logo

trugen jacn

پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى: «قويۇپ بېرىلگەن» قازاقلار ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىدا ياشىماقتا

 

2019- يىلى 20- يانۋار

«پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى»نىڭ 19- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈزلىگەن قازاقنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان، لېكىن ئۇلارنى ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، «شىنجاڭدا 2000 قازاقنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى»نى بىلدۈرگەن. ب د ت نىڭ مۆلچەرىچە، رايوندا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى سىياسىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

لېكىن قازاقىستانلىق پائالىيەتچىلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ «پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى»گە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ قەدىردانلىرى شەرقىي تۈركىستاندا نەزەربەنت قىلىنغان بولۇپ، نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا، قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ئايبوتا گەمىنخەنغا ئاپىسى ۋە ھاممىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى خىتاي نوپۇسىدىكى قازاق بولۇپ، ئۈچ يىل بۇرۇن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن،  2017- يىلى خىتايغا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى كازىرا مۇكاي ۋە پەرىدە مۇكاي ئىسىملىك بۇ ئىككى ئايالنى ئىلى ئوبلاستىدىكى قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەنت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاندا – ساندا تېلىفۇن قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كېتىشىگە يول قويۇلمىغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ پەقەت” مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن”، “سالامەتلىكىم ياخشى”، “ھۆكۈمىتىمىز ياخشى”، “كومپارتىيە ياخشى” دېگەن بىر نەچچە سۆز قىلىشىغىلا يول قويۇلىدۇ. ئۇلار باشقا گەپ قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.»

ئاتايۇرت قازاق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلاش تۇغقانلىرى نەزەربەنت قىلىغان نەچچە ئون كىشىنىڭ گۇۋاھلىق فىلمىنى ئىشلىگەن، يۈزلىگەن كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى توپلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاينىڭ دۇنيانى ئالداۋاتقان بولۇشىدىن قورقىمەن. مەن ئۇلار(تۇتقۇنلار)نىڭ قازاقىستانغا قايتىشىغا يول قويۇلماسلىقىدىن قورقىمەن.»

مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن” «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاماپ قويغانلىقىغا قارىتا كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلەرگە قارشى بېيجىڭ بىر خەلقئارالىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت كۈرىشى باشلىدى. بۇ ئاي خىتاي ئاز ساندىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە دىپلوماتلارنى ئىككى تۈركۈمدە قاماپ قويۇش لاگىرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. »

ماقالىدە، «ئۆيگە نەزەربەنت قىلىشتەك بۇ ئۆزگىرىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋاتقانلىقىنى، لېكىن سابىق قامالغۇچىلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئايدا ب د ت نىڭ خىتاي قانۇن ۋە تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە «لىللا بولۇش» شەرتى ئاستىدا رايونغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن بىر يىلدا، سابىق تۇتقۇنلارنىڭ ئىنگىلىز، قازاق ۋە تۈرك تىللىرىدىكى تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغاندىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئەھۋاللىرى كۆپەيگەن.

قازاقىستانغا قايتالمايۋاتقانلارنىڭ بىرى رازىلە نۇرالا بولۇپ، ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇل- مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ لاگىردىن قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ قازاقىستانغا كېتىشىگە يول قويماستىن، ئۇنى چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەنت قىلغان. ئانىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ۋە قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىغان.

بىر يىغىۋېلىش لاگىرىدا 18 ئاي تۇرغان بىر قازاق ئايالنىڭ ئاتا يۇرت تەشكىلاتىغا ئېيتىشىچە، ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتتىكى ھېچ قانداق ئىشنى قەتئىي ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە بىر توختامغا ئىمزا قويغان ، شۇنداقلا قىزىنى ئارقىسىدا «كاپالەت» قىلىپ قالدۇرغان.

تۇغقانلىرى قاماپ قويۇلغان مىڭلىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى توپلىغان گېنې بۇنىن ئىسىملىك پائالىيەتچى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر دۆلەت دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرى گۆرۈگە ئېلىنغان يېتەرلىك كىشى تاپالىسا، بۇ كىشىلەرنى ماڭغىلى قويۇش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. ئەكىسچە بولغاندا، خىتاي ئۇلارنى تەقىب ئاستىدا تۇتىدۇ ۋە قازاقىستانغا تېلىفۇن قىلدۇرۇپ تۇغقانلىرىغا دەۋا قىلىشنى توختىتىشنى ئېيتقۇزىدۇ.»

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يەنە خىتاي گراژدانلىقىدىكى قازاق سايرانگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتاي چېگرىسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ قازاقىستانغا كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا. قازاقىستاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا بۇ خىل ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ئىدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-10017.html

Share
996 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.