logo

trugen jacn

2017-يىلدىن كېيىن تۇتۇلغان لاگېر ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى توغرىسىدا قىسقىچە ئانالىز

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىل لاگېرنى يولغا قويغاندىن كېيىن، لاگېردىكى ھەم تۈرمىلەردىكى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى توغرۇلۇق بىر قانچە ئوخشىمىغان سانلار مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سان كۆپ بولغاندا 3 مىليون، ئاز دېگەندە 800 مىڭ دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئالغىنى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تىلغا ئالغىنى 3 مىليون دەۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار 5 مىليون دەۋاتىمىز. ئۇنداقتا ھەقىقىي ئەمەلىيەتكە يېقىن سان قانچىلىك؟

بۇ ساننى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 11.3033 مىليون. بۇ دوكلاتنى يېزىۋاتقان ۋاقىتتا، يۇقىرىقى تور بەت 2016-يىلدىن كېيىن ئېلان قىلغان ھەر قانداق دوكلاتتىن، ئۇيغۇر نوپۇسى ياكى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا ئائىت سانلارنى چىقىرىۋەتكەن. ئۇنداقتا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلىدىكى نوپۇسىنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بەزى ئوخشاش بولمىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقساق، مەسىلەن، 2016-يىلى 10-ئايدىكى «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11.272 مىليون، 2017-يىل 12-ئايدىكى سوخۇ تورىنىڭ مەنبەسىدە ئۇيغۇر نوپۇسى 11 مىليون 330 مىڭ. شۇڭا، يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە ھېچقانداق نوپۇس ئاشمىدى، دەپ ھېسابلىساقمۇ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئاز دېگەندە 11.33 مىليون بولسا توغرا بولىدۇ.

يىللار1978198019901995200020052010201520172019
ئۇيغۇر نوپۇسى5.55535.76467.24957.88.52339.23510.171511.303311.3033

مەنبەسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ستاتىستىكا ئىدارىسى

بىرلىكى: مىليون

«شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسى» نىڭ سانىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرىچە ئائىلە كۆلىمى، ھەر بىر ئائىلىدە 3.26 ئادەم بار بولۇپ، book118.com تور بېتىدىكى ماقالىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە كۆلىمى، ئاز دېگەندە ھەر بىر ئائىلىدە 4.01 ئادەم بار. يۇقىرىقى سانلارغا ئاساسەن، ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە سانى 2.8254 مىليون، ھەر بىر ئائىلىدىكى ئادەم سانى، 4.01 ئادەم دېگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز.

ئۇنداقتا، 2017-يىلدىن تارتىپ 2019-يىلغىچە، 11.3 مىليون نوپۇستىن قانچىلىك ئادەم تۇتۇلغان؟

خىتايلار 2017-يىلدىن تارتىپ، ھەر بىر پەسىلدە ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە «نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» نى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئائىلىلەرنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىنى توپلىغان. (تۆۋەندىكى بەتتىكى نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى)

يۇقىرىقى جەدۋەل 2017-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرىقى جەدۋەلدىكى توپلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان.

شىنجاڭ قانۇن سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايلار يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى توپلىغاندىن كېيىن، ئاساسلىق قىلىپ تۆۋەندىكى 10 خىل ئۇچۇرنى ئۇيغۇرلارنى لاگېر ئېلىپ كېتىشتىكى ئاساسى قىلغان.

— 15-55 ياشقىچە 

–مىللىتى ئۇيغۇر بولغانلار

–خىزمىتى يوقلار

–پاسپورت بارلار

–ھەر كۈنى ناماز ئوقۇيدىغانلار

–دىندىن تەلىماتى بارلار

–26 دۆلەتكە چىقىپ باققانلار

–چەتئەلگە چىقىپ باققانلار

–ئۆيىدە بالىلىرى مەكتەپتىن چېكىنگەنلەر

–ماشىنىسى بارلار

يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ خالىغان بىرىگە توشىدىغان ئادەملەرنى گۇمانلىق دەپ قاراپ، لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن.

يۇقىرىقى جەدۋەلگە قارىساق، بۇ جەدۋەلنى مەيلى كىملا توشقۇزمىسۇن، ھەر قانداق ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ياكى بىردىن كۆپ ئادەمنىڭ يۇقىرىقى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ياكى بىر قانچىسىگە توشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئەمەلىيەتتىمۇ، مەيلى بۇ جەدۋەلنى توشقۇزغان ئادەمنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ھۆكۈمەتكە ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزاسى بولسۇن، ياكى ناماز ئوقۇيدىغان دېھقان بولسۇن، مەيلى ئۇ سودىگەر ياكى مەيلى ئىشچى بولسۇن، مەيلى ماشىنىسى بار ياكى يوق بولسۇن، مەيلى پۇلى بار چەتئەلگە چىقىپ باققان، ياكى پۇلى يوق چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان ئادەم بولسۇن، مەيلى چەتئەلدە تۇغقىنى ياكى ئوقۇيدىغان باللىرى بار ئادەم بولسۇن، ياكى چەتئەل بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئادەم بولسۇن، جەدۋەل ئۆز ئىختىيارى ئارقىلىق ئەمەس، ناھايىتى قورقۇتۇش، تەھدىت ۋە مەجبۇرلاش ئاساسىدا توشقۇزۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى 10 ئاساسلىق ئەھۋالنىڭ دائىرىسى بەك كەڭرى بولغاچقا، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ياكى بىردىن كۆپ ئائىلە ئەزاسى، يۇقىرىقى 10 كاتېگورىيەنىڭ بىرى ياكى بىر قانچىسىگە ئۆزىنىڭ توشىدىغانلىقىنى ئەينەن مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە، مەيلى كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، يۇقىرىقى 10 كاتېگورىيەنىڭ خالىغان بىرىگە توشقان ئادەمنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن.

ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى 11.33 مىليون، ئائىلە سانى 2.8254 مىليون، ھەربىر ئائىلىدە 4.01 ئادەم بار دەيلى. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار ۋە گۇۋاھلىق بېرىشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر بىر ئائىلىدىن تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 1، 2 ، 3 ھەتتا 4 ئادەم تۇتۇلغان ئەھۋاللار بار. ئۇنداقتا يۇقىرىقى پاكىتقا ئاساسەن، ئەگەر ھەر بىر ئائىلىدىن تۇتۇلغانلارنىڭ سانىنى ئوتتۇرىچىلاشتۇرۇپ، بۇنى 1، 1.5، 2، ياكى 2.5 دەپ ئويلىساق، ئومۇمىي تۇتۇلغان ئادەمنىڭ سانى تۆۋەندىكىدەك:

2017-يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇس: 11.33 مىليون (شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسى)

2019-يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (مىليون)2017-يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (مىليون)ھەر بىر ئائىلىدىن ئوتتۇرىچە تۇتۇلغان ئادەم سانى
8.50462.82541
7.09194.23811.5
5.67925.65082
4.26657.06352.5

ئۇنداقتا، 2017-يىلدىن تارتىپ 2019-يىلغىچە، ھەربىر ئائىلىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 2.8254 مىليون، ئەڭ كۆپ بولسا 7.0635 مىليون بولۇشى مۇمكىن. 2019-يىلى 2017-يىلدىن كېمىيىپ، قېلىپ قالغان نوپۇسى ئاز دېگەندە 4.2665، كۆپ بولغاندا 8.5046 مىليون. ئەگەر، ستاتىستىكا نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، ئەڭ چوڭ سان بىلەن ئەڭ كىچىك ساننى چىقىرىۋەتسەكمۇ، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4.2381-5.6508 مىليونغىچە.

بىز نۆۋەتتە تۇتۇلغان ئادەم سانىنىڭ ئەمەلىيەتكە قانچىلىك يېقىنلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشساق، بىز تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆرەلەيمىز.

1. نوپۇسنىڭ ھەقىقەتەن 4.3 مىليون بىلەن 5.5 مىليوننىڭ ئارىلىقىدا كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1-2 مىليون ئەتراپىدا بولسا، بۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10% -20% نى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر رېئاللىق مۇشۇنداق بولسا، خىتايلار ھەقىقىي نوپۇسنى بۇرۇنقىدەك ئېلان قىلىۋەرگەن تەقدىردىمۇ، ئادەتتە نوپۇس ستاتىستىكىسى قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، نوپۇسنىڭ زادى قانچىلىك كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقاش ئىنتايىن قىيىن. نەتىجىدە خىتاينىڭ نوپۇسنى يوشۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. 

ئەگەر، ھەر بىر ئائىلىدىن 1.5 -2 گىچە ئادەم تۇتۇلۇپ، يوقالغانلارنىڭ سانى ئەگەر 4.2381-5.6508 مىليونغىچە بولسا، ئۇيغۇر نوپۇسى 2 يىل ئىچىدە 11.33 مىليوندىن، 5.5 مىليون ئەتراپىدا چۈشۈپ قالدى دېگەن گەپ. يەنى بۇ سان ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40% -50 % گىچە يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ نوپۇسنى بۇرۇنقىدەك ئېلان قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. 

2019-يىلدىن بېرى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردە باشقا بىر ئوبرازدا تونۇشتۇرماقتا، مەسىلەن «ئۇيغۇرلارنى تۈرك قوۋمىدىن ئەمەس، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خاس دىنى ئەمەس، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتسىز، تېررورچى» دېگەندەك. تەشۋىقات ئۈچۈن، خىتايلار ھەر خىل ماتېرىياللارنى تارقىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايلارنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ چەتئەلدە تارقىتىۋاتقان گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرىدىن بىرى، «ئۇيغۇر» دېگەن سەنئەت بۇيۇمىنىڭ ئارقىغا قاراپ باقساق، ئۇنىڭدىكى بىر سان، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يەنى، تۆۋەندىكى رەسىم:

يۇقىرىقى سەنئەت بۇيۇمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، 7.21 مىليون دەپ يېزىلغان. بۇ سان 2019-يىلغا كەلگەندە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نېمە ئۈچۈن 11.33 مىليوندىن تاسادىپىي 7.21 مىليونغا چۈشۈپ قالدى، دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز لاگېردا تۇتۇلغان ئادەملەرنىڭ سانىنى تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلەش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ئېلىپ باردۇق. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە تور بەتلىرىنىڭ بىردەك ئاۋازدا، 2018-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تۆۋەن قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، پروگرامما ئىشلىگۈچى مەھدى ھەسەن، جۇڭگو ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋىكتور گاۋ دېگەن خىتاي بىلەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنى لاگېر توغرۇلۇق زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە، ۋىكتور گاۋ نۆۋەتتىكى لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تۆۋەنلىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغان سانى توغرىسىدىكى دوكلاتلار ئەمەلىيەتكە ماس قالمايدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 6 -7 مىليون، ئەگەر 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتۇلدى دېسەك، بۇ ئەقىلگە سىغمىغان گەپ …»

بۇ تۇنجى قېتىم، يەنى 2018-يىل 9-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى 6-7 مىليون دەپ تىلغا ئېلىشى. بۇ سان دەل ھۆكۈمەتنىڭ 2015-يىلدىكى ئېلان قىلغان 11.33 مىليون سانىدىن 4.33-5.33 مىليون ئاز ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

يەنە ئوخشاش مەزگىللەردە، خىتاي زىيالىيلىرىمۇ ئاستا-ئاستا يازمىلىرىدا «ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى 7.21 مىليون» دەپ يېزىشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن، «جۇڭگودىكى مۇزىكا تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى» دېگەن ماقالىدە، يازغۇچى شىڭ چۈنرۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 7.21 مىليون دېگەن ساننى تىلغا ئالغان.

بىز Google دىن ياكى baidu.com دىن «维吾尔族人口721万» دېگەن سۆزنى ئىزدەيدىغان بولساق، 86400 ئۇچۇرنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە، كۆپ قىسمى 2017-يىلدىن 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 7.21 مىليون دېگەن ساننى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، تۆۋەندىكى ھۆكۈمەت ۋە ھەر خىل ئورگان تور بەتلىرىگە قاراپ باقايلى.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى «گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش» دېگەن بىر ھۆكۈمەت تور بېتىدە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇيغۇر نوپۇسى 7.21 مىليون دەپ يېزىلغان.

2019-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى، yidianzixun.com دېگەن تور بېتىدە، «ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نوپۇسىنى بىلمىگەنلەر كۆرۈڭلار» دېگەن يازمىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 7.21 مىليون دەپ يازغان.

ئەمەلىيەتتە، 7.21 مىليون دېگەن سان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى، 1990-يىلدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى يەنى 7.2495 مىليون دېگەن سانغا توغرا كېلىدۇ. 

2. 2017-يىلدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى بارلىق ستاتىستىكا سان-سىپىرلارنى، بارلىق دوكلات، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، تېلېۋىزىيە، رادىئو، ھەر خىل تور بەت، گېزىت-ژۇرناللاردىن، ۋە باشقا بارلىق ئاخباراتلاردىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

مەسىلەن، «دۇنيا نوپۇس قامۇسى» تور بېتى بولسا، خىتايلاردا نەشر قىلىنغان، ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېتى بولۇپ، ئۇنىڭ «2018-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى قانچىلىك، GDP قانچىلىك، شۇ يىلدا تۇتۇلغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىرىم ئەھۋالى» دېگەن چوڭ دائىرىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

2018-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋۇ لوڭ دېگەن خىتاي بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «2017-يىلىنىڭ شىنجاڭ خەلق ئىگىلىگىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن چوڭ تىپلىق دوكلاتتىمۇ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىلغا ئالمىغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىنكى بارلىق دوكلاتلىرىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئائىت مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن. مەسىلەن، «2018-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ستاتىستىكىسى» دېگەن چوڭ دائىرىدىكى دوكلاتىدىنمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئائىت كونكرېت سانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. 

2018-يىلى 8-ئايدا، خىتايلارنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىشلىگەن، «这里是新疆» دېگەن چوڭ تىپتىكى 3 قىسىملىق ھۆججەت فىلىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ياشلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي كۆتۈرەڭگۈلۈكىنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار، شىنجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشتىكى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولغاچقا، گەرچە ئاپتور فىلىمنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتالمىسىمۇ، لېكىن بىر قىزىقارلىق يېرى، ئاپتور پۈتۈن فىلىمنىڭ باشتىن ئاخىرغىچە، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى بىر قېتىممۇ ئاغزىغا ئېلىپ قويمىغان. بۇ فىلىمدا، ئۇيغۇر دېگەن گەپكە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر ئاتاش «新疆人» بولۇپ قالغان.

بىز يەنە، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قاراپ باقساق، يۇقىرىقى يەكۈننىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. مەسىلەن، بىز خىتاينىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر ئىزدەش تور بېتى بەيدۇ، سوخۇ، شىنجاڭ ھۆكۈمەت تور بېتى – تەڭرىتاغ تور بېكىتى، ۋە بارلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلارنىڭ ھۆكۈمەت، ئورگان تور بەتلىرىگە ئېلىپ بېرىلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى بايقىدۇق.

يەنى، 2017-يىلدىن كېيىن، خىتايلارنىڭ ئاخباراتلىرى، ھۆكۈمەت تور بەتلىرى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، ۋە باشقا بارلىق يازمىلاردا، «ئۇيغۇرلار» دېگەن سۆزنى قوللىنىش ياكى تىلغا ئېلىش ئەمەلدىن قالغان. ھازىر ھەر قانداق ئېلان قىلىنغان مەيلى خەۋەر بولسۇن، مەيلى باشقا ماقالىلەر بولسۇن، ھېچقايسىسىدا، «维吾尔族» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنمايدىكەن. ئەگەر ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىرەر نەرسە يېزىلسا، بىۋاسىتە شەخسنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدىكەن، لېكىن ئۇنى «ئۇيغۇر» دەپ ئەسكەرتىدىغان ئادەت پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

دېمەك، 2017-يىلدىن كېيىن، مەيلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بولسۇن، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا، بۇرۇن لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق سانلارنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويمىغان ياكى يوشۇرۇشقا تىرىشقان.

بۇ خىل يوشۇرۇشنى بىز تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرسەكمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق تۇرىدۇ. يەنى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4-5 مىليونغىچە بولۇپ، بۇ ئىنتايىن كۆپ سان بولغاچقا، خىتايلارغا نىسبەتەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتايلارنى بىر تەڭلىككە قويىدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق يەكۈنگە كېلىشمۇ ئىنتايىن لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇپ تۇرماقتا. 

ئۇنداقتا، بىر تەرەپتىن، 2017 يىلدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، «维吾尔族» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىش ئەمەلدىن قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 2018-يىلدىن باشلاپ مەيلى ھۆكۈمەت خادىمى، ياكى خىتاي زىيالىيلىرى، ياكى ھۆكۈمەت ۋە باشقا تور بېكەتلىرى بولسۇن، بىردەك ئاۋازدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى 7.21 مىليون دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىرى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي تىلغا ئالماسلىق، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر نوپۇسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان سان 2017-يىلدىكى 11.33 مىليوندىن ساندىن دەل 4.12 مىليون كەم. بۇ سان نەگە يوقاپ كەتتى؟

خىتايلاردا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان، ۋە بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتايلار نۇرغۇن ئەھۋالدا بىرەر سىياسەتنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى سىناش ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرنى ئالدىن جەمئىيەتكە تارقىتىپ كۆرىدۇ. ئاندىن ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، شۇ خىل سىياسەتنى يولغا قويۇش ياكى قويماسلىق توغرىسىدا بىرەر قارارغا كېلىدۇ. ھازىر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى 7.21 مىليون دەپ ھەر خىل مېدىئالاردا تېز تارقىتىشى، كېيىنكى قەدەمدە ئۇيغۇر نوپۇسىنى 7.21 مىليون دەپ رەسمىي ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا كېرەك.

ئادەتتە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نوپۇس ئۆچۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆچۈرۈلگەن سان ئومۇمىي نوپۇسقا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. ئۇنداقتا بۇ 4.12 مىليون نوپۇس قەيەرگە يوقاپ كەتتى؟ بۇلار ئۆلگەنلەرمۇ ياكى تىرىكمۇ؟ ئەگەر تىرىك بولسا نېمە ئۈچۈن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ؟

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

[1] 新疆维吾尔自治区最新人口数据

http://www.chinaislam.net.cn/cms/news/media/201610/30-10538.html

[2] 维吾尔族

http://www.gov.cn/guoqing/2015-03/18/content_2835615.htm

[3] 新疆概况

http://www.chinadaily.com.cn/dfpd/2009-10/13/content_8788206.htm

[4] 新疆维吾尔族人口有多少

https://zhidao.baidu.com/question/493348353873703012.html

[5] 新疆维吾尔自治区最新人口数据!

http://www.sohu.com/a/210155220_814674

[6] 2018年新疆维吾尔自治区国民经济和社会发展统计公报

[7] 中国各民族人口总数排名 排行榜 有多少

http://www.chamiji.com/201803071989.html

[8] 中国家庭数4.3亿户居世界之首 平均每家3.02人

https://new.qq.com/rain/a/20140514045541

[9] 对乌鲁木齐市族及维吾尔族居民家庭体育消费的比较研究

https://max.book118.com/html/2017/0613/114674100.shtm

[10] 2018 Report on International Religious Freedom: China: Xinjiang

[11] China Running ‘Concentration Camps’ for Millions of Muslims, Pentagon Says

https://www.military.com/daily-news/2019/05/03/china-running-concentration-camps-millions-muslims-pentagon-says.html

[12] 世界人口大全:2019年新疆维吾尔族自治区人口有多少 2018年GDP数据 历史人口出生死亡人均收入数据

http://www.chamiji.com/2019051211514.html

[13] [新疆]2018年新疆维吾尔自治区国民经济和社会发展统计公报

[14] 凤凰网:有关新疆的十个基本常识

http://news.ifeng.com/a/20150930/44771051_0.shtml

[15] Al Jazeera English: Has China detained a million Uighur Muslims? | UpFront (Arena)

[16] 邢春如:中国音乐发展概况

https://books.google.com/books?id=KY-EDwAAQBAJ&pg=PT73&lpg=PT73&dq=%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E6%97%8F%E4%BA%BA%E5%8F%A3%EF%BC%8C+721%E4%B8%87&source=bl&ots=W_OwdF4UwT&sig=ACfU3U3huPrm-rkPA6C8860TqqZo0t9N6Q&hl=en&sa=X&ved=2ahUKEwit1evZ4uTkAhVRKa0KHTJtAEkQ6AEwAnoECB0QAQ#v=onepage&q=%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E6%97%8F%E4%BA%BA%E5%8F%A3%EF%BC%8C%20721%E4%B8%87&f=false

[17] 广西建设工程质量检测试验协会:中国56个民族的简介、禁忌及习俗(十七)

http://www.gxcic.net/gxjcxh/shownews.asp?newsid=957

[18] 不知道五十六个民族分布及人口的快来看看,收藏给孩子看

https://www.yidianzixun.com/article/0LS2RRaz?s=browserappid=browsernet=4gdistribution=oppoutk=V2_2KT0RCLXIz31OioBqGLHXJiYQMjEeLVhVP_aeTGDqx0__barStyle__=1_1__fromId__=8000__statParams__=sourceMedia__source__=yidiansourceMedia=yidian__cmtCnt__=0__styleType__=2__publisher_id__=_36jPt4EyFN9L2Fm7h2dmwopenv=__pf__=detail%E8%AF%84%E8%AE%BA%E8%AF%B4%E6%B6%9B%E8%BF%87%E4%BA%86%F0%9F%98%82%E8%BF%99%E5%87%A0%E5%A4%A9%E6%B2%A1%E5%92%8B%E6%B0%B4db%EF%BC%8C%E8%84%B1%E8%8A%82%E4%BA%86%F0%9F%98%AD&appid=

[19] “文学城”: 新疆维吾尔自治区民族,人口资料大全

https://blog.wenxuecity.com/myblog/36167/200806/21188.html

[20] 六十年礼赞——献礼新疆成立60周年

https://wenku.baidu.com/view/1a9b887fba68a98271fe910ef12d2af90242a88c.html?rec_flag=default&sxts=1570389977720
Share
1825 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.