logo

trugen jacn

قەشقەردە توي مەرىكىلىرىنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زاكالەت پۇلى ئېلىنماقتىكەن

2a44d3cd-3c93-45a6-ba6a-7c4f683c34d3

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەر توي خېتى ئالىدىغان چاغدا توي مەرىكىسىنى داقا-دۇمباق ۋە ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. قەشقەرنىڭ نەزەرباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم بىر ئۇيغۇر دېھقان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۈگۈنلا داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر تويغا قاتناشقانلىقىنى، ئەمما توي ئىگىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان ياكى تاپشۇرمىغانلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىز بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىلاردا توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەر توي خېتى ئالىدىغان چاغدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىنىڭ خەلق ئىشلار بۆلۈمى ياكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىشخانىسىغا مەخسۇس زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن. ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق قىز-يىگىتلەر توي قىلماقچى بولسا ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ياكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىشخانىسىغا زاكالەت پۇلى قويىدىكەن. بۇ پۇل ئۇلارنىڭ توي مەرىكىسىدە چوقۇم داقا-دۇمباق چالدۇرۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن توي ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زاكالەت پۇلى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر قەشقەردە يولغا قويغان بۇ خىل زاكالەت بەلگىلىمىسى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن شەھەر نوپۇستىكىلەر بىلەن يېزا نوپۇستىكىلەرنىڭ تاپشۇرىدىغان زاكالەت سوممىسىدا پەرق بار ئىكەن. يېزىلاردا توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەر 500 سوم، شەھەردىكىلەر باشقىچە زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، توي ئىگىلىرى توي مەرىكىسىنى داقا-دۇمباق ۋە ناخشا-مۇزىكىلار بىلەن ئۆتكۈزسە، تويدىن كېيىن خەلق ئىشلار بۆلۈمى ياكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىشخانىسىغا بېرىپ زاكالەت پۇلىنى قايتۇرىۋالالايدىكەن. ئەگەردە توي مەرىكىسىدە داقا-دۇمباق چېلىنمىسا ياكى توي ناخشا-ئۇسسۇلسىز ئۆتكۈزۈلسە تاپشۇرغان زاكالەت پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىكەن ھەمدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qeshqer-toy-11032015233742.html

Share
1492 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.