logo

trugen jacn

دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «1937/1957/2017»ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى

 

دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «1937/1957/2017» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 3-تومىدۇر.

«يەتتە» رەقىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىشەنچ-ئۇدۇمىدا «خاسىيەتلىك سان» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدا «يەتتە» رەقىمى بىلەن ئاخرىلاشقان يىلنامىلەر ھەرگىزمۇ «خاسىيەتلىك» بولمىدى، بەلكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك سەھىپىلەردىن بولۇپ قالدى.

مىلىتارىست شېڭ شىسەي 1937-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىغان بىرقانچە يىللىق زور تۇتقۇندا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى، تۈرمىگە قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى.

خىتاي كومپارتىيەسى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوزغىغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئىلى ئىنقىلابىدىن بۇيان يېتىشىپ چىققان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى قىرقىپ تاشلاندى.

2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇنغا تور يېيىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىدى. ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندى.

بۇ كىتاب ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان ئارخىپلار، ھۆججەتلەر ۋە تارىخىي ماتېرىياللارغا تايىنىپ، يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق زور تۇتقۇن ھەققىدە سىستېمىلىق ئۇچۇر بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ ئۈچ قېتىملىق زور تۇتقۇننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، مەخپىي پىلانلىنىشى، ئېلىپ بېرىلىش جەريانى، قوللانغان ئۇسۇلى، كۆلەم-دائىرىسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە كەلتۈرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.

ئەگەردە يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى «يەتتە» رەقىمى بىلەن ئاخىرلاشقان يىلنامىلەردە يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق زور تۇتقۇن ۋە دەھشەتلىك تەقىبلەرنىڭ ئىچ يۈزى ھەققىدە ھۆججەتلىك، سىستېمىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ ئۈچىنچى تومى – «1937/1957/2017» غا مەرھەمەت قىلىڭ!

Share
2291 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.