logo

trugen jacn

تيەنئەنمېن ۋە ئۆركەشنىڭ 30 يىلىدىكى ئۇيغۇر تەپەككۈرلىرى


نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

30 يىللىق يەكۈنلەر

ھەش –پەش دېگۈچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ياش ئوقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى، يەنى 1989- يىلىدىكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا 30 يىل توشتى. بۇ 30 يىل، شۇ تارىخىي داۋالغۇشقا قاتناشقان 18-20-نەچچە ياشلىق بالىلارنى بۈگۈن 50 نەچچە ياشلىق ئادەملەرگە ئايلاندۇرغان بولسا، ئەشۇ ياشلارنى قىرغان جاللاتلارنى ئاللىبۇرۇن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇپ بولدى، بۇ 30 يىل خىتاي مىللىتىنى، خىتاي دۆلىتىنى سىياسىي جەھەتتىن ئوزگەرتەلمىسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى گادايلار- پرولېتارىياتىنى بۈگۈنكى پۇلدارلارغا، بۈگۈنكى بۇرژۇئازلارغا، ئەسلىدىكى ياماق ئىشتانلىق،لاتا خەيلىكلەرنى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئېسىل ماركىلىرىنى ياراتمايدىغان، يەنى ئەسلىنى ئۇنۇتقان «ئېسىلزادىلەر»گە ئايلاندۇردى.

بۇ 30 يىل، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەت گۇرۇھىنى تېخىمۇ دىكتاتورلۇققا، تېخىمۇ ئەسەبىي زوراۋانلىقلارغا كۆندۈرۈپ، دۇنيادىكى ھېچقانداق ئىنسانىي سۆيگۈ، ئىنسانىي ۋە سىياسىي قەدرى-قىممەت ئۆلچەملىرىنى، خەلقئاراۋى نورمىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان مۇشتۇمزورغا ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانداق خورلىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا كېرەك!

بۇ 30 يىل ئەينى ۋاقىتتىكى چىرايىدىن سەبىيلىك يېغىپ تۇرغان مىليونلىغان دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ياش خىتايلارنى بۈگۈنكى كۆندە ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەبىيلىكىگە پۇشايمان قىلىدىغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى چوقۇنغان غەرب دېموكراتىيەسىگە خىرىس قىلىش روھى بىلەن چوڭ مىللەتچىلىك خاھىشى گىرەلەشكەن ھالدا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلىدى. بۇ 30 يىل، ئەسلىدە مىڭلىغان ليۇ شاۋبولارنى تۇغۇشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇسكى خىتاي خەلقى پەقەت بىرلا ليۇ شاۋبودىن باشقىنى ئاپىرىدە قىلالمىدى، خىتايلار ئۆز ليۇ شابوسىنى قۇتۇلدۇرالمىدى، ئەكسىچە ئۆزلىرى ئۇنىڭ خارلىنىشى ۋە يوقىتىلىشىغا سۈكۈت قىلدى.

بۇ 30 يىلدا شوۋىنىستلاشقان خىتاي تۈزۈمى دائىم ئۆز ئۆتمۈشىدە خىتاي خەلقىنى ئەزگەن، بوزەك قىلغان ، كەمسىتكەن ۋە تالان-تاراج قىلغان دەپ شىكايەت قىلىپ كەلگەن ياۋروپالىقلار، رۇسلار، ياپونلار ئۈستىدىن غالىپ چىقىپ،ئۇلاردىن ئۆچ ئالالمىسىمۇ، ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئۇلارنى ئىزچىل بوزەك قىلغان، ئىدارە قىلغان شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا باش ئەگمىگەن ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى، موڭغۇللارنى، مانجۇلارنى مىللىي روھى جەھەتتىن سۇندۇرۇپ، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن غەلىبىلىك كۈرەش قىلالىدى.

خىتاي دۆلەت ماشىنىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خۇددى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەسكەرتكەندەك 1930-يىللاردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر ناتسىسلارتچە لاگېر تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ،ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىناق قىلىپ ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى كېلەچەكتىن بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىش خەۋىپىگە دۇچار قىلدى. ناتسىسلارنىڭ جازا لاگېرلىرى 21-ئەسىردە ئەنە شۇ فاشىستلاشقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرى گۇرۇھى تەرىپىدىن دۇنياغا قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، « بۇ ئەمدى قەتئىي يۈز بەرمىسۇن» دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

گەرچە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي دېموكراتىك ياشلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەھشەتلىك تەقدىرى، يەنى 1930-يىللاردىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئەسىلىتىلمىسىمۇ،ئەمما شۇلارنىڭ سەپدېشى ئۆركەش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھاكىمىيەت ئاپپاراتىنى « باندىتلار گۇرۇھى» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىنىڭ ناتسىسلارچە جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقىنى، مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىشقا يۈزلەندۈرىلىۋاتقانلىقىنى غەزەپ بىلەن ئەسكەرتتى.

ئۆركەش تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىلىدا، يەنى ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ 30 -يىلىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلچىللىق كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەقدىرلەش ھەم مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈرەك باغرىدىن چىقىرىپ بىر قاتار نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ سابىق خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى رەھبىرىدىن ئۇيغۇر جەڭگىۋار پائالىيەتچىسىگە ئۆتكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.گەرچە ئۇ بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ باشقىچە يۈكسەك روھقا تولغانىدى.

بۇ 30 يىل، ئەسلىدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇزۇن يىللار تەيۋەندە خىتاي ئاھالىسى ھەم مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۆركەشنىڭ ئاقىۋەتتە بەرىبىر ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق روھى بويىچە يەنىلا ئۆز مىللىتىنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئازابلىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشغا، دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دېموكراتىك سارىيى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆز مىللىتى ھەققىدە ئەڭ تەسىرلىك ۋە كۈچلۈك سۆزلەرنى قىلىشقا ئېلىپ كەلدى.دېمەك، ئۇنىڭ 30 يىلدىن بۇيان دىدارىنى كۆرەلمىگەن دادىسىنىڭ تومۇرىدىكى سادىر پالۋان، غەنى باتۇر، ئەخمەتجان قاسىمى ئىچكەن ئۆركەشلەپ ئاققان ئىلى دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئوركەشنى 30 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي تىلى، خىتاي پىسخىكىسى، خىتاي ئىجتىمائىي ھايات قۇرۇلمىسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرمىغان ۋە ئۇنىڭغا بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلۇق روھى ئاتا قىلغانىدى.

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ بۇ 30 يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن تاغ-دەريالىرى بىرلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يىلتىزدىن چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن كېلىدىغان سودا-ئىقتىسادىي پايدا-مەنپەئەتنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئىنسانىيەت پاجىئەسى، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركىي خەلقلەر پاجىئەسىگە نىسبەتەن قۇلىقىنى يوپۇرۇپ تۇرغان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىلى، مىللىي مەدەنىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادلىرى ۋە مىللىي كىملىكى دۇچ كەلگەن تاجاۋۇزچىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس رەئىسى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار رەھبەلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى، ئالىملىرى، زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەيىبلىنىپ، فاشىستلاشقان خىتاي تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى خورلىشى، ئاياق –ئاستى قىلىشىغا ئىنسانىيەتنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى! بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت – ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەتئىي ۋە مۇرسسەسىز ھىمايىچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ساراسىمغا سالدى. ئەگەر، ئامېرىكا مۇنداق قەد كېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي قەدىرى –قىممىتىنى قوغدىمىسا، كىممۇ يەنە مۇنداق كۈچلۈك ئاۋازلار بىلەن داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقار ئىدى؟!

30 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا مىليونلىغان خىتاي ئوقۇچىلارنىڭ ئالدىدا 20 ياشلىق ئۆركەش ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، داھىي سۈپىتىدە ئەركىنلىك ھەيكىلى بىلەن تەڭ تىكلەنگەندە يۈز مليونلىغان خىتاي خەلقى ئۆركەشتىن ئۇيغۇرلاردىكى قەھرىمانلىق روھىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشقان ھەم سۆيۈنگەن بولسا، ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆركەشنىڭ بىر قانچە مىليون مىللەتداش- قېرىنداشلىرى ناتىسىسلارچە لاگېرلاردا ئازاپ چېكىۋاتقاندا، شۇنچە ئۇزۇن تارىخى مۇساپىلەرنى ساق-سالامەت باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە ھەسسە قوشقان بىر مىللەت مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكى بويىچە يوق قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقاندا ئۇلارغا ھېسداشلىق قلىپ، «توختا»، « بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي مىللىتى، خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ نومۇس» دەپ مەيدانغا چىقالمىدى. لېكىن، يەنىلا ئەشۇ ئوركەش ئۆز كىملىكىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئۆزى يىغلاش يولىنى تۇتتى.

بۇ 30 يىل يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىزلەرگە زور ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلدى. ئۆزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن 50 نەچچە ياشلىقلار قايتىدىن ئەشۇ تيەنئەنمېندا بولغان ۋەقەلەر قوينىغا قايتتى! كىشىلەر قايتىدىن تيەنئەنمېندا تانكىنى توسقان قەھرىماننى ئەسلىگەندە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۈرۈمچىدە ئوخشاشلا خىتاي بىرونىۋىكلىرى ۋە چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان ئەسكەرلىرىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ،ئۇلارنى توسقان تۇرسۇنگۇلنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

ئەشۇ 30 يىلنىڭ ئالدىغا قايتقىنىمىزدا، تيەنئەنمېندا « قوزغال »دېگەن ئۇيغۇرچە لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ياشلىرى بىلەن بىر سەپتە دېموكراتىيە ئىستەپ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھى قىياپەتلىرى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. شۇ 30 يىل ئالدىدىكى بۇ سەبى چىرايلار كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ ، كىم بىلىدۇ؟ بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمى 30 يىلدىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە لاگېرلاردا ئىڭراۋاتقان بولۇشى ۋە ياكى پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى لاگېرلارغا سولىنىپ ئۇلار ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

 ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدىكى تيەنئەنمېن ھەرىكىتى

بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىگە قايتقىنىمدا، كەمىنە شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتى ئىدىم. 20 نەچچ ياشلىق ، يۈرەكلىرى سوقۇپ تۇرىدىغان ياش ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي قەھرىمالىقلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن مەستخۇش ئىدىم. تيەنئەنمېندىكى ئەشۇ مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقلىرىغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم .  بۇ، مېنىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىمگە تېخى 4 يىل بولغان چاغلار ئىدى. شۇڭا بېيجىڭدىكى ئەشۇ كۈرەش مەيدانى- تيەنئەنمېن ۋە ئوقۇغۇچىلار ماڭغان كوچىلار ماڭا ناھايىتى تونۇش ئىدى.

بۇ ۋاقىتلاردا 1985-يىلى، 12- ئايدىكى ئۈرۈمچى ئالى مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشلىرى ئارقىلىق خىتاي مىقياسىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ، يەنى، 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچقانلىقىغا، شۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مىللىي كەمسىتىشكە قارشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە شاھىت بولدۇم. ھەر قېتىملىق ۋەقەلەردىن كېيىنكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، زېرىكىشلىك مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشلەر، ئەيىبلەشلەردىن بىزار بولغانىدىم.

ئەنە شۇ ھەرىكەتلەردىن كېيىن 1989-يىلى 4-ئايلاردن باشلانغان بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى پۈتۈن خىتاينى تەۋرەتكەن ھەرىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغىمۇ مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنىدى.

نامايىش ۋە ئاچلىق ئېلان قىلىنىش ئەھۋالى، لى پېڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەم باشقا تەپسىلاتلار تېلېۋىزىيەلەردە ھەر كۈنى تولۇق كۆرسىتىلىپ تۇرۇلغانىدى. ھەر كىم تېلېۋىزىيە ئىكرانى ئالدىدىن كەتمەيتتى. مېنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىمدىن سىرت يەنە خىتاي خىزمەتداشلىرىممۇ ئۆركەشنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋە باشلامچىلىق روھىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشاتتى. ھەتتا بىر ياش خىتاي قىز مۇئەللىم ئۆركەشنى ماختاپ، «ئۆركەش ئۇيغۇر ئىكەن، سىلەر ئۇيغۇرلار قەھرىمان مىللەتسىلەر، بىر مىليارد خەنزۇلار ئىچىدىن ئۆركەشتەك بىر قەھرىمان چىقمىدى» دەپ ئۇھ تارتقانىدى. ئۇ، ھەر قېتىم مېنى كۆرسىلا ئۆركەشنى ماختايتتى. ھەرىكەت باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايدىكى چوڭ گېزىتلار ھەدەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆركەش قاتارلىق رەھبەرلىرىنى قارىلاپ ماقالىلارنى ياغدۇرۇۋەتتى، ئۆركەش ئەڭ رەزىل سىياسىي سۆزلەر بىلەن تىللاندى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەتتا « ياخشى ئوقۇمىغان، ھاراقكەش»، « جېدەلخور » ، «ئەخلاقسىز» دېگەندەك ھەر خىل ھاقارەت ۋە خۇنىكلەشتۈرۈش سۆزلىرى بىلەنمۇ شىكايەت قىلىندى. ئەمما ھېلىقى خىتاي قىز مۇئەللىم يەنىلا « ئۆركەشنىڭ قەھرىمانلىقى» قارىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنىدى.

تيەنئەنمېن ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوللاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەم جىم ئولتۇرىۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىمۇ يۈز بەردى. بۇ قاتاردىن ھەتتا بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىمۇ ئورۇن ئالدى، بولۇپمۇ بىر ئۇيغۇر ياش ئوقۇتقۇچى بېشىغا لاتا باغلاپ رەسمىي جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىق قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلار، بۇ بېشىغا لاتا باغلاپ، جىم ئولتۇرىۋالغان بۇ ئۇيغۇر ياش ئوقۇتقۇچىنى مازاق قىلىپ، چاقچاقلارغا كەلتۈرۈپمۇ ئۇلگۈردى. شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەزى تام گېزىتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شۇنداق چوڭ خەتلىك تام گېزىتلىرىنىڭ بىرىدە :« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىش» چاقىرىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئوقۇغۇچى-زىيالىيلىرى تەرىپىدىن مەيدانغا چىقىرىلغانىدى.

ئۇنداقتا شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى، پېشقەدەملىرى ئارىسىدا قانداق پىكىرلەر بار ئىدى؟ مېنىڭچە 3 خىل قاراش مەۋجۇت ئىدى.

بىرىنچى: بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ، بۇ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. بەرىبىر تىنچلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالسا، زىيان خىتايلارغا ئەمەس، ئەشۇ ئۇيغۇرلارغا بولىدۇ دەپ قارايدىغان خاھىش.

ئىككىنچى: بۇ، خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشى، ئىچكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئىپادىسى، ئوقۇغۇچىلار غەلىبە قىلىپ، شۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك كىشىلەر ھوقۇقنى قولغا ئالسىمۇ، بەرىبىر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. كىم ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق يۈكسەك بىر ھوقۇق بەرمەيدۇ، قانداق رەڭدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئورنىتىلسۇن، ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بەرمەيدۇ دەپ قاراش،

ئۈچىنچى: جۇڭگو ھېچقاچان تىنچلىق بىلەن دېموكراتىيە يولىغا ماڭمايدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھامان باستۇرۇلىدۇ، ھەتتا قانلىق باستۇرۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش كېرەك،ئارىلاشماسلىق كېرەك دەيدىغان قاراش.

بۇ چاغلاردا، يەنى 1980- يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 1930-1940 – يىللىرىدىكى سىياسىي كۈرەشلىرى، ئىككى قېتىملىق ئىنقىلاب ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇشقا قاتناشقانلار، 1940-يىللاردىكى ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ ئەپەندى تەرەپدارلىرى، ئىلى ئىنقىلابى قاتناشقۇچىلىرى، ئەخمەتجان قاسىمىنى كۆرگەنلەر ۋە بىرگە كۈرەش قىلغانلار،1947-يىلىدىكى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى چوڭ نامايىشلارغا قاتناشقانلار، 1957-1959-يىللىرى ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى دەۋاسى قىلدى دەپ « يەرلىك مىللەتچى» بولۇپ جازالانغانلار، ھەتتا 1960 – 1970 – يىللاردىكى تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلەر، خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم مەدەنىيەت ئىنقىلابى بوران –چاپقۇنلىرىغا داخىل بولغان نۇرغۇن كىشىلەر تېخى ھايات ۋە بىر قىسمى تېخى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەرىكەتلەردىن ھېچقانداق ئۈمىد كۆرمىگەنىدى. ئۇلار ئۆز تەجرىبىلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بويىچە مەسىلىنى تەھلىل قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، 1946- 1949- يىللىرىدىكى « ئۈچ ئەپەندى» تەرەپدارلىرىدىن بىرى مەرھۇم ھاجى ياقۇپ يۈسۈپ ئانات بۇ مەسىلىدە كۆپرەك پىكىر قىلغان بولۇپ، ئۇ مەن بىلەن كۆپرەك سۆزلىشىپ، ئۆز تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھېلىقى بېشىغا لاتا باغلاپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە جىم ئولتۇرىۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياش ئوقۇتقۇچىنى « نادان» لىق قىلدى دەپ قارىغانىدى. ئۇ، «بېيجىڭ رەھبەرلىرى بۇ ياشلارنى باستۇرۇشتىن باشقا يول تۇتمايدۇ، بۇ، خىتايلارنىڭ ئۆز ئىچكى ئىشى، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئارىلىشىپ قالسا، ئاخىرىدا زىياننىڭ چوڭىنى ئۇيغۇرلار ئۆزى تارتىدۇ» دېگەنىدى.

ھەقىقەتەن بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 1989-يىلى، 4- ئىيۇن كۈنى قانلىق باستۇرۇلدى، خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىڭلىغان پەرزەنتلىرىنى ھېچ رەھىم قىلماستىن دەھشەتلىك تۈردە ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلاش يولى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىنى قان بىلەن يۇدى. شۇ يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا بارسام، بېيجىڭلىقلار بىر خىل ئاچچىق سۈكۈتكە چۆمگەن، ھېچكىممۇ 4- ئىيۇننى تىلغا ئالغىسى كەلمەيدىغان بىر خىل ئىچكى نارازىلىق، ئېچىنىش،نەپرەت چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئەھۋال ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم.

 قىزىل مەيدان ۋە تيەنئەنمېندىكى ئوخشىمىغان ئىككى مەنزىرە

بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوز نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا، يەنى، 1989-يىلى، 15-ماي كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى مىخايىل گورباچوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، دېڭ شاۋپىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي نورماللاشقانلىقى جاكارلىنىپ، بىر-بىرىگە قارشى مىليونلاپ قوشۇنلىرىنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا سېلىپ، 20 نەچچە يىل دۈشمەنلەشكەن مەزكۇر ئىككى كوممۇنىست دۆلەت ئاخىرى قايتىدىن نورمال مۇناسىۋەت دەۋرىنى باشلىدى.

گورباچوفنىڭ زىيارىتى نىكىتا خرۇشېفنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىدە ماۋ زېدوڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قايتىپ كېتىپ، 30 يىلدىن كېيىنكى تۇنجى ئالى دەرىجىلىك رەھبەر سەپىرى ئىدى. ئەلۋەتتە، نىكىتا خرۇشېف، مىخايىل گورباچوف ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بورىس يېلتسىنلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دىكتاتور يوسىف ستالىندىن پەرقلىق تەرىپى ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا، يەنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىش ئىدى. يوسىف ستالىن ھېچقاچان خىتايغا كەلمىگەن ئىدى ، ئۇ ھېچقاچان ماۋ زېدوڭنىڭ ئالدىغا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ماۋ ۋە باشقا ھەر قانداق خىتاي رەھبىرى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىشى، ئۆزىگە خىزمەت دوكلاتى قىلىشى كېرەك ئىدى.

ستالىندىن ئەكسىچە يول تۇتۇپ، ماۋنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يېڭى كوممۇنىستىك خىتاينى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىشقا غايەت زور ياردەم كۆرسەتكەن خرۇشېف ئاخىرى ماۋنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا مۇشت ئېتىشىغا ئېلىپ كەلدى. مىخايىل گورباچوف بولسا دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ۋاھالەنكى، ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن ئۆزى كومپارتىيەنى ۋە سوۋېت دۆلىتىنى يوقىتىپ، دېڭ شاۋپىڭغا دېموكراتىك ئىسلاھات ئۈلگىسى ۋە نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ يولدا ھېچقاچان ماڭمىدى خالاس !

ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار مىخايىل گورباچوفنىڭ « گلاسنوستى»، يەنى « ئوچۇق ئاشكارا بولۇش» نامىدىكى ، مەتبۇئات، يىغىلىش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى يولغا قويغان دېموكراتىيەلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قەدەملىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، كوممۇنىستىك خىتايدىمۇ گورباچوف مودېلى يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ خىتاي ياشلىرى شۇ ۋاقىتتا پەردە ئارقىسىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىخايىل گورباچوف ئەمەسلىكىنى، خىتايدىن ھېچقاچان گورباچوف چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولسا كېرەك. ھەقىقەتەن بۇ 30 يىل، خىتايدىن ھەرگىزمۇ گورباچوف چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. ھەتتا سەبىي ئارزۇلارغا تولغان بىر قىسىم دېموكراتىك خىتاي ھەرىكەتچىلىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندە ئۇنىڭ« خىتاينىڭ گورباچوفى بولۇشى مۇمكىن» دەپمۇ ئۈمىدلىك تەھلىللەردە بولۇشقانىدى ئەمەسمۇ؟

مەن 1989-يىلى، 5-6-ئايلاردىكى تيەنئەنمېندىكى ئەشۇ رومانتىك ۋە دەھشەتلىك مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ، ئەمما يەنە بىر قىزىل ئىمپېرىيەنىڭ يىقىلىش مەنزىرسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانىدىم .  1990 – يىلى، 3-ئايدا ئەنە شۇ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى نەتىجىسىدە، مەن موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالى تەتقىقات ئورگىنى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى بولۇپ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى 8 يىللىق ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ساھەسىدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىدىم. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ئازغىنا كەم ئىككى يىلىنى باشتىن كەچۈردۈم، بۇ چاغدا موسكۋادىكى زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، پروفېسسورلار، ھەتتا ئادەتتىكى ئامما ئارىسىدا دېموكراتىيەلىشىش تېز قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ ساپاسىنى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرگەن، ھەممە كىشىنى كوممۇنىستىك مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئەركىن پىكىر قىلىش، ئەركىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەممە يەردە دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان، مۇنازىرىلىشىۋاتقان مەنزىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى.ئالدى بىلەن كومپارتىيە قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىش بىلەن ھەممە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كىنىشكىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاش قەدىمى بېسىلدى شۇنىڭدەك مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىش، جۇمھۇرىيەتلەرگە مۇستەقىللىق ھوقۇقى بېرىشى مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي خەلق «سوۋېت ئىتتىپاقى ساقلانسۇنمۇ؟ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇنمۇ؟»، « جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بوسۇنمۇ يوق؟» دېگەن مەزمۇندىكى رېفېرېندۇمغا قاتنىشىپ ئاۋاز بەردى. خەلق يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يوقىلىشىنى قوللىدى. بولۇپمۇ موسكۋا، لېنىنگراد ( ھازىرقى سانكىتپېتېربۇرگ) قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم زىيالىيلار، رۇس زىيالىيلىرى، رۇس ئاممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېموكراتىك ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ھىمايە قىلىشقانىدى. ئۇلار رۇسىيە ئايرىم دۆلەت بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مەملىكەت بولالايدۇ، باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنى بېقىشتىن ئىبارەت يۈكتىن قۇتىلىدۇ، غەرب بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش كېرەك، بولۇپمۇ ئامېرىكا يولىنى مېڭىش كېرەك دەپ قارايتتى. بۇ ۋاقىتتا رۇسلاردا غەربكە، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا، ئامېرىكا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دېموكراتىك ھاياتىغا تەلپۈنىش يۇقىرى ئىدى. رېفېرېندۇمدا مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم-رۇسلار،ئەزەرلەر،تاتارلار ۋە باشقىلار سوۋېت تۈزۈمى يوقالسۇن دەپ ئاۋاز بەردى. لېكىن مەن كۆرگەن قازاقلار،ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار ھەتتا تاجىكلاردا ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇنداق ئاسانلا مۇستەقىل بولۇشىغا ئىشەنمەسلىك ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىنى زور خوشاللىق دەپ قارىماسلىق كەيپىياتى بار ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ساقلانسۇن دېگەنگە ئاۋاز بەرگەنلىكىنىمۇ ئۆزلىرىدىن ئاڭلىغانىدىم.

قانداق بولۇشتىن قەتىينەزەر، ئاخىرى 70 يىللىق مۇستەبىت ۋە قۇدرەتلىك دۆلەت مىلتىق ، زەمبىرەك ئاۋازلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن، دېموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ قۇدرىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشتى. 1991-يىلى، 26-دېكابىر كۈنى كەچتە مىڭلىغان كىشىلەر قىزىل مەيداندا سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوغاق -بولقىلىق قىزىل بايرىقىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن ۋە مىخائىل گورباچوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىشىدىن غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشتى. مەنمۇ قانغا بويالغان بۇ قىزىل بايراقنىڭ كرېمل سارىيى مۇنارىسىدىن قانداق يەرگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ چەكسىز ھاياجانلانغانىدىم. چۈنكى، بۇ بايراقتا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قېنى بار ئىدى، بۇ بايراقتا مىليونلىغان كوممۇنىزم قۇربانلىرىنىڭ قانلىرى بار ئىدى.

ۋاھالەنكى، خىتايدىكى، جۈملىدىن بېيجىڭدىكى،تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى مەنزىرە موسكۋادىن تامامەن ئەكسىچە ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلاشتى. تەينئەنمېن مەيدانىنى ئۆركەش دۆلەت، ۋاڭ دەن قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغا-زارىلىرى، غەزەپلىك نالە پەريادلىرى، شىددەتلىك ئوق ئاۋازلىرى، قانغا مىلەنگەن تانكا زەنجىر تاپانلىرىنىڭ ئادەملەر ئۈستىدىن چەيلەپ ئۆتكەن گۈرۈلدەشلىرى قاپلىدى. مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى دەريا بولۇپ ئاقتى، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى! مىڭلىغان تيەنئەنمېن ئانىلىرى ھازىرغىچە يىغلىماقتا !

مانا بۇ ئىككى قىزىل ئىمپېرىيە پايتەختىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان دېموكراتىيە ئارزۇلىرىدىن كېلىپ چىققان ئىككى خىل ئاقىۋەت مەنزىرسىدىن ئىبارەتتۇر.

دېمەك، ئۇيغۇر پېشقەدەملىرىنىڭ پەرەزلىرى دۇرۇس چىقتى، ھېلىقى بېشىغا لاتا يۆگەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياش ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇزۇن يىللار كۆرمىگەننى كۆرۈپ، تارتمىغان ئازاپلىرى ئاز قالدى.

ئۇيغۇرنىڭ كۆز يېشى –ئۆركەشنىڭ كۆز يېشى

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن 10 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 1990-يىلى، 4-ئايدا بارىندا قوراللىق قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ، بارىن ۋەقەسىمۇ ئوخشاشلا باستۇرۇلدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك « مىللىي بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى تۇرۇش، « ئىككى ئايرىلالماسلىق»نى تەرغىپ قىلىش تۇرغۇن ئالماسنىڭ« ئۈچ كىتابىنى تەنقىد قىلىش» ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تازىلاش ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

1991-يىلى، 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرىلىشىدىن كېيىن دۇنيا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنيا يېڭى بىر سىياسىي –ئىقتىسادىي تەرتىپكە كىردى. تيەنئەنمېندىكى باستۇرۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن خىتاي پۈتۇن كۈچ بىلەن سىياسىي ئىسلاھات ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلەتتى، دېموكراتىك ئۆزگەرتىشكە قارشى ئەڭ رەھىمسىزلەرچە كۈرەش قىلدى. بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى، سىياسىي كۈرەش تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھى تېخىمۇ كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەندى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشىدىن كېلىپ چىققان مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا يېڭى مۇناسىۋەتلەر،يېڭى توقۇنۇش، دۇنياۋىلىشىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش،يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىنتېرنېت –ئۇچۇر ئىنقىلابى دەۋرىگە كىردى. بۇ يېڭى دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ،نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ توختىماي يۈزبەردى. ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن قالپاق ئاستىدا رەھىمسىزلەرچە زەربە بېرىلىش قىسمىتىگە، ئۆز تىلىدىكى مائارىپى، مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىش، ئۆز دىنىي ئىبادەتلىرى ۋە ئېتىقادى ئۈچۈن جازالىنىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقىدەك مىليونلىغان كىشىلىرى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىنىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى.

ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر دائىم ماۋ زېدوڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوقۇنغان ۋاقىتلىرىدا ئېيتقان « سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئەسلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرىنىڭ خىتاينىڭ تەقدىرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشقانىدى. ئەمما، مانا 30 يىل ئۆتتى ! خىتاي دۇنيادىكى 2 – ئىقتىسادىي كۈچتىن بىرىنچى ئىقتىسادىي ۋە دۇنياۋى كۈچكە ئۆتۈش ئىشتىھاسىنى جاكارلىدى، بۇ ئەمەلىيەتتە 21-ئەسىرنىڭ يېڭى توقۇنۇش ۋە يېڭى ئېلىشىش ، ئەركىنلىك مۇستەبىتلىك ئۈستىدىن، خەلچىللىق ھاكىممۇتلەقلىق ئۈستىدىن، يورۇقلۇق، زۇلمەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ سىگنالى ئىدى.

گەرچە، ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلۇپ، خىتاي خەلقىنىڭ يۈرىكى ئازاپلانغان بولسىمۇ، ئۆركەش شۇنچە داڭ چىقارغان ئوقۇغۇچىلار داھىيسىغا ئايلانسىمۇ، بىراق بىرەرمۇ خىتاي كىشى ئۆز بالىسىغا ئۆركەش، يەنى « ۋۇئەركەيشى» دەپ ئىسىم قويۇپ باقمىغان بولسا كېرەك ! ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا « ئۆركەش » دېگەن ئىسىم كۆپەيدى، نۇرغۇنلىغا ئاتا-ئانىلار ئىزچىل بالىلىرىغا ئىسىم قويغاندا تيەنئەنمېندىكى مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ قاتارلىق بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارنى قورقماي تۇرۇپ سىلكىپ تاشلىغان، بىر مىليارد خەلق ئىچىدىن چىققان يىگانە ياش -ئۇيغۇر بالىسى ئۆركەشنىڭ ئىسمىنى تاللىۋېلىشتى، دېمەك بۇ 30 يىلدا ئۇيغۇرلاردا مىڭلىغان ئۆركەشلەر دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە ئۆركەش ئىسمىنى قويغاندا ئۇنىڭغا ئىنتايىن كەڭ مەنىلەرنى، ئۈمىد-ئارزۇلارنى مۇجەسسىملەشتۈرگەنلىكى روشەن!

ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئۆركەشنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ چىرايىدىن بېيجىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن ئالغان ئۆچنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىزنالىرىنى ھېس قىلدىم. گەرچە ئۇ 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىن دادا-ئانا مېھرىگە بولغان قانماسلىق تۇيغۇسى خۇددى كىچىك بالىنىڭ دادىسى-ئانىسىغا تەلمۈرىۋاتقىنىدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى ! دادىسىنىڭ ئالدىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى چاچلىقى ئۇزۇن، يۈزلىرى كىچىك ۋە شوخ، بەدەنلىرى ئورۇق ۋە ھەرىكەتچان « بالا» ئۆركەش بۈگۈن ساقال قويغان ۋە تولغان 50 نەچچە ياشلىق « دادىغا» ئايلانغانىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ دادىسى-ئانىسى 30 يىلدىن بۇيان ئۆز «بالىسى» ئۆركەشنىڭ دىدارىنى جانلىق كۆرمىدى ۋە ئۇنىڭ ھىدلىرىنى پۇرىمىدى. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت يورۇق دۇنيادا بىر-بىرى بىلەن 30 يىللاپ كۆرۈشەلمەسلىكتەك قاتتىق پاجىئەگە دۇچ كەلدى.

كېسىپ ئېيتىمەنكى، بۇنىڭ بىلەن ئۆركەش جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئېغىر ئىنسان روھى ۋە تۇيغۇ جازاسىغا ئۇچرىتىلدى، جۇڭنەنخەي رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن دادىسى ۋە ئانىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، تىرىك ياشاپ تۇرۇپمۇ، دادا-ئانا دەپ قۇچاقلىيالماسلىق، دادىسى-ئانىسىنىڭ باغرىدا بىر تىنىۋېلىش ھەم بىر يىغلىۋېلىشقا يول قويماسلىق ئۆچى ئالغانىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ خىل ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى، ئۆركەشنى ئۆمۈرۋايەت ئىنسانىيەتنىڭ، ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىسىنىڭ مىللىتى، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر ئازابلارنى چېكىپ يىغلاۋاتقان ئۆز مىللىتى-ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى قىلىپ «قايتا تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى» خالاس!

Share
512 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.