logo

trugen jacn

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىغا دائىر بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئادالەتنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئايدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانى «تېررورچى» دەپ داۋا قىلىشى بىلەن پەيدا بولغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

7-مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇشۇ ئەھۋال ھەققىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇللۇقىدا چاقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.

چۈشتىن قايرىلغاندا باشلانغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىڭ ساھىبخانى، «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن دىرېكتورى لۇئىسا خانىم سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھەرقانداق ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن 21 يىل قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ دىشۋارچىلىقتىن خالاس بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە دولقۇن ئەيسانى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭ تا يېقىنقى يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بوھتانلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە چېتىشلىق سەپەرلىرىدە كۆپ قېتىم دىشۋارچىلىق، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرى ئەنگلىيەدىكى «ئادىل سوت» ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ بۇيرۇقنىڭ رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا بۇنىڭغا كۈچ چىقارغان بارلىق خادىملارغا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەشەككۈرىنى ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن «ئادىل سوت» ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ خادىمى رېبېككە خانىم سۆز ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ 2013-يىلىدىن تارتىپ رەسمىي يوسۇندا بۇ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىغمۇ-تىغ دېگۈدەك كۈرەش قىلغانلىقىنى، ئاخىرى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەستىن خەلقئارا قانۇن مىزانلىرىغا ئاساسەن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» نى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەمىلى يوسۇندا دۇنياغا كۆرسىتىشكە مۇمكىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خانىم سۆزگە چىقىپ، ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقاچ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيسا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق توسقۇنلۇقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەر ساھە كىشىلىرى ئۆز سوئاللىرىنى سورىدى. دولقۇن ئەيسا ۋە باشقىلار تېگىشلىك جاۋاب بەردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا سوفېي رېچاردسون خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا بىر غەلىبە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىھۇدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ غەلىبە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسامۇ يىغىن ئاخىرىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «ھەق ئېگىلەر، سۇنماس» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىلەن دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ھەققىدە يىللاپ كۈرەش قىلغان ئادۋوكات رېبېككە خانىممۇ بۇ ھەقتىكى سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ نۆۋەتتە دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەمدە ئاخباراتچىلارنىڭ بىھۇدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەر ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكنىڭ پاتراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى، د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر قانات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى پائالىيەتكە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/dolqun-eysa-03072018174000.html

Share
3770 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.