logo

trugen jacn

پاكىستان پارچىلىنىپ كېتەمدۇ؟

 

 

ئەلروھلان

پاكىستان پارچىلىنىپ كېتەمدۇ؟

 

2017-يىلى 23-ئىيۇن

 

 

مەن بۇ يىل جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئىزدىنىشنى باشلىغاندىن بۇيان، غەربتىكى سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە خەلقئارا سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى پاكىستان ئۈستىدە گەپ قىلغاندا داۋاملىق «پاكىستان بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دېگەن ئىبارىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ھەمدە پاكىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر مۇھىم تارمىقى ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن «پاكىستان بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تېمىدا ئازراق ئىزدىنىپ، مەزكۇر يازمىنى تەييارلاش قارارىغا كەلدىم.

 

مېنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم سېلىگ خەررىسون (Selig S. Harrison, 1927 – 2016) ئەپەندى 2016-يىلى 4-مارتتا ئىنگلىزچە «Carnegie Endowment for International Peace» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق ئويلاش ئامبىرىدا بەرگەن بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرى [1]. خەررىسون ئەپەندى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، «ۋۇدروۋ ۋىلسون خەلقئارا زىيالىيلار مەركىزى» (Woodrow Wilson International Center for Scholars) ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ۋە شۇ مەركەزنىڭ خەلقئارا سىياسەت ئورگىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇشتەك بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىمالىي كورېيەگە 11 قېتىم بېرىپ باققان. ئاسىيا ئىشلىرى ۋە ئامېرىكا-ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە 5 پارچە كىتاب چىقارغان بولۇپ، كورېيە ھەققىدىكى بىر كىتابى ئامېرىكا نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خەررىسون ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى ئۆتكەن يىل دېكابىر ئېيىدا ۋاپات بولغان [2].

 

خەررىسون ئەپەندى پاكىستان ھەققىدە بىر تەپسىلىي ئىلمىي دوكلاتمۇ تەييارلىغان بولۇپ [3]، قىزىققان ئوقۇرمەنلەر ئاشۇ دوكلاتتىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ.

 

تۆۋەندە مەن ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئاندىن خەررىسون ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرىنى بايان قىلىمەن.

1-رەسىم: پاكىستاندىكى 4 چوڭ مىللەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى.

 

 

  1. پاكىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى

 

پاكىستان ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ 1947-يىلى 14-ئاۋغۇستتا ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىر ئايرىم دۆلەت بولدى. ئەمما ئۇ ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا ئامېرىكا بىلەن دوست بولۇش يولىنى تاللاپ، ئامېرىكىنىڭ زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، دۇنيادىكى ئەللەرنىڭ تەڭ يېرىمى پاكىستاننى بىر ئايرىم دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمىدى [4]. ئۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا يەنە كۆپ قېتىم ئۆزىگە پايدىسىز بولغان چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:

–پاكىستاندا 1954-يىلى 24-ئۆكتەبىردە بىر قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. يېڭىدىن ھوقۇقنى تارتىۋالغان باش مىنىستىر مۇھەممەد ئەلى بۇغرا پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى 4 ئۆلكىنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پاكىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بېنگال خەلقىنى پەقەت ئوردۇ تىلىنىلا قوللىنىشقا مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە بالۇچىستان ۋە پاشتۇنىستان ھەرىكەتلىرى پارتلىدى (پاكىستاندا چوڭ مىللەتلەردىن پەنجاپ، پاشتۇن، سىندى ۋە بالۇچ قاتارلىق 4 مىللەت بار، يۇقىرىدىكى 1-رەسىمگە قاراڭ).

 

–پاكىستاندىكى بېنگاللار بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھىندىستاننىڭ ياردىمى بىلەن، 1970-يىلى بېنگاللار پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ، بېنگال دۆلىتىنى قۇردى.

 

–گېنېرال زىئا-ئۇل-ھەق (Zia-ul-Haq) بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن زۇلفىقار ئەلى بۇتتو (Zulfikar Ali Bhutto) دىن ھوقۇق تارتىۋېلىپ، 1977-يىلى بىر يالغان سوت ئېچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن پاكىستاندا بىر خىل سۇلالە سىياسىيسى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

 

–سوۋېت 1979-يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، سوۋېتنى يېڭىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاكىستانغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. ئەمما پاكىستان ئۇ ياردەملەرنىڭ بىر قىسمىنى سوۋېتقا زەربە بېرىدىغان تېررورىست قوشۇنلىرىنى بەرپا قىلىشقا ئىشلەتكەن بولسا، قالغان قىسمىنى گېنېرال زىئا پاكىستاننىڭ دىنىي قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، پەقەت ئافغانىستاندىلا جىھاد ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى. نەتىجىدە پاكىستاندا كلاشنىكوف مەدەنىيىتى، زەھەرلىك چېكىملىك مەدەنىيىتى، زورلۇق، ئىسلام گۇرۇھۋازلىقى ۋە جىھادلىق قاتارلىق نەرسىلەر پەيدا بولدى. بۇ نەرسىلەر تەرەققىي قىلىپ، پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى پېشاۋۇر «جىھاد ئۇنىۋېرسىتېتى» دەپ ئاتىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. مۇشۇ مەزگىلدە پاكىستان ئامېرىكىدىن كەلگەن پۇلنىڭ كۆپىنچە قىسمىنى قورال سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلەتتى. پاكىستاننىڭ يادرو پروگراممىسىمۇ ئاشۇ مەزگىلدە تاماملانغان بولسىمۇ، پاكىستاندىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇنىڭغا قارشى چىقمىدى. پاكىستان مۇشۇ مەزگىلدە ئافغانىستان ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن جىھاد قوشۇنلىرىنى كەشمىردە پارتىزان ئۇرۇشى قىلىشقا سېلىشنىمۇ باشلىدى.

 

ئىلاۋە: كالاشنىكوف مەدەنىيىتى دېگەننىڭ ئىزاھاتى مۇنداق ئىكەن: ئۇ سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇ ئاپتوماتىك قوراللارغا ئېرىشىش ناھايىتى ئاسانلىشىپ كەتكەنلىكى، ۋە ھەر خىل ماجىرالار مىلتىق ۋە قان تۆكۈش بىلەن بېسىقتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستانغا بەرگەن قوراللارنىڭ نۇرغۇنلىرى پاكىستاننىڭ قاراڭغۇ بازىرىدا سېتىلىدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنى سېتىۋېلىش ئىنتايىن ئاسانلىشىپ كەتكەن. ئاشۇ قوراللارنىڭ ئىچىدە «كالاشنىكوف» ياكى «AK-47» دەپ ئاتىلىدىغان ئاپتومات ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشكەن قورال بولغاچقا، مۇشۇنداق ئەھۋالغا «كالاشنىكوف مەدەنىيىتى» دېگەن ئىسىم قويۇلۇپ قالغان [5].

 

–پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان، ھەمدە كەشمىر مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇشقا يېقىنلىشىپ قالغان 1999-يىلى پاكىستاننىڭ باش ھەربىي قوماندانى شۇ چاغدىكى دۆلەت باشلىقى ناۋاز شەرىفتىن يوشۇرۇن ھالدا ھىندىستاننىڭ كارگىل ئېگىزلىكىنى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن كارگىل ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۆزىنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا ئارىلاشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن گېنېرال پەرۋەز مۇشەررەف بىر سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا چۈشۈرۈپ، كېيىنكى 8 يىل پاكىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

 

–ھەممەيلەن بىلىدىغان 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاندىكى تېررورىست گۇرۇھلارنى تەڭ ئوينىتىپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالدى. پاكىستاننىڭ بۇ قېتىم قىلغىنى 1979-يىلىدىن كېيىنكى سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشىدىكى ئەھۋالغا بىر ئاز ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىم پاكىستان ئامېرىكا ۋە تېررورىست گۇرۇھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىر خىل تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا مەجبۇرى بولدى. يەنى، ئامېرىكا پاكىستان ئارمىيىسىدىن پايدىلىنىپ تېررورىستلار مۆكۈنۈۋالغان جايلارغا زەربە بەرمەكچى بولدى، ئەمما، ئەمەلىيەتتە زەربە بەرمەكچى بولغان تېررورىستلار پاكىستان ئارمىيىسىگە تەۋە كىشىلەر ئىدى. كېيىنچە پاكىستاننىڭ بۇنداق ئىشلىرى پاش بولۇپ قېلىپ، ئۇ زور زىيانلارنى تارتتى. 2001-يىلىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، پاكىستاندا 35000 پۇقرا ۋە 4000 ئەسكەرلەر ئۆلۈپ، ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ 65 مىليون دوللار زىيان تارتىپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى ئىنتايىن زور دەرىجىدە چېكىندى.

 

–ئۆزىنى غەربنىڭ دوستى دەپ يۈرگەن پاكىستاننىڭ ئوساما بىن لادېننى مۆكتۈرۈپ يۈرگەنلىكى 2011-يىلى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن تاكى شۇ ۋاقىتقىچە پاكىستاننى قوللاپ كەلگەن غەرب ئەللىرى ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى. ھازىر پۈتۈن دۇنيا پاكىستاننى دۇنياۋى تېررورلۇقنىڭ مەركىزى، دەپ قارايدىغان بولدى [4].

2-رەسىم: ئوساما بىن لادېن 2011-يىلى پاكىستاننىڭ ھەيبەر پاكتونكىۋا (Khyber Pakhtunkhwa) ئۆلكىسى ئاببوتئاباد شەھىرىنىڭ «بىلال» كەنتىدىن تېپىلغان ۋە شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن.

 

مەن ئەمدى خەررىسون ئەپەندىنىڭ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىشنى باشلايمەن. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇلارنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ قىستۇرۇپ قويىمەن.

3-رەسىم: سېلىگ خەررىسون ئەپەندى 2016-يىلى 4-مارتتا دوكلات بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.

 

 

  1. پاكىستاننىڭ بىر ئىقتىدارسىز دۆلەت بولۇپ قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى

 

1945-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋىنستون چېرچىل ۋە ئۇنىڭ گېنېراللىرى مەلۇم ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلەر ئۈچۈن پاكىستاننى ھىندىستاندىن بۆلۈپ، بىر ئايرىم دۆلەت قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پاكىستاندا ئەنگلىيە ئۈچۈن بىر ھەربىي بازا قۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ نېمە ئۈچۈن پاكىستاننىڭ بۈگۈنكىدەك ئىقتىدارسىز بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىر سۈنئىي سىياسىي قۇرۇلمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەنگلىيە پاكىستاننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تارىختا زادىلا بىللە ياشاپ باقمىغان 5 خىل مىللەت خەلقلىرىنى بىر دۆلەتكە تەۋە قىلىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا بېنگاللارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى قالغان 4 مىللەت نوپۇسىنى قوشقان ۋاقىتتىنكىندىمۇ ئېشىپ چۈشەتتى. قالغان 4 مىللەت پەنجاپ، پاشتۇن، بالۇچ ۋە سىندىلار ئىدى. بېنگال ئايرىم دۆلەت بولۇپ ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، 5 مىللەت 4 مىللەتكە ئۆزگەردى.

 

1971-يىلى بېنگال كرىزىسى يۈز بەرگەندە، مەن ئاشۇ رايوندا ئىدىم. شۇ چاغدا مەن پاكىستاننىڭ ھەربىي باش قوماندانى بۇتتو ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ ماڭا بېنگال ئايرىلىپ چىقىپ كەتسە، پاكىستاننى باشقۇرۇش ئاسانراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئۇنىڭ ئۆزى پاكىستاننى ياخشىراق باشقۇرالايدىغان بولىدىغانلىقى ئىدى. كېيىن ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىش يۈز بەردى. ئەمما، ئارىلىقتىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇتتو ئەپەندى پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. پاكىستان ئارمىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئوفىتسېرلىرىدا پەنجاپلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىدى. بېنگاللارنىڭ كېتىشى بىلەن پاشتۇن، بالۇچ ۋە سىندىدىن ئىبارەت قالغان 3 مىللەت تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بوزەك قىلىنىشقا باشلىدى. تارىختىكى نەچچە ئەسىرلىك ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرىدىكى 3 مىللەت موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلار پەنجاپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى. ھازىر ھېلىقى 3 مىللەت پاكىستان نوپۇسىنىڭ ئاران 33 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئىگىلىگەن زېمىن پاكىستاننىڭ 72 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ زېمىن ئاشۇ 3 مىللەتنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرۇلۇپ كەلگەن تارىخىي مىراسلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاشۇ رايونلاردا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان تۈپ ئامىللاردىن ئىبارەتتۇر.

 

 

  1. بالۇچلار بىلەن سىندىلار

 

بالۇچلار زېمىنىدا (ياكى بالۇچىستاندا) تەبىئىي بايلىقلار، بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھازىر ئۇ گازدىن پۈتۈن پاكىستان پايدىلىنىدۇ. بالۇچلار بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغۇچىلار ھېسابلاپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بىر خىل نارازىلىق پوزىتسىيىسى بىلەن قارايدۇ. توپىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن، پاكىستان بالۇچىستاندىكى نېفىت بايلىقىدىن تېخىچە پايدىلىنالمايدۇ. چەت ئەللىكلەر بالۇچىستانغا مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچىدىكى 22 قۇرۇلۇش ھازىر توختىتىپ قويۇلدى. سىياسىي ۋە ھەربىي مەسىلىلەردىن باشقا، بۇ پاكىستان ھازىر دۇچ كەلگەن بىر چوڭ ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

 

پاكىستان ئارمىيىسى بالۇچلارنى پارچىلاپ بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بالۇچلارنىڭ 2 نەپەر چوڭ قوماندانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسى. بالۇچلارنىڭ نوپۇسى 6 مىليون بولۇپ، ئۇلار ھازىر سىياسىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇستەقىل بولۇش.

 

بالۇچلارنىڭ ھەربىي كۈچى ئاجىز بولۇپ، ئەگەر ئۇلار سىندىلار بىلەن بىرلىشىۋالسا، پاكىستانغا خېلى كۈچلۈك تەھدىت سالالايدۇ. ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئىشلارمۇ باشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىر بالۇچ-سىندى فېدېراتسىيەسى قۇرۇش. ئۇلار ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزۈۋالغان زېمىن ھىندىستاندىن ئىرانغىچە سوزۇلىدۇ. كاراچى ئاشۇ زېمىننىڭ ئەڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ.

 

بالۇچلار ۋە سىندىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 1973-يىلىدىكى دۆلەت قانۇنىنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىدىكى قىسىملىرىنى قانداق ئىجرا قىلىشىغا باغلىق. شۇنداقلا پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىغىمۇ باغلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستان ئېلىپ بارغان ھىندىستانغا قارشى بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلەر ھازىر ھىندىستاننى بالۇچ-سىندىلارنى قوللاپ، شۇ ئارقىلىق پاكىستانغا زەربە بېرىش ئىستراتېگىيىسى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ باردى. ھىندىستان ئۈچۈن پاكىستانغا قارشى بىر ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش باشلاشقا قارىغاندا، بالۇچ-سىندىلارنى قوزغاش ئىستراتېگىيىسى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر يادرو بومبىسى ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چەت ئەللەرنىڭ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشىنىمۇ توختىتىپ قويالايدۇ. ھىندىستاننىڭ بالۇچلارغا ياردەم قىلىشى بىلەن سىندىلارنىڭ توختىماي قوزغىلاڭ قىلىپ تۇرۇشى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ مۇشۇ ئىككى ئالدىنقى سەپتە ناھايىتى ئالدىراش ئۆتۈشكە قىستايدۇ. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قالغان قىسمى بولسا كەشمىر بىلەن پەنجاپتا ھىندىستان ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدۇ.

 

ھازىرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بالۇچىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ياكى بىر بالۇچ-سىندى فېدېراتسىيەنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئېھتىماللىقتىن بىر قەدەر يىراق. ئەمما ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىكەن، يۇقىرىدىكى ئېھتىماللىق ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى بالۇچ قوزغىلاڭچىلىرىغا بىۋاسىتە ياردەم قىلىدۇ. بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى بالۇچ قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بالۇچ پۇقرالىرى ئۈستىدىن ئىنتايىن ۋەھشىي قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ باردى. بالۇچلار ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.

 

ئۇرۇش قىلىش فۇنكسىيىسىدىن باشقا، ھازىر پاكىستان ئارمىيىسى ناھايىتى چوڭ كۆلەمدىكى ئىگىلىك قۇرۇلمىلىرىنىمۇ باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ماددىي بايلىقىنىڭ مىقدارى 38 مىليارد دوللار كېلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىقتىسادىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى پاكىستاننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى-چىقارماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بالۇچ ۋە سىندى بۆلگۈنچىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ مېڭىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا پاكىستاننىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر خىل تىنچ يول بىلەن ھەل قىلمايدىكەن، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تېخىمۇ كۈچىيىپ، پاكىستان دۇچ كەلگەن ھازىرقى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ مېڭىشى مۇمكىن. بۇنداق توقۇنۇشلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىپ، پاكىستاننىڭ چوڭ قىسىملىرىدا چەت ئەل مەبلەغ كېلىشىملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا يول قويماسلىقى مۇمكىن.

 

 

 

  1. پاشتۇنلار

 

پاشتۇنلارنىڭ نوپۇسى 41 مىليون بولۇپ، ئۇلار پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ھەر ئىككىسىگە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ بىرلىك ساقلاپ ياشىغان تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ئەنگلىيە قول تىقىشتىن بۇرۇن پاشتۇنلار سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن ھالەتتە ئىدى. 1940-يىللىرى ئەنگلىيە ئافغانىستانغا تاجاۋۇزلۇق قىلىپ، پاشتۇنلارنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى. ئەمما پاشتۇنلار ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1947-يىلى ئەنگلىيە ئۆزى ئىگىلىۋالغان پاشتۇنلار زېمىنىنى پاكىستاننىڭ يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. مانا بۇ پاكىستاندىكى پاشتۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. ئاشۇ ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، پاشتۇنلار بىر قېتىم بىر مۇستەقىل پاشتۇنىستان قۇرۇشقىمۇ ئۇرۇنۇپ باقتى. ئەمما ئەنگلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا غەلىبە قىلالمىدى. پاشتۇنىستان پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ گېزىتى توختىتىلدى. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان پاشتۇنلار بەزىدە ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى پاشتۇنلار زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قارشىلىقلارغا ئۇچراپ كەلدى. ئافغانىستان پاكىستان ئىچىدە بىر ئاپتونومىيىلىك پاشتۇنىستان دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتلار، ھەمدە پاكىستاندىكى پاشتۇنلار بىر مۇستەقىل پاشتۇنىستان قۇرۇشقا ئۇرۇنغان ۋاقىتلارمۇ بولدى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان تاجاۋۇزى، ۋە ئامېرىكىنىڭ تالىبانغا قاراتقان ئۇرۇشلىرى پاشتۇنلار جەمئىيىتىدە چوڭ پارچىلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پاشتۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ھالەتكە ئەكېلىپ قويدى. ھازىر پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىدا بىر مۇستەقىل پاشتۇنىستاننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلار بار.

 

پاشتۇنلار ئارىسىدا پەيدا قىلىنغان بۆلۈنۈشلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قارىماي، پاشتۇنلار ھازىرمۇ بىر ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي كىملىك ئېڭىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان تارىخىي قەبىلە چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان. گەرچە ھازىر ئوخشىمىغان پاشتۇن گۇرۇھلىرى ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، پاشتۇنلاردىكى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىرلىك چۈشەنچىسى ھازىرمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلاردا سىياسىي جەھەتتىن بىرلىشىش ئىمكانىيىتى ھازىرمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

 

پاكىستان ئارمىيىسى پاشتۇنلار ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايونلاردا ئېلىپ بارغان ھەر خىل ئۇرۇشلار ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى ناھايىتى كۆپ ساندىكى پاشتۇن پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما، بۇنىڭ سىياسىي تەسىرى مۇۋاپىق ئېتىۋارغا ئېلىنمىدى. يېڭىدىن سىياسىيلاشتۇرۇلغان ۋە رادىكاللاشتۇرۇلغان پاشتۇنلار ھازىر ئۆزلىرىنى غەربىي-شىمالىي پاشتۇنلار زېمىنى ۋە بالۇچىستاننىڭ شىمالىي بۇرجىكىنىڭ سىياسىي ئىش باشقۇرغۇچىلىرى، دەپ ھېسابلايدۇ. ھازىر پاشتۇنلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستەيدۇ. پەنجابلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەرەققىياتنى ئەمەس، بەلكى پاشتۇنلارنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىستەيدۇ. ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى پاشتۇنلار رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ئەل قائىدەگە قارشى ئۇرۇشلار پاشتۇنلاردىن تەركىب تاپقان جىھاد كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈۋەتتى. يەنى، ئامېرىكا جىھاد كۈچلىرىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتقان بولسا، پاشتۇنلاردىن تەركىب تاپقان جىھاد كۈچلىرى ھازىر تېخىمۇ كېڭىيىپ ۋە كۈچلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. پاشتۇن تەبىقىلىرى ئارىسىدا تالىبان رەھبەرلىك بازىلىرىمۇ بار. دېمەك، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى تالىبانلارنىڭ ئىسلاملىقى بىلەن پاشتۇنلارنىڭ مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچەيتىشىگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلدى. تاكى يېقىنغا كەلگۈچە پاشتۇنلار زېمىنىدا ياكى ئىسلام كۈچىيىپ، ياكى پاشتۇنلارنىڭ مىللەتچىلىكى كۈچەيگەن ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى تەڭلا كۈچىيىۋاتىدۇ. بىر ئىسلامىي پاشتۇنىستانغا بولغان ئىستەكمۇ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. 2007-يىلى پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر پاشتۇندىن بولغان سابىق ئەلچىسى مۇنداق دېدى: «مەن تالىبان بىلەن پاشتۇن مىللەتچىلىكىنىڭ بىرلىشىپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىكەن، ئۇ بىزگە ناھايىتى چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ھازىر ئاشۇنداق بىر ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ناھايىتى ئاز قالدۇق.»

 

 

  1. خۇلاسە

 

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار بىلەن ئامېرىكا مەنپەئىتى ۋە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

 

ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش بىزنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئەل قائىدەگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 

پاكىستاننىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى بىزنىڭ پاكىستاندىكى جىھاد كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

پاكىستاندىكى ئەل قائىدە ئۈستقۇرۇلمىسىنى يوقىتىش بىزنىڭ پاشتۇن قەبىلىسى، ۋە ئەل قائىدەنى ماكان بىلەن تەمىنلەۋاتقان ۋە پاشتۇندىن بولغان تالىبان لىدېرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى پاشتۇنلارنىڭ ئەل قائىدەگە قاراتقان ياردىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ.

 

پەنجاب ئەسكەرلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن پاشتۇن زېمىنلىرىدا ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئېغىر دەرىجىدىكى پۇقرالار ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش پاشتۇنلارنى ئەل قائىدە بىلەن تالىبانلارغا يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ پاشتۇنلارنى تېخىمۇ ئىسلاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ رادىكاللاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئىشنىڭ پايدىسى تۆلەيدىغان سىياسىي بەدەلدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

مەن ئامېرىكىنىڭ پاشتۇنلار زېمىنىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىنى توختىشىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاشتۇنلار زېمىنىغا پەنجاب ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئۇرۇش قىلىشنى توختىشىنى، ھەربىي ئىشلارنى تالىبانلار بىلەن ئەل قائىدەگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان ئاساستا جىمجىت ۋە مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

 

(تۈگىدى)

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

 

[1] Will Pakistan Break Up?

https://www.youtube.com/watch?v=iqnnikx-NUY

 

[2] Selig S. Harrison

https://en.wikipedia.org/wiki/Selig_S._Harrison

 

[3] Center for International Policy

https://www.ciponline.org/images/uploads/publications/pakistan_the_state_of_the_union.pdf

 

[4] Why Pakistan Is Considered To Be A Failed State?

http://www.indiatimes.com/news/india/why-pakistan-is-considered-to-be-a-failed-state-here-are-9-major-decisions-which-brought-this-reputation-263913.html

 

[5] Kalashnikov culture

http://www.urbandictionary.com/define.php?term=Kalashnikov%20culture

 

 

 

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

 

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda

 

[7] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo

 

[8] جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47665-Elrohlan-Junggo-N%E9mishqa-Tinch-Yol-Bilen-Tereqqiy-Qilalmaydu

 

[9] نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47870-Elrohlan-N%E9mishqa-Lid%E9rlar-Yalghanchiliq-Qilidu

 

 

[10] جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48459-Elrohlan-Junggoning-Bir-Belwagh-Bir-Yol-Pilani-Heqqide-Qisqiche-Ch%FCshenche

 

 

[11] جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48510-Elrohlan-Junggoning-Uyghur-Diyari-we-Pakistandin-%D6t%FCdighan-Y%E9ngi-Yipek-Yoli

Share
1503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.