logo

trugen jacn

ازاقسىتاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا نەچچە ئون كىشى قولغا ئېلىندى

بۇ يىل 4- سىنتەبىر، قازاقىستانلىقلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلماقتا.

قازاقسىتاندا يەنە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ساقچىلار نەچچە نەپەر نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، قازاقسىتاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرىدە شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشلاردا ساقچىلار نەچچە ئون كىشىنى قولغا ئالغان.

خىتاي قازاقىستاننىڭ قوشنا دۆلىتى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە سودا شېرىكى. بىر قىسىم خىتاي زاۋۇتلىرىنى قازاقىستانغا يۆتكەپ كېلىش پىلانى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

پايتەخت نۇرسۇلتان(ئاستانە) شەھىرى ۋە قازاقسىتاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئالمۇتادا، شەنبە كۈنى نامايىشچىلار يەنە كوچىلارغا چىقىتى، ئۇلار خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ۋە سابىق پرېزىدېنت نەزەربايېۋقا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

قازاقسىتاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى نەزەربايېۋ 30 يىلغا يېقىن ھوقۇق تۇتقان بولۇپ، بۇ يىل 3- ئايدا ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى «نۇر ۋەتەن» پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى.

شەنبە كۈنىدىكى بۇ نامايىشنى مۇختار ئابليازوۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەشكىللىگەن. مۇختار ئابليازوۋ سابىق بانكا باشلىقى بولۇپ، قازاقىستاندا دېموكراتىك سايلاش پارتىيىسىنى قۇرغان، كېيىنچە فرانسىيەدە سۈرگۈن ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ نەزەربايېۋنى قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلاردىن بىرى.

773x435_dozens-detained-in-kazakhstan-at-anti-china-protests

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار 57 كىشىنى قولغا ئالغان.

خىتاي بايلىقى مول بولغان قازاقىستاننىڭ نىفىت ۋە تەبئىي گاز ساھەسىگە نۇرغۇن مەبلەغ سالغان. تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم خىتاي ۋە غەرب شىركەتلىرى يەرلىك خەلقنى كۆپ ئىشققا ئالمىغان، ئىشىچلارنىڭ مائاشىمۇ سىرتتىن كەلگەنلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ قازاقىستانغا قوشنا بولغان شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقنى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامىشىمۇ قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەن.

 تۈركىستان ۋاقتى

2019- يىلى 21- سىنتەبىر

http://turkistantimes.com/uy/news-11411.html
Share
901 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.