logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇردى

a6507e79-1fed-4611-9c48-1e19f97d5bde

 ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پرېزىدېنت ئوباما 23‏-سېنتەبىر باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن شۇ كۈنى يەنە، «كلىنتون يەر شارى فوندى» دا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنى تىلغا ئالدى. ئوباما، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە ھەققى بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئوباما بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتىپ قىلغان. ئۇ، «كلىنتون يەر شارى فوندى» دا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە، خىتاي، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەتلەردە قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەر تۆھمەتكە ئۇچراپ، رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ يولدا ئۆز ھاياتىنى ئاتىغانلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقى، بۇ يولدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى بولسا قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئۇ: شۇڭا بۈگۈن، بىز بۇ يولدا ئۆزىنى ئاتىغان شۇ كىشىلەردىن پەخىرلىنىمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كامېرونلۇق ئېرىك لېمبېمبە، لىۋىيەلىك سالۋا بۇگايگىس، كامبودژالىق چۇ ۋۇتىي، رۇسىيەلىك ناتالىيا ئېستىمىروۋا بار. بىز يەنە، دەل بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرىمىز. بۇلار ۋېنېزۇئېلالىق لېئوپولدو لوپەز، بۇرۇندىلىق پېئىررى كلىۋېر مبونىمپا، مىسىرلىق ئەخمەت ماھىر، خىتايدىكى ليۇ شاۋبو مانا ئەمدى ئىلھام توختى، ۋىيېتناملىق پوپ لې ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە ھەققى بار، ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، دېگەن شۇ كۈنى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈرگەن. جون كەرىي باياناتىدا، ئامېرىكا ئىلھام توختىنىڭ مەھكۇم قىلىشى ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن قاتتىق بىئارام بولدى. تىنچ ئۆكتىچىلىك جىنايەت ئەمەس، دېگەن ئىدى ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست يازما باياناتىدا، ئىلھام توختىغا ئوخشاش جامائەت يېتەكچىلىرىنىڭ خىتايدا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار ئۆز پىكرىنى تىنچ يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن بۇ، ئامېرىكا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ مەسىلىسىگە ئۇ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان شۇ كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىدۇر بەزى خەلقئارا پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ھەققىدە سىگنال بەرگەن گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ ھۆكۈم شەرقىي تۈركىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئورگانلارنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىچ دېلئىۇس، غەربنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى رادىكاللاشتۇرۇپ، خەلقئارا رادىكال ھەرىكەتلەردىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئۇ: بۇ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ دېلوغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى بىر سەۋەب. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. خەلق ئۈمىدنى يوقىتىپ قويغاندا دائىم رادىكال ئىدىيە، رادىكال ھەرىكەتلەرنى قوللاشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەسىلەن، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە ئوخشاش گۇرۇھلار كۈچىيىدۇ. بىز بەزى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق. بىز بۇ خىل تەرەققىياتتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى چۈشىنىشلىك. بىراق بۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر تەرەققىيات ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ قارىشىچە، غەرب بۇ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، پىكىر بىلدۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىپ، خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىشى لازىم ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ھازىر بىر تەرەپتىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنىڭ ۋاقتى. ئۆتكەن بىر يىلغا قارايدىغان بولساق، 2014‏-يىلى خىتايدا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى جازالاش ئارتىپ، چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە يېتىپ باردى. ھازىر بىز ئۆز ھۆكۈمىتىمىزنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشقا چاقىرىۋاتىمىز. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇققا پەرۋاسىز بىر دۆلەت بىلەن بۇنداق بىر دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. پەقەت بۇ گېرمانىيە خەلقى ۋە خەلقئارادا بىر ئىلگىرىلەش بولۇۋاتقانلىق تەسىراتى يارىتىدۇ، خالاس. ئەمەلىيەتتە، ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بوغىنى يوق جون كەرىي ۋە جوش ئېرنىستنىڭ ھەر ئىككى باياناتىدا، خىتاينى ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئاقساراينىڭ باياناتىدا، ئىلھام توختى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك قۇرۇشقا ئاكتىپ تىرىشىپ كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر پروفېسسور، دېگەن جون كەرىينىڭ باياناتىدا، ئىلھام توختى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنياغا ئۆز-ئارا چۈشىنىش، تاقەتچانلىق ۋە دىئالوگنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرۈش بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى مۇھىم بىر مۆتىدىل ئاۋاز جىمىقتۇرۇلدى. ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر قالايمىقانچىلىق ۋە زوراۋانلىق سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، دەپ تەكىتلىگەن http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09242014145232.html

Share
839 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.