ئۇچار بولالىشى مۇمكىن. قەمبەر قىزلارنى جەلىپ قىلالىغۇچىلىك تۇرقى سياققا ئىگە، گەپ- سۆزى جايىدا، ئەدەپ، قائىدىنى كىيىم قاتارىدا كىيىپ ياسىنىشقا ماھىر بىرسى بولغاچقا كۆپ ئەجىر تۆكمەستىن گۈلپەرىنى قولغا كەلتۈردى. گۈلپەرى كىچىك بالىدەكلا تۈز كۆڭۈل ۋە ئاخماق بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن قەمبەر خۇشاللىقىدىن يايراپ كەتكەن ئىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق ماڭمىدى. گۈلپەرىنىڭ دادىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، قىزىنىڭ قەمبەر بىلەن كۆرۈشۈشنى چەكلەپ قويۇپتۇ. گۈلپەرى “ ھازىرچە كۆرۈشمەي تۇرايلى. دادام، سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمنى بىلسە، مىنى ئۆلتۈرىدۇ.مەن ئائىلەمنى قايىل قىلغاندا، سىزنى ئىزدەيمەن. غەم قىلماڭ.” دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ. قەمبەر تەقدىرگە تەن بېرىپ بىرئاز كۈتۈپ تۇراي دەپ ئويلىدى. گۈلپەرىدىن ئۈمىت ئۈزمىدى. خەن شۇجى بەېجىڭغا ئوقۇشقا كەتمىگەن بولسا، ئاتىدارچىلق قىلىپ،بۇ ئىشنى ئۆزى ھەل قىلىپ قوياتتى. ئەندى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك نۇپۇزغا ئىگە ئادىمى يوق ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قولىدىن ئىش كەلمىگەچكە، ئۇيغۇر باشلىقلار بىلەن يېقىنلىشىشنى قەمبەر خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. مانا ئەندى بىرئاز بېشى قېتىپ قالدى. ئىككى ئايدىن كېيىن گۈلپەرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرسى بولغان ئافۇجۇشى دەيدىغان ئادەمنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلغانلىق خەۋىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆردى. بېشىغا توساتتىن قاتتىق بىر مۇش يىگەندەك كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. قەمبەر، گۈلپەرىنىڭ بىر قىز دوستىنى تونۇيتتى. ئۇنى ئىزدەپ تاپتى، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ، قىزمۇ گۈلپەرىنىڭ سۆزىنى قەمبەرگە يەتكۈزمەكچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن. گۈلپەرى ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان قىز ئىكەن. ئۇنىڭ ھازىرقى ئېرىنى قىزنىڭ دادىسى تېپىپتۇ ۋە دەرھال تويىنى قىلىۋېتىپتۇ. گۈلپەرى” مەن بەختىمنى تاپتىم. قەمبەر مىنى ئۇنۇتسۇن” دەپتۇ
قەمبەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ساغرىسىغا زىخ سانجىۋەتكەن بۇقىدەك غەزەپلىك ھالغا كەلدى. ئافۇجۇشى دېگەن بۇ ئابدۇپەتتارنىڭ ئوغلى ئۆتكەن يىلى قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىدار بولۇپ، بىر پۇتى كېسىلگەن. كېسىلگەن پۇتىغا سۈنئى پۇت تاقالغان. ئەركە، مېيىپ، كېرەكسىز بىر بالا. ھوقۇق، شان- شۆھرەت، پۇل دېگەن يامان نېمە. ئەخلاق كۆز قارىشى بولمىغان يەرلەردە، سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭمۇ پۇل بىلەن ئېلىپ سېتىلىدىغان بازىرى بار. قەمبەرگە ئوخشاشلار كۆپەيگەنسېرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئادەم سودىگەرلىرى ئۈچۈن “ئىستىقبال”نىڭ يوللىرى تېخىمۇ داغداملىشىدۇ.قەمبەرنىڭ غايىسى كاتتا ئىدى. كېلەچىكى شۆھبىسىز پارلاق ئىدى. بەلكى نازىر، بەلكى مۇئاۋىن رەئىس بولالايتتى.چۈنكى ئارقىسىدا خەن شۇجى بار،خەن شۇجى ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك شۇجىلارغا ئۇلىشالايدۇ. قەمبەر، گۈلپەرىگە كېلەچىكى توغرىسىدىكى تەسەۋۇرىنى بۇلبۇلدەك سايراپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر پايدىسى بولماپتۇ. قەمبەرنىڭ ئەقلىگە تۇساتتىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ “ئەتىكى گۆشتىن، بۇگۈنكى ئۆپكە ياخشى.” دېگەن تەمسىلى كەلدى. “ھەي، نادان گۈلپەرى. بۇگۈنكى ھالاۋەتنى دەپ، ئەتىكى بەختتىن مەھرۇم قالدىڭ.” دېدى ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ.قەمبەر ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خەن شۇجىنىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈش قارارىغا كەلدى. “بۇنداق دەلدۈش، ئاخماق قىزلاردىن تېخى كۆپ بارغۇ. بۇ قېتىم تېخىمۇ مۇۋاپىق بىرسىنى تاپىمەن. خەن شۇجىنى ئارىغا قويىمەن.” دەپ ئويلىدى ۋە ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بەردى. بىراق بىر كېلىشمىگەن ھادىسە ئۇنىڭ قىسمىتىنى تامامەن ئوڭتەي توڭتەي قىلىۋەتتى.
بىر كۈنى كېچە قەمبەر ئىشتىن چۈشۈپ كوچىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇزاقتىن بىر قارا ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان گۈلپەرىنى كۆردى. ماشىنىدىن ئۇنىڭ ئېرى قولىدا ھاسا بولغان ھالدا چىقتى. گۈلپەرى ئاقساق ئىرىنىڭ قولىنى تۇتتى. ھەر ئىككىسى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ داڭلىق رېستۇرانى بولغان “بەخىت سەيناسى” رېستۇرانغا قاراپ مېڭىشتى. قەمبەرنىڭ ئىچىدە توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ھەسەت، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى شىددەتلىك بوراندەك كۈچىيىشكە باشلىدى. گۇگۇم چۈشۈۋاتاتتى. قەمبەر يۈگرەپ بىر ئارقا كۈچىنىڭ قاراڭغۇلىغىدا غايىپ بولدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە پەيدا بولغان قەمبەرنىڭ قولىدا بىر غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتا بىر تۆمۈر كالتەك بار ئىدى. ئۇ بىر دوقمۇشتا مۆكۈپ تۈردى. ئىككى سائەتتەك ساقلىدى. گۈلپەرى، ئاقساق ئېرىنى يۈلەپ رېستوراندىن چىقىپ كىلىۋاتقانلىغىنى كۆردى. ئېرى مەسمىدى، ياكى مېيىپ بولغاچقا شۇنداق دەلدەڭشىپ مىڭىۋاتامدۇ. ئەيتاۋۇر ھەر ئىككىسى مەس بولغاندەك ئىدى. ئېرى توختاپ كوچا لامپىلىرى يۇرۇتۇپ تۇرغان ئوچۇقچىلىقتا گۈلپەرىنى سۆيۈشكە تەمشىلىۋىدى، گۈلپەرى بېشىنى ئۇزۇتىپلا ئاقساق ئەرنىڭ لەۋلىرىگە چوككىدەك سۆيۈپ قويدى.
بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن قەمبەرنىڭ ئىچىدىكى ھەسەت تۇيغۇسى خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ تىرناقلىرىدەك،ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىرنىلاشقا باشلىدى. ئۇلار يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن يۇشۇرۇنغان قاراڭغۇلۇقتىن ئېتىلىپ چىققان قەمبەر، ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، گۈلپەرىنىڭ ئېرىنىڭ بېشىغا تۆمۈر كالتەك بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى قويۇشى بىلەن، ئاقساق يىگىت يەرگە يىقىلدى. گۈلپەرى، “ئادەم بارمۇ!” دەپ چىرقىراپ كەتتى قورقۇنچتىن. قەمبەر قاچتى. “جەنجو!- توختا.” دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر پاي ئوق ئاۋازى چىقتى. ئوق قەمبەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن، “ۋىڭ” قىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى. قەمبەر ئىختىيارسىز توختاپلا قالدى. ئارقىسىدىن ئۇرۇلغان بىر پەشۋا ئۇنى يەرگە يىقىتتى. بېشىغا بىرسى قاتتىق تەپكەندەك بولدى. قەمبەر ھوشىدىن كەتتى. ئۇ، ھوشىغا كەلگەندە ساخچىخانىدا ئىدى. قوللىرى ئارقىسىغا قايرىلىپ كۆيزا سېلىنغان، يۈزى ۋە بەدىنىدىكى تاياق زەربىسىنىڭ ئاغرىغىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. خەنزۇ ساقچىلار ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى. چۈنكى قەمبەر قورققىنىدىنمۇ، ياكى تاياق زەربىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئىشتىنىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى
قەمبەرنى، گۈلپەرىلەرنى رېستورانغا ئەكەلگەن خەنزۇ شوپۇر تۇتقان ئىكەن. ئۇ شوپۇر ئا فۇجۇشىنىڭ شوپىرى بولۇپ، بالىلارنى رېستۇرانغا ئەكەلگەن ئىكەن. قەمبەر بولسا، شوپۇردا قۇرال بارلىغىنى، ئۇنىڭ ھەم شوپۇر ھەم قوغدىغۇچى ئىكەنلىكىنى زادىلا ھېسابقا قوشمىغان ئىكەن
قەمبەر 6 ئاي تۇرمىدا يېتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇدۇل ئىدارىسىغا كەلدى. ئىدارىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈم باشلىقى، ئۇنىڭ ئىشتىن قوغلانغانلىغى توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇشنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئىشخانىسىدىن چىقىرىۋەتتى. ئىشتىن ھەيدەش ئوختۇرىشىدا قەمبەرنى “ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. بۆلگۈنچىلىك، تېرورىستلىق جىنايىتى بىلەن نەخ مەيداندا قولغا ئېلىنغان.” دېگەن جۈملىلەر بار ئىدى. قەمبەرنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. “ئاھ، مەن تۈگەشتىم. تۈگەشتىم” دېدى ئۇ ئۆز ئۆزىگە كۆزلىرىدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلدى. ئۇ، ئۆزى ئىشلىگەن بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولغان ئۇيغۇر بۆلۈم باشلىغىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ جۇيجاڭ بىلەن ئۆزىنى تەكرار خىزمەتكە ئېلىش توغرۇلۇق بىر سۆزلىشىپ بېقىشنى ئىلتىماس قىلدى. قەمبەرنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنىشلىرىنىڭ نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بۆلۈم باشلىغى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ماقۇل بولدى. ئەرتىسى كۈنى قەمبەر خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە بۆلۈم مۇئاۋىن باشلىغى “ ئۇكام قەمبەر. بىلىسەن. خەن شۇجى مەركىزى پارتىيە مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن ئىدارە خىزمەتلىرىگە مەخسۇت جۇيجاڭ مەسئۇل. ئەھۋالىڭنى،تەلىۋىڭنى ئېيتتىم. قەمبەر تۇرمىدا چىرىپ كەتمىگەنلىكىدىن خوشال بولسۇن. بۇ تەكرار سۆزلىشىشكە بولىدىغان مەسىلە ئەمەس،دېدى.” دەپ جاۋاپ بەردى. قەمبەر “مەخسۇت جۇيجاڭ بىلەن ئۆزەم بىر كۆرۈشكەن بولسام. مېنى بىر قوبۇل قىلغان بولسا!” دېدى يېلىنىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان بىچارە قىياپەتتە. بۆلۈم باشلىغى ؛ “ قەمبەر ئۇكا. مەخسۇت جۇيجاڭ سېنى قوبۇل قىلمايدۇ. ساڭا ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر سۆز تاپىلىغان ئىدى. كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ ئامانەتنى ئېيتىپ قۇياي. مەخسۇت جۇيجاڭ “ قەمبەر ئۇچىغا چىققان بىر كۆيدۈرگە ئىدى. ساۋاق ئالسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم كۆيدەرمىسۇن. ئاخىر ئۆزى كۆيۈپ كېتىدۇ” دېدى.
قەمبەرگە يەر قاتتىق،ئاسمان يىراق ئىدى. ئاچچىقىدا قىلىپ قويغان بىر خاتاسى بىلەن كوچىدىكى ئىگىسىز ئىتتىن قەدىرسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. مەخسۇت جۇيجاڭ “قاسىم ئۇچىغا چىققان بىر كۆيدۈرگە ئىدى” دەپتۇ. مانا مەخسۇت ھەقىقى مىللىي بۆلگۈنچى. قەمبەر تۇرمىدىن قويىۋېتىلگەندە تۇرمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولغان ئۇيغۇر ئۇنى چاقىرىپ “ئۇكام ئامىتىڭ باركەن. خۇداغا مىڭ شۈكرى دېگىن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئا فۇجۇشى “ بىز ئائىلە بويىچە شىكايەتچى بولمايمىز. بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ كۈننىڭ يۇرىقىنى كۆرۈپ ياشىسۇن.” دېگەچكە مۇددەتسىز قاماق جاساسىدىن قۇتۇلۇپ، 6 ئايدا ئەركىنلىككە ئېرىشتىڭ. بىزدە مۇشۇنداق ياخشى باشلىقلار بار. قەدىرىنى بىل.” دېگەن ئىدى. ئا فۇجۇشى دېگەن گۇيمۇ بۆلگۈنچى ئىكەن. قەمبەر بۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يۇشۇرنىۋالغان بۆلگۈنچىلەرنى مەلۇم قىلىشقا ئالدىرىدى. ئامما خەنشۇجى يوق. باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك خەنزۇ رەھبىرى كادىرلارنى تېخى تونۇمايدۇ. قەمبەرنىڭ ئىستىقبالى تۈگىدى. قەمبەرنىڭ ئېسىگە بىردىن رەھمەتلىك دادىسى كەلدى. دادىسىنى نەپرەت بىلەن كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. دادىسى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىلىملىك بىر زىيالىي ئىدى. بىراق ئۆمرى، باشلانغۇچنى چالا پۈتتۈرگەن يۇغان قوساق ئەمەلدارلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ ئۆتتى. ئورتا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر بولۇشقا بىلىم كەتمەيدىغان يىللاردا، ئۆسۈشنىڭ يولىنى بىلگەن بولسا، قەمبەر بۈگۈنكىدەك چەتكە قېقىلىپ قالمايتتى. بۇ كۈنلەردە باشلىقلارنىڭ بالىلىرىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەش مودا بولۇپ كەتتى. دادىسى باشلىق بولغان بولسا ئىدى، قەمبەر بۈگۈن ئەڭ تۆۋەن دېگەندىمۇ مۇئاۋىن نازىرلىق تەختىدە ئولتۇراتتى. ئۇنى باشقىلار ئەمەس، ئۇ باشقىلارنى بۇزدەك قىلىلىپ ئوينايتتى…. قەمبەر ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئالغان كۈنى، دادىسى ئۇنى بىر رېستۇراندا مېھمان قىلغان ئىدى. دادىسى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا ھاراق قۇيۇپ، ئال ئوغلۇم. بۈگۈن ئائىلىمىز ئۈچۈن تارىخى مەزمۇنغا ئىگە بىر كۈن. ئىككىمىز بىر تەبرىكلەپ قويايلى. دىگەن ئىدى. مەس بولۇپ تازا كەيپىگە كەلگەندە “ئوغلۇم. ساڭا مەندىن نەسىھەت، ئىشەكنىڭ كۆتىگە ئاپتاپ چۈشسە قولۇڭنى ئىسسىت. ئۇيغۇرلار يازغان تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇما. مىللەتچى تەلۋىلەردىن ئۇزاق تۇرغىن. پارتىيەگىلا ئەگەشسەڭ، باشلىق دېگەن ئىشنىلا قىلساڭ، بېشىڭغا دەرت كەلمەيدۇ” دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. دادىسى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ئۆز ئەقلى، كوچىغا تايىنىپ تۇرۇپ، دادىسى ئېرىشەلمىگەن ھۇقۇقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېھتىيات ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتاتتى.ئىستىقبالى پارلاق ئىدى. شۇ گۈلپەرى دېگەن قانجۇق بىلەن تونۇشمىغان بولسا كاشكى…” ئو، ئويلىغانسېرى كۆڭلى غەش بولاتتى، كۆز ئالدى قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈنەتتى.قەمبەرگە تونۇش، بىلىشلەرنىڭ ھىچبىرسى ياخشى كوز بىلەن قارىمايدىغان بولدى. قەمبە ئۈچۈن ئۈرۈمچى ھارام بولدى. ئۇ، چەتئەلگە چىقىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى. ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كىتەي دىدى.ئامما ئىنگىلىىزچە بىلمەيتتى. توردىن مەكتەپ ئىزدىدى. مالتادا ئىنگىلىز تىلى كۇرسى بار ئىكەن. مالتا دېگەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى بىر ئارال دۆلىتى. ئۇ يەرگە بارسا ئامېرىكىغا بېرىشمۇ قىيىنغا چۈشمەس. ئوقۇش پۇلمۇ قىممەت ئەمەسكەن. قەمبەر ئانىسىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ يالۋۇردى. ئانا يۈرىكى دېگەن چىدامدۇ. ئانا، بالا ئۈچۈن جېنىنىمۇ بېرىدۇ. ئۆينى سېتىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن،دېدى. ئانىسىنى كىچىك بىر ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ قويۇپ، ئۆيىنى ياخشى باھادا ساتتى ۋە مالتاغا ئوقۇشقا كەلدى. مالتادا بىر يىل ئىنگىلىزچە ئوقۇش جەريانىدا بىر يولىنى تېپىپ ئامېرىكا ۋىيزىسى ئېلىپ ئامېرىكىغا كېلىۋالدى

6
قەمبەر، ئامېرىكىدا دوللار دېڭىزىغا شۇڭغۇيمەن، دەپ ئويلايتتى. ئامما كوچىدا دوللار يوق. ياتىدىغان يەرمۇ يوق. ئۇيغۇرلارمۇ يېڭى كەلگەنلەرگە بەك ۋاي دەپ كەتمەيدىكەن.ھەممە ئادەم قوساق، پۇل دەردىدە ئالدىراش. قەمبەر بىر ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، دەرھال سىياسى پانالىق تىلىمىسە بولمايتتى. باشقىلاردىن سوراپ ئۈگەندىكى، سىياسى پانالىق تىلەش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىنى ئېيىپلاش، ئۆزىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن. قەمبەر ئىدارىدىن قوغلانغان ئۇختۇرۇشنى ئېلىۋالغان ئىكەن،ياخشى. ئۇختۇرۇشتا “بۆلگۈنچىلىك، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىگە قارشى دۈشمەنلىك” دېگەن گەپلەر تازا ياخشى پاكىت ئىكەن. ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، سىياسى پانالىق تىلىدى. ۋىرجىنىيەدە يېڭى چىققان ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشى بىر ئۆيدە قالىدىكەن، قەمبەر ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ كىرا ۋە باشقا چىقىملارغا ئورتاق بولىدىغان بولۇپ ئۇ ئۆيگە يەرلىشۋالدى. بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ بىرسى ئوقۇغۇچى ئىكەن، بىسى پۇلى بار باينىڭ بالىسى بولغاچقا يەپ ياتىدىكەن. يەنە بىرسى كونا ئۆي رىمونت قىلىدىغان ئىشتا ئىشلەيدىكەن. قەمبەر، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇرچە رادىيو “ئەركىن ئاسىيا”غا ئىشقا كىرىش نىيىتىدە تىڭ،تىڭلاپ باقتى. رادىيوغا ئىشقا كىرىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلار، رادىيودا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى غاجىلاپ سېسىتىپ يۈرگەنلەر كۆپ ئىكەن. قەمبەرگە ئۇ يەردە ئىش تېپىلىشى ئاسان ئەمەسكەن. ھەش- پەش دېگۈچە 5-6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. پۇل تۈگەۋاتىدۇ. قەمبەر، يوقسۇللارغا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن پۇلسىز تاماق بارىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدى. ئىسمىنى تىزىملىتىپ كۈندە 3 ۋاخ تاماق يېيىش ئۈچۈن كىنىشكا ئېلىۋالدى. قوساق مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. ئامما، بىكارغا تاماق بېرىدىغان يەردە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ قاتتىق ئىزا تارتىپ كەتتى. چۈنكى، ئۇلار، قەمبەرنىڭ نېگىر تىلەمچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تاماق يەۋاتقانلىغىنى باشقىلارغا دەۋەتسە، بۇ گەپلەر ئۈرۈمچىگە بارسا، نېمە دېگەن سەتچىلىك.
قەمبەر، بىكار يۈرۈشتىن ئىشلەش قارارىغا كەلدى. بىر لاتىن ئامېرىكىدىن كەلگەن خوجايىننىڭ كونا ئۆيلەرنى رىمونت قىلىش شىركىتىگە ئىشقا كىردى. 5-6 نېگىر ئىشچى بىلەن بىللە ئىشلەشكە باشلىدى. ياتىغىنىمۇ شۇ قارا ئىشچىلارنىڭ يېنىغا يۆتكىۋالدى. ئۆينىڭ ئىچىدە ئىشلىگەچكە ئۇنى ئۇيغۇرلار كۆرمەيتتى.قەمبەر ھۈنەر بىلمىگەچكە تاش،كېسەك، سىمىنىت توشۇيدىغان، لاي ياسايدىغان قارا ئىشلاردا ئىشلىدى. چۈشلۈك دەم ئېلىشتا قۇرۇق نان غاجلاپ ئولتۇرۇپ “ھەي، قەمبەر. سەن ئارزۇ قىلغان ئامېرىكا مۇشۇمىدى؟ ئىسىت،ئىسىت “ دەيتتى.ئامما پۇشايماننىڭ پايدىسى يوق. قەمبەر، يېشىل كارتنى بۇرۇنراق ئالارمەنمىكىن،دەپ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېغىن، نامايىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىغان ئىدى. يېغىندا ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرۇپ باقتى. نامايىشلاردا بايراق كۆتۈرۈپ ئالدىدا ۋاقىراپ ماڭدى. ئامما، تورغا جەمئىيەت باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋە تاك تاكچىلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقاردى. قەمبەرنىڭ رەسىمىنى قويمىدى. ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ قويمىدى. قەمبەر قوساق كۆپۈگىنى جەمىيەت باشلىقىغا ئەيتىۋىدى، باشلىقتىن “ئاداش، ئىنقىلاپ دىگەن خالىس بولىدۇ. رەسمىم چىقسۇن، ئىسمىم چىقسۇن،دەپ ئەمەس” دەپ دەشنام بەردى.
قەمبەر، مەن ئۆز ئالدىمغا تەشكىلات قۇرالمايدىغان ئادەممۇ؟ دەپ ئويلىدى ۋە بىردىن جانلىنىپ كەتتى. ئۆزىدەك ئىتتىرىلىپ، دۈشكەلىنىپ قالغانلاردىن بىر قانچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ باقتى. ئۇلار بىلەن تەشكىلات قۇرۇش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى. ئامېرىكىدا رەسمى تەشكىلات قۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەنداشلىق ياكى يېشىل كارت چىقىشى لازىم ئىكەن. يېشىل كارتى بار ئۇيغۇرلارغۇ كۆپ. تەشكىلات ئۇنىڭ نامىدا بولسا، قەمبەر يەنە رەئىس بولالمايدۇ.ئۇنىڭ تەشكىلات قۇرۇشتىكى مەخسىدى باشلىق بولۇش. شۇڭا ئۇ، توختاپ تۇرۇش قارارىغا كەلدى. ئامما، تەشكىلات قۇرۇش تەييارلىغىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇ، تەشكىلاتنىڭ ئىسمى توغرۇلۇق كۆپ ئويلاندى. چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتى بەك كۆپ بولغاچقا ھەممە ئىسىملارنى ئىشلىتىپ بولغان ئىكەن. ئۇ، باشقىلار خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بىر ئىسىم تېپىشى لازىم ئىدى. تاپالمىدى. بىر كۈنى “ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى” خەۋەرلىرىنىنى تىڭشاۋېتىپ، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ روھانى داھىسى دالايلامانى ئامېرىكا پىرىزدىنتى جوج بۇش قوبۇل قىلدى.” دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا بىردىن قوياش پارلىغاندەك بولدى.“سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت. تاپتىم.” دېدى قەمبەر. ئۇ خۇشاللىقىدىن بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىپ ئۇسۇل ئويناپ كەتتى. ئۇ، ھاياتىدا بۇنداق خوشال بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلاردا “ئىچى ياماننىڭ كۆڭلى خوش بولماس.” دەيدىغان خەلق تەمسىلى بار. قەمبەرنىڭمۇ ھېچقاچان كۆڭلى بۇنداق يايراپ خوش بولۇپ باقمىغان ئىدى. “ئىسىمنى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى” دەپ قويايمۇ؟ دەپ ئويلىدى قەمبەر.ئۇ، نامايىشلاردا، شەرقى تۈركىستان بايرىقى، دەپ ئاي-يۇتۇزلۇق ھاۋا رەڭ بايراقلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئىدى. يىغىنلاردا شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشى،دەپ ناخشىلارنى ئېيتقانلارنى كۆرگەن ئىدى.. بۇ مەمەدانلار، نۇتۇق سۆزلەيدىغان مەيدان تاپقاندا، “20. ئەسىردە ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغان” دىگەن گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. مەنچە ئىسىمنى “شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى” دەپ قۇياي دېگەن قارارغا كەلدى.ئۇ، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى،دەپ تەكرارلىدى. مانا بۇ ئەقىل. مانا بۇ راھىلارغا خاس ئەقىل،دەپ ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى. قەمبەر، مەن داھى بولالمايدىغان ئادەممۇ؟ چەتئەلگە مەندىن بۇرۇن چىقىۋالغان سولتەك، چۈپىرەندىلەر ئۆزلىرىنى باشلىق، داھى، دىيىشىپ يۈرۈيدىكەن. مەن ئۇلاردىن تۆۋەنمۇ؟ قەمبەر، ئۆزىگە داھىيلىق يولى ئېچىلغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن ئىدى. ئۇ، تۈركىيە، كانادا، ياۋرۇپا…لاردىكى تونۇشلىرىغا تېلېفۇن ئېچىپ “شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى” تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتكەنلىگىنى، ھەممەيلەننىڭ ئىشتىراك ۋە قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋەتتى. ئامېرىكىدىمۇ بىر قانچە يېقىنى بىلەن كىچە-كىچە بۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشتى. بىراق يېشىل كارت ئالماي تۇرۇپ ھۆكۈمەت قۇرۇش نىيىتى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ، تەشۋىقاتنى بۇرۇن باشلاپ،نام- ئابرويىنى ئۇزاق- يېقىنلارغا تارقىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھەقىقەتەن قەمبەرنى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن تېلېفۇن قىلىپ تەبىرىكلىغۈچىلەر، ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغۇچىلار بولدى. ۋىرجىنىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلغانلارمۇ بولدى.ئامېرىكا ئىچىدىن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ۋىرجىنىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنى ئالاھىدە ئىزدەپ،ھال خاتىرە سورىغانلار، ئۇنى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغانلار بولدى
قەمبەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتىكى داھىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئولتۇرۇپ، قوپۇش، گەپ- سۆز جەھەتتىنمۇ ئۆزىنى ئۇلۇغ رەھبەرلەرگە خاس يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.قەمبەر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشتىياقى بىلەن كۆيۈۋاتقىنىغا 6 -7 ئاي ۋاقىت بولغان ئىدى.قەمبەر ھىچ ئويلاپ باقمىغان زەربە بۇ قېتىم چەتئە لدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلدى. بىر توپ ئۇيغۇر ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا پارلامىنېت بىناسىدا يېغىن ئېچىپ “شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى”نى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رەسىملىرىنى تورلارغا چىقاردى. قەمبەر خۇددى ئۇيقۇسىدا قارا باسقاندەكلا دەھشەتلىك روھى چۈشكۈنلۈككە دۇچار بولدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئالەم خۇددى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ، خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن چاغدىكىدەك قاراڭغۇلاشتى. ھۆكۈمەت قۇرۇپ ئۆزىنى باش مىنىستىر دەپ ئېلان قىلغان ئادىلجان دېگەن بىرسى ئىدى. قەمبەرنىڭ نېمە ئامالى بار.ئۇ، “سىرىمنى ھېچكىمگە دېمەي تۇرغان بولسام، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت مەسىلىسىنى بۇ پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ئەقلىگە سالماي تۇرغان بولسام، بۇ پالاكەت بولمايتتى.” دەپ ئۆزىنى ئېيىپلايتتى. قەمبەر ئاچچىق يۇتۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ۋېرجىنىيەدە بىر ئۇيغۇرنىڭ تويى بولدى. قەمبەر تويغا راۋىرۇس كىيىنىپ، كۆرەلمەسلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىش نىيىتىگە كەلدى.ئامما، ئۇنىڭ بىر يىل بۇرۇن ئالغان ئايىغى خېلى كونىراپ قالغان ئىدى. كەستىيوم بورۇلكىسىنىمۇ ئىككى يىل بۇرۇن ئالغان بولسىمۇ بىر قانچە قېتىملا كېيگەن، ئەتىكەتلەرنى سۆكىۋەتمىگەن ئىدى. قەمبەر ئايىغىنى ياخشى مايلاپ، تازىلاپ كوروپكىسىغا قويدى. ئاياق ئالغان ماگىزىنغا بېرىپ، بۇ ئاياغنىڭ پۇتىنى ئاغرىتقانلىغىنى، يېڭى ئاياغقا تېگىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پركازچىكلار يۈگرەپ يۈرۈپ قەمبەرگە يېڭى ئاياغلارنى ئەرزىتىش ئۈچۈن تەر تۆكۈشتى. قەمبەر يېڭى بىر شىبلىتىنى پۇلسىز ئېلىپ چىقتى. كەستىم بورۇلكىسىنىمۇ شۇنداق ئۇسۇل بىلەن يېڭىسىغا تېگىشتۈردى. ئۇ، يېڭى كىيىملەرنى كېيىپ ئەينەككە قارىدى. كېيىم ئۇنىڭغا بەك ياراشقان ئىدى. كۆينەكنى يېڭى ئالدى،ئامما ئەتىكەتنى ئىچىگە شوڭگۇتىۋەتتى. تويدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش نىيىتى بار. قەمبەرنىڭ كەيپىياتى تۈزۈلۈپلا قالدى. ئۇ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ بىرەر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازانغاندا مۇشۇنداق بەخىتلىك بۇلاتتى. قەمبەرنىڭ ئامېرىكىغا كىلىپ بەزى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن ئىشى شۇ بولدىكى، ئامېرىكىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ھۇقۇقى مۇقەددەس ئىكەن. ماگىزىنلاردىن نېمە ئالساڭ ئال، گارانتى تارىخى ئۆتۈپ كەتمىسىلا خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇۋەتسەڭ پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىدىكەن، ئەگەر ئالغان نەرسەڭنى ئالماشتۇرىمەن دېسەڭ تېىخىمۇ خوشال بولۇشۇپ ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن. قەمبەر، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تويغا بارىدىغان چاغدا يېڭى كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ كىيىپ، تويدىن كېيىن ماگىزىنغا قايتۇرىۋېتىدىغانلىغىنى ئاڭلىغان، ھەتتا بەزىلىرى ئۆيلىرىدىكى گىلەمگە كىچىك بالىلىرى سىيىپ- چىچىپ پاسكىنا قىلىۋەتكەن بولسا، گىلەمنى يۇيۇپلا ئاپىرىپ بېرىپ، يېڭى گىلەمگە تىگىشىۋالغانلىغىغىمۇ شاھىت بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلى بەزى چاغدا ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەيدۇ. قەمبەرنىڭ ئەقلى ئەلۋەتتە ھەممەيلەندىن بەكىرەك ئىشلەيدۇ.شۇڭا پۇلسىز كېيىم ئېلىشنى بۇرۇنلا ئۆگىنىۋالغان ئىدى
ۋىرجىنىيەدىكى بۇ تويغا ئىسىل كىيىنىپ كەلگەن قەمبەر، تويدا، سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ ئۆزىنى رەئىس ئېلان قىلىۋالغان ئادىلجان دىگەننى ئۇزاقتىن كۆردى. ئادىلجان تويدا گىدىيىپ يۈرەتتى. قەمبەر غەزىپىدىن ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى. ئېتىلىپ بېرىپ ئادىلجاننىڭ ياقىسىغا يېپىشتى، يۈزىگە ئىككى مۇشت ئۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىۋېتىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. قەمبەر “ ھەي كۆت گۇي. مەن تاپقان ئىسىم بىلەن سېنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ھۈكۈمىتىڭنى كۆتۈڭگە تىقىۋېتىمەن مۇناپىق…” دەپ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ خۇددى زەنجىردىن بوشىنىپ كەتكەن ئىتتەك داپشۇنىۋاتاتتى
ئادىلجاننىڭ بىر مەڭزى ياڭاقتەكلا ئىششىپ چىققان ئىدى. يەنىلا ئادىلجان تەمكىن ھالدا” شەرقى تۈركىستان بىزنىڭ شەرقى تۈركىستانىمىز. ھۆكۈمەت بىزنىڭ ھۆكۈمەت. سەندەك بىر تىيىنغا ئەزىمەيدىغان سولتەكلەرگە بۇ ئۇلۇغۋار مىللى داۋانى تاشلاپ بىرەلمەيمىز. چىدىمىساڭ ئۆلىۋال.” دېدى

جېدەل چىقارغان قەمبەرنى توي ئىگىلىرى تۇتۇپ تالاغا ئاچىقىۋەتتى
7
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ بېشىدىنمۇ كۆپ ئىسسىق، سوغۇق ئۆتتى. ئادىلجان، ھۆكۈمەتنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى. بىر ھۆكۈمەت ئىككى، ئىككى ھۆكۈمەت ئۈچ بولدى. سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتلەر بىر بىرىنى سۈرۈشكە باشلىدى.بىر بىرىنى يالغانچىلىق، ساختىكارلىق بىلەن ئېيىپلىشىپ، ئۆز ئارا چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ ھەممىسى سېسىپ پارالىچ ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ھەر نەرسىنىڭ دورىسى ۋاقىتتۇر. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەمبەر سىياسى جەھەتتىن پىشىپ يېتىشتى. دۈشمەنلىرى يەر بىلەن يەكسان بولدى. قەمبەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تونۇشىدا، سىياسى جەھەتتىن يېتىلىشىدە مۇنداق بىر تەسەددىبىلىق مۇھىم رول ئوينىدى؛ قەمبەر ئۆزىگە جەۋلانى تەخەللۇسىنى قويۇپ،يېڭى بىر كۈرەش سېپىنىڭ تەشكىلاتچىسى، داھىسى بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، تېخى جەڭگە كىرمەي تۇرۇپ مەغلۇپ بولدى. ئىشسىز ۋە روھى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە يۈرۈۋاتقان كۈنلەردە بوش زامانلارنى توردا ئۆتكۈزىدىغان بولدى. توردا ئۇيغۇرلار بىر بىرىنى تازا سۆكىدىكەن. ھەتتا قاتتىق ھاقارەت قىلىشىپ يازمىلارنى يازىدىكەن. قەمبەر يازمىلارنى ئوقۇپ ئىلھام ئالدى. سۈرگۈن ھۆكۈمەتنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرىۋالغان ئادىلجاننى سېسىتىدىغان يازمىلارنى يېزىشقا باشلىدى. تىللىدى، ھاقارەت قىلدى. خىتاينىڭ جاسۇسى دېدى. مىليون دوللارغا خىيانەت قىلدى،دېدى. ئىشقىلىپ كۆڭلىگە نېمە كەلسە شۇنى يازدى. قارشى تەرەپتىن ھاقارەتكە قارشى ھاقارەتلىك يازمىلار كەلسە، تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ يېڭى، يېڭى تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرالايدىغان قابىلىيەتنى ئۆزىدە يېتىشتۈردى. قەمبەر ئۇنىڭ بىلەنلا قالمىدى. ئىسمىنىڭ بېشى“ دۇنيا ” بىلەن باشلىنىدىغان تەشكىلاتنىڭ باشلىقى توغرىلىقمۇ بەك يامان ھاقارەتلىك يازمىلارنى يېزىشقا باشلىدى. ”دۇنيا… “ نىڭ باشلىقى بىلەن قەمبەرنىڭ بىر زىددىيىتى يوق ئىدى. ئامما، ئۆزىنى مەن داھى، مەن دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى، دەپ يۈرۈشلىرى قەمبەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتاتتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى داھىسى، لىدەرى قەمبەرنىڭ ئۆزى بولىشى كېرەك ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزىنى داھى، لىدەر، دەپ يۈرۈشىگە قەمبەر چىداپ تۇرالمايتتى. شۇڭا” داھى، لىدەر”لەرنى سېسىتىپ كېچىلىرى ئۇخلىماي يازمىلار يېزىشتىن چارچىمىدى. ئىسمىنىڭ بېشىدا ”دۇنيا“ بولغان تەشكىلات رەئىسى، قەمبەرنىڭ ئۆزىنى تىللاپ يېزىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، قەمبەرگە بىر كۈنى تېلېفۇن قىلىپ كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى. ھەر ئىككىسى ۋېرجىنىيەدە ياشايتتى. بىر كاپىخانىدا ئۇچرىشىدىغان بولدى. قەمبەر، يازغانلىرىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن تەييارلىق قىلىپ كۆرۈشىدىغان يەرگە كەلدى. تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇنى كافىخانىدا كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. قىزغىن قارشى ئالدى. رەئىس “ ئاڭلىسام خېلى ۋاقتتىن بەرى ئىشسىز ئىكەنسىز.” دەپ گەپ باشلىشى بىلەن، قەمبەر “ مەن ئىشسىز قالدىم دەپ بىرسىدىن پۇل تىلىگىنىم يوق.” دەپ جاۋاپ بەردى خۇدۈكسىرەپ.
رەئىس تەمكىن ئىدى؛ “ئامما پۇل ھەممە ئادەمگە لازىم. سىزگە ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ پۇل تاپىدىغان بىر ئىش تەكلىپ قىلىمەن.” دېدى. قەمبەر ھەيران بولۇپ رەئىسكە سوئال نەزىرىبىلەن تىكىلدى
رەئىس؛ – سىز توردا يازما يېزىپ سەۋىيەڭىز ئۆسۈپ قالدى. يازما يېزىشنى داۋاملاشتۇرىسىز. ئايلىق مائاشىڭىز 2 مىڭ دوللار
قەمبەر ھەيران بولدى: – نېمە دېدىڭىز؟
رەئىس: -يازىدىغان تېمىنى مەن بەلگىلەيمەن. ئىككىمىزنىڭ يېقىنلىغىنى ھېچكىم بىلمىسۇن. تەكلىپىگە نېمە دەيسىز؟
قەمبەرنىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ، ئۆي كىراسىنى ئۆتىيەلمەيدىغان ئەھۋالدا قالغان ئىدى. بەزى كۈنلىرى بىر قۇرۇق نان بىلەن بىر كۈنىنى ئۆتكۈزەتتى
قەمبە: – قوبۇل قىلىمەن.- دېدى
رەئىس، قەمبەرگە 500 دوللار بەردى.- بۇ پۇلنى ئېلىپ تۇرۇڭ. قالغان 1500 دوللارنى ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرىمەن.- رەئىس، قەمبەرنىڭ توردا ھەر ئايدا بىر ئادەمنى سېسىتىشى كېرەكلىگىنى، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىشى كېرەكلىگىنى تاپىلىدى. تۇنجى سېسىتىدىغان ئىسىم رەئىسنىڭ ئەڭ يېقىندىكى مۇئاۋىنى ئىكەن. قەمبەر بىرئاز ئەجەبلىنىپ سورىدى؛ بۇ ئادەم سىزنىڭ ئەڭ يېقىنىڭىز ھەم سىزنىڭ مۇئاۋىنىڭىز. كېيىن…- رەئىس ئالدىراپلا قەمبەرنىڭ سۆزىنى بۆلدى؛ “سىز ئۈزۈمنى يەڭ، سېپىنى سورىماڭ.” دېدى ۋە مۇئاۋىنى توغرۇلۇق بەزى مەلۇماتلارنى بەردى
قەمبەر دەل 3 يىل ھەر ئايدا ئىككى مىڭ دوللار مائاش ئۈچۈن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى “سېسىتىش” ۋەزىپىسىنى ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇندىدى. سىياسى رەقىپلىرىنى قانداق سېسىتىش توغرۇلۇق پەۋقۇلئاددە تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئاخىرقى ئايلاردا رەئىس مائاشنى ئاز بېرىدىغان، بەزى ئايلىرى پۇل يوق،دەپ بەرمەيدىغان بولىۋالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىمۇ بۇزۇلدى.قەمبەرنىڭ ھۈكۈمەتچى دۈشمەنلىرىمۇ بىر بىرىنى چىشلىشىپ يوق بولۇشتى. ئەمدى نۆۋەت يەنە قەمبەرگە كەلگەن ئىدى. قەمبەر ئۆز تەجرىبىسى بىلەن كۆردىكى، ئۇيغۇرلارغا داھى بولىدىغانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۇيغۇرلارنى جەندەيدىكەن.ئۇنىڭ، بۇ تۇتامى يوق سۈيقەستچىلەردىن نېمىسى كەم؟
قەمبەر جەۋلانىنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈۋاتقان، دۇنياغا مەشھۇر بۇلۇش ئىستەك يالقۇنى ھىچ قاچان پەسەيمىدى. ئۇنىڭ “داھىيانە ئەقلى” يەنە بىر مۆجىزە يارىتىپ” بۈيۈك تۈركىستان پىدېراتسىيونى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى” ئىسمىنى كەشىپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنيەدە ياشايدىغان تۇرانچى بىر تۈرك ئارقىلىق تۈركىيەدىكى مىللەتچى تۈركلەرگە ئۇلاشتى. بۈيۈك تۈركىستان قۇرۇش خىيالى ئەلۋەتتە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ماجىراپەرەس تۈرك ياشلىرىنى ھاياجانلاندۇرغان ئىدى. قەمبەر جەۋلانىنى، بۈيۈك تۇرانچى، ئۇزاقنى كۆرەلەيدىغان بىر لىدەر،دەپ چۈشەنگەن بىر قانچە تۈرك ياش بۇ ئىشقا چىن يۈرەكتىن كۆڭۈل قويۇپ، تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. تۈركلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قان،دىن قېرىندىشى بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغانلار كۆپ. تۈركلەر جانغا يېقىن، خوش سۆھبەت، ياردەم سۈيەر ئىنسانلار. بىراق پۇل ئىشىغا كەلگەندە بىرئاز چىڭ. شۇڭا ھۆكۈمەت يېغىنغا پۇل تېپىش ئىشى يەنە قەمبەر جەۋلانىغا قالدى. ئابدۇللا ھاجى دېگەن ئادەم خېزىردەكلا يېتىشىپ يېغىننىڭ چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالدى.ئۇيغۇر خەلق تەمسىلىسىدە “سەبىر قىلساڭ، غۇرىدىن ھالۋا پىتەر.” دەيدىغان گەپ بار. قەمبەر جەۋلانى سەبىر قىلدى. ئاخىرى بۈيۈك تۈركىستاننىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ، بىر كۈندىلا دۇنياغا مەشھۇر بولدى. ئۆزلىرىرىنى يول باشچى،لىدەر، داھى، دەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىچىگە لازا تۆكۈۋەتكەندەك كارامەت بىر ئىش بولدى. قەمبەر جەۋلانى، بۇلارنى ئويلاپ ئۆزىدىن ئىپتارلىق ھېس قىلىپ كۈلۈمسىرىدى
8
چارچاپ كەتكەن قەمبەر جەۋلانىنى ئۇيقۇ باسقان ئىدى. ئۇ، بىر سومكىسىنى بېشىغا قويۇپ، ئورۇندۇقتا پۇتىنى سۇنۇپ يېتىشى بىلەن، يېقىندىلا ئۇيغۇرچە گەپلىشىۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ، چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ئايرىپورت زالىغا كىرىپ كەلگەن بىر توپ قىز -يىگىت ياشلار چامىدانلىرىنى سۆرەپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قەمبەر جەۋلانى، ئۇيغۇردىن نەپرەت قىلغىنى بىلەن، يەنە ئۇيغۇر كۆرسە ئۆزىنى تۇرالمايدۇ. بېلىق سۇسىز ياشىيالمىغۇدەك، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسىز ياشىيالمايدۇ. قەمبەر جەۋلانى چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ؛ “ ئۇكىلىرىم، سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟” دەپ سورىدى. قەمبەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياشلار توختاشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى “ سىزمۇ ئۇيغۇرمۇ؟ دەپ سورىدى. قەمبەر، ئۇزۇ يىل ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىنى توساتتىنلا تاپقاندەك ھاياجان بىلەن ياشلارنى بىر، بىرلەپ قۇچاقلىدى. قەمبەر جەۋلانى “نەگە كېتىۋاتىسىلەر ئۇكىلىرىم؟” دەپ سورىدى ھاياجان ئىچىدە. ياشلاردىن بىرسى “ئىستانبۇلغا ساياھەت قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۈرۈمچىگە قايتىۋاتىمىز.” دەپ جاۋاپ بەردى. “سىزچۇ ئاكا؟ -دەپ سورىدى ياشلاردىن بىرسى
قەمبەر جەۋلانى: مەن ئامېرىكىدىن كەلگەن. ھازىر يەنە ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىۋاتىمەن.دەپ جاۋاپ بەردى
ياشلار ئامېرىكا دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، قەمبەر جەۋلانىغا ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن بېقىشقا باشلىدى
قەمبەر: مېنىڭ ئىسمىم قەمبەر جەۋلانى. ۋاشىنگىتونغا ياشايمەن
ياشلاردىن بىرسى: مېنىڭ ئامېرىكىغىمۇ ساياھەتكە بېرىش نىيىتىم بار. مىڭپىيەنىڭىز بارمۇ ئاكا؟ دېدى ھۆرمەت بىلەن بىرئاز تارتىنىپ تۇرۇپ. قەمبەر جەۋلانى ئۇنىڭ نېمە سورىغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالماي بىر پەس تېڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن؛ – كارتىمنى ئىستىدىڭىزمۇ؟
يىگت: ئىسمىڭىز،ئادرېسىڭىز يېزىلغان كا
قەمبەر: ھە، كارتمۇ؟ بار،بار. ئامېرىكىغا كەلسەڭلار چوقۇم مېنى ئىزدەڭلار.- دېدى ۋە يانچۇقىدىن كارتىنى چىقىرىپ ئۇ سورىغان يىگىتكە ئۇزۇتىۋېدى، باشقىلىرىمۇ قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ، ماڭىمۇ بىرىڭ، ماڭىمۇ، دىيىشىپ 5-6 بالا قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئىسىم،ئادىرىسى يېزىلغان كارتلىرىنى ئالدى. ئامېرىكىلىق بىر ئۇيغۇرنى تاپقان ياشلار، قەمبەر جەۋلانى بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋېلشىنى تەلەپ قىلىشتى. بالىلار تېلىپۇنلىرىدا رەسىم تارتىشتى. قەمبەر جەۋلانىمۇ ئۆزىنىڭ تېلىپۇنىدا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلارغا رەسىم تارتقۇزدى. بۇ ياشلار بىلەن بىر قانچە قېتىم رەسىمغا چۈشتى. ھەتتا ياشلار ئارىسىدا قەمبەر جەۋلانى بىلەن ئايرىم، ئايرىم رەسىمگە چۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ تەلىۋىنىمۇ رەت قىلمىدى. ئۇيغۇر ياشلار ئالدىرايدىكەن، شۇڭا قەمبەر بىلەن يەنە قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ يۈك- تاقلارنى ئۆتكۈزىدىغان تەرەپكە يۈرۈپ كېتىشتى
ئۇرۇمچىلىك ياشلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئىسىگە بىردىن ئۇرۇمچىدە ئولۇپ كەتكەن ئانىسى كەلدى.ئانىسى ئولۇمىگە يېقىن ”ئوغلۇم. سېنى بەك سېغىندىم. مەن ھايات ۋاختىمدا بىر كەل. سېنى كورۇپ ئولەي ئوغلۇم“ دەپ يىغلىغانلىغىنى خاتىرلىدى. ”بېرىپ كېلگۇچىلىك پۇلۇم  يوقتى ئانا. شۇڭا بارالمىدىم“ دېدى ئۇ خۇددى ئانىسى بىلەن سوزلىشىۋاتقاندەكلا. ئاندىن كېيىن يانچۇقىدىن تەلىپۇننى چىقىرىپ ، تېلىپۇنىدىكى يېڭى تارتقان رەسىملەرنى بىر قېتىم تەپسىلى كۆرۈپ چىقتى. ئادىتى بويىچە رەسىملەرنى ئۆزىنىڭ ئىلخەت ئادىرىسىغا يوللىۋەتتى.ئۇ، ئۈرۈمچىلىك ياشلارغا، ۋەتەن، مىللەت توغرۇلۇق بىراز تەشۋىق-تەربىيە قىلماقچى ئىدى. ھەتتا بۈيۈك تۈركىستان فىدېرال سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى خوش خەۋىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزمەكچى ئىدى. بىراق، ياشلار ئالدىراپ-سالدىراپ خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى.ئۇ، ياشلار بىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ، بىر ئۇلۇغ مىللىي داھىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىگىنى ئۆگەنگەندە قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ. ھەتتا ئەسلىمىلىرىنى رەسىملەر بىلەن قوشۇپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىدۇ. مىللىي داھىسى، يول باشچىسى بىلەن ئۆمۈر بويى پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان كۈنلىرى كېلىدۇ تېخى. ئۇ، سومكىسىغا يۆلىنىپ يان يېتىپلا ئۇيقىغا كەتتى… قەمبەر “مانا ئايەدە ياتىدۇ” دەپ ۋاقىرغا ئاۋاز بىلەن تەڭ چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى. ئۇ، كۆزىنى ئېچىشى بىلەن يۈزىگە قاتتىق بىر مۇش تەگدى. نىمە بولغانلىغىنى ئاڭقىرالمىغان قەمبەرنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ئۇرۇندۇق ئۈستىگە يېقىلدى. بۇ كەلگەنلەر يېرىم سائەت بۇرۇن قەمبەر جەۋلانى بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كەتكەن ئۈرۈمچىلىك ياشلار ئىدى. ياشلاردىن ئىككىسى قەمبەرنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدى. بىرسى ئۇنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. نېمە ۋەقە بولغانلىغىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان قەمبەر جەۋلانى “نىمە بولدى ئۇكىلىرىم؟ مىنى نىمىشقا ئۇرىسىلەر؟” دەپ سورىدى. ئۇنىڭ قولىنى قاتتىق قايرىپ تۇتۇپ تۇرغان بىر ياش يىگىت. “جىم تۇر.” دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا بىرنى ئورىۋەتتى. قەمبەرنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرغان يىگىت، ئۇنىڭ تەلىپۇنىنى تاپتى ۋە تېلىپۇننى يەرگە ئاتتى. قاتتىق پاشنىلىق ئايىغىنىڭ پاشنىسى بىلەن تەلىپۇننى ئەزدى. ياشلار بىر پەستىلا قەمبەر جەۋلانىنىڭ تېلىپۇنىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، يەنچىپ پارچىلىۋەتتى. تەلىپۇننى ھەش-پەش دىگۈچە پارچىلاپ بۇزۇۋەتكەن بالا كېلىپ قەمبەر جەۋلانىنىڭ كۆزلىرىگە بارماقلىرىنى نوقۇپ تۇرۇپ “ھەي، گوي. سەن بىزنى ئوتقا تاشلىماقچىمۇ؟ بىزنىڭ نەگە كىتىۋاتقىنىمىزنى بىلمەمسەن؟ سەن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسىكەنسەن. خىتايلار بىزنى كاۋاپ قىلىپ يېسۇن،دېدىڭمۇ؟ مىللەتچى دېگەن مۇشۇنداق مىللەتنى كۆيدىرەمدۇ؟” ئۇ، قولىدىكى قەمبەرنىڭ كارتىنى يىرتىپ تاشلىدى. “ بىزنىڭ رەسىمىمىزنى تارتىپ نېمە قىلماقچىدىڭ؟” بىرسى ئاچچىقىنى باسالماي قەمبەر جەۋلانىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىۋەتتى. بۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى تۈرك ساقچىسى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ياشلار دەرھال قېچىپ كۆزدىن يوقالدى. ساقچىلار قەمبەر جەۋلانىدىن “نە ئولدۇ؟ بىر نەرسىڭىزنى ئۇغۇرلىدىمۇ؟” دەپ سورىدى. قەمبەر “ياق” دېدى گاڭگىراش ئىچىدە. ساقچىلار ئۆتۈپ كېتىشتى. قەمبەر جەۋلانى يانچۇقىدىن قەغەز قولياغلىقنى چىقىرىپ يۈزىدىكى تۈكۈرۈكلەرنى سۈرتتى. مۇش تەككەن مەڭزىنىڭ تېرىسى بىرئاز يىرتىلىپ كەتكەچكە قان ئېقىۋاتاتتى. قەمبەر، قەغەز قولياغلىق بىلەن قان چىققان يەرنى بېسىپ تۇراتتى.ئۇ، “ ھەي،ئۇيغۇر. ھەي، تۇزكور،نادان ئۇيغۇر” دەپ پىچىرلىدى ئۆز ئۆزىگە. “سەن ئۇيغۇر دېگەن گۇينىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە دۈنيا تېخىمۇ خاتىرجەم بۇلاتتى” دېدى ئۇ غەزىپىنى تۇتالماي ئۆزى ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا. ئامما، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمىدى. قەمبەر جەۋلانى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان نەپرىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرنىڭ داھىسى ئىدى. لەنەتگەردى ئۇيغۇر بولمىغان بولسا،لەنەتگەردى قەمبەر ئۆزىگە جەۋلانى دېگەن تەگ ئاتنى قويۇپ، جەۋلان قىلىپ يۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟
ياشلار، چامىدانلىرىن ئامانەتكە ئۆتكۈزىۋاتقاندا، بىرسى قەمبەر جەۋلانىنىڭ كارتىدىكى “بۈيۈك تۈركىستان، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت. ھۆكۈمەت رەئىسى قەمبەر جەۋلانى” دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇپ چۈچۈپ كەتتى. ئۇ، باشقىلارغا بۇ ئادەمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇنۇچلۇق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. چۈنكى ئۇلار ساياھەتچى بولۇپ ئۈرۈمچىدىن مېڭىش ئالدىدا، بىر پۇخراچە كىيىنگەن ساقچى ئۇلارنى تۈركىيىدە بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىق، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلىماسلىق، تورلىرىنى كۆرمەسلىك، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى قەتئىي مەيداندا تۇرۇش… توغرۇلۇق تەربىيە قىلغان. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ قانداق دەھشەتلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇڭا ئۇلار، كېلىپ قەمبەر جەۋلانى رەسىملىرىنى تارتقان پەلىپۇننى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتتى. قەمبەر جەۋلانىغا بولغان غەزىپىنى باسالماي، ئۇنىڭغا قول تەككۈزىۋەتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتىقامى بەك دەھشەتلىك بولغاچقا، غەزەپ نەپرىتىنى ئۆز ئارىسىدا بىر بىرى گە يۈزلەندۈرىدۇ. خىتاي باشلىقلاردا كۇچ بار. ئۇيغۇرنى خالىغانچە ئۇرالايدۇ،بوزەك قىلالايدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات باشلىقلىرى، داھىيلار، لىدەرلەر ئۆزى ئۇيغۇر بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىش نىيىتىدە بولمايدۇ. ئىنتىقام ئالاي دېسىمۇ ئەسكىرى يوق، ساقچىسى يوق. قالالايدىغىنى توردا يازغۇزۇپ سېسىتىش. ئامما، ئۇيغۇرلار، ئۆز تەشكىلات رەھبەرلىرىنى خالىغانچە تىللىيالايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۇرالايدۇ.دۇنيادىكى ھەممەيلەن كۇچ-قۇۋەت ئالدىدا بويۇن ئىگىدۇ.كۇچۇڭ بولمىسا سېنى بويۇن ئەگدۇرىدۇ. ئامال قانچە؟ ئوز مىللىتى تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ بۇزەك قىلىنغان ئۇيغۇر داھى قەمبەر جەۋلانى بولسا، بۇ ئۈركەك ياۋايى ھايۋان توپىدەك ئۆز سايىسىدىن ئۆزلىرى ئۈركۈپلا يۈرۈيدىغان نادان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىۋىگە قانداق دۇچ كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئۇنىڭ ئۇيقۇسىمۇ قاچقان ئىدى. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ، قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئامما پۇل ئاز قالغان ئىدى. ۋاشىڭگىتوندا ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ۋىرجىنىيەگە بارغۇچە يەنە يولغا پۇل كېتەتتى. بولدىلا بىراز چىداي، ئايروپىلاندا تاماق بېرىدىغۇ شۇ چاغدا تويغۇچە يەۋالارمەن،دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ خىيالىغا، ئۆزىنى ئۇرغان،تېلىپۇنىنى يانچىپ بۇزۇۋەتكەن ئۇيغۇر ياشلار كىرىۋالدى. مەن سەنلەردىن ئۆچۈمنى ئالالمايمەنمۇ؟ دەپ ئويلىدى. ئامېرىكىغا بارغاندا ئىلخەتتىن ئۇلار بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىملىرىنى تورغا چىقىرىۋېتىشنى خىيالىغا كەلتۈردى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ زەخمىلەنگەن يۈزىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى.ئۇ، ھەر دايىم باشقا ئۇيغۇرلارغا سۈيىقەست پىلانلىغاندا يۈزىدە مانا مۇشۇنداق تەبەسسۇم پەيدا بۇلاتتى. ”مەن بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىڭنى تورغا چىقىرىۋېتىمەن. ئۇ ۋاقىتتا خىتاي، سەنلەردىن قانداق ئىنتىقامىمنى ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈش. تۇزكورلار.مېنىڭغۇ يۈزۈمنىڭ تېرىسىنى سويىۋەتتىڭ، سەنلەرنى تېرىك تۇرغۇزۇپ تېرىلىرىڭنى تۇلۇمچىلاپ سويغاندا قانداق قىلىشىسەنكى…” دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەندە داھىيلارغا خاس غالىبىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇزۇلغان كەيپىياتى ئەسلىگە كېلىپ قالغان ئىدى
9
قەمبەر جەۋلانىنىڭ پاسپورت كونترولدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى.ئۇ پاسپورتىنى تەييارلاپ ئورنىدىن تۇردى. بىردىنلا ئالدىدا پەيدا بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى كۆردى. بىرسى ئاق دوپپا كېيىۋالغان، ساقاللىق، قارىماققا ۋەتەندىن يېڭى چىققان دېھقانغا ئوخشايتتى. بىرسى 25 ياشلاردا بولۇپ، بادام دوپپا كېيىۋالغان ياش ئىدى. قەمبەر چۆچۈگەن ھالدا ئارقىسىغا داجىدى ۋە “ھە، نېمە گەپ؟” دېدى ھومىيىپ تۇرۇپ. 50 ياشلاردىكى ئادەم ئەدەپ بىلەن تارتىنىپ تۇرۇپ “قەمبەر جەۋلانى ئەپەندىم ئۆزلىرىغۇ دەيمەن؟!” دەپ سورىدى
قەمبەر جەۋلانى: ھە، مەن. نېمە ئىشلىرى بار ئىدى؟
ئو كىشى قولىدىكى سومكىسىدىن قەغەزگە ئورالغان بىر بولاق نەرسىنى چىقىرىپ؛ “ ئۆزلىرىگە بېرىدىغان بىر ئامانەت بار ئىدى.-دېدى
قەمبەر جەۋلانى بۇ ئادەملەرگە شۈھبە بىلەن قاراۋاتاتتى: ئۇ نېمە؟
ئۇ كىشى ئەتىراپقا بىر قارىۋېتىپ: “پۇل. دوللار” دېدى
قەمبەر جەۋلانى ئىختىيارسىز قول ئۇزاتتى ۋە قەغەزنى ئاچتى. ھەقىقەتەن ئىككى باغلام دوللار ئىدى. ئۇ، ھەم ھەيرانلىق، ھەم گاڭگىراش ئىچىدە بۇ ئىككى ناتونۇش ئادەملەرگە قاراپلا قالدى.
چوڭ كىشى: – بۇ 20 مىڭ دوللار پۇل ۋەتەندە شېھىت بولۇپ كەتكەن بىر مۇجاھىتنىڭ پۇلى. ئۇ، بۇ پۇلنى بىزگە تىجارەت ئۈچۈن قوشۇپ قويغان ئىدى. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم، پۇلۇمنى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى ئادەملەرگە ۋەخپە قىلىپ بېرىۋېتىڭلار،دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.بۇرادىرىمىز شېھىت بولۇپ كەتتى. بىز تۈركىيىگە كېلىۋالدۇق. بۇ يەردىكى تەشكىلاتلارغا بېرىپ باقتۇق. ئۇلار بىزگە ئىشەنمىدى. بىز ئۇلارغا ئىشەنمىدۇق.پۇلنىڭ گېپىنىمۇ چىقارمىدۇق. ئۆزلىرىنىڭ تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى قۇرغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇق.- ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى پارلاشقا باشلىدى، بوغۇزى بوغۇلغاندەك سۆزلىرىمۇ بوغۇق چىقىشقا باشلىدى- ئۆزلىرىنىڭ رەسىمىنى توردا كۆردۇق. ئاخشام ئاقسارايدا ئاشخانىدا ئوزلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى كۆزلەپ ساقلىدۇق. سىلې بىلەن خالى يەردە كۆرۈشۈشنى كۈتۈپ بۇ يەرگىچە ئارقىلىرىدىن كەلدۇق. بۇ ئايرېدروم بەك چوڭ ئىكەن. سىلىنى ئىزدەپ ئاخىرى تاپتۇق. ئىنشائاللا شۇ مۇبارەك شېھىتلىرىمىزنىڭ ئاققان قانلىرى بىكارغا كەتمىسۇن.- دېدى ۋە- خوش. ئاللاغا ئامانەت- دەپلا كۆزدىن غايىپ بولۇشتى
قەمبەر جەۋلانى قولىدىكى يېشىل دوللارغا قارىدى. پۇللارنى دەرھال قول سومكىسىغا سالدى. ئۇ، ئالدىراپ بېرىپ چامىدىنىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ پاسپورت كونترولدىن تىز ئۆتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر شەك چۈشكەن ئىدى. بۇ نادان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ھىلىگەرلىكلىرى كۆپ. مېنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ساختا دوللارنى بېرىپ، ئارقىدىن توردا مېنى مازاق قىلىدىغان يازمىلارنى چىقىرىپ، رەقىپلىرىمنىڭ مېنى سېسىتىش پىلانى بولمىسۇن بۇ يەنە” دېگەن ئەندىشە بىلەن دوللارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى. ئۇ، يۈگۈرگەندەك مېڭىپ تاموجنىسىز ماگىزىنلارغا كىردى. بىر پاچكا تاماكا ۋە بىر بولاق شاكىلات ئالدى. پۇل ئۆتەيدىغان يەرگە كىلىپ 100 دوللارلىق بىر يېشىل قەغەزنى ئۇزاتتى. كاسسىر دوللارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزدى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ سېلىشقا باشلىدى. كاسسىر ئۇنىڭغا پۇلنى ئۈستىنى پارچە دوللار بىلەن قايتۇرۇپ بەردى. دېمەك دوللارنىڭ ھەممىسى جىڭ دوللار ئىدى.قەمبەر جەۋلانى ئامېرىكىدا ھەر ھەپتە لاتارىيە ئوينايتتى ، دايىم بىر كېچىدىلا مىليونېر بولۇپ كېتىشنى خىيال قىلاتتى. بىر قېتىممۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ لاتارىيە چىقمىغان ئىدى. مانا لاتارى چىقتى دېگەن بۇ. قەمبەر جەۋلانىنىڭ كۆزلىرىدە خوشاللىق نۇرلىرى جەۋلان قىلاتتى. ئۇ، پۇل بولمىغاچقا ئەنقەرەگە بېرىپ مىللەت ۋەكىللىرى، مىنىستىرلار بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشۈپ تورلاردا ئېلان قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى. مانا ئەمدى، تۈرك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋاشىنگىتونغا كەلگەندە ھەممىسىنى ھەم مېھمان قىلالايدۇ، ھەم بىللە رەسىمگە چۈشۈپ ئېلان قىلالايدۇ. ئامېرىكا ساناتوپرلىرى بىلەنمۇ رەسىمگە چۈشەلەيدۇ. يېتەركى پۇل بولسۇن. تۈركىيىدە ئەرزىمەس چۈپرەندىلەر جۇمھۇر باشلىغى، باش باقان،باقانلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ-يۇ، بۇنداق شەرق ھىلىگەرلىكىنى قەمبەر جەۋلانى قاملاشتۇراممامدىكەن؟
قەمبەر جەۋلانى ئايرۇپىلانغا كىرىش ئىشىكىگە كېتىۋېتىپ كەلگۈسى پىلانىنىڭ خىيالىغا چۆمگەن ئىدى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئالدىدا پەرىشتىدەك پايدا بولۇپ يىگىرمە مىڭ دوللارنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۇ ئىككى بىچارە ئۇيغۇر بىر دىنلا ئۇنىڭ خىيالىدا جانلاندى. بىر توپ ئۇيغۇر كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى.تېلىپۇنىنى بۇزۇۋەتتى. ئارقىسىدىن ئىككى ئۇيغۇر كېلىپ ئۇنىڭغا پۇل ھەدىيە قىلدى. “ھەممىسى نادانلىق” دەپ ئويلىدى قەمبەر جەۋلانى. “نادان ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، قەمبەر جەۋلانىنىڭ ئىستىقبالى پاراق بولىدۇ. ئاھ، نادان ئۇيغۇرۇم.” قەمبەر جەۋلانى “ ياشىسۇن نادانلىق!” دەپ ۋاقىرىۋېتىشكە تاس تاماسلا قالدى. ئامما بۇ يەردە ۋارقىراشقا بولمايتتى. ئۇ، ئامېرىكىغا بارغاندا ئادەمسىز تاغ جىلغىلىرىغا كىرىپ “ياشىسۇن نادانلىق! “دەپ تازا ۋارقىراپ پۇخادىن چىقىش قارارىغا كەلدى. قەمبەر جەۋلانى، پۈتۈن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇدى. يىگىرمەمىڭ دوللار ئۇنىڭ بۇزۇلغان كەيپىياتىنى بىردىنلا جانلاندۇرۇپ، بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلاندۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ، ئامېرىكىغا خوشاللىق ئىچىدە قايتىۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇھەم “بۈيۈك تۈركىستان سۈرگۈندىكى بىرلەشمە ھۆكۈمىتى رەئىسى” ئىدى. ھەم ئىستانبۇلدىن ئۈمىتسىز ئايرىلىدىغان ئاخىرقى مىنۇتلاردا يانچۇقىغا يىگىرمە مىڭ دوللار پۇل پەيدا بولۇپ قالدى. قەمبەر جەۋلانىنىڭ تاياق ئىزلىرى قالغان مەڭزىلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىرى پارلىدى. نادان ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىلا، ۋەتەن ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ، خىتايغا سېتىلغان ئۇيغۇر خائىن،غالچىلارمۇ, چەتئەلدە“داھى“ بولۇش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۇيغۇر ئىسمىدىكى سۇتى تۇگىمەيدىغان سېغىنلىق كالىنى سېغىپ ئىچىپ جان باقالايدۇ. قەمبەر جەۋلانى ھۇزۇر ئىچىدە ئايرۇپىلانغا ئىلگىرلەپ كىتىۋاتاتتى.ئۇ ئىچىدە “ ياشىسۇن نادانلىق!” دەپ تەكرارلىدى

يىل 2016- 9. ئاي

Share
4202 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.