logo

trugen jacn

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمەت ساقال تۇتقۇن بولغان جەريانىنى ئاڭلاتتى

image

00:00/00:00

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2009 – يىلى «7 – ئىيۇل نامايىشى» دەل ئات بەيگە مەيدانىدا ئۈچ يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئايال ۋە بالا، تۇتۇلغان ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان شۇ كۈنى نەق مەيدانغا بارغان ھەمدە شۇ يەردىكى چەتئەل مۇخبىرىلىرىغا خىتاي تىلىدا ئاياللارنىڭ نامايىش قىلىشتىكى مەقسىتىنى راۋان ئاڭلاتقان، كېيىن شەرقىي جەنۇبى ئاسيادىكى دۆلەتلەردىن قاچاق يوللار بىلەن قېچىپ، ھازىر تۇركىيەدە ياشاۋاتقان ئوزىنى ئەمەت ساقال دەپ تونۇشتۇرغان كىشى شۇ ۋاقتىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا سۆزلىگەنلىرىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ دائىرىلەر تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماققا مەھكۈم بولغان ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ 9ياشلىق ئوغلىنىڭ 2008 – يىلى قانۇنسىز ھالدا «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە تەربىيلەنگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يېرىم يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىنغان جەريانىنى ۋە كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/emet-5-iyul-06132016203021.html

Share
1416 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.