logo

trugen jacn

10 يىل بۇرۇن ۋە بۈگۈنىمىز

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

مەمەت ئىمىن


بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ۋەتەندە مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئۆلىشى ۋە ئونمىڭلارچە ئىنسانلارنىڭ تۇتقىن قىلىنىشى يۈز بەرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندە مىللىيونلارچە گۇناسىز  ئىنسانلارنىڭ تۇتقىن قىلىنىشى ۋە ساناقسىز بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ مەخپى ئۆلتۈرلىشى يۈز بىرىۋاتىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى ۋەتەندە خەلقىمىز شاۋگۇئاندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ئىنسانلار ئۈچۈن كۆچىلارغا چىقىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرەلىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندىكى خەلقىمىز ھەتتا ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمايۋاتىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى خىتتاي ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق جازالاش سىياسىتىنى قوللانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خىتتاي ھۆكۈمىتى ئومۇمى يۈزلۈك جازالاش ۋە جىسمانى جازالاش بىلەن روھىي جالاشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ.
بۇگۈنكى كۈندە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتى يالغۇز لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالماي، لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدە جىسمانى ۋە روھىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگىزىۋاتقان بولسا، لاگىر سىرتىدا مەدىنى قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگىزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى تامامەن يوق قىلىشقا ئۇرنىۋاتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ قاتتىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى قايتىدىن لاھىلەپ چىقىشقا، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئەڭ ئېغىر ئۇسۇلدا جازالاپ، ھايات قالغان ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتىن قىناپ، ئۇلارنى نەپەس ئالىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە كونتۇرۇل قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە ئويغۇنۇپ، داۋا بۇرۇنقىدىن بىر بالتاق يۇقıرى كۆتۈرۈلگەن بولسا، 10 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز تىخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئويغاندى؛ داۋا سىپىگە نۇرغۇن ياشلار قىتىلدى؛ تەشكىلاتلار بۇرىنقىدىن كۆپەيدى؛ داۋا تىخىمۇ كۈچەيدى ۋە ھەر خىللاشتى. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ۋە كۆپۈنچىمىز ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان تىلفۇن ئالاقە ۋە ئۆز ئارا باردى كەلدىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتكەن بولساق، 10 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوخشاشلا خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل نارازىلىق پالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، لاگىرنىڭ بالدۇرراق تاقىلىشىنى، لاگىرغا سولانغان مىللىيونلىغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىنلىككە چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ۋە نورمال ئالاقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز.
مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىقىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لاگىر ئىچىدە ئىغىر دەرىجىدە جىسمانى ۋە روھىي جازا مەۋجۇت بولۇپ، جىسمانى جازا تۈپەيلىدىن ئۆلۈك كىتىۋاتقانلار، روھىي جازا تۈپەيلىدىن روھىي ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرغان ئىنسانلار ئاز ئەمەس. لاگىردا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئۆز جاھىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن، لاگىرلارغا يانداش قىلىپ كۆپلىگەن جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيلىرى سىلىنغانلىقى مەلۇم. لاگىرغا سولانغان ياش ۋە ساغلام كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ئۆرگان ئالماشتۇشنىڭ ئورگان مەنبەسىگە ئايلىنىۋاتقانلىق خەلقارانىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. لاگىر ئىچىدىكىلەرگە ھەر خىل سىرلىق دورىلار بىرىلگەنلىكى، لاگىردىن قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن بەزىلەرنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، يەنا بەزىلەرنىڭ بولسا ئەقلىنى يوقۇتۇپ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئايالارنىڭ بولسا ھەيىز توختاپ قالغانلىقى ئوتۇرغا قويۇلماقتا.
ئۇندىن باشقا لاگىر ئىچىدىكى ياش ئاياللارنىڭ پاھىشلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، لاگىردا يەڭگىگەن ئاياللارنىڭ باللىرى ئىلىپ كىتىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈتلىرى قانۇنسىز ئادەم سۈتى سودىسى ئۈچۈن ئىلىپ كىتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەڭ موھىمى لاگىر ئىچىدىكىلەرگە بىرىلگەن يىمەك ئىچمەك ئالاھىدە ناچار بولۇپ، ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغان لاگىردا بىرىلگەن تاماۋ تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بەزى ئۆزۇقلۇق ماددىلار بولۇپمۇ ئاقسىل ماددىسى يىتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى ئىغىر. ئادەم بەدىنى كۈندىلىك يىمەكلىكلەردىن يىتەرلىك ئاقسىل ماددىسىغا ئىرىشەلمىگەندە، ئاقسىل كەملىك كىلىپ چىقىدۇ. ئاقسىل كەم بولغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى ۋە تەپەككۇرى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ بەدەندە بولۇپمۇ قوساق قىسمىدا سۇلۇق ئىشىق كىلىپ چىقىدۇ؛  نەتىجىدە بەدەن ئورۇقلايدۇ، ئادەم جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلايدۇ، قوساق قىسمى سۇلۇق ئىشىش تۈپەيلىدىن يوغىنايدۇ.
لاگىر سىرتىدا بولسا تىل يىزىق، ئۆرپە ئادەت ۋە دىننى ئىتىقادىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، مىللىيونلىغان كىتاپلىرىمىزنىڭ كۆيدۈرۋىتىلگەنلىكى، كۆپلىگەن مىچىتلارنىڭ چىقىۋىتىلگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ مەجبۇرى چوچقا غۆشى يىگۈزىلىۋاتقانلىقى، قىزلىرىمىزنىڭ مەجبۇرى ئۆيلەندۈرىلىۋاتقانلىقى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان مىلىيۇنلارچە باللىرىمىزنى ئاتا ئانىسىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى كومىنىزىم ئىدىيەسى بىلەن تەربىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ئىچىدە فىزىكىلىق قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتقان بولسا، لاگىر سىرتىدا مەدىنى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ئەڭ موھىمى كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاپ، پۈتۈن مىللەتنى روھىي جەھەتتىن يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئادەتتە پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئوق ئىتىلمايدىغان ئۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل جازالاش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى بىۋاستە جازالاش، يەنە بىرى ۋاستىلىق جازالاش. بىۋاستە جازالاش دىگىنىمىز روھىي جاھەتتە ۋەيران قىلماقچى بولغان ئىنساننى، جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن بىۋاستە جالاشنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىناش، تەن جازاسى بىرىش، ھاقارەت قىلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت قىلىش، ئىنكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاستىلىق جازالاش دىگىنىمىز روھىي جەھەتتە ۋەيران قىلماقچى بولغان ئادەمگە نىسبەتەن ھىچقانداق كونكىرىت جازا قوللانماستىن، ئۇلارنىڭ يىقىن ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنى جازالاش ئارقىلىق، ئۇلارغا روھىي ئازاپ بىرىشنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ يىزىق، ئاۋاز، سۈرەت شەكلىدىكى ھەر خىل قورقۇنۇشلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرسۈتۈش ياكى ئاڭلىتىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوخشاش نەرسىنى ئۈزلىكسىز تەكرارلاش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ تاقىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى يوق قىلىش، تەن بەرگۈزۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانى ساغلاملىقىدا ئېغىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ؛ نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ مىجەز خۇلقى، خارەكتىرى ۋە تەپەكۇر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگۈرەيدۇ؛ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقايدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇ جازالاشلار تۈگىگەندىن كىيىنمۇ ئۇزۇن بىر زامان داۋام قىلىدۇ، ھەتتا كىيىنكى ئەۋلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
ئىشىنىمەنكى ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ۋە مىللەتنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىنسان قولىدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا داۋا ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ھەر خىل قارشىلىق نامايىشلار ئۆتكىزىلىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغان ھەر خىل لىكسىيەلەر سۆزلىنىۋاتىدۇ. گۇۋالىق بىرىش ۋە ئىمزا توپلاشلار بولاۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم كىشىلەر مەن توغرا سەن خاتا، مەن مۇستەققىلچى سەن ئاپتىنومىيەچى، مەن قەھرىمان سەن خائىن دىگەندەكلەرنى تالىشىپ، ئۆز ئارا ئىتىپاقسىزلىق ۋە ئۆز ئارا كۆڭەل ئاغرىقى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇلار ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ روھىي ھالىتىگە ۋە پىسخىكىسىغا سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا بىزنىڭ ھازىرقى داۋا، لاگىرنى مەركەز قىلغان ھالدا ۋەتەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق، خەلقارانىڭ ھىسىداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئىرىشىپ، خىتتاي ھاكىمىيىتىگە بىسىم قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق لاگىرنى تاقاشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە بەلگۈلۈك نەتىجىلەر ئوتۇرغا چىققان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بىسىم قىلغىدەك دەرىجىدە ئەمەس. ئامىركا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلات ئىنسان ھەق ھۆقۇقى كومىتىدىكى 22 دۆلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتىنى ئەيىپلەپ، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن لاگىرنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ناھايتى ئەپسۇس كۆپ ساندا مۇسۇلمان دولەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ھازىرقى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۋاتىدۇ.

ئامىركىنىڭ 3 – قىتىملىق پىرەزىدەنتى توماس جەفىرسىن (Thomas Jefferson)  مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سورىماڭ. بىر ئىش قىلىڭ. سىزنىڭ قىلغان ئىش ھەركىتىڭىز سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى تەسۋىرلەيدۇ ۋە سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىنىقلىما بىرىدۇ“
مىنىڭ قارىشىمچە لاگىر چوقۇم تاقىلىدۇ؛ بەلكىم خەلقارانىڭ بىسىمى بىلەن تاقىلىشى مۈمكىن؛ بەلكىم خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەخسىتىگە يەتكەندە تاقىلىشى مۈمكىن؛ ئۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. ئەگەر لاگىر تاقالسا، لاگىر ئىچىدىكى جىسمانى ۋە روھىي ئىشكەنجە ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، ئاز تولا نەپەس ئىلىش پۈرسىتىگە ئىگە بولىشى مۈمكىن؛ بۇ بىزگە نىسبەتەن  ئەلۋەتتە خوشال بولىدىغان بىر ئىش؛ بىراق لاگىرلار تاقالسا، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز يۈزلەنگەن پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئاخىرلىشامۇ؟ لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن مەدىنى قىرغىنچىلىق ئاخىرلىشامۇ؟ لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن مىللى كىملىك ۋەيران بولۇش تەھدىتى ئاخىرلىشارمۇ؟ لاگىر تاقالسا بىز ئۆتكەن 70 يىلدىن بىرى قايتا قايتا يۈزلەنگەن ھەر خىل مەسىلىلەر ھەل بولامۇ؟ مەن بۇ جەھەتتە بۇرۇن يازغان بىر ماقالامدىمۇ ئۆز كۆز قاراشىمنى ۋە ئەندىشەلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. مېنىڭچە بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەتىراپلىق ئويلىشىپ بىقىشىغا ئەرزىدىغان موھىم مەسىلە.
بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا شۇئار توۋلاش بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلارنى ئىنكار قىلىش ۋە باشقىلارنى خائىن، جاسۇس دەپ ھاقارەتلەش بىلەن ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلىش بىلەنلا ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلارغا دەردىمىزنى ئاڭلىتىش ۋە باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىقىنى قوزغاش بىلەن ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلاردىن مۇستەققىللىق تەلەپ قىلغانغىلا ھەل بولمايدۇ. بىزگە نىسبەتەن خەلقارانىڭ قوللىشى بەك موھىم، بىراق بىزگە نىسبەتەن تىخىمۇ موھىم بولغىنى خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلىك ھەركەتكە كىلىشى.
ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىز دېرىگىنى ئالالمىغان ۋە مىللەتنىڭ يوقۇلاپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ھەر بىر ۋىجدان ئىغىسى، مەسىلىنى تىزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قولدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتىپ كىلىۋاتىدۇ؛ نەتىجىدە خەلقىمىزنىڭ زىھنىنى ۋە داۋايىمىز قىسقا مۇددەتلىك ئىشلارغا مەركەزلىشىپ قىلىۋاتىدۇ. ھەممەيلەن كۆرۈۋاتقاندەك ئىشلار بىزنىڭ ئۈمۈت قىلغىنىمىزدەك بولمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، خەلقىمىز كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشىپ بولغىچە ئۈمۈدىنى يوقۇتۇپ، روھىي جەھەتتە تىخىمۇ تىز تۈگۈشەپ كىتىشى مۈمكىن. شۇڭا بىزدە چوقۇم قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان بولىشى كىرەك، قىلىۋاتقان ئىشلاردا يىراقنى كۆزلىگەن ئىزچىللىق بولىشى كىرەك. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئۆز ئارا ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇپ، كەڭ دائىردە بىرلىك سەپ تۈزەپ، ئۆز ئارا خىزمەت تەخسىماتى ئىلىپ بىرىشى كىرەك.
خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئىلىپ بىرىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چارەسىز قالغاندا، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلاردىن باشقا ئالاھىدە بىر ئىش قولىمىزدىن كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خەلقىمىزگە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ چارە تەببىرلىرىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ۋە خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇر خەۋەرلەرنى كۆپ تارقىتىش، خەلقىمىز ئىچىدە تىخىمۇ ئېغىر روھىي زەخمە پەيدا قىلىشى مۈمكىن. شۇڭا مەسىلىنى ئوتۇرغا قويۇشتىن مەخسەت، يالغۇز باشقىلارنى ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئەڭ موھىمى، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئورتاق چارە تىپىش ئۈچۈن بولىشى كىرەك. بىز ھەر جەھەتتە بىر بىرىمىزنى قوللىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز كىرەك.
2019 – يىلى 7- ئاينىڭ 13 – كۈنى
Posted by Memet Emin at 9:05 AM

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/07/10.html
Share
6152 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.