logo

trugen jacn

ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى- دوپپا

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك شەرت-شارائىتى، ياشام شەكلى، كۈزەللىك  قارشى، دىنىي ئىتىقاتى ۋە ئەخلاقىي ئاداتلىرىگە ئاساسەن ئۆزگىچە باش كىيىم مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ  كىيىمى مەدەنىيتىدە  باش كىيىمنىڭ رولى ناھايتى چوڭ. ئۇيغۇر  باش كىيىملىرىنىڭ  مىللىي خاسلىقى كۈچلۈك، ۋەكىل خارەكتىرلىك تاشقى كۆرۈنىشى ئېنىق بولۇپ، مىللىي كىملىكنىڭ تاشقى پوستى سۈپىتىدە  سىمئوللۇق  مەنىگە ئىگە . ئۇيغۇر باش كىيىملىرى  جىنسىي ئايرىمچىلىقى،  ياش پەرقى، كەسپىي  ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجىتمائىي قاتلىمىغا ئاساسەن كۆپ خىل تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، دوپپا بۇنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

دوپپا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ  كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ۋە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان يازلىق باش كىيىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىز ھەر زامان دوپپا ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز. ھەر خىل پائالىيەتلەردە  دوپپا كىيىمىز، دوپپا ھەممىمىزگە يارىشىدۇ، لېكىن  دوپپىنىڭ  ئۇيغۇرلاردا  قايسى زامانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقى ، قايسى زامانلاردىن باشلاپ دوپپا دەپ ئاتالغانلىقى  ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەسمىز. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا ئۆزۈنىڭ  «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» دېگەن كىتابىدا ”بۆك (دوپپا)نىڭ  تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل، ئەمما ئۇنىڭ قەدىمقى شەكلىنىڭ  قانداقلىقى نامەلۇم… پىشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشچە  قەدىمقى بۆك سىيدام، كېزەكسىز، تالالىق ئىكەن. بۆك كىيىنچە «دوپپا» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان“ دەپ يازىدۇ. تۆۋەندىكى خەلق  ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىنمۇ  بۆك بىلەن دوپپىنىڭ ئوخشاش بىر باش كىيم ئىكەنلىكىنى  بايقايمىز.

«ئەپەندىم بىرەر بۆكمۇ  ئېلىپ كىيەلمىگەنلىكتىن نالە قىلىپ ئولتارغانىكەن، قوشنىسى ئاڭلاپ تامدىن بىر تال كونا، پىلتىسى چىقىپ كەتكەن بۆكنى تاشلاپ بېرىپتۇ. ئەپەندىم بۆكنى كۆرۈپ قايتۇرۇپ تاشلىۋېتىپتۇ ۋە:

-مەن سەندىن  كونا بۆك سورىغىنىم يوق، بۇنى جەبرائىل كەيسۇن- دەپتۇ.»

گەرچە  تارىخىي مەنبەلىرىمىزدە دوپپىنىڭ دەسلەپكى  مەنبەسى بولغان بۆك  ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار بولمىسمۇ، يەنىلا  مەھمۇد  كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ئەسىرى، مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ۋە چەتئەل ئېكسپىدىيەچىلىرىنىڭ يازمىلىرى بىلەن ساقلىغان ئۆرنەكلىرىدىن بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.  مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قىزغىلىغ بۆرك، سوقارلاپ بۆرك دېگەن سۆزلەر ئۇچىرايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىنغان بۇ سۆزلەر تارىخىي مەنبەلىرىمىزدە  تىلغا ئېلىنغان بۆك ھەققىدىكى  ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلار بولۇپ،  قىزغىلىغ بۆرك – جيەكلىك بۆك، سوقىرلاپ بۆرك – ئۇزۇن قالپاق ياكى ئۇزۇن بۆك دېگەنلىك بولىدۇ. تارىم بوستانلىقىدىن تېپىلغان  مومىياللارنىڭ  باش كىيىملىرىدىن  مەھمۇد كاشغەرى  «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا تىلغا ئالغان يوقارىقى بۆكلەرنىڭ بەزى ئۆرنەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز بۈگۈن كىيىۋاتقان بۆكلىرىمىز بىلەن تارىختا ئەجداتلىرىمىز كەيگەن بۆكلەرنىڭ تىكىلىش شەكلى ۋە تاشقى ئۇسلوبىدا روشەن پەرقلەر بولۇپ، بۇرۇنقى بۆكلەرنىڭ باشقا كىيىدىغان ئاستىنقى قىسمى يۇمۇلاق، ئۈستى تەرپى ئۇزۇن كونۇس شەكىللىك ياكى گۈمبەز شەكىللىك بولغان. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنىمۇ كۇچا مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىىدىنمۇ  ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.  تەلئەت ئۇبۇل قاسىم تۈمەن ئۆزىنىڭ «قەدىمقى كۈسەن سەنئىتى» دېگەن كىتابىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بايانلارنى بېرىدۇ. «كۇچادىكى سىم-سىم مىڭ ئۆيىدىكى مىلادىيە 5-ئەسىردە قېزىلغان 42-غارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تېمىغا سىزىلغان ”سودىگەرلەرنىڭ بۇدداغا پەرھىز تامىقى سەدىقە قىلىشى“ دېگەن  ۋەج – سەۋەپ ھېكايىسىدىكى ئۈچ سودىگەرنىڭ  كىيملىرى ئالاھىدە بولۇپ، كىيىملەر كۆركەملىكى بىلەن ئادەمنى بەكمۇ جەلىپ قىلىدۇ. بۇ ئۈچ سودىگەر ئوڭ تىزى بىلەن تىزلىنىپ، ھۆرمەت بىلەن بۇدداغا سەدىقە تامىقى تۇتۇۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرى ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى يالاڭباش، قالغان ئىككىسى بېشىغا گۈللۈك دوپپا كىيىۋالغان بولۇپ، دوپپىلىرىنىڭ شەكلى ۋە گۈلىدىن قارىغاندا، ئۇچلۇقىراق كەلگەن گىلەم دوپپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.»  بۇ ھەققىدە شىۋېتسىيەلىك مۇتەخەسىس ۋىۋى سۈلۋانمۇ بەزى ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ  ئۆزىنىڭ «كروراننىڭ يۇڭ تۇقۇلما بۇيۇملىرى» دېگەن كىتابىدا قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان 36-نۇمۇرلۇق  قەۋرىدىكى ئايالنىڭ باش كىيىم ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «مومىيا بېشىغا ئىككى قات باش كىيىم كىيگەن، ئىچىكى باش كىيىمى ساغۇچ رەڭدە بولۇپ، يۇڭدىن تۇقۇلغان.  باش كىيىم يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ،  ئىككى قولۇقىنى يېپىپ، بېشىغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئىگىزلىكى تەخمىنەن 27 سانتىمېتېر كېلىدۇ. تېشىدىكى باش كىيىمى كىگىزدىن تىكىلگەن دوپپا بولۇپ، تۇقۇلۇشى ئانچە سۈپەتلىك بولمىسمۇ، ئەمما ناھايىتى چىڭ ئىدى. دوپپىنىڭ ئۈستىگە قىزىل چۇچا ۋە ئۇزۇن پەيلەر قادالغانىدى.»

يۇقۇردىكى  تارىخىي پاكىتلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردا  ناھايتى ئۇزۇن زمانلار ئىگىلىرىلا دوپپىدىن ئىبارەت باش كىيىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە  ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسە  ،يەنە بىر تەرەپتىن بىز بۈگۈنكى كۈندە كىيىۋاتقان دوپپىمىز بىلەن  قەدىمقى دوپپىلىرىمىزنىڭ  تىكىلىش شەكلى جەھەتتە روشەن پەرقلەرنىڭ  مەۋقۇتلۇقىنى  كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ

تارىخىي مەنەبلەرگە ئاساسلانغاندا  ئۇيغۇرلارنىڭ  باش كىيىمى بولغان دوپپا يەنى بۆك تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغچە تىكىلىش جەھەتتە ئاساسەن  ئاستى يۇمۇلاق، ئۈستى تەرپى ئۇچلۇقىراق ياكى گۈمبەز شاكلىدە بولۇشتەك  ئۇسلوپنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇنى شىۋېتسىيە ئارخولوگلىرى ۋە مىسسيونۇرلىرىنىڭ  قالدۇرغان يازمىلىرىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ. ئۇلار قالدۇرغان خاتىرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا ۋە تۇماقلىرىنىڭ  گۈمبەز شەكلىدە بولۇدىغانلىقى خاتىرلەنگەن.

دېمەك يۇقۇرىدىكى بايانلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئاستى يۇمۇلاق  ئۇچى ئۇشلۇق بۇلۇشتىن  ئاستا-ئاستا  ئاستى يۇمۇلاق، ئۈستى  گۈمبەز شەكلىلدە بولۇشقا، ئاندىن  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ  تىكىلىش شەكلى جەھەتتە تەدىرجى يۇسۇندا ئۈستى گۈمبەز شەكلىدە بولۇشتىن  ئۈستى تۆت قىرلىق بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇشى مۈمكىن دېگەن پەرەزگە كېلىمىز . ھازىر دوپپىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئاستىمۇ، ئۈستىمۇ تۆت چاسا ياكى تۆت قىرلىق دوپپىلارنى تاپقىلى بولۇدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى  شەكىل جەھەتتىن ناھايتى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بادام دوپپا،تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا،مەنپۈ دوپپا،تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا،ئۈنچە دوپپا،كالتۇن دوپپا،چىمەن دوپپا، تورباسقان دوپپا،مارجان دوپپا،دۇخاۋا دوپپا،شاپپاق دوپپا، ئالتۇن قاداق دوپپا، ئۈستى قاداق دوپپا، ئاستى قاداق دوپپا، قوش قاداق دوپپا قاتارلىقلار بىر قەدەر ئومۇملاشقان  تۈرلەردۇر. دوپپا  ئۇيغۇرلارنىڭ  كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىنىڭ  ئەڭ جەۋھەر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن  تەبىيەت گۈزەللىكىنىڭ  يارقىن جۇلاسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا  ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ دوپپىلىرىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۇت.   ئەرلەرنىڭ  چىمەن دوپپا بىلەن بادام دوپپىنى ، ئاياللارنىڭ  گىلەم دوپپا، ئۈنچە دوپپا ۋە جىيەكلىك يۇمۇلاق دوپپىنى  كىيىشى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئادەتتە ياشلار  بادام دوپپىنى كۆپىرەك كەيسە، پىشقەدەملەر ۋە ياشانغانلار  چىمەن دوپپىنى كۆپىرەك كىيىدۇ. كىچىك قىزلارنىڭ  ئۈنچە دوپپا كىيىشى، بۇيۇغا يەتكەن قىزلاربىڭ گىلەم دوپپا كىيىشى ، ياشانغان ئاياللارنىڭ جىيەكلىك يۇمۇلاق دوپپا كىيىشى  كۆپ كۆرۈلىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلاردا نۇقۇل باش كىيىمى بولۇپلا قالماستىن ،يەنە بىر خىل سەنئەت ۋە بېزەك بويۇمى  ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تېخىمۇ  شۇنداق.  نۇرغۇن ئۇيغۇرلار  ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغا ھەر خىل دوپپىلارنى ئېسىپ قۇيۇش بىلەن بىر تەرەپتىن  ئۆزۈنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن  دوپپا ئارقىلىق ئۆيىگە زىننەت بېرىدۇ.

دوپپا يەنە ئۇيغۇر تارىخنىڭ مەلۇم مەزگىللىردە  مەلۇم ئىدولوگىيە ۋە مەلۇم سىياسىي كۆز قاراشلارنىڭ  سىمئولى  بولغانلىقىمۇ  مەلۇم.  يېقىنقى زامان تارىخمىزدىكى  مۇھىم يىللار بولغان  30ۋە 40- يىللاردا يۈز بەرگەن  ۋەقەلەرگە شاھد بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىزنىڭ بايان قىلىشچە، ئەينى يىللىرى  قىزىل تاقىيە دوپپا كىيگەنلەر  كومۇنىستتىك ئىدىيەدىكىلەرگە، چىمەن دوپپا كىيگەنلەر، ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەرگە، بادام دوپپا كېيگەنلەر  مىللەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلغانىكەن. كىشىلەر باشقىلارنىڭ   كېيگەن دوپپىسىغا قاراپ ئۇ ئادەمنىڭ  قايسى خىل ئېقىمدىكى  ئادەملىكىگە باھا بېرىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىمئولى سۈپىتىدە خەلقئارالىق سەھنىلەردە  ئورۇن ئېلىپ كېتلەمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دوپپىلىرىمىزنى يەنىلا  باش كىيىم مەدەنىيتىمىزنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىمىزنىڭ سىمئولى سۈپىتىدە قەدىرلىىشىمىز ، ئاسىرىشىمىز، «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» ئوخشاش  ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى  ئۇيۇشتۇرۇشىمىز  ناھايتى مۇھىم.

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىۋىتسىيە

ئىلاۋە:


***

شىۋىتسىيەدىن ئۇيغۇر زىيالسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ «ئۇيغۇر باش كىيىم مەدەنىيىتىدە دوپپا» تېمىسىدا تەييارلىغان ماقالىگە ئاساسەن، ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، دوپپانىڭ تارىخى، دوپپا تۈرلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە سۇنغان دوكىلاتى.

***


http://www.akademiye.org
Share
2017 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.