logo

trugen jacn

شەرقى تۈركىستاندا 2014-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى

26132ca6-9efc-413d-b685-af08b9ca2add

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

شەرقى تۈركىستاندا  2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر يىل بولۇش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. خەلقئارادا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلەردىن 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم، 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ھۇجۇمى، 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى، 28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدىكى ئىسيان، 30-ئىيۇل ھېيتگاھ جامەسى ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن باشقا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنغان ۋەقەلەر 30 دىن ئاشقان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھۇجۇملىرىنى خەلقئاراغا تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر لار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۆۋەندە بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغانلىرىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

1. 15-يانۋار ئاقسۇ ئاۋات يېڭى ئېرىق ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن. رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ناھىيە ۋە يېزىلىق ساقچى خادىملىرىدىن ئېنىقلىشىچە، 3 نەپەر پىدائىي 15-يانۋار چارشەنبە كۈنى ساقچىخانا ئالدىدا گۆزەتتە تۇرغان ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچىغا ئورغاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يارىلاندۇرغان. خىتاينىڭ رەسمىي ساقچىلىرى ساقچىخانا ئىشخانىسىدىن ئوق چىقىرىپ، ساقچىخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان ئۈچ نەپەر پىدائىينى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.

2. 24-يانۋار ئاقسۇ توقسۇدىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى:

1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيە بازىرىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىبراھىم قاھار باشچىلىقىدىكى 17 نەپەر پىدائىيدىن، 6 نەپىرى ھۇجۇمغا ئاتلىنىش ۋە نىشانىغا زەربە بېرىش داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ 6 نەپىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن؛ 5 نەپىرى ئەسىر ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17 نەپەر پىدائىينىڭ بىر قىسمى ئىبراھىم قاھار باشچىلىقىدا 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 3 موتسىكلىت بىلەن، توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى كۆكتات بازىرى ۋە بىر ھۆسن تۈزەش سالونىغا ھۇجۇم قىلغان. پىدائىيلاردىن ئىككى نەپىرى ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان.

3. 14-فېۋرال ئۇچتۇرپان توققۇزاق بازىرى كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان توققۇزاق بازىرىدا يۈز بەرگەن كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 11 ئادەم ئۆلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەخمۇت توختى باشچىلىقىدىكى 13 كىشىلىك بىر پىدائىيلار گۇرۇپپىسى 6 ئايدىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىدىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەييارلىقىنى قىلغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى، يەنى 14-فېۋرال كۈنى ئۇچتۇرپان بازىرىدا كوچا چارلاۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

رادىئومىز مۇخبىرى يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلار گاز باكلىرىنى قورال سۈپىتىدە قوللىنىپ 5 دانە ساقچى ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلاردىن 8 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن؛ قورشاۋدا قالغان 3 نەپەر پىدائىي ئۆزلىرىنى پارتلىتىۋالغان؛ ئۆزىنى پارتلىتىشتا خىتاي تەرەپتىن ئىككى ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا بولۇپ 4 كىشى يارىلانغان.

4. 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم:

1 – مارت كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا قارا نىقاب كىيگەن بىر گۇرۇھ كىشى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا شىددەتلىك پىچاق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمنىڭ نىشانى خىتايلارغا قارىتىلغان بولۇپ، تاكى 2 – مارت شۇ يەر ۋاقتى كېچە سائەت 01:00 گىچە بولغان بىرقانچە سائەتلىك ھۇجۇمدا جەمئىي 34 ئادەم ئۆلگەن، 140 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

شىنخۇا خەۋەر تورى پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ جەمئىي 8 نەپەر كىشىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى، ۋەقەنى ئابدۇرېھىم قۇربان قاتارلىق 8 كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئەر، 2 نەپىرى ئايال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر يەنە ئەينى چاغدىكى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپەر ئەر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بىر نەپەر ئايالنى يارىلاندۇرۇپ تىرىك تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتكەن.

ئەينى چاغدا، 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىكى قالغان 7 گۇماندارنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىنمىغان. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر گۇماندارلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار، ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت ۋە پاتىگۈل توختى.

بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچ نەپىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قۇرۇش، يېتەكلەش ۋە پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن، پاتىگۈل توختى بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئىيۇن سوتلانغان 3 ئەر گۇماندار ۋەقە سادىر بولغان مەيداندا يوق بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلگىنىدەك ۋەقەدىن بۇرۇن 27-مارت كۈنى تۇتۇلغان. ۋەقە ھەققىدىكى كونا-يېڭى ئۇچۇرلاردا بۇ 8 نەپەر پىدائىينىڭ ئاۋۋال چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ 3 نەپەر سەپدىشى تۇتۇلغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىشتىن ۋاز كېچىپ مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىغان ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىلا 30 دىن ئاشقان.

ھەر خىل قارشىلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭغا يەتكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور قىسمى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رايونلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن زەربە بېرىلىش ئوبيېكتى قىلىنىشى قاتارلىق ئامىللار رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان.

2014-يىل 4-5 ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قارشىلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىدىن، ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن «13-ئاپرېل كەلپىن نارازىلىق نامايىشى»، «30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى» ۋە «22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى» قاتارلىقلار خەلقئارا مەتپۇئاتلاردا مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بىرقەدەر زور ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان باشقا قارشىلىق ۋەقەلىرىمۇ نەچچە ئونغا يەتكەن. بۇلاردىن تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە.

1. 12-ئاپرېل 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ۋە 13-ئاپرېل كەلپىن نامايىشى

12-ئاپرېل كېچىدە ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە موتسىكلىت مىنگەن17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىت قىزىل چىراقتا توختىمىدى دېگەن باھانىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ قورالىغا ئېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى دەپ ئىزاھلاندى. ئەمما ۋەقە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئابدۇلباسىتنىڭ ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قەستەن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئابدۇلباسىت يىقىلغان ئازگالدىن ساقچىلار ئاتقان 18 پاي ئوق مىشىكى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 13-ئاپرېل سەھەر سائەت 5:00 ئەتراپىدا كەلپىن ساقچى ئىدارىسى ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى جامائەتنى چاقىرمايلا دەرھال دەپن قىلىۋېتىشنى بۇيرۇغان. نەتىجىدە بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم‏- قوشنىلىرى ۋە جامائەتتىن 400 كىشى مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.نامايىش جەريانىدا ساقچىلار مېيىتنى تارتىۋېلىپ، يوشۇرۇن دەپن قىلىۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە جامائەتتىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ۋەقەدىن كېيىن كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە باشقا خەۋەر خەۋەر بېرىلمىگەن.

2. 14-ئاپرېل خوتەن لاسكۇي يېزىسىدا ئىككى كەنت كادىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى

14-ئاپرېل كۈنى خوتەننىڭ لاسكۇي يېزا ئارغول كەنتىدە پەرەنجىلىك بىر ئايالنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان كەنت سېكرېتارى مەتتۇداخۇن ۋە ئىككى ياردەمچى ساقچى ئايالنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خوتەن دائىرىلىرى 19 ياشلىق گۇماندار يارمەمەت ئابدۇللانى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 100 مىڭ سومدىن 200مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما جىنايەت گۇماندارلىرى تېپىلمىغان.

3. 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسى

30-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلۈپ، 79 كىشى يارىلاندى دېيىلگەن. ۋەقەنى بىر قېتىملىق چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بايان قىلغان خەۋەردە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋوگزالدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرگە پىچاق ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى يېزىلغان.

8-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 13 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان.

4. 20-ماي كۇچار ئالىقاغا نامايىشى

20-ماي كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا يۈز بەرگەن قالايمىقان ئادەم تۇتۇشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا 5 كىشىگە ئوق تەككەن، ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن.

خىتاي تەرەپتىن بازار باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلانغان.

نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر 5-ئاي مەزگىلىدە كۇچا ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ھەرقايسى يېزىلاردا يۈزىنى ياپقان، ئۇزۇن ياغلىق سالغان ياكى ساقال قويغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللار بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا سولاپ قويۇلغان. بۇ سەۋەبتىن 20-ماي سەھەردە قاماپ قويۇلغان قىز-ئاياللارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەزەپلەنگەن ئامما بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىشىپ، قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىش كېيىن توقۇنۇشقا ئايلانغان. ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بېسىقتۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.

5. 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى

22-ماي ئۈرۈمچىدە «شىمالىي باغچە يولى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن. خىتاي تەرەپ پارتلاشتا 31 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 5 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇلارنىڭ 4 ئى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغان بىر نەپىرى تىرىك تۇتۇلغان. دائىرىلەر نۇرئەخمەت ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ بورتالادا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ۋەقەنى«تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكىتى تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ۋە ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇم دەپ تەرىپلەندى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 25- ماي تاڭ سەھەردىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىققا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئالغان. قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان. دائىرىلەر كېيىن بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئاتالمىش 23 تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكال گۇرۇھىغا مەنسۇپ كىشىلەر دەپ خەۋەر بەردى.

6. 28-ماي قەشقەر پىچاقلىق ھۇجۇمى

28-ماي قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىۋېتىلگەن. ۋەقە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنى پويىز ئىستانسىغا ماڭىدىغان يولدا يۈز بەرگەن.

ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار 18 ياشلىق بالىلار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردا سودا قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

7. 29-ماي توقسۇ ئىچېرىق يېزىسى قارىتاش ۋەقەسى

29-ماي توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، شى ئىلى ئىسىملىك خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت ساقچى يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ئىسىملىك ئاكا-ئۇكىلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا جان ئۈزگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى توقسۇ ناھىيىسىدە دورىسى ئېلىۋېلىنىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە ياغىچى بايقىغان. خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 29-ماي گۇماندار ئىمىن تۆمۈرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۆيدىكىلەردىن ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ۋە ياسىن ئوسمان قاتارلىقلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن شى ئىلى ئىسىملىك رازۋېدچىك نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 4 نەپىرى يارىلانغان. ھۇجۇمچىلاردىن ئىمىن تۆمۈر ۋە راخمان تۆمۈر ئاكا-ئۇكىلار ئوقتا ئۆلگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

8. 29-ماي پەيزىۋات مىشا يېزىسىدا ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىش ۋەقەسى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقە 9-ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىندى. دائىرىلەر پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا «29‏-ماي ۋەقەسى» نى سادىر قىلغان 4 نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر «تېررورلۇق شايكىسى» ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىلى خۇڭجاڭ بولۇپ، ئۇ «قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى» غا باشلىق بولۇپ پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى ئىلى خۇڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن.

2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ۋەقەلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىلدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ خىل قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2014-يىل 30-ئاپرېل ئېلان قىلغان 2014‏-يىللىق دوكلاتتا، دۇنيادىكى 33 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان. دوكلاتتا 2013-2014-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ھالەتتە ئىكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىل كىرگەندىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن

2014-u1212-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دائىرىلەر ئاتالمىش بىر يىلغا سوزۇلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئەمما 6 – ئايدىن كېيىن يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشى، توقۇنۇشلار ۋە خىتاي ساقچى، پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى 20 دىن ئېشىپ كەتتى.

تۆۋەندە بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە تەسىرى نىسپەتەن چوڭ بولغان بىرقانچە ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

1. 5 – ئىيۇن خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن بومبا ياسىغۇچى ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش:

5 – ئىيۇن كۈنى خوتەننىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا بومبا ياساش گۇمانى بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن 3 نەپەر گۇمانداردىن ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى بىلەن قاھار ھېمىت قاراقاش ناھىيىسىدىن. ئۇلار خوتەن يېڭىئاۋاتتا يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قورشاۋغا ئېلىنغان.

2. 14 – ئىيۇن مەكىت ساقچىلارنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 14 – ئىيۇن كۈنى مەكىتنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى 6 – كەنتىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كېچىچە سوراق قىلىنغان قەيسەر قۇربان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش ئىككى خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.

قۇمقۇسارنىڭ 6 – كەنتىدىن بولغان گۇماندار قەيسەر قۇربان، شۇ كۈنى كېچىدە تۈرمىدە ئىقرار قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆيىگە يالاپ ئەكېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى كويزىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى ئاتالمىش ھۇجۇم ئەسۋابلىرىنى تېپىشقا سالغان. بۇ جەرياندا قەيسەر 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر خەنجەرنى ئېلىپ ئىككى ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ بىرسى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە بىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆلگەن. قەيسەر قۇربان ھويلىدىكى باشقا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

3. 20 – ئىيۇن خوتەن قارىقاش ماڭلاي ۋەقەسى:

خىتاي دائىرىلىرى 20 – ئىيۇن جۈمە كۈنى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق ماڭلاي يېزىسىدا 5 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇچۇر خوتەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق» ھەققىدىكى ئاممىۋى ئۆگىنىش ماتېرىيالىدا ئاشكارىلانغان. بىراق ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان.

ماڭلاي يېزىسىدىكى كەنت باشلىقى ئاتاۋۇللا قاسىم رادىئومىزغا ئاشكارىلىغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20 – ئىيۇن كۈنى ماڭلاي يېزىسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 ساقچى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، 3 ساقچى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

4. 21 – ئىيۇن يەكەن ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى:

يەكەن ئىشقۇل ساقچىخانىسىدا بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى يارىلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىشقۇل يېزىسىنىڭ قاراقۇم كەنتىدىكى 22 ياشلىق بىر گۇماندار، 21 – ئىيۇن كۈنى ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغان. سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن گۇماندار ساقچىخانىدىن چىقىش ئالدىدا يېنىدىكى پىچاقنى چىقىرىپ، ساقچى خادىمى تاۋ يۈەنجىڭ بىلەن ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان.تاۋ يۈەنجىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەن ۋە دىڭ فېڭ ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. گۇماندارنىڭ 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋالى نامەلۇم.

5. 21 – ئىيۇن قاغىلىقتا خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

21 – ئىيۇن شەنبە كۈنى يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاپتوموبىل بىلەن خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن قاغىلىق ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە بېسىپ كىرىپ، ئاپتوموبىلنى پارتلىتىپ 3 خىتاي ساقچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر ھۇجۇم «22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتمۇ – قات كۈچەيتىلگەن مەزگىلدە يۈز بەردى.

6. 8 – ئىيۇل غۇلجا كۈنەس ساقچىلارنىڭ مەسچىتتە قازان چېقىشىغا قارشى توقۇنۇش:

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رامىزان ئېيى باشلىنىپ، 8 – ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 لاردا غۇلجا كۈنەس ناھىيىسى نارات يېزىسى 7 – كەنتىدىكى مەسچىتتە يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى باشچىلىقىدا بىرنەچچە نەپەر يېزا كادىرى ۋە ساقچىلارنىڭ مەسچىتتىكى ئوچاق ۋە قازاننى چېقىۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قارشىلىق بىلدۈرگەن مەسچىت جامائىتىدىن 30 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.

7. 9 – ئىيۇل ئۇچتۇرپان ئىماملىرىم يېزىسىدا خىتاي يەر ھۆددىگىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى:

7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 6 نەپەر خىتاي كۆچمەن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەپىرى ئېغىر يارىلانغان. ئاقسۇ ج خ ئورگانلىرى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 نەپەر گۇماندارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يەتتە گۇمانداردىن ئۈچى تۇتۇلغان، بىرى ئېتىۋېتىلگەن، قالغان ئۈچى تېپىلمىغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلار مەزكۇر يېزىغا 2005 – يىلدىن كېيىن ئورۇنلاشقان ۋە پۈتۈن يېزا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىنراق قىسمىنى ئىگىلىگەن ئاتالمىش يەر خوجايىنلىرى.

8. 18 – ئىيۇل يەكەن بەشكەنت يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە بىر ئائىلىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى:

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار شۇ يېزىنىڭ 18 – كەنتىدىكى ھىجابلانغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھىجابىنى زورلۇق بىلەن ئېچىشقا ئۇرۇنغان. مەزكۇر ئائىلىدىكىلەر بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ نەق مەيداندا بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەيلا تولۇق قوراللانغان ساقچىلار بۇ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆي ئىچىدىكى چوڭ – كىچىك كىشىلەرنى ئوققا تۇتقان. نەتىجىدە بۇ ئائىلىدىكى 71 ياشلىق بوۋاي، 7 ياشلىق بىر سەبىي بالا، بىر ئايال ۋە ئىككى ئەر كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر ئائىلە ئەزالىرى بىراقلا ئۆلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن موتسىكلىت مىنگەن بىر ئۇيغۇر ياش ئۇچقاندەك كېلىپ ساقچىلارغا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، يەنە بىر ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن.

9. 25 – ئىيۇل توقسۇ تاشېرىق يېزىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى

يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر روزا ھېيت ھارپىسىدا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق يېڭىئاۋات كەنتى بىلەن يۇلتۇزباغ يېزىسىغا قاراشلىق غولئېرىق كەنتلىرىدە قوراللىق باسقۇن ئېلىپ بارغان.

25 – ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان يېڭىئاۋات كەنتىدىكى قوراللىق باسقۇندا ئاز دېگەندە 11 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 28 – ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان غولئېرىق كەنتىدىكى باسقۇندا بىر ئائىلە كىشىلىرى قەتلىئام قىلىنغان.

10. 28 – ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرى ئىسيانى

خىتاي دائىرىلىرى 28 – ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ يېزىسىدا ئىسيان يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 30 نەچچە نەپىرى خىتاي، قالغان 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنى «تېررورلۇق»دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردا ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا روزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ئىسياندا 2000دىن 3000غا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

28 – ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2014 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قانلىق ۋەقە دەپ ئاتالدى.

يەكەن ئىسيانىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»گە چېتىشلىق كىشىلەرنى «تېررورلۇق»، «زوراۋانلىق» بىلەن ئەيىبلىدى.بىراق ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، ئۇ توغرىلىق تورغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رېھىمنى«پىتنە – ئىغۋا» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرلىرىدە «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

11. «30 – ئىيۇل ھېيتگاھ ئىمامىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى»

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قەشقەر ھېيتكاھ مەسچىتى ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ 30 – ئىيۇل كۈنى ھېيتكاھ مەيدانىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى يەنى 31 – ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر ھېيتكاھ مەسچىتى ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ 30 – ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە ھېيتكاھ مەيدانىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۆلۈمىگە چېتىشلىق دەپ قارىغان ئىككى گۇماندارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى،بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

12. ئاۋغۇست ئېيىدا ئاقسۇ ئايكۆلدە 3 نەپەر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى:

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8 – ئاي مەزگىلىدە ئاقسۇ ئايكۆلدە 3 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ بىرى 16 – ئاۋغۇست ئېتىزلىقتا سۇ تۇتۇۋاتقاندا ھېچ سوئال – سوراقسىزلا ئېتىۋېتىلگەن تۇنياز قاسىم. يەنە بىرى بۇ يىل 21 – ياشقا كىرگەن تاكسى شوپۇرى ئۆمەر ئابلا. ئۇ 19 – ئاۋغۇست ئاقسۇ شەھىرىگە تاكسى ھەيدەپ كىرىپ كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە ئېتىۋېتىلگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان ياسىن ئاۋۇت بولسا ئۆيىدە تاماق يەپ ئولتۇرغاندا ئېتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يەرلىك خادىملارغا دېيىشىچە، ياسىن ئاۋۇت ئېتىۋېتىلگەندە قولىدا ھېچنېمە يوق ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

*

13. 21 – سېنتەبىر بۈگۈر زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى:

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۈگۈردە 21 – سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 ئورۇندا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ پارتلاشلاردا 2 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۈگۈرنىڭ يېڭىسار بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئۆزىدىلا ئاز دېگەندە 12 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار شۇ كۈنى يېڭىسار بازارلىق ساقچىخانىنى قورشاۋغا ئېلىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە ساقچىلاردىن 3 نەپەر، ھۇجۇمچىلاردىن 7 نەپەر، ۋە ئاھالىلەردىن 2 نەپەر كىشى ئۆلگەن.

14. 12 – ئۆكتەبىر مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

خىتاي تەرەپ 12 – ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەن.

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر.

14. 28 – نويابىر يەكەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى :

خىتاي دائىرىلىرى 28 – نويابىر جۈمە كۈنى يەكەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا ۋەقەنىڭ 28 – نويابىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر خەۋىرىدە 10 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ پىچاق ۋە پارتلاتقۇچلار بىلەن يەكەندىكى بىر بازارغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 11 ئادەمنى نەق مەيداندىلا ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر 2014 – يىلى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر. 2014 – يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ جىقلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەر يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سىر بولۇپ تۇرماقتا.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-12082014171448.html

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-12112014165540.html

Share
2219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.