logo

trugen jacn

ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم 88 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم (ئابلەت مەخسۇم ھاجىم) 88 يېشىدا خوتەن شەھىرىدە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى. ئالىمنىڭ  2017- يىلى 11- نويابىر قازا قىلغانلىق ئۇچۇرى 2018- يىلى 27- ماي كۈنى مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرىغا يېتىپ كەلدى.

مەرھۇم ئالىمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە ۋە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاللاھتىن سەبىر ۋە ياردەم تىلەيمىز.

ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم كىم؟

ئۆمرىنى ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە بېغىشلىغان ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنىڭ ھاياتى تېراگېدىيە ۋە ئازاب – ئۇقۇبەتلەر بىلەن تولغان. مەرھۇم ئالىم 1930- يىلى قاراقاشتا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئالىم ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىدى.

مەرھۇم ئالىم 1950- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە قەشقەردە مەدرىستە ئوقۇيدۇ ۋە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ مەدرىستە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. خوتەنگە قايتىپ كېلىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ ۋە ئالىمغا 15 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھى خەلقنىڭ قەلبىنى يۇرۇتقۇچى بىر ئالىم بولغانلىقى ئىدى. مەخسۇم 1974- يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇزۇن يىللىق دىنىي ئوقۇتۇش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتى يەر ئاستى مەكتەپلىرىدە قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. ئۇ 1979- يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلارچە ئالىم – ئۆلىما قاتارىدا قولغا ئېلىنىدۇ ۋە بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. 2001- يىلى ئوغلى ئابدۇرەئۇف ئابدۇلئەھەد بارات بىلەن بىرگە ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىدۇ ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن ئالىمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزلەش ۋە تەبلىغ قىلىشى چەكلىنىدۇ. ئالىم ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىدا ياشايدۇ. گەرچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى ئىماملىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى ۋە سۆيگۈسىنى ئېلىۋېتەلمەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى خوتەن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ 74 ياشلىق ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنى تۆتىنچى قېتىم قولغا ئالىدۇ.زالىملار بۇ قېتىم ئالىمنى يەتتە ئوقۇغۇچىغا مەخپىي دەرس ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى 11 يىلنى ئۆيىدە ئۆتكۈزىدۇ.

ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم 2017- يىلى 11- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ. بۇ ۋاقتتا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ قايەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشكلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

e2afd0ae-577c-46a7-9b92-d1100b3516fa

http://turkistantimes.com/uy/news-2934.html

Share
2365 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.