logo

trugen jacn

بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسى نىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتونغا توپلىنىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن خىلمۇ-خىل لوزۇنكىلارنى جەۋلان قىلدۇرغان ھالدا خىتايغا قارشى شوئار توۋلىدى.

بۇ قېتىملىق نامايىش ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تەرتىپلىك ۋە يوقىرى كەيپىياتتا باشلاندى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نامايىشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى كۈچ كۆرسىتىشتىن كېيىن، تەرتىپلىك ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پايتەخت ۋاشىنگتون ھەمدە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە ۋە مارىلاند شتاتلىرىدىن يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، ھاياجان ۋە غەزەب ئىلكىدە شوئار توۋلىدى. بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ نامايىشقا قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شۇنچە ئىسسىققا قارىماي بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشتى ۋە شەخسەن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ نامايىش باشلىنىشى بىلەن سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىي بېسىمى ئالدىدا ھەرگىزمۇ باش ئەگمەسلىككە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

4 كۈندىن بۇيان بوستوندا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۈگۈن سەھەر ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىمۇ نامايىشقا قاتناشتى.

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5 -ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى بۇنداق زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن يولغا چىقىپ، ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى بويلاپ يۈرۈش قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-amerika-07052017142715.html

Share
979 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.