logo

trugen jacn

سەككىزىنجى ئاپىرىل مىللىي ئارمىيە كۈنى: مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل -1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىر تارىخى مۇھىم داۋالغۇشلار بىلەن تولدى. 1931-1934-يىللىرى ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. بولۇپمۇ، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تاكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئەسلىنىپ كېلىنمەكتە.
بۇ يىل 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى، مىللىي ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھازىرقى كۈندە سانى ئىنتايىن ئاز قاغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مىللىي ئارمىيىنىڭ كۈرەش مۇساپىلىرىنى ئەسلىمەكتە.

تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تولۇق يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، 1944-يىلى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پارتلىدى.

1944-يىلى، 8-ئايدا نىلقىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىرىدا فاتىخ باتۇر، غېنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇزۇن ئۆتمەي نىلقا ئازاد قىلىندى ۋە 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى بولسا غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، نىلقا پارتىزانلىرى ۋە غۇلجا شەھىرى قوزغىلاڭچىلىرى بەش كۈن جەڭ قىلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن ھەر قايسى مىنىستىرلىقلار تەسىس قىلىندى. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ناھىيەلىرى ئازاد قىلىنىش بىلەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تېزدىن ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. كۆپ يىللار مىللىي ئارمىيە تارىخى، جۈملىدىن 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تەتقىقاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىپ،« قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 5-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان 9 ماددىلىق خىتابنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر خىتابنامىدە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، 1945-يىلى، 12-يانۋار كۈنى ھەربىي ئىشلار نازارىتى رەسمىي قۇرۇلدى ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ھەم ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇش، ئوفىتسېرلارنى تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىككىچە ئايرىش قارار قىلىندى. ئارقىدىن 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 19-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ھەربىي ئىشلار قانۇنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالارنىڭ ئەسكەر بولۇشى ۋە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇش بەلگىلەندى.

1-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ھەرەمباغدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى يوقىتىلىپ، پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى تولۇق ئازاد بولۇپ، ئىنقىلابنى باشقا جايلارغا كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى شەكىللەندى. بۇ ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت ھەربىي ئىشلار نازىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، رەھىمجان سابىر ھاجى بۇ ۋەزىپىگە قويۇلدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەخمەتجان قاسىمى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنى تەسىس قىلىشقا جىددىي كىرىشتى.

تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تارىخى شاھىتلاردىن ئىگىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، تېيىپھاجى سابىتوف، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق ئەربابلاردىن بىر كومىسسىيە تۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەييارلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسى ئەسلىدە نىلقا تاغلىرىدا تۇنجى بولۇپ كۈرەشكە ئاتلانغان فاتىخ باتۇر، غېنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ھەمدە 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان پىدائىيلار، شۇنىڭدەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر قايسى جايلاردا تەشكىللىنىپ جەڭ قىلغان پارتىزانلار بولۇپ، تەخمىنەن 60 قا يېقىن چوڭ- كىچىك پارتىزان ئەترىتى شۇنىڭدەك غۇلجا شەھىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ باشقا ئازاد بولغان جايلىرىدىن يېڭىدىن ئەسكەرگە ئېلىنغانلار ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان. 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا، غۇلجا شەھىرىدە مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلۇپ، بايراق تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى ۋە ھەر قايسى پولكلار تەسىس قىلىندى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق بۆلۈم قۇرغاندىن تاشقىرى يەنە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تارماق ھەربىي ئورگان قۇرۇپ، ئەسكەر ئېلىش ۋە ئارمىيىنى تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ كاپىتانى بولغان،1950-يىللاردا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىپ، ھاياتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپ، 2012-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان، ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇسى مەسىمجان زۇلپىقاروف ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئارمىيەدىكى بەش يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە، مىللىي ئارمىيىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن باتۇر قوشۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/milliy-armiye-04062017171455.html

Share
2134 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.